ھىلال ئاي،
كۆرۈلدى نازلانماي ئالدىراپ كۆكتە،
باشلىدى ئاشىقلار قىلىپ تەنتەنە.
نۇر،
نىگارىم تەختىدە ئولتۇرار مەغرۇر،
ئېچىلغان ئىشىكلەر سەككىز جەننەتتە.
قوياش،
باقاتتى چىھرىگە يېڭى ئاي گۈلنىڭ،
قىيالماي قېزىرىپ كەتكەن غەرىپكە.
زۆھرە،
ئاخىرقى نۇرىنى قالدۇرۇپ يىلنىڭ،
ئۈمۈتنى قويغانتى ئەتە شەرىققە.
چولپان،
باشلىدى يىپيېڭى سابا مەرھەمەت،
ئەزاندىن بالدۇرلا تۇرۇپ ھەيۋەتتە.
ئادەملەر،
رەببىنىڭ رەھمىتى ياققان كۈنلەردە،
ئۆلتۈرەر شەيتاننى قىلىچسىز شەرتتە.
ئوتتۇز كۈن،
زىرىكمەي چورگىلە ئالتاي تارىمدا،
تەڭرىتاغ پامىرىم تەكتى ماكاندا.
ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياغسۇن توختىماي،
تىلەيمەن بەرىكەت ھەربىر قەدەمدە
ئاستا ئۆت ئۇيغۇرغا ئايىماي ياردەم،
بىرلىكتە دۇئادا ھەممە پەرىشتە.
"تۇپراقبەگ"