نېمە ئۈچۈن تور بەت قۇرىمىز؟
ئىنتېرنېتتىن ئىبارەت بۇ زامانىۋىي ئۇچۇر تېخنىكىسى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى پەيدىن-پەي ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. ئىنتېرنېت بىر تۈرلۈك ئۇچۇر-ئالاقە ۋاستىسى بولۇپلا قالماي، ئىقتىساد-سودا، مەدەنىيەت –مائارىپ ۋە باشقا ساھەلەردىمۇ غايەت زور رولىنى جارى قىلدۇرىۋاتىدۇ. تور دۇنياسىغا قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرچە تور بەت قۇرغانلار كۈندىن-كۈندىن كۆپەيمەكتە. تور بەت سانىنىڭ كۆپۈيىشى بىر جەھەتتىن كىشىلەرنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان تۈرلۈك ئېھتىياجىغا ماسلاشسا، يەنە بىر جەھەتتىن سۈپەت مەسىلىسىگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتمەكتە.
تور بەت سۈپىتىنى تىلغا ئالغاندا، ئالدى بىلەن، تور بەت قۇرۇشتىكى مەقسەد-مۇددىئانى ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ.
تور بەت قۇرۇشتا، ئومۇمەن، مۇنداق بىر نەچچە خىل مەقسەدلەر بولۇشى مۇمكىن:
1- شىركەتلەر ئۇچۇر تارقىتىش ۋە شىركەت ئوبرازىنى يارىتىشنى مەقسەد قىلىپ تور بەت قۇرۇش؛
2- توردىن پايدىلىنىپ سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن تور بەت قۇرۇش؛
3- تور بەتنى سېتىپ پايدا ئېلىشنى مەقسەد قىلىپ تور بەت قۇرۇش؛
4- قىزىقىش ۋە ھەۋەس سەۋەبلىك تور بەت قۇرۇش؛
5- ئېلان قويۇپ پۇل تېپىشنى مەقسەد قىلىپ تور بەت قۇرۇش؛
6- باشقىلارنى دوراپ تور بەت قۇرۇش؛
7- ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تور بەت قۇرۇش؛
8- مەلۇم ئىددىيە-ئېتىقاد ۋە كەسپنى مەقسەد قىلىپ توربەت قۇرۇش قاتارلىقلار.
بەزى توربەتلەر يۇقۇرىدىكى بىر نەچچە خىل مەقسەدنى كۆزدە تۇتۇپ قۇرۇلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.
بىزدىكى تور بەتلەرگە قارايدىغان بولساق، يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان تۈرلۈك مەقسەدتىكى تور بەتلەرنىڭ ھەممىسى تېپىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، باشقىلارنى دوراپ قۇرغان تور بەتلەر، قىزىقىش ۋە ھەۋىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان تور بەتلەر بىر قەدەر كۆپ، تور بەتنىڭ سۈپىتى ۋە موقىملىقى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس.
تور بەت قۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن نېمە ئۈچۈن تور بەت قۇرۇشنى ئوبدان ئويلاش كېرەك. تور بەت قۇرۇش مەقسىدىگە ئاساسەن، تور بەتنى قايسى شەكىلدە، قايسى ئۇسلۇبتا، قانداق قۇرۇشنى ئويلاشسا بولىدۇ. مەيلى قانداق تور بەت قۇرمايلى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.
مەنبە: مېڭەم.