دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا يېزىلغان نادىر ھېكايىلەر
1. مۇھەببەت پەلسەپىسى تەسۋىرلەنگەن ئەڭ قىسقا ھېكايە:
__ماڭا تېگىشكە ماقۇل بولدىڭىزمۇ؟
__ياق.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككەيلەن يەنە داۋاملىق بەخىتلىك ياشاشقا باشلىدى.
2. تۇرمۇش پەلسەپىسى تەسۋىرلەنگەن ئەڭ قىسقا ھېكايە:
تېمىسى: «تۇرمۇش»تېكىستى «تور».
3. ئەنگىليىنىڭ «كۈندۈلۈك ئەينەك گېزىتى»بىر قېتىم «ئۈچ خەتلىك ھېكايە» يېزىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن، بۇنىڭدا بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن ھېكايە تېكىستى:
ئىلاھ سەكراتقا چۈشتى.
4. ئەڭ قىسقا بىمەنە ھېكايە:
بىر بۇلكا كۇچىدا كېتىۋىتىپ قۇرسىقى ئاچقانلىقىنى ھىس قىلدى-دە ئۆزىنى يەۋەتتى.
5. بىر قىتىم «ئەسەرلەر چۇقۇم سىياسى، دىن، جىنسىيەت ھەم كۆڭۈل بۈلۈش قاتارلىق مەزمونلارغا چىتىلىشى كېرەك»دېگەن شەرت ئاستىدا ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ئەسەرنىڭ تېكىستى مۇنداق يېزىلغان:
__ئاھ پەرۋەردىگارىم، ئايال پادىشاھ ھامىلدار بۇلۇپ قاپتۇ. بۇنى كىم قىلغاندۇ؟
6. دۇنيادىكى قۇرامىغا يەتكەنلەر تۇغرىسىدىكى ئەڭ قىسقا ھېكايە:
__ياق!
7. دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا فانتازىيىلىك ھېكايە:
ئەڭ ئاخىرقى بىر يەرشارى ئادىمى ئۆيدە ئولتۇراتتى. تۇيۇقسىز ئىشىك چىكىلدى.
8. دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا شۈبىھىلىك ھېكايە:
ھايات، مامات، ھايات.
9. دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا خۇلاسە خاراكتىرلىك ھېكايە:
ئۇ ئۆلدى. ئۇ ئىلگىرى چۇقۇم ھايات ياشىغان.
10. دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا روھلاندۇردىغان ھېكايە:
ھېلقى ئاقساق ئىت ئاخىرى ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى.
11. دۇنيادىكى ئەڭ قۇرقۇنۇچلۇق ھېكايە:
تېمىسى: ھۇشيار بۇلۇڭ، يېنىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ جەسىتى ياتىدۇ.
12. دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا كېنايىلىك ھېكايە:
چۈمۈلە زىيادە چارچاشتىن ئۆلدى. چۈمۈلە خانىش بولسا يەنىلا شۇنداق سېمىز .
مەنبە
شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى.ھېبىبۇللاسىيت باۋۇدۇن
يۇللۇغۇچى مەتۇرسۇن ئېلى