باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1487 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئامېرىكىلىقلارنىڭ مائارىپ ئىدىيىسىدىكى ئۈچ ئەڭگۈشتەر
نامراتلىق جىنايەت
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8360
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 11
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە11دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 170 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-29
ئاخىرقى: 2011-08-02
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-02 01:48

ئامېرىكىلىقلارنىڭ مائارىپ ئىدىيىسىدىكى ئۈچ ئەڭگۈشتەر

 بۈگۈن چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا، ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ،تور تەخەللۇسىنى «ئەينەك دېلفىن» دەپ ئاتىۋالغان  بىر خەن كۆچمەن ئوقۇغۇچىنىڭ بىلوگىدا ئېلان قىلغان «جۇڭگولۇقلار ئامېرىكا مائارىپىدىن  ئېلىشقا تېگىشلىك ئۆرنەكلەر» ناملىق يازمىنى ئوقۇپ چىقتىم ، بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرئىچىدە ئامېرىكا مائارىپىدىكى يادرولۇق ئۈچ ئىدىيە ئۈستىدە جۇڭگو مائارىپى ھەقىقەتەنمۇ ئويلىنىپ بىقىشى كېرەك دەپ قارىدىم.
ئامېرىكىلىقلارنىڭ مائارىپ ئىدىيىسىدىكى ئۈچ ئەڭگۈشتەر تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى. بىردۆلەتنىڭ ئۇزۇن تارىخى، شانلىق مەدەنىيەت ئىزنالىرى بولمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ، ئەمما ئۈنۈمدارلىقى يۇقىرى بولغان مائارىپى بولمىسا قەتئىي بولمايدۇ.
بۇ بولسا ئامېرىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم مائارىپ ئىدىيىسى ھېسابلىنىدۇ، جۇڭگولۇقلار دائىم ئامېرىكىنىڭ تارىخى بەك قىسقا دېيىشىدۇ، لېكىن كۆپ ساندىكى جوڭگولۇقلارئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زامان مائارىپ تارىخىنىڭ قاچان باشلانغانلىقىنى بىلمەيدۇ. سىز ئامېرىكا مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ قاچان قۇرۇلغانلىقى بىلەمسىز؟ئامېرىكا مائارىپ مىنىستىرلىكى 1867-يىلى قۇرۇلغان. مەن ئامېرىكىغا يېڭىلا ئوقۇشقا كەلگەندە خۇددى دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن قېرىنداشلارغا ئوخشاش ئۆزۈمنىڭ 5000يىللىق شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە ئەلنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى قالتىس ھېسابلايتىم، ئامېرىكىلىقلارنى بولسا ئوغرى -قاراقچى تەۋەككۈلچىلەرنىڭ پۇشتى دەپ قارايتتىم.
مەن ستانفورد ئۇنىۋېرسىتىتىغا بارغان، ئۇمۇ ئامېرىكىغا نىسبەتەن ياش ئۇنىۋېرستىت ھېسابلىنىدۇ،ئۇ 1888-يىلى رەسمىي تەستىقتىن ئۇتۇپ ئىش باشلىغان. بىزنىڭ جۇڭگودىكى ئۈچ مەشھۇر ئالى مەكتەپ بولسا مانجۇ خاقان گۇاڭشۈنىڭ بۇيرۇقى بىلەن 1896-يىللىرى قۇرۇلغان. ئامېرىكىلىقلارمائارىپنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى قوغلىشىدۇ، ئۇلار مائارىپنى بالدۇر ھەم ھەقىقىي ھالدا مۇھىم ئورۇنغا قويغان.
ئىككىنچى. ئەقىل-زېھىن بەزىدە تۇغما بولىشى مۇمكىن، ئەمما ئىلغارئادەم تەربىيىلەش ئارقىلىقلا يېتىشىپ چىقىدۇ.
 ۋەتەن ئىلاۋىسى : مېنىڭچە دەل مۇشۇ ئىدىيە بىزنىڭ مائارىپ قۇبۇل قىلىشقا تېگىشلىك ،ھەم بىزدە ئەڭ كەم بولىۋاتقان ئىدىيە . بىز ئىلغارئادەملەرنى ئەمەس ، يەنىلائۈزلۇكسىز تۈردە مېڭىسىگە لىققىدە كىتابى بىلىم قاچىلانغان ئەمما ،ئادەم خىسلىتىدىكى يۈكسەكلىكلەردىن يىراقلاشقان«ئەلىيۇل-ئەلا» لارنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ىسمىنا قوشۇپ ئىشلەۋاتىمىز…
ئۈچىنچى . كېلىپ چىقىشىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي-نەزەر 6ياشتىن 16ياشقىچە بولغان ھەرقانداق ئۆسمۈر ھەقىقىي تۈردىكى مائارىپ تەربىيىسىدىن جەزمەن بەھرىمان بولىشى كېرەك. بۇنىڭغا توسالغۇ بولىدىغان ھېچقانداق شەرت يوق. ئەگەر بىربالا مائارىپ تەربىيىسىنىڭ سىرتىدا قالىدىكەن  ئۇنداقتا دۆلەت ئۈچۈن بىر يارامسىز پۇقرا كۆپەيگەن ، بىر ئىجتىمائىي مەسىلە ئۇلغايغان بولىدۇ، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچى بىر كىشىلىك ئاجىزلىغان بولىدۇ!
مائارىپ ئۇقۇمى – ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدە يەنە«ئادەمنىڭ قايتىدىن يارىلىش جەريانى » دەپ قارىلىدۇ. شۇنداق ، مائارىپ ئادەمنىڭ قايتىدىن يارىلىش جەريانى ، بىزدىمۇ شۇنداق قارالغان چاغدا ئاندىن مائارىپ ئادىللىقى ئىشقا ئاشىدۇ،مائارىپ ئالدىدا ھەممە ئادەم باپ-باراۋەر بولىدۇ.

مەنبە : ۋەتەن بلوگى
ۋەتەن بلوگىhttp://weten.me
دوستلىشىش
taranqi217
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6350
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 603
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە603دانە
ئۆسۈش: 380 %
مۇنبەر پۇلى: 6381 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-03
ئاخىرقى: 2012-01-05

ئۇ ئۇچ ئەڭگۇشتەردىنمۇ چاتاق چىقىپ قىلىشى مۆمكىن جۇمۇ ..........................
ئۇ ئۇچ ئەڭگۇشتەرگە ئىرىشىپ ئاز ۋاقىت ئۆتمەيلا ئۇنىڭدىنمۇ نۇرغۇن يىتەرسىرلىكلەر چىقىدۇ چوقۇم !
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 778
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە778دانە
ئۆسۈش: 2890 %
مۇنبەر پۇلى: 9772 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-01-08
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-03 13:30

ئىلغار ئىدىيە .
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5316
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 17
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە17دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 170 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2011-09-02
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-04 21:44

مائارىپنى بىر خىل بازار دەپ قارىۋالغان ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكىسى يىلتىزسىز قالىدۇ .ئۇنداق مۇئارىپ ئالىم تەربىيەلەپ چىقالمايدۇ .مائارىپ بۇلسا بىر خىل ئومومىي پاراۋانلىق تىپىدىكى ئورۇن ،ئۇ پەقەت كەلگۈسىدىكى بازار ئاچقۇچىلارنى تەربىيەلەپ چىقىدىغان بىردىن-بىر يول .شۇڭا ئۇنىڭغا دۆلەت مەبلەغ سېلىشى كېرەك .بىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپ ئۇقۇمىمىز بىلەن ئامىرىكىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى ئۇقۇمى ئوخشىمايدۇ .ئۇلار پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن ئىلغار پۇخرالارنى تەربىيەلەشنى ئاساسىي نىشان قىلىدۇ .بىز بولساق ناھايىتى ئاز ساننى تەشكىل قىلىدىغان ئىزباسار لارنى تەربىيەلەشنى نىشان قىلىمىز.قالغان كۆپ ساننى ئىگەللەيدىغان قىسمى تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى يولدىن چۈشۈپ قىلىپ ،جەمىيەنىڭ كەڭ قوينىغا قىتىلىپ كىتىدۇ .ئۇلاردا قورساق غېمى تېخى تەل-تۆكۈس ھەل بولمىغاچقا ،جەمىيەتتە قورساق تۇيغۇزغىلى بولىدىغان بارلىق ۋاستىلەر ئۇلارغا نىسبەتەن بىر چىقىش يولى تۇيۇلۇپ ،ئۆزى سەزمەيلا تۇيۇق يوللارغا كېرىپ قالىدۇ .قارىماققا  ئۇلارنىڭ ئىش ئورنى مەسىلىسى ۋاقىتلىق ھەل بولغاندەك قىلىغىنى بىلەن ،ئەمىلىيەتتە ئۇلار جەمىيەتكە نىسبەتەن بىر يۇشۇرۇن بومبا .چالا تەربىيەلەنگەن پۇخرا جەمىيەتكە نىسبەتەن بىر خىل  يۇك  .دەسلەپتە ئاز پۇل خەجلەپ ئۇلارنى جەمىيەتكە بالدۇر ئىتتىرۋەتكىنىمىز بىلەن ،ئاخىرىدا يەنىلا ئۇلارنى پۇل خەجلەپ تەربىيەلەشكە توغرا كېلىدۇ .شۇڭا ھەقىقى ئىلغار پۇخرا تەربىيەلەش ئۈچۈن   دەسلىۋىدىلا خىراجەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىقتىساتنى ئايىماسلىق كېرەك .