ئانا ۋە چۆچەك
ئانىنىڭ بىر قولىدا بۆشۈك ، بىر قولىدا دۇنيا تەۋرەر. ـــرىزائوددىن ئىبىن فەخرۇدىن . ئۇپۇق قان رەڭگىدە كەشتىلەندى . قۇشلار توپ – توپىبىلەن ئۇۋىسىغا قايىتماقتا . كەپسىز قۇش بالىلىرىنىڭ چۇرۇقلاشلىرىغا ئەگىشىپ ئانا قۇشلاربالىلىرىغا نۆۋەت بىلەن يەم بەرمەكتە . قورسىقى تويغان قۇش بالىلىرى بولسا ئانىسىنىڭپەيلىرىنى ئۆزىگە يىپىنچا قىلىپ ئۇنىڭ چۆچەكلىرىنى ئاڭلىغاچ ئۇيقۇ دېڭىزىدا لەرزانئۈزمەكتە ... بالا ئۈچۈن ئانىنىڭ چۆچىكى نېمىدىگەن ياخشى نىمەت - ھە !؟ ... ئۇنىڭدا، چىن تۆمۈر باتۇر ۋە مەختۇمسۇلانىڭ باتۇرلۇق ، ۋاپادارلىق ، ئۈمۈد گۈلخانلىرى مۇجەسسەملەنگەن... بۇ چۆچەكلەر بىلەن كۆڭۈل ئۆيىنى بېزىيەلىگەن بالا چوقۇم باتۇر ، چىن ئەركەك بولالايدۇ. ئۇنىڭغا ئوخشاش بالا ئاپىرىدە بولغان زىمىنمۇ كېچىلىرى خاتىرجەم ئۇخلىيالايدۇ... ئايمۇ بۇ زىمىنغا تەبەسسۇم بىلەن قارايدۇ ... بۇ چۆچەكنى يەنە قانچىلىغان قاراكۆزلەر ئاڭلاپ يەنە قانچىلىغان قارا كۆزلەرگە سۆزلەپ بېرەر ؟؟ ... يىشىڭنى سۈرتىۋەتئەي ئۆز ئۆزىنى زۇلمەتكە باشلىغۇچى ، تىزىڭنىڭ تىزگىنى ئۆز قولۇڭدا ... كەچكى قۇياشنىڭ نۇرلىرى ، بۇ بىتلەي زىمىننى ،بۇ زىمىن ئۈستىدىكى كىشىنى سۆيۈشنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن سۆيۈلۈشتىن مەھرۇم قالغان بىرقەۋىم ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ يۈزلىرىنى ، يول ئۈستىدىكى بىنەپشە رەڭ نامازشام گۈللىرىگەقىيالماي يىنىشلاپ سۆيمەكتە . لىكىن ، بۇ ئاخىرقى قېتىملىق ۋىدالىشش ئەمەس … ئەتە يەنەقۇياش چىقىدۇ ، كائىنات ئۇنىڭ نۇرىدا ئۆزىنى قايتا يېڭىلايدۇ ! ... ئانا بىلەمسەن ،مەن قۇياشنى سەندىن ئىككى سائەت بۇرۇن كۆرىمەن . لىكىن ، قۇياش پەقەت بىر . ئۇ ئۆزگەرگىنىيوق . ئۇنىڭ سېخىي ئالقانلىرى يەنىلا بىزگە ئوچۇق .. ئەپسۇس ، كىشىلەر ئۆزگەردى . قۇياشكىشىلەرگە زىمىستاندا ئىللىقلىق بېرىدۇ ، ئۇلارنى ئىللىتىدۇ . زىمىستاننىڭ قارا بورانلىرىدىنساقلايدۇ . لىكىن كىشىلەر كىشىلەرگە ئىللىقلىق بېرىشنى ئۇنتىدى . ئۇلار كۆكلەمدىمۇبىر – بىرگە زىمىستان ئاتا قىلىشماقتا . ئۇلارنىڭ چېھرىدە نۇر پارلاپ تۇرسىمۇ كۆڭلىنىبىر قەۋەت مىليۇن يىللىق مۇز قاپلىدى . تۇزىنى يەپ تۇزلىقىنى چاقىدىغان شەيتان كەبىئىنسانلار قەۋمى زىمىننىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىغىچە سىڭىپ باردى ... ئۇلار ئۆزىنى ئۇنتىدى. ئۆزىنىلا ئۇنتىماي ئىگىسىنىمۇ ئۇنتىدى . ئىگىسىنى ئۇنتىغان مەخلۇقتىن مۇھەببەت تەلەپقىلىش ئۆزى ئەخمەقلىق . ئۇ - ئۆلۈكتىن ئىيمان تەلەپ قىلغان بىلەن باراۋەر . ھەقىقىيئېدقاد بولمىسا تەندىكى ئۆلگەن روھ كىلەركى تۈمەن يىلدىمۇ تىرىلمەيدۇ ، ئەلۋەتتە... زىمىننىڭ مۇزلاپ كەتكىنىنى كۆردۈڭمۇ ؟ ... ئۆزۈڭنى قايتا يارات ! ... ئەي ، ئوغۇزسۈتىنىڭ تەمىنى ئۇنتۇغۇچى ... ئانا ، ئۇغلۇڭ سېنىڭ چۆچەكلىرىڭنى بەك سېغىندى. چۆچەك ئىچىدىكى يالماۋۇزنى ئۆز يۇرتىدىن قوغلاپ چىقارغان چىن تۆمۈرنى سېغىندى . تۇنۇربىشىدا ئىسسىق ناننى يەپ ئولتۇرۇپ يۇلتۇزلار بىلەن ئۇزۇندىن –ئۇزۇن پاراڭلاشقان كېچىلەرنىسېغىندى . سۈبھىدە چولپان يۇلتۇزىغا كۆڭۈل سىرلىرىنى پىچىرلىغان چاغلارنى ، كۈندۈزلىرىئۈژمە دەرىخىگە چىقىۋىلىپ تاماقنى ئۇنتىغان چاغلارنى سېغىندى . قولى سۇنسىمۇ يىغلىمىغانكۈنلەرنى ، بالىلىقنىڭ تال چىۋىقنى ئات قىلغان قىقاس – چۇقانلىرىنى سېغىندى . لىكىن، ۋاقىت – ئۇ رەھىمسىز زوراۋان ! ... يىللار يورغىسى پەسىيىپ قالغىنى يوق . ئۇنىڭ يورغىسىغايورغا قوشۇلماقتا ... يىللار توزانىدىن ئۆزۈڭنى تاپ ! ... ئەي بىپەرۋا مەخلۇق... ئانا ، ئوغلۇڭ ياشاۋاتقان بۇ يەردە ئۇنى ساڭا ئوخشاشھەر سەھەردە ئويغىتىدىغان كىشى يوق . ئۇ ، تاڭ قوينىدا بامداتقا ئەرزان توۋلىشى بىلەنسالقىن شامال ھۇجىرىسىغا كەپسىزلىك بىلەن كىرىۋالغاندا سەن تونۇر بىشىدا سۆزلەۋاتقانچۆچەكلەرگە قىيمىغان ھالدا كۆزلىرىنى ئاچىدۇ ، دە - دېرىزە تەكچىسىدە قونىىلىپ زوق– شوق بىلەن سايرىشىۋاتقان قۇشلارنىڭ كۈيلىرىگە جۆر بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىيېڭى بىر ھاياتلىق ، ئالدىراشچىلىق ئىچىدىكى مەكتەپ قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ كۈتىۋالىدۇ. ئانا، بۇ يەردە سەن ھەر ئەتتىگەنلىكى ئۇنىڭغا تەييارلايدىغان ئەتكەن چاي يوق . جىققىنەچىلاپ بېرىدىغان نانمۇ يوق . بەزىدە بۇ بەڭباش نامازدىن كىيىپ ئۇخلاپ قالىدۇ- دە ،كىچىكىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ناشتىمۇ قىلماي سىنىپقا چاپىدۇ . لىكىن ئۇ سىنىپقا كىچىكمەيدۇ. ئۇنىڭ ھەر سائەتلىك دەرىسى « سۈرە فاتىھە » دىن كىيىن باشلىنىدۇ . بۇ چاغدا ئۇنىڭكۆز چاناقلىرىدا گۈزەللىكنىڭ ئەكسى قايتا – قايتا يانىدۇ . خىيالى ئوكيان ئاتلاپ بىپايانكەڭ يايلاق تامام ئۇچىدۇ ... ئانا بىلەمسەن ، مەركىزى ئاسيانىڭ تىلسىملىرى يوشۇرۇنغان، ئاتنىڭ كىشنەشلىرىگە ، ھۇررا چۇقانلىرىغا شاھىد ، ئەينى چاغ كارۋان قوڭغىراقلىرىياڭرىغان يىپەك يولىدىكى گۈزەللىككە تويۇنغان زىمىندىن كەلگەن بۇ قارا قاشقا ساۋاقداشلىرىبەك ئامراق . بەزىلىرى تېخى ئۇنى ئاكا قىلىۋالدى . بۇ ئۇكىسى يوق ، تۇرۇپ - تۇرۇپ سەندىنباتنايدىغان يىگىت ئاخىرى نۇرغۇن نۇرغۇن ئۇكىلارنى تېپىۋالدى ... ئانا بىلەمسەن ، ئۇمۇبەزىدە سېنى دوراپ ئۇكىلىرىغا چۆچەك ئېيتىپ بېرىدۇ . لىكىن ، ئۇنىڭ چۆچەكلىرىدە چىنتۆمۈر باتۇر يوق ، مەختۇمسۇلامۇ يوق ... ئۇنىڭ چۆچەكلىردە نۇرغۇن - نۇرغۇن يۇلتۇزلاربار . ئۇ يۇلتۇزلار دائىم ئۇنىڭ تۈن كېچىلىرىنى قۇياش كەبى يورىتىدىغان يورۇق يۇلتۇزلار. نىشانىنى يوقىتىشقا يول قويمايدىغان ، ھەقىقەت يۇلتۇزلىرىدۇر ... تۈن كىچىلەرنى قاراڭغۇئويلاپ ئازما ! روھىڭ يېنىپ تۇرسىلا ئۇ ساڭا ماياك . تۈن كىچىلەرمۇ تاڭ كەبى ساڭا باشقويىدۇ ... دەيدۇ ئۇ دائېم ئۆز – ئۆزىگە . ئانا ئېسىڭدىمۇ ؟ بۇنىڭدىن 20 نەچچە يىل مۇقەددەمئۈشبۇ بۈگۈندە سەن قاتتىق تولغاق ئازاۋىنى تارتىۋاتقان ئىدىڭ . سېنىڭ ئاۋازىڭدىن زىمىنمۇتىترىگەن ، دەرەخلەر قول قۇشتۇرۇپ سۈكۈتكە چۆمگەن ، سۇلار تاشقىنلاپ شاۋقۇنى ئەۋجىگەچىققان ، قۇياش جايىدا توختاپ ، سوۋۇشقا باشلىغان ئىدى ... ئاخىر ئاللاھ ساڭا يار بولدى. قاچانكى ئىڭڭەلىگەن ئاۋاز ياڭرىشى كۆز چاناقلىرىڭدا پۈتمەس خۇشاللىق ئەكىس ئەتتى. ئاللاھغا يۈزمىڭلىغان ھەمدۇ سانالار ئېيىتتىڭ . دەرەخلەر ساڭا باش لىڭىشتىپ تەزىمقىلىشتى . سۇلارنىڭ قاينىمىدا « ئانا » دىگەن ئىسىم پۈتۈلدى . زىمىننىڭ قان ئوتتۇرسىدىنبۇلاقلار ئېتىلىپ چىقتى . قۇياشمۇ قاقاقلاپ كۈلدى . زىمىن يۈزىنى سۇس يامغۇر پەردىسىياپتى . سارغايغان تاغلار يىشىللىققا چۆمدى ... چۈنكى سەن ئۇيغۇرغا بىر يىگىت تۇغۇپبەردىڭ . ئۇيغۇرنىڭ كىيىنكى نەسلىنى قۇرۇتۇپ قويماسلىق ئۈچۈن يول ئاچتىڭ . بۇ چىغىريول ئەمەس ، بەلكى ئۇپۇققا تۇتاشقان گۈزەل يولدۇر ... ئانا ، تارىتقان جاپالىرىڭ ،پىشانەڭدىن تامغان ھەر تىمىم تەر ، چېھرىڭدىكى ھەر تال قوۋرۇققا ، تال – تال ئاق چاچلىرىڭ، پەرزەنىتلىرىڭگە بولغان مېھرى – مۇھەببەت ، تالاي تۈن كېچىلەرنى تاڭغا ئۇلىغان كەچمىشلىرىڭگەيۈرەك شاھىت شۇنىڭدەك ئەبەدىي ئۆچمەس خاتىرە مۇنارى بولسۇن ! ... ئەسلىڭنى ئۇنۇتما! كىيمىڭگە چاڭ قونسىمۇ روھىڭغا قونمىسۇن ... ئانا ، مانا بۈگۈن ئوغلۇڭ ئۆز – ئۆزىدىن قايتاتۇغۇلدى . ئۇ 20 نەچچە يىل ئۈشبۇ كۈننى زىمىستان ئارا كۈتىۋالغان بولسا ئەمدىلىك يىراققىرلاردا باھارنىڭ يامغۇرلىرى ئارىسىدا كۈتىۋالدى . لىكىن بۇ باھار ئۇنىڭغا خۇشاللىقئاتا قىلالمىدى . چۈنكى ئۇ سېنى ، ئۇ مەڭگۈ سۆيىدىغان ۋەتىنىنى قاتمۇ – قات چىگرا ئارقىسىدىكىشۇ زىمىستان قوينىغا تاشلاپ قويۇپ بۇ باھارنى كۈتىۋالدى ... ئۇنىڭغا بۇ باھار ھەقىقىيباھار بولالىسىنمۇ ؟ ئەلۋەتتە ، ئۇنىڭ زىمىستانىڭغا جۆر بولغۇسى تەنلىرى زىمىستانىڭغايات قىرلاردىكى باھارنى تەڭ قىلمايدۇ . بۇ ئۇنىڭدىن تولىمۇ يىراق ... ئانا ، ئوغلۇڭقارنى بەك سېغىندى . لىكىن يۇرتىمىزدا قار بۇرۇنقىدەك ئاپئاق ياغامدۇ ؟ بالىلار بۇرۇنقىدەكنۇر ، چانا ئوينامدۇ ؟ مەن شۇنداق ھېس قىلىمەن ، بۇ ئويۇنلار پەقەت بىزنىڭ قەلبىمىزدىلاھايات بولسا كېرەك !؟ چۈنكى بىزنىڭ كىچىك سەبداشلىرىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىنى شەھۋەتلىكھېسيات ئالۋىڭى ، ئاق تۈتۈن ، شاراب قەسىرلىرى ۋە شاراب قەسىرلىرىدىكى شەيتاننىڭ سېھىر– ئەپسۇنلىرى مەپتۇن قىلىۋالدى . بۇ يەردە بىر توپ شەيتان مەپتۇنكار ھالاكەت مۇزىكىسىياڭرىتىپ بۇ بىر توپ ئەرمەك مەخلۇقلارنى دار ئالدىغا باشلاۋاتىدۇ . ئەپسۇس ، ئۇلاردار ئالدىدا خۇددىنى بىلمىگۈدەك ھالدا ئۇسۇل ئويناۋاتىدۇ . شەيتان ئۇلارغا خەنجەر– پىچاق تۇتقۇزۇپ بىر – بىرىگە سېلىشقا ئۈندەۋاتىدۇ . ئۇلارنىڭ شەيتان تەرىپىدىن خۇمارلاشقانكۆزلىرى دوستنى دۈشمەن كۆرۈپ خەنجەرنى بىر – بىرىنىڭ يۈرىكىگە زەھەرخەندىلىك بىلەنئۇرىشىۋاتىدۇ . لىكىن ، ئۆز جىسمىنىڭ ئاغرىۋاتقىنىنى ھېس قىلىشالمايۋاتىدۇ . يىگىتلەربىر – بىرىدىن يىگىتلىك ، ئەركەكلىك تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. لىكىن ئەركەكلىكنى ئۆز قولىدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، قىزلىرىغا ئىگە بولالمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشالمايۋاتىدۇ . قىزلار ياتلاردىن گۈزەللىكئىزلەۋاتىدۇ . ئەپسۇس ، گۈزەللىك ئۇلارنىڭ ئۆز قولىدا ۋەيران بولىۋاتىدۇ . ئۇلار تېنىگەيەڭگىللىك ئىزلەۋاتىدۇ ، كىيىم ئۇلارنىڭ تېنىدە بارغانسىرى شالاڭلاۋاتىدۇ . لىكىن روھىنىڭئېغىرلىشىۋاتقىنىنى ھېس قىلىشالمايۋاتىدۇ . ياغلىق ، ھېجاب گۈزەللىكنى نامايەن قىلىشنىڭئالدىنقى شەرتى ئىدى ئەپسۇس ، بۇدەم ئۇ « مەتۇ » لىقنىڭ بەلگىسىگە ئايلاندى ... ئاناكۆرىۋاتامسەن ، ئۇلار شەيتاننىڭ ئۆزلىرىنى مەسخىرى قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈشمەيۋاتىدۇ .ئۇلار ئاخىرەت ئازابىنى ئۇنتۇشتى . ھەقنى ئۇنتىغاننى شەيتان ئۆزىگە سادىق قۇل قىلىدۇ، ئەلۋەتتە ... ئانا ، بىلىمەن باغرىڭ زەرداپقا تولدى . باغرىڭدىن ئاداققى ۋولقان جامىڭتاشماقتا . يۈرەكتىكى گۈلخاننىڭ تەپتى قۇياشنى خىجىل قىلماقتا ... بىلىم – ئەقىلنىڭچىرىقى ئىدى . ئۇ قاراڭغۇ يولنى ، دوست – دۈشمەننى پەرىق ئېتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىدى. ئەپسۇس بۇدەم كىتاب قەسىرلىرىگە غېرىبلىق ئۇۋا سالدى . ئۆمۈچۈك تورى بىلەن توپا– چاڭ ئۇنىڭغا مۇڭداش بولماقتا . تۈمەن يىللىق ھېجران توپانى ئۇنى قايتا باسماقتا... قار - بۇ پاكلىقنىڭ سېمۇۋۇلى ئىدى . ئۇ دېھقاننىڭ كېلەركى بىر يىللىق ھوسۇلىنىڭئاساسى ئىدى . لىكىن ھازىر قار يوق . ئاڭلىسام بۇدەم قارمۇ يۇرتىمىزدا قاپقارا ياغىدىغانبوپتىمىش ... ئانا ئېسىڭدىمۇ كىچىك چاغلىرىمىزدا بىز قورۇنىڭ ئالدىدا قاردىن قىش بۇۋايياساپ ئويناتتۇق . ھازىر تەغدىر زىمىستانىدا بىزنى قار بۇۋاي كەبى ياسىماقتا . ئۇ– مۇشۇ يولنى بويلاپ ماڭسا ھامان بىر كۈن ئېرىپ تۈگەيدۇ ... ئانا ، ئوغلۇڭ تۇرۇپ –تۇرۇپ چۈش كۆرۈپ قالىدۇ . چۈشىدىن ئويغىنىپ ئۇزۇن – ئۇزۇن خىيال سۈرىدۇ . ئۇنىڭ چۈشلىرىبەك مۇڭلۇق . ئۇنىڭدا كارۋان ناخشىلىرى ، تۈگمەس ناخشا ، ئۆستەڭ ناخشىلىرى ، ھەتتاكۆچ – كۆچمۇ بار . ئۇ چۈشنى سۆزلىسۇن تەبىرىنىسەن بەرگىن : ئۇيقىسىز تۈنلىرى ئەتمەكتە داۋام ،
يۈرەكتە داغ بولدى سېغىنىش كۈيى .
ئەي ئانا ! سېنىڭسىز ساقايماس يارام،
مىھرىڭسىز توزۇيدۇ بېغىمنىڭ گۈلى .
ئەسلىمەم ئويغىتار گۈزەل ۋەسلىڭنى ،
چۈشلىرىم يۈگەنسىز باشلار باغرىڭغا .
ئاي نۇرى كۆرسەتتى سىزىپ ئەكسىڭنى ،
ئاق قىراۋ سانجىپتۇ قۇندۇز چېچىڭغا .
قولۇڭغا جۆر بوپتۇ ئالتۇن ھاستاياق ،
باسىدۇ مەنزىلىڭ سۈكۈتتە تىمتاس .
پۇتلۇرۇڭ قاپارغان كۆرۈنمەس ئاياق ،
تۈمەنمىڭ ئوغلۇڭ ماتەمگە قىياس .
ئاقىدۇ دولقۇنلاپ شاۋقۇنسىز دەريا ،
ئېلىنىڭ بۇيىغا تەلمۈرەر باغراش .
قىيالماي قالغاندى يىرىم تەن تەنھا ،
يۈرەكنى يۈرەكتىن ئايرىسا ياپياش .
تارىمدا چۈش ئەسنەر ئۇيقىچان قەشقەر ،
تەڭرىتاغ قوينىدا تۈگىمەس مەشرەپ .
تەمتىرەر تۇماندا ئازغان تاش شەھەر ،
باھاردا تۆكۈلسە قارلار لەپىلدەپ.
سايرامنىڭ كۆزىدە سىزىلغان سۈرەت ،
كۈيىدە ياڭرىتار تۈگىمەس ناخشا .
ئېيتسىمۇ ناخشىنى تۈنلەردە رەت – رەت ،
بېلىقلار نىشانسىز غەرىق ئۇيقۇدا .
يالتىرار يىراقتا كۈمۈش چوققىلار ،
خىتابى : " باشلىرىم ئەمەس ئاق بايراق ! ،
باسقىنىم بەك ئۇزۇن كۈلپەتلىك يوللار ،
بۇ يولدا تۆكۈلدى نى – نى ياش ياپراق " ...
ئۇلۇغلار قەبرىسى تۇرىدۇ سەپراس ،
قەلبىلەر ھەرجايدا بولغاچقا تۇتاش .
قەبرىنى سېغىنىپ كېلەر ، قايسى راس ؟!
قايسىسى رەسمدە قىزلارغا قولداش ...
نان ئىزدەپ يۈرىدۇ كوچىدا ئايال ،
بۆشۈكتە بۇۋاقنىڭ پىغانى يۈكسەك .
يىتەلمەي ئۆيىگە قالىدۇ ھايال ،
قاۋاقتا ئاتالغان يىلىگسىز ئەركەك .
كۆيمەكتە چۈشلىرىم ، كۆيمەكتە زىمىن ،
قوقاسقا ئايلاندى گۈلخاندا غۇرۇر .
كۆيمەكتە دەريالار ، توغراقلار غەمكىن ،
سارغايدى شەبنەملەر بەرگىدە مەغرۇر .
سەھەرنىڭ نۇرىدا چېچىلدى چۈشۈم ،
قولۇمدا تۇرۇپتۇ سەن تۇتقان يوللۇق .
ئۇپۇقنىڭ قوينىغا ئېلىنغان يولۇم
ئاراسى ئېچىلدى قىپقىزىل چوغلۇق .
سەندە بار ئەجدادىم ئىپار ھېدلىرى ،
سېنىڭسىز كەزگەن باغ قەبرىگە يانداش .
سەندە بار ئەجدادىم زەپەر كۈيلىرى ،
سېنىڭسىز كۈنلىرىم ئۆلۈمگە تەڭداش ...
ئەي ۋەتەن ! سېنىڭسىز ياڭرىماس ناخشام ،
ھېدلايمەن چۈشۈمدىن ھېدىڭ يىنىشلاپ .
گەر تىنىق ئۆچسىمۇ ئارمانسىز ياتسام ،
ئانا يەر ، جىسمىڭنى مەڭگۈ باغاشلاپ ...
خاتىمە
ئانىلارغاشۇنداق دىگۈم بار : « قىز تۇغماڭلار شەرمىي ھايا - تۇغۇڭلار ، ئوغۇل تۇغماڭلار غۇرۇر– جاسارەت تۇغۇڭلار » ـــ كىتاب خاتىرلىرى . جەننەت ئانىنىڭ ئاياقى ئاستىدا . ئۇنىڭ ئاچقۇچىئاتىنىڭ بىر جۈپ بېلىكىدە ، توغرا يولغا باشلىغۇچى يۈرىكىدە . ھەقىقي ئانا يوق ۋەتەنـ ئاخىرلاشقان قەۋىمگە قىياستۇر . ھەقىقىي ئاتا يوق قەۋىم - بىر توپ ناكەسلەر يىغىلغانجازا مەيدانىغا قىياستۇر . چۈنكى ، ئەقىدە بولمىغان ئەلدە ئاسىيلىق ئەۋىج ئالىدۇ !... قېنى ئانا ، ئۇغلۇڭنىڭ ھەقىقىي ئەركەك بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن دۇئا بەرگىن . سېنىڭبىر تامچە سۈتىڭنىڭ ھەققى ئۇنىڭ يەلكىسىدە ئالەمچە مەسئولىيەت تۇيغۇسى بىنا قىلدى. بۇ ھەر قانداق بوران – چاپقۇندا يىمىرىلمەس ئابىدە مۇنارىدۇر . ئۇنىڭدا سەن كەبىيەنە نۇرغۇنلىغان بىناۋا ئانىلارنىڭ يۈكسەك ئارزۇ – ئارمانلىرى تىكىلگەن . ئانا ، سەنبەخىتنى تىلىگەن ، ھەر نامىزىڭىدا ياد ئېتىۋاتقان بۇ قۇش بالىسىنىڭ ئارمانلىرى ئۇنىڭبىر جۈپ قانىتىغا مۇجەسسەملەندى . ئۈشبۇ كۈندە ئۇ قايتىدىن بوران قۇشى بولۇپ دۇنياغائاپىرىدە بولدى . ئۇ ھەر دۇئاسىدا بارلىق جاپاكەش ئانىلارغا مەڭگۈلۈك بەخىت ، يىمىرىلمەسبۇرۇچ ۋە ئۆز قەۋمىگە ھەقىقىي ئەركەك تىلەيدۇ . شۇنىڭدەڭ مەڭگۈلۈك سائادەت . ئۈشبۇسائەت ، ئۈشبۇ مىنۇت مەن ۋە تۈمەنلىگەن قەلىبداشلارنىڭ قولى دۇئادا بولسۇن . بارلىقمىزئانىلارغا بەخىت ، ئاتىلارغا ھەقىقىي ئەركەكلىك تىلەيلى ! ... ئانا ، مىنى بۇ دۇنياغا تەۋەللۇد قىلغان كۈنۈڭگەمۇبارەك بولسۇن ! ــــــ يىراق قىرلاردىكى سېنىڭ ئۈمىدۋارئوغلۇڭ ! مەنبە : قەلەم [ بۇ يازمىنىatabore 2011-08-01 17:29قايتا تەھرىرلىدى ]