نۇرغا غەرق بۇلۇر جاھان،
بەندىلەرگە بىر ئىمتاھان،
مۆئمىن مەن دىگەنلەرگە،
روزا ئېيى رامىزان.
نەپسىڭگە بۇلۇر تەسىرى،
روھەن تۇرىسەن تىرىك،
رامىزان روزىمىز بىزگە
بەش چوڭ پەرىزدىن بىرى.
رامىزان قۇرئان ئېيى،
مۆئمىنگە شۇكران ئېيى،
بۇ ئاي مۇسۇلمانلارغا
ھىدايەت، غۇفران ئېيى.
بۇ ئايدا بۇلۇڭ-پۇشقاق،
قىزىيدۇئۇچاق-ئۇچاق،
مۇسۇلمانغا پەرىزدۇر،
ئوتتۇز كۈن روزا تۇتماق.
ئىسلام بىر سالامەتتۇر،
ئىمان بىر سائادەتتۇر،
روزا تۇتقان بەندىنىڭ
ھەر ۋاقتى ئىبادەتتۇر.
روزا ئاللاھقا كېلىشتۇر،
رەببىگە كۆڭۈل بېرىشتۇر،
ئۇلۇغ ئاللاھىم بىزلەرنى
بۇ يىل رامىزانغا ئېرىشتۈر.
-ئەنۋەر تۇنجالى
مەنبە: (ئىبادەتلىرىمنى ئۆگىنىمەن) دىگەن كىتابتىن ئېلىندى.
پاكىزلىق ۋە دۇرۇسلۇق
دىنىمىزنىڭ ئۆزىدۇر.
شۇبھىسىز ئەڭ توغرا سۆز
رەببىمىزنىڭ سۆزىدۇر.
تەۋبە قىلغان ھەر بىر قۇل
پاك بۇلۇر قەلىب كىرىدىن.
تەسىرلەنمەس شەيتاننىڭ
شۇبھە بەرگەن شەررىدىن.
تاھارەت ئالغان ھەر مۆئمىن
خۇش بۇلۇر ھاياجاندا.
چۈنكى گۇناھنى يۇيىدۇ
يەرگە چۈشكەن ھەر تامچە.
بەدىنى ۋە روھىدا
پاكىز بولغان مۇسۇلمان.
دۇرۇسلۇقتىن ئايرىلماس
ھۆرمەتلىنەر ھەر زامان.
-قاسىم ئاق
مەنبە: ( ئىبادەتلىرىمنى ئۆگىنىمەن) دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.
[ بۇ يازمىنىfatih204 2011-08-01 16:43قايتا تەھرىرلىد ]