باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1365 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قاراخانىلار(3)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3774
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 76
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە76دانە
ئۆسۈش: 480 %
مۇنبەر پۇلى: 1095 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2011-12-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-31 14:26

قاراخانىلار(3)

                                                       سامانىلارۋە قاراخانىلار


                                                         سامانىلار پادىشاھلىقى


مىلادىنىڭ 730 - يىللىرىدىلا، مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ تاغىسى ئابباسنىڭ ئەۋرىسى مۇھەممەد ئىبنى ئىلى ئۆممەۋىلەرگە قارشى ھەركەت باشلىدى، ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام بىۋاستە قان قېرىنداشلىقى بولمىغان ئۆممەۋىلەرگە قارىغاندا،مۇھەممەد ئەلەيھىسالام بىلەن بىۋاستە قان قېرىنداشلىقى بولغان ئابباسىلار تەختنى ئىگىلەشكە تولىمۇ ھەقلىق دېگەن قاراشنى تارقىتىشتى.
     ئابباسىلار ھەركىتىگە ئابامۇسىلىم يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇنىڭ تەرىپىنى ئالىدىغانلار تېزلا كۆپىيىپ كەتتى. مىلادىنىڭ 748 - يىلى ناسىر ئىبنى سەييار ئابامۇسىلىمگە تاقابىل تۇرالماي، خۇراساننى تاشلاپ قاچتى. مىلادىنىڭ 750 - يىلى ئۆممەۋىلەر خەلىپىلىكى ئۈزۈل - كېسىل ئاغدۇرۇلدى. ئابباسىلار ئۆممەۋىلەر خانىدانىنىڭ ئەزالىرىنى رەھىمسىزلەرچە جازالاپ ئۆلتۈردى.
     ئابباسىلارنىڭ خەلىپىلىرىدىن سەففاھ ( مىلادىنىڭ 750 - يىلىدىن 754 -يىلىغىچە خەلىپە بولغان ) ۋە مەنسۇر ( 754 - 775 ) مەھدى
( 775 - 785 ) لەرنىڭ دەۋرىدە، ئابباسىلار خەلىپىلىكى ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالدا قالدى. 750 - يىلى شارىك بۇخارادا ، 755 - يىلى سۇنباد تېھراندا، 775 - يىلى مۇقەننا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئابباسىلارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. بۇ قوزغىلاڭ ئىچىدە مۇقەننا قوزغىلىڭى ئون يىل ( مىلادىنىڭ 775 - يىلىدىن 785 - يىلىغىچە ) داۋام قىلدى.
   ئابباسىلار توختىماي داۋام قىلغان قوزغىلاڭلار زەربىسىدىن ئاجىزلاپ كەتتى. ئۇلار بويسۇندۇرۇلغان خەلقلەرنى ئىدارە قىلغاندا، ئەرەبلەردىن نائىپ قويغانغا قارىغاندا، يەرلىك خەلقنىڭ يۇقىرى تەبىقىسىدىن ئۆزىگە سادىق بولغانلاردىن نائىب قۇيۇشنىڭ ئەۋزەللىكىنىمۇ تەجىربىلەردىن چۈشەنگەن.
    ئابباسىلار ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىدارە قىلىشتا ، يەرلىك ئاقسۆڭەكلەرگە يۆلىنىشكە قارار قىلدى. باشتا، خۇراسانلىق خالىد ئىبنى بارماقنىڭ ئەۋلادلىرى ئابباسىلار خەلىپىلىكى تەشكىل بولغان كۈندىن باشلاپلا  يۇقىرى مەنسەپلەرنى ئىگىلىۋلغانىدى. لېكىن ھارۇن رەشىدنىڭ ۋاقتىدا ( 786 - 809 ) بارماقىلەرگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىلدى. ئۇلارنىڭ ئورنىنى ھىراتنىڭ بوشاڭ دېگەن يېرىدىن چىققان تاھىر ئىگىلىدى، تاھىر ھارۇن رەشىدنىڭ ئوغۇللىرى ئىمىن ( 809 - 813 ) بىلەن مۆمىن ( 813 -833 ) ئوتتۇرسىدىكى كۈرەشتە، مۆمىنگە ياردەم بەردى. ئۇ، مۆمىننىڭ باغدادنى ۋە تەختنى ئىگىلىشىدە رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن، مىلادىنىڭ 821 - يىلى خۇراسانغا نائىب قىلىپ تەيىنلەندى. شۇنىڭدىن باشلاپ، تاھىر مۇستەقىل بۇلۇۋالدى، ئەسلىدە خۇراسانغا نائىب بولغانلار ماۋرەئۈننەھرىگىمۇ نائىبلىق قىلاتتى. تاھىر ئىبنى ھۈسەيىن ( 821 - 822 ) تەلھە ئىبنى تاھىر ( 830 - 844 )، تاھىر ئىبنى ئابدۇللا ( 844 - 862 ) قاتارلىقلار كۆرۈنۈشتە ئابباسىلارغا بويسۇنغاندەك بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل تاھىرىلەر دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بولغانىدى.
   تاھىرىلەر دەۋرىدە ( مىلادىنىڭ 820 - يىلىدىن 870 - يىلىغىچە ) نائىبلار سۈپىتىدە تاھىرىلەرگە بويسۇنغان سامانىلار باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى.
  سامان ئەسلىدە خوراسانلىق تاجىك بولۇپ، ئاتەش پەرەس ئىدى. ئۇ خەلىپە مۆمىننىڭ ۋاقتىدا مۇسۇلمان بولغان. ئۇ تاھىر تەرىپىدىن مەرۋىگە نائىب قىلىپ تەيىنلەنگەندىن باشلاپ، مۆمىننىڭ كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالغان.
  تاھىر مىلادىنىڭ 821 - يىلى سامانىنىڭ ئوغلى ئەسئەتنىڭ ئوغۇللىرىدىن نوھنى سەمەرقەندگە ( مىلادىنىڭ 821 - يىلىدىن 840 - يىلىغىچە نائىب بولدى ) ئەھمەدنى پەرغانىگە ( 821 - 864 )، يەھيانى تاشكەنتكە ( 821 - 856 ) نائىب قىلىپ تەيىنلىگەن.
   مىلادىنىڭ 870 - يىلى، تاھىرىلەر خاندانى يېقىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن سامانىلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىر قىسمى، ئافغانىستان ۋە خۇراساننى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررىتورىيىدە باش كۆتۈرۈپ سامانىلار پادىشاھلىقىنى تەشكىل قىلدى. ئۇلارنىڭ بۇ يىڭى تەشكىل تاپقان دۆلەتكە بوۋىسى سامانىنىڭ نامىنى قويۇپ، ئۇنى سامانىلار پادىشاھلىقى دەپ ئاتىدى.
    ئابباسىلار خەلىپىلىكىنىڭ مۆمىن، مۇتاسىم1  ( 833 - 842 ) ۋاسسىق1  ( 842 - 847 )، موتىۋ ىككىل1  ( 847 - 861 )، مۇنتاسىر ( 861 - 862 )، مۇستائىن1 ( 862 - 866 )، مۇتىز ( 866 - 869 )، مۇھتىدى ( 869 - 870 ) قاتارلىق خەلىپىلىرى تاھىرىلەرنىڭمۇ، سامانىلارنىڭمۇ مۇستەقىللىق ھەركەتلىرىگە قىلچە چەك قۇيالمىدى، ئابباسىلار خەلىپىلىكى تەخت ئۈچۈن بولغان كۈرەشلەردە ۋە بويسۇندۇرۇلغان خەلقلەرنىڭ قوزغىلاڭلىرىنىڭ قاقشاتقۇچ زەربىلىرىدە ئاجىزلاپ كەتكەنىدى.
                                                 
   مىلادىنىڭ 970 - يىلى سۇلايمان ئارسلانخان ئالەمدىن ئۆتتى. قاراخانىلارغا مۇسا بوغراخاننىڭ ئوغلى ئەلى ئارسلانخان قاغان بولدى. ئەلى ئارسلانخاننىڭ ۋاقتىدا ( مىلادىنىڭ 970 - يىلىدىن 998 - يىلىغىچە )، قاراخانىلار سامانىلار پادىشاھلىقىنى يوقىتىش ئىشىنى ئاساسەن ئورۇندىدى. سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئوغلى ھارون بوغراخان ئەلى ئارسلانخاننىڭ ئورۇنباسارى ئىدى. ھارون بوغراخان ئەلى ئارسلانخاننىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خاندانلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بويسۇنۇشتىن باش تارتقان خانلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بويسۇندۇردى. شۇ دەۋردە، قاراخانىلار دۆلىتى ئىچكى جەھەتتە تولۇق بىرلىككە كەلدى ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشتى. ھارون بوغراخان سىياسىي جەھەتتە تەدبىرلىك، ھەربىي جەھەتتە سىتۇق بوغراخاندىن قېلىشمايدىغان باتۇر ئادەم ئىدى. ئۇ قاراخانىلار دۆلىتىدىكى مۇسۇلمان ۋە غەيرىي مۇسۇلمانلاردىن ناھايىتى ئىنتىزاملىق، جەڭگىۋارلىقى ئۈستۈن، قۇدرەتلىك قوشۇن تەشكىللەپ، دۆلەتنىڭ ھەربىي كۈچىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچەيتتى. ئۇ مانا شۇ كۈچكە تايىنىپ تۇرۇپ، سامانىلار پادىشاھلىقىنى يوقىتىپ، ئۇنىڭ تېررىتورىيىسىنى قاراخانىلاردۆلىتىگە قوشۇۋالماقچى بولدى.
   ھارون بوغراخاندىن بۇرۇن قاراخانىلار بىلەن سامانىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ناسىر ئىبنى ئەھمەد ( مىلادىنىڭ 865- يىلىدىن 893 - يىلىغىچە ھۆكۈمران بولغان) ، ئىسمائىل ئىبنى ئەھمەد ( 907 - 914 ) ناسىر2 ئىبنى ئەھمەد ( 914 - 943 )، نوھ ئىبنى ناسىر ( 943 - 954 )، ئابدۇلمالىك ( 954 - 961 )، ناسىر3 ( بۇ تەختتە بىر كۈنلا ئولتۇرغانىكەن )، مەنسۇر ئىبنى نوھ ( 961 - 976 ) قاتارلىق سامانى پادىشاھلىرى دەۋرىدە، ھەم دۈشمەنلىك، ھەم دوستانىلىق بىلەن ئۆتكەن. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئسمائىل ئىبنى ئەھمەد بىلەن ئوغۇلچاق ئارىسىدا ئۇرۇشلار داۋام قىلغان بولسا، سىتۇق بوغراخان ۋاقتىدىن باشلاپ قاراخانىلار بىلەن سامانىلار دوستانە ئۆتۈشكە باشلىغان. بۇنداق مۇناسىۋەت خېلى ئۇزۇن داۋام قىلغان.
    سامانىلار پادىشاھلىقى نوھ ئىبنى مەنسۇرنىڭ ۋاقتىدا ( 976 -997 ) ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋالغا دۇچ كەلدى. شۇ چاغدا، سامانىلار پادىشاھلىقى ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرىشى، يەرلىك فېئوداللارنىڭ توپىلاڭلىرى سەۋەبىدىن ھالسىراشقا باشلىغانىدى. ئىچكى توپىلاڭنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچلەر كۆپلەپ سەرپ قىلىنغاندىن تاشقىرى، مالىيە جەھەتتىنمۇ ناھايىتى نۇرغۇن بايلىق سەرپ قىلىنغانىدى. مالىيە قىيىنچىلىقىغا يولۇققان سامانى ھۆكۈمرانلىرى پۇقرالار ئۈستىدىكى خىلمۇ خىل ئالۋان - ياساقلارنى ئېغىرلاتتى، بۇنداق قىلىش ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلىك نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يەنە بىر تەرەپتىن، سامانىلار قوشۇنىنىڭ ئاتلىق قىسىملىرى تولىراق تۈركىي خەلقلەردىن بولۇپ، بۇ قىسىملار ئۇلارغا نىسبەتەن ئىشەنچىسىز ئىدى. ھەممىدىن خەتەرلىكى سامانىلارنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ھەربىي باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئوغۇزلاردىن ئىدى. ئۇلار سامانىلارنىڭ ھەربىي كۈچلىرىنى تىزگىنلەپ تۇراتتى. سامانىلارنىڭ خۇراسان نائىبلىرىمۇ ئوغۇزلاردىن ئىدى.
     ھارون بوغراخان ئەلى ئارسلاننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە سامانىلارنىڭ ئىچكى جەھەتتىكى ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، مىلادىنىڭ 990 - يىلى
ئىسفىجابنى سامانىلار قولىدىن تارتىۋالدى. سامانىلار مىلادىنىڭ 890 - يىلى ( بۇ چاغدا ئۇلار ئەرەبلەرنىڭ نائىبى ئىدى ) ئىسفىجابنى بېسىۋالغانىدى.
   ھارون بوغراخان ئىسفىجابنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، قاراخانىلارنىڭ نۇرغۇن سانلىق قوشۇنلىرىنى يەتتە سۇغا توپلىدى، ئۇ سامانىلار بىلەن بۇلىدىغان ئۇرۇشقا پۇختا تەييارلىق قىلدى.
    ھارون بوغراخان سامانىلارنىڭ پايتەختى بۇخاراغا ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇن، سامانىلارنىڭ خۇراسانغا قويغان نائىبى ئەبۇ ئەلى سىمىجورى
( كېلىپ چىقىشى ئوغۇزلاردىن ) بىلەن مەخپىي سۆھبەت ئېلىپ باردى. سۆھبەت ئارقىلىق تۈزۈلگەن بىتىمنامىگە كۆرە، ماۋرەئۈننەھرى قاراخانىلارنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن، ئامو دەريانىڭ جەنۇبىدىكى جايلار ئەبۇ ئەلى سىمىجورىنىڭ باشقۇرۇشىغا بېرىلدىغان بولدى.
    ھارون بوغراخان ھەر تەرەپلىمە پۇختا تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن، 992 - يىلى قاراخانى قوشۇنلىرىغا ئۆزى باش بولۇپ، يەتتە سۇدىن يولغا چىقىپ، سامانىلار پادىشاھلىقىغا شىددەت بىلەن ئوموميۈزلۈك ھۇجۇم باشلىدى. بۇنداق خەتەرلىك ئەھۋالغا يولۇققان سامانىلار پادىشاھى نوھ ئىبنى مەنسۇر ئومومىي سەپەرۋەرلىك يۈرگۈزۈپ، قارشىلىق كۆرسەتمەكچى بولدى. ھارون بوغراخان ناھايىتى كۆپ سانلىق قوشۇن بىلەن بۇخاراغا قاراپ ماڭدى. تارىخىي خاتىرىلەردە قاراخانىلارنىڭ بۇخاراغا ھۇجۇم قىلغان قوشۇنلىرىنىڭ ئېنىق سانى ھەققىدە ھىچقانداق مەلۇمات يوق. نوھ ئىبنى مەنسۇرنىڭ ئومومىي سەپەرۋەرلىك بويرۇقى ئانچە ئۈنۈم بەرمىگەن بولسا كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە سامانى قوشۇنلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھەربىي يولباشچىلار ( تولىسى ئوغۇزلاردىن كېلىپ چىققان ) نوھ ئىبنى مەنسۇرنى قوللىمىدى. ئەنە شۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ھارون بوغراخان باشچىلىقىدىكى قاراخانى قوشۇنلىرى ئانچە قارشىلىققا ئۇچرىمايلا ئالغا ئىلگىرلىدى.
     ھارون بوغراخان بىرىنچى قەدەمدە، نوھ ئىبنى مەنسۇرنىڭ ئايانچ تېكىن باشچىلىقىدىكى قوشۇنلىرىنى تارمار قىلدى، ئايانچ تېكىننى ئەسىر ئالدى. مەغلۇبىيەت خەۋىرىنى ئاڭلىغان نوھ ئىبنى مەنسۇر ناھايىتى غەيرەتلىك ۋە قەتئىي ئادەم بۇلىشىغا قارىماي، تەمتىرەپ قالدى.
بىز يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، ئۇنىڭ ئاھۋالى ئېغىر ئىدى. شۇنداك بولسىمۇ نوھ ئىبنى مەنسۇر ناھايىتى قابىلىيەتلىك، لېكىن تولىمۇ ئىشەنچىسىز بولغان ھەربىي يولباشچىلىرىدىن بىرى بولغان پايىق تېكىننى نۇرغۇن سانلىق قوشۇن بىلەن ھارون بوغراخانغا قارشى ماڭدۇردى. پايىق تېكىن بۇخارا ئەتراپىدا بولغان ئۇرۇشتا سامانىلارغا خائىنلىق قىلدى، سامانى قوشۇنلىرى مەغلۇپ بولدى. پايىق تېكىننىڭ خائىنلىقى شۇنىڭدىن مەلۇم بولدىكى، ئۇ ، چاپسانلا ھارون بوغراخان تەرىپىدىن تىرمىز ۋە بەلخقە نائىب قىلىپ تەيىنلەندى.
    پايىق تېكىننىڭ خائىنلىق قىلىشى ۋە بۇخارا ئەتراپىدىكى مەغلۇبىيەت نوھ ئىبنى مەنسۇرنى پايتەختنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر قىلدى.
ھارون بوغراخان مىلادىنىڭ 992 - يىلى تەنتەنىلىك ھالدا سامانىلار پادىشاھلىقىنىڭ بۇخارادىكى ئوردىسى - جويمولئانغا كىردى. لېكىن، ھارون بوغراخان بۇخارادا ئۇزۇن تۇرالمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ كېسىلى ( گېمورروي كېسىلى ) قوزغىلىپ قالغانىدى. شۇڭا، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى گۈزەل شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان - سەمەرقەندكە بېرىپ، ئۇ يەردىكى ناھايىتى ھاۋالىق چىرايلىق، شاھانا بىر باغدا ئارام ئالدى. ئۇ سەمەرقەند تىمۇ ئۇزۇن تۇرالمىدى. كېسىلى بارغانسىرى ئېغىرلاشقانلىقتىن، سەمەرقەندتىن چىقىپ قەشقەرگە ماڭدى. ھارون بوغراخان يولدا كېتىۋېتىپ، ئاتبېشى ( ھازىرقى قىرغىزىستان تېررىتورىيىسىدە ) دېگەن جايغا كەلگەندە ئالەمدىن ئۆتتى. جەسىتى قەشقەرگە كەلتۈرۈلۈپ ھازىرقى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى بەشكېرەمنىڭ قارا ساقال دېگەن كەنتىگە دەپنە قىلىندى. ھازىرقى قەشقەر خەلقى قىلىچ بوغراخان دەپ ئاتايدىغان مازار دەل مانا شۇ ھارون بوغراخاننىڭ مازىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
       ھارون بوغراخان بۇخارانى ئالغاندىن كېيىن، ئەلى ئارسلانخان قاراخانىلار دۆلىتىنى ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن‹‹ ئىلىكخان ›› ئۇنۋانىدا ئىككى باش ۋالىي بەلگىلىدى. ئۇنىڭ بىرى تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە سىر دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى جايلارنى قاراخانىلارنىڭ قەشقەردىكى قاغانىغا ۋەكالىتەن باشقۇرىدىغان ئىلىكخان ئىدى. بۇنىڭ تۇرىدىغان شەھىرى بالاساغۇن قىلىپ بەلگىلەندى. ئىلىكخانلارنىڭ يەنە بىرى ماۋرەئۈننەھرىنى باشقۇردى. بۇنىڭ باش شەھىرى ئۆز كەنت بولدى. ھارون بوغراخان بالاساغۇنغا قاراخانىلارنىڭ  شاھزادىلىرىدىن توغانخان1 نى باش ۋالىيقىلىپ تەيىنلىدى، بۇ شىمالىي ئىلىكخان دەپ ئاتالدى. ئۆز كەنتىگە باش ۋالىي قىلىپ ئەلى ئارسلانخان ئۆز ئوغلى ناسىرنى تەيىنلىدى،بۇ غەربىي ئىلىكخان دەپ ئاتالدى.
   ھارون بوغراخاننىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى قىسقا بىر مۇددەت بولسىمۇ ، نوھ ئىبنى مەنسۇرنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلىغاندەك بولدى. ھارون بووغراخان بۇخارانى ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەبۇ ئەلى سىمجورى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يامانلاشقانىدى. ئەبۇ ئەلى سىمجورى باشتا سامانىلارغا قارىشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، ھارون بوغراخان تەرپىنى ئالغان، ھارون بوغراخان بۇخارانى ئالغاندىن كېيىن، ئەبۇ ئەلى سىمجورى ھارون بوغراخانغا بەرگەن ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىپ ( ئۇ سامانىلار تېررىتورىيىسىنى ھارون بوغراخان بىلەن بۆلۈشۋېلىشقا كېلىشكەنىدى ) نوھ ئىبنى مەنسۇر تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتتى.
   نوھ ئىبنى مەنسۇر ھارون بوغراخاننىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى ۋە ئەبۇ ئەلى سىمجورىنىڭ ياردەم بېرىشىدىن پايدىلىنىپ، مىلادىنىڭ 992 - يىلى 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدە بۇخاراغا كىردى. نوھ ئىبنى مەنسۇر ھارون بوغراخاننىڭ بۇخاراغا قويغان ھاكىمى ئەزىزنى ئۆلتۈردى. ئەزىز نوھ ئىبنى مەنسۇرنىڭ ئۆز ئۇكىسى ئىدى.
    نوھ ئىبنى مەنسۇر بۇخارانى بېسىۋالغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭمىدى. چۈنكى، نوھ ئىبنى مەنسۇر بۇرۇن ئۆزىگە يېقىن بولغان كىشىلەر ئىچىدىن ئىشەنچىلىك ۋە قابىلىيەتلىك بولغانلىرىدىن بىرىنىمۇ تاپالمىدى. ئەبۇ ئەلى سىمجورىغا ئەمدى ئىشەنچ قىلغىلى بولمايتتى. نوھ ئىبنى مەنسۇر مىلادىنىڭ 977 -يىلى ئۆزىدىن روخسەتسىزلا غەزنەنىڭ ھاكىمى بولۇۋالغان سەبۇق تېكىندىن ياردەم ئېلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇ چاغدا، سەبۇق تېكىن غەزنە ۋە ھىرات ۋىلايەتلىرىدە مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ، سامانىلارغا قارشى تۇرغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەبۇق تېكىن ئېسسىقكۆلنىڭ بويىدىكى بارىخان شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، كېلىپ چىقىشى قارلۇقلاردىن ئىدى. ئۇ مىلادىنىڭ 960 - يىلى مۇسۇلمان بولغان. كېلىپ چىقىشى ئوغۇزلاردىن بولغان ئالپ تېكىن ( سامانىلارنىڭ غەزنىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋالىيسى ) نىڭ تەربىيىسىدە ئۆسكەن ۋە ئالپ تېكىنگە كۈيئوغۇل بولغانىدى. سەبۇق تېكىننىڭ سامانىلارنىڭ پادىشاھى نوھ ئىبنى مەنسۇرغا ساداقەتلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشى ناتايىن ئىدى. كېيىنكى تارىخىيۋەقەلەرمۇ شۇنى ئىسپاتلىدى.
   نوھ ئىبنى مەنسۇرنىڭ سامانىلار پادىشاھلىقىنى ھالاك بولۇشتىن ساقلاپ قېلىشى مومكىن ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنىڭ ئوڭۇشسىزلىقىدىن باشقا، ھەممىدىن يامىنى تاشقى ئەھۋالنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكى ئىدى. ئەلى ئارسلانخاننىڭ تاپشۇرۇقىنى ئالغان غەربىي ئىلىكخانى ناسىر بىننى ئەلى مىلادىنىڭ 996 - يىلىدىن  باشلاپ سامانىلار پادىشاھلىقىنى يوقىتىپ ئۇنىڭ تېررىتورىيىسىنى تولۇق بېسىۋېلىش مەقسىتىدە جىددىي تەييارلق باشلىدى.
                                                
قاراخانىلار شەرقتە خوتەن خانلىقىنى قايتىدىن تولۇق بويسۇندۇرۇشقا، غەربتە بولسا سامانىلار پادىشاھلىقىنى ئۈزۈل- كېسىل ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا بەل باغلىدى.
   تارىخىي ۋەقەلەر قاتارىغا كىرىدىغان بۇنداق مۇھىم ئىككى ئىش، ئەلى ئارسلانخان ( مىلادىنىڭ 990 -يىلىدىن 998 - يىلىغىچە ھۆكۈمران بولغان ) نىڭ ۋاقتىدا باشلىنىپ، ئەھمەت توغانخان ( مىلادىنىڭ 998 - يىلىدىن 1018 - يىلىغىچە ھۆكۈمران بولغان ) نىڭ ۋاقتىدا ئورۇندالغان، ئەلى ئارسلانخاننىڭ ۋاقتىدا، خوتەندىكى بۇددىست ئۇيغۇرلارنى قايتىدىن بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن قانلىق ئۇرۇشلار باشلاندى. خوتەن بۇددىستلىرى سىتۇق بوغراخان، مۇسا بوغراخان، سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ۋاقتىدا، بىرنەچچە قېتىم بويسۇندۇرۇلۇپ، بىر نەچچە قېتىم ئىسىيان كۆتۈرۈپ، مۇستەقىل بولۇپ قالغانىدى. تارىخي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خوتەن بۇددىستلىرى مىلادىنىڭ 970 - يىلى سۇلايمان ئارسلانخانغا بويسۇنماي مۇستەقىل بولۇۋالغان. خوتەن بۇددىستلىرى مىلادىنىڭ 975 - يىلىدىن باشلاپ مىلادىنىڭ 1000 - يىلىغىچەبولغان 25 يىل ئىچىدە، قاراخانىلار بىلەن ئۈزلۈكسىز ئۇرۇش ئېلىپ بارغان. مانا شۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشقا خوتەن خانى ياغلا قالقالۇ يېتەكچىلىك قىلغان. ئەلى ئارسلانخان مىلادىنىڭ 998 - يىلى ياغلاقالقالۇ بىلەن بولغان ناھايىتى كەسكىن قانلىق بىر ئۇرۇشتا قۇربان بولغان. تارىخىي رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، بۇ ئۇرۇش ھازىرقى يېڭىسار بىلەن يېڭىشەھەر ئارلىقىدىكى چۆلدە بولغان. مانا شۇ ئۇرۇش بولغان چۆلدە ‹‹ ئوردام ›› دېگەن مازار بار. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ‹<<‹ ئوردام >> مازارىغا ئەلى ئارسلانخاننىڭ جەسىتى دەپنە قىلىنغان. ھازىرقى قەشقەر كونا شەھەرنىڭ يېنىدىكى ( تۈمەن دەرياسىنىڭ بويىدا ) تۆۋەنكى تار بوغۇز كەنتىدە سىيىت ئەلى ئارسلانخاننىڭ مازارى بار. بۇ مازارغا ئەلى ئارسلانخاننىڭ بېشى دەپنە قىلىنغانىكەن.
    ئۇيغۇر خەلقى ھازىرغىچە ئەلى ئارسلانخاننى خاتىرىلەيدۇ. ئۇلار ھەر يىلى كۈزدە ‹<<ئوردام >>غا بېرىپ ئىبادەت قىلىشىدۇ. ‹‹<< ئوردام  >>›غا كېلىدىغان ئۇيغۇرلار گاھى يىللىرى بىر نەچچە يۈزمىڭغا يېتىدۇ. قەشقەر تار بوغۇزىدىكى سىيىت ئەلى ئارسلانخان مازىرىنى بولسا، ئەتراپ شەھەر - يېزىلاردىكى ئۇيغۇرلار خالىغاندا بېرىپ تاۋاپ قىلىشىدۇ.
    ئەلى ئارسلانخان ۋاپاتىدىن كېيىن، قاراخانىلارغا ئۇنىڭ ئوغلى ئەھمەت توغانخان ھۆكۈمران بولىدۇ. ئەھمەت توغانخان خوتەن بۇددىستلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇلارنى تولۇق مۇسۇلمان قىلىش قارارىغا كېلىدۇ. ئۇ شۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مىلادىنىڭ 999 - يىلى يۈسۈپ قادىرخان باشچىلىقىدا 40 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى خوتەنگە يولغا سالىدۇ. يۈسۈپ قادىرخان خوتەن بۇددىستلىرىنى مەغلۇپ قىلىدۇ ۋە ياغلاقالقالۇنى ئۆلتۈرىدۇ. خوتەن بۇددىستلىرى تولۇق مۇسۇلمان بولۇشقا باشلايدۇ. بۇ ۋەقە مىلادىنىڭ 1000 - يىلى يۈز بەرگەن. ئەھمەت توغانخان يۈسۈپ قادىرخاننى خوتەنگە خان قىلىپ تەيىنلەيدۇ.
    نىمە ئۈچۈن خوتەندىكى بۇددىست ئۇيغۇرلار بىلەن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش 25 يىل ( مىلادىنىڭ 975 - يىلىدىن 1000 - يىلىغىچە ) داۋام قىلغان؟
      بۇنىڭ ئاساسلىق ئىككى سەۋەبى بار. بۇ سەۋەبلەرنىڭ بىرى خوتەندە بۇددىزىمنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
      بۇددا دىنى، خوتەندە مىلادىدىن 74 يىل بۇرۇن تارقىلىشقا باشلىغان بولسا، كوشان ئىمپېراتورى قەنىشقا2 نىڭ ۋاقتىغا ( مىلادىنىڭ 2 - ئەسىرنىڭ بېشىدا ) كەلگەندە كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشقا باشلىغان. خوتەنگە دىن تارقىتىش ئۈچۈن كەلگەن بۇددا راھىبى كەشمىرلىك بايروتشانا دېگەن كىشى بولۇپ، ئۇ خوتەنگە مىلادىدىن بىر ئەسىر بۇرۇن كەلگەن.
      ياپونىيە تارىخچىسى يۇشى لياۋتى ‹<< غەربتە بۇددىزىم >> ناملىق ئەسىرىدە، مىلادىنىڭ  400 - يىللىرى خوتەنگە كېلىپ كەتكەن جۇڭگولۇق مەشھۇر بۇددىست فاشيەننىڭ خوتەن بۇددىستلىرى توغرىسىدا قالدۇرغان خاتىرىسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:  ‹‹ بۇ يۇرت- گۈللەنگەن ئاۋات يۇرت ئىكەن، خەلقلىرى ناھايىتى مىھماندوست بولۇپ، ھەممىسى بۇدداغا ئېتىقاد قىلىدىكەن. بۇددا يوسۇنى بويىچە ئويۇن تاماشا قىلىدىكەن، راھىبلىرى نەچچە ئون مىڭغا  يېتىدىكەن. ھەممىسى دېگۈدەك ئۇلۇغ كولۇڭگۇ تەرەپدارلىرى ئىكەن.......... گۇماتى ئىبادەتخانىسىدىكى 3000 نەپەر راھىب دۇمباق ئاۋازىنى ئاڭلاپ بىرلا ۋاقىتتا تاماق يېيىشكە ئولتۇرىدىكەن. راھىبلار تاماقخانىغا كىرىشتە ناھايىتى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك كىرىشىدىكەن. ھەربىر كىشى رەت تەرتىپى بويىچە كېلىپ ئۆز ئورۇنلىرىدا ئولتۇرىدىكەن، پۈتۈن سورۇن ئۈن-تىنسىز جىمجىت بولۇپ قالىدىكەن.......
      بۇ يۇرتتا مۇشۇنداق گۇماتى ئىبادەتخانىسىدىن ئون تۆتى بار ئىكەن، كىچىكلىرى بۇنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ. 4- ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن شەھەر كوچىلىرىنى سۈپۈرۈپ، تازىلاپ سۇ چاچىدىكەن ، ھەممە كوچىلار ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرىدىكەن. شەھەر دەرۋازىلىرىغا چوڭ پەردە - چىمىلدىقلار ئېسىلىپ، زىننەتلەش ئىشلىرى پۇختا ئىشلىنىدىكەن، پەردە - چىمىلدىقلار ئىچىدە، خان ۋە ئۇنىڭ خانىشى، كېنىزەكلىرى تۇرىدىكەن،گۇماتى راھىبى ئۇلۇغ كولۇڭگۇتەرەپدارى بولۇپ، خاننىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئىكەن. شۇ راھىب ھەممىدىن ئاۋال بۇتنى يۈرگۈزىدىكەن ( بۇت سەيلىسى كۆزدە تۇتىلىدۇ )....  خان پاكىز تازلىنىپ يېپيېڭى كىيىنىىپ، ئالتۇن تاجىنى قولغا ئېلىپ، ئىرىق تۇتقان ھالدا شەھەر دەرۋازىسىدىن يالىڭاياق مېڭىپ چىقىپ، بۇتنى قارشى ئالىدىكەن....... بۇت ( تۆت چاقلىق بۇت ھارۋىسى ئۈستىدىكى بۇت ) شەھەر دەرۋازىسىدىن كىرگەندە، دەرۋازا بېشىدا تۇرغان خانىش ۋە كېنىزەكلەر چاچقۇ چېچىپ، ئاجايىپ گۈزەل، ھەيۋەتلىك قىياپەتتە تۆۋەنگە چۈشۈپ ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا بۇتقا ھۆرمەت بىلدۈرىدىكەن.... بۇنداق بۇت سەيلىسى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى باشلىنىپ 14 - كۈنى ئاياغلىشىدىكەن. بۇت سەيلىسى ئاياغلاشقاندىن كېيىنلا، خان ۋە خانىشلار خان سارىيىغا كىرىپ كېتىشىدىكەن. ››
    يۇقىرىدىكى پاكىتلار، قەدىمكى چاغدا، خوتەندە بۇددىزىمنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، خوتەندىكى بۇددىست ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولۇشقا ئۇنىماي ناھايىتى ئۇزۇن قارشىلىق كۆرسەتكەن.
     ئۇلارنىڭ قاراخانىلارغا بويسۇنماي ئۇزۇن مۇددەت قارشىلىق كۆرسىتەلىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب، ئىدىقۇت ئۇيغۇر بۇددىستلىرى بىلەن تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ ئۇلارغا ئۈزلۈكسىز بەرگەن ياردىمىدىن ئىبارەت.
     خوتەن بۇددىستلىرىنىڭ قارا خانىلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرىدا، ئىدىقۇت ئۇيغۇر بۇددىستلىرى بىلەن تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ قوشۇنلىرى خېلى مۇھىم رول ئوينىغان بولۇشى مومكىن.
     قاراخانىلار، خوتەننى تولۇق بويسۇندۇرۇشقا كىرىشكەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا سامانىلار پادىشاھلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى جىددىيلەشتۈردى.
      ناسىر ئىلىكخان، ئەلى ئارسلانخاننىڭ ۋاقتىدىلا، مىلادىنىڭ 996 -يىلى سامانىلارغا يېڭىدىن ھۇجۇم قوزغىغانىدى. شۇ چاغدا، نوھ ئىبنى مەنسۇر ئۆزىنىڭ خۇراساندىكى نائىبى سۇبۇق تېكىننى ياردەمگە چاقىردى. سۇبۇق تېكىن نوھ ئىبنى مەنسۇرغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كۆپ سانلىق قوشۇن بىلەن يولغا چىقتى. ئۇ كىش ( شەھىرى سەبىز ) رايونىغا بېرىپ چېدىر تىكتى ۋە نوھ ئىبنى مەنسۇرنىڭ قوشۇنى بىلەن كېلىپ ئۆزىگە قوشۇلۇشنى تەلەپ قىلدى. نوھ ئىبنى مەنسۇر سۇبۇق تېكىننىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى ۋە بويرۇق ئەۋەتىپ، سۇبۇق تېكىننى بۇخاراغا چاقىرتتى. بۇنىڭدىن ئاچچىقلانغان سۇبۇق تېكىن ئوغلى مەھمۇد ۋە ئۇكىسى بوغراچۇق قوماندانلىقىدىكى 20 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى بۇخاراغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ماڭدۇردى. سۇبۇق تېكىننىڭ قوشۇنلىرى بۇخارانى ئالدى. سۇبۇق تېكىننىڭ ئەلچىلىرى ناسىر ئىلىكخان بىلەن سۆھبەت يۈرگۈزۈپ، سامانىلار تېررىتورىيىسىنى بۆلۈۋېلىش توغرىسىدا بىتىمنامە تۈزۈشتى. بىتىمنامىگە بىنائەن، سىر دەريا ۋادىسىنىڭ ھەممىسى قاراخانىلارغا، ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلار سۇبۇق تېكىنگە ئۆتتى. ناسىر ئىلىكخان سەمەرقەندكە پايىق تېكىننى نائىب قىلىپ تەيىنلىدى. نوھ ئىبنى مەنسۇر سۇبۇق تېكىننىڭ قىلمىشلىرىدىن ناھايىتى رەنجىدى.  ئۇ مىلادىنىڭ 997 - يىلى ئالەمدىن ئۆتتى.
    نوھ ئىبنى مەنسۇرنىڭ ئورنىغا ئوغلى ئوبۇلھارىس مەنسۇر ئولتۇردى. بۇ بەختسىز شاھزادە ناھايىتى ئەقىللىق، كەسكىن، غەيرەتلىك بولسىمۇ، سامانىلارنى ئۈزۈل- كېسىل ھالاك بولۇشتىن قۇتۇلدۇرالمىدى. مىلادىنىڭ 999 - يىلى 2- ئاينىڭ 1 - كۈنى ، پايىق تېكىن ئوبۇلھارىس مەنسۇرنى تەختتىن چۈشۈردى ۋە ئۇنىڭ كۆزىنى كور قىلىپ تاشلىدى. ئۇنىڭ ئىنىسى ئابدۇلمالىك سامانىلار تەختىگە چىقىرىلدى.
    مىلادىنىڭ 999 - يىلى كۈزنىڭ باشلىرىدا پايىق تېكىن ئۆلدى. ناسىر ئىلىكخان سامانىلارنىڭ ماۋرەئۈننەھرىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىشقا قەتئى بەل باغلىدى. بۇ چاغدا سامانىلاردا قاراخانىلارغا قارشىلىق قىلىدىغان كۈچ ۋە بىرەر يېتەكچىمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلق يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە زادى كۆڭۈل بۆلمىدى. بۇ توغرىدا ، يەنى بۇخارانىڭ تەسلىم بولۇشى ۋە ئۇنىڭغا 999 - يىلى ئۆكتەبىرنىڭ بېشىدا ناسىرنىڭ كەلگەن ۋاقتىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرغان بىر سودىگەرنىڭ ناھايىتى قىزىق بىر ھىكايىسى بار.  بۇ ھىكايىنى 11 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ياشىغان تارىخچى ھىلال ئاس سابى يېزىپ قالدۇرغان.  ناسىر بۇخاراغا كەلگەن چاغدا، سامانىلار سۇلالىسىنىڭ قالغان ئەزالىرى ئۆز نەسىھەتچىلىرىگە ياردەم ئۈچۈن خەلققە مۇراجىئەت قىلىشىنى تاپشۇرغان. نەسىھەتچىلەر ھەقىقەتەنمۇ مەسچىت - جامائەلەرنىڭ مۇنبىرىگە چىقىشىپ، پايتەخت ئاھالىسىگە، سامانىلار ھاكىمىيەتنى ھىمايە قىلىشقا چاقىرىپ مۇراجىئەت قىلىشقان. خەلق بۇ ھەقتە ئۆزلىرىنىڭ قانۇنشۇناسلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ كۆرگەن. قانۇنشۇناسلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەنمىش: ‹<<‹ ئەگەر خانىلار ( قاراخانىلارنى دېمەكچى ) سامانىلار بىلەن دىن ئۈچۈن ئېلىشىدىغان بولسا، ئۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلىش مەجبۇرى ئىدى. ئەمما كۈرەش بۇدۇنيانىڭ بەختى - سائادىتى ئۈچۈن بولىدىكەن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرىگە زىيان يەتكۈزۈشلىرىنىڭ ۋە ئۆزلىرىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىشلىرىنىڭ لازىمى يوق............  >>››
     يۇقىرىدىكى ئەھۋالغا قارىغاندا، خەلقنىڭ سامانىلارغا ياردەم بەرمىگەنلىكى ناھايىتى ئېنىق.
  
    ناسىر ئىلىكخان بۇخاراغا يېقىنلاپ كەلگەندە مۇنداك دەپ جاكارلىغان: ‹<< مەن بۇخاراغا سامانىلارنىڭ دوستى ۋە ھىمايىچىسى سۈپىتىدەكەلدىم >>. ناسىرنىڭ سۆزىدىن تەسىرلەنگەن سامانىلارنىڭ ھەربىي يولباشچىلىرى - بەگ توسۇن بىلەن ئىنال تېكىن ناسىرنىڭ بارگاھىغا بارغان ۋە ناسىر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. ناسىر باشچىلىقىدىكى قاراخانى قوشۇنلىرى مىلادىنىڭ 999 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدە قىلچە قارشىلىققا يولۇقماي بۇخاراغا كىرگەن. شۇ كۈنى، ناسىر سامانىلارنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى ئابدۇلمالىكنى ھەم پادىشاھ ئەۋلادلىرىنىڭ ھەممىسىنى تۇتقۇن قىلىپ ئۆزكەنتىگە ماڭدۇرغان. ناسىر بۇخاراغا چاغرى تېكىننى ۋالىي قىلىپ قويغاندىن كېيىن، ئۆزكەنتكە قايتىپ كەتكەن.
    شۇندھق قىلىپ، 130 يىل ھۆكۈم سۈرگەن سامانىلار پادىشاھلىقى مىلادى 1000 يىلىنىڭ ھارپىسىدا قاراخانىلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلاندى.
    شۇنداك بولسىمۇ، سامانىلارنىڭ شاھزادىلىرىدىن ئەبۇ ئىبىراھىم ئىسمائىل ( ئابدۇلمالىكنىڭ ئۇكىسى ) سامانىلار پادىشاھلىقىنى ئۆز ھالىغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قاراخانىلار بىلەن بەش يىل كۈرەش ئېلىپ باردى. ئۇ مۇتتاسىر ( غالىب دېگەن مەنىدە ) نامىنى ئالدى.
     مۇتتاسىر مىلادىنىڭ 999 -يىلى 10 - ئايدا ناسىر ئىلىكخان تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆزكەنتىگە ئەۋەتىلگەنىدى.
    مۇتتاسىر بەش يىل ( مىلادىنىڭ 1000 - يىلىدىن 1005 - يىلىغىچە ) سامانىلار پادىشاھلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قاراخانىلار بىلەن كۈرەش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا مەغلۇپ بولدى. مىلادىنىڭ 1004 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، قاراخانى قوشۇنلىرى بۇخارا ئەتراپىدا مۇتتاسىرنى قورشىۋالدى. مۇتتاسىر بىرنەچچە كىشىنى باشلاپ مۇھاسىردىن چىقىپ خۇراسانغا قاچتى. ئۇنىڭ ئۇكىسى ۋە تۇغقانلىرى ئەسىرگە ئېلىنىپ ئۆز كەنتكە ئەۋەتىلدى. مىلادىنىڭ 1005 -يىلىنىڭ بېشىدا، مۇتتاسىر مەرۋى شاھ جاھان ئەتراپىدا، بىر ئەرەب قەبىلىسىنىڭ خانى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
    قاراخانىلار مىلادىنىڭ 999 - يىل ئۆكتەبىردە سامانىلار پادىشاھلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ۋە مۇتتاسىرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتىنى تارمار قىلغان بولسىمۇ، سامانىلارنىڭ خوراسان رايونىنى بېسىۋالالمىدى. خوراساننى مىلادىنىڭ 999 - يىلىلا مەھمۇد غەزنەۋى بېسىۋالغانىدى. مانا شۇ خوراسان رايونى كېيىن قاراخانىلار بىلەن غەزنەۋىلەر ئارىسىدا بىرنەچچە قېتىملىق ئۇرۇشنىڭ كېلىپ چىقىشىغاسەۋەب بولدى.


مەنبە: تارىخىي يىلنامىلەردىن ئېلىندى.
ئەپسۇس، دۇنيا كۆز يىشىغا ئىشەنمەيدۇ~~!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5023
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 235
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە235دانە
ئۆسۈش: 620 %
مۇنبەر پۇلى: 2780 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2011-12-20

رەھمەت.... يەنە داۋامى بارمۇ؟....
دوستلىشىش
muhtarbay
ئارسلان ئىكەنسەن ئارسلاننىڭ بەدەلىنى تۆلەيسەن.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5216
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 588
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە588دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 7584 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2012-01-07
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-01 12:37

ھەممىسىنى يىغىپ بىرلا تېمىغا جەملەپ قويسىڭىز بولاتتى ئەسلى،ئىنكاس شەكىلدە يوللاپلا
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7240
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 124
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە124دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 1290 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-22
ئاخىرقى: 2011-10-14
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-01 15:48

ياخشى تېمىنى يولاپسىز ،ئۇقمىغانلار  بىلۋالسۇن!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3774
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 76
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە76دانە
ئۆسۈش: 480 %
مۇنبەر پۇلى: 1095 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2011-12-20
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-01 16:23

2-قەۋەت (muhtarbay) نىڭ يازمىسىغا

شۇنداق قىلاي دېگەن لېكىن مۇشۇ بىر تېمىنى يېزىپ بولغىچىمۇ خېلى ۋاقىت كىتىدىكەن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3774
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 76
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە76دانە
ئۆسۈش: 480 %
مۇنبەر پۇلى: 1095 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2011-12-20
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-01 16:26

1-قەۋەت (nazim) نىڭ يازمىسىغا

داۋامى بار.