باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 863 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مايمۇن، دېھقان ۋە ئوغلۇم
دوستلىشىش
noshirwan
ئەلبەھرە تورى   www.elbehre.com
دەرىجە: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6925
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 91
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە91دانە
ئۆسۈش: 1860 %
مۇنبەر پۇلى: 2176 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-06
ئاخىرقى: 2012-01-08
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-31 02:00

مايمۇن، دېھقان ۋە ئوغلۇم

مايمۇن، دېھقان ۋە ئوغلۇم

ئابدۇللا تۇردى

1


دۇنيادا ئامېرىكىلىقلار قول تىقمايدىغان ئىش يوق بولغىنىدەك، ئۇلار تەتقىق قىلمايدىغان تۈرمۇ يوق ئوخشايدۇ. خەۋەر قىلىنىشىچە، Emory ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر دوكتۇرى ھايۋانات پسخولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىدىكەن. نوپۇزلۇق بىر ژۇرنالدا بۇ ھەقتە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ. ماقالىدە دېيىلىشىچە، بىر نەچچە مايمۇن ئوخشاش بىر ئويۇننى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، مايمۇن ئويناتقۇچى ئۇلارغا ئوخشىمىغان يىمەكلىكلەرنى بېرىپتۇ: بىرىگە تەرخەمەك، بىرىگە بانان، يەنە بىرسىگە ئۈزۈم بېرىپتۇ. قىزىقارلىق بولغىنى، تەرخەمەك بېرىلگەن مايمۇن بانان ۋە ئۈزۈم يەۋاتقان شېرىكلىرىگە قاراپ، قولىدىكى تەرخەمەكنى يېمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە تەرخەمەكنى ئىگىسىگە قارىتىپ ئېتىپتۇ. دوكتۇر بۇنىڭدىن باراۋەرلىك قارىشى مەدەنىيەتنىڭ تەسىرى بولماستىن، تەدرىجى تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى ئىكەن، دەپ يەكۈن چىقىرىپتۇ.

2


ئىشخانىدا ئولتۇراتتىم. ئىلگىرىكى بىر خوشنىمىز كىرىپ كەلدى.
-  سىزدىن بىر ئىش توغرىلىق مەسلىھەت سوراي، دەپ كەلگەن.
-  قېنى، دەڭ.
- خەۋىرىڭىز بار، كىچىك ئوغلۇم قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلدى. ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ساقچى تۈنۈگۈن چاقىرتىپتىكەن، ئوغلىڭىزنىڭ تۆلەم پۇلى 80مىڭ 100يۈەن بولىدىكەن، رازى بولسىڭىز، كېلىشىمگە قول بېسىڭ، دەيدۇ. كاللامدىن ئۆتمەي، مەسلىھەت قىلىپ كېلەي، دەپ قايتىپ چىقتىم.
- نېمە ئىش كاللىڭىزدىن ئۆتمىدى؟
- ئاشۇ تۆلەم پۇلى دېگىنىچۇ. ماڭىغۇ موشۇ بىنادەك ئالتۇن بەرسىمۇ، ئوغلۇم ھايات بولسىچۇ، دەيمەن. قانۇن بويىچە بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلى، دېدى. بوپتۇ، ئالاي، دېسەم، شۇنداق ھېسابلاپ چىقىپتۇ. ئالدىنقى يىلى بىر تۇغقىنىمىزنىڭ ماشىنىسى بىرسىنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان، شۇ ۋەقەدە تۆلەم پۇلىنى 200 نەچچە مىڭ  يۈەن ھېسابلىغان ئىدى.
- ئوغلىڭىز يېزا نوپۇسىمۇ؟
- بىز دېھقان بولغاندىكىن، ھەممىمىىز يېزا نوپۇسى.
- ھېلىقى تۇغقىنىڭىزنىڭ ماشىنىسى سوقۇۋەتكەن ئادەم قەيەردە تۇرۇشلۇق ئادەمكەن؟
-  شەھەرلىككەن.
- گەپ مانا موشۇ يەردە، يېزا نوپۇسىدىكىلەر بىلەن شەھەر نوپۇسىدىكىلەرنىڭ تۆلەم پۇلى ئوخشىمايدۇ. قانۇندا شۇنداق بەلگىلەنگەن. ئوغلىڭىزنىڭ تۆلەم پۇلىنى توغرا ھېسابلاپتۇ. (دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنى بويىچە،  2010-يىللىق ئۆلچەم بويىچە ھېسابلىغاندا، شەھەر نوپۇسىدىكى بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبكار بولغۇچى ئۇنىڭ خۇن تۆلىمى ئۈچۈن 272 مىڭ 880يۈەن تۆلىسە، يېزا نوپۇسىدىكى بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبكار بولغۇچى ئۇنىڭ خۇن تۆلىمى ئۈچۈن 92 مىڭ 860 يۈەن تۆلەيدۇ)
- شۇنداق قانۇن بار، دەڭ. ئادەم دېگەننىڭ جېنى ئوخشاش ئەمەسمۇ؟ ھاياتلىقىمىزدىغۇ تەڭ بولالمايدىكەنمىز، ئۆلگەندىمۇ تەڭ بولمايدىكەنمىزدە.
خوشنام نېمىلەرنىدۇر دەپ غۇدۇرىغىنىچە چىقىپ كەتتى. لېكىن، ئۇنىڭ باياتىن دېگەن گەپلىرى كاللامدىن ئۇزاققىچە كەتمىدى.

3


بەزى كۈنلىرى ئىككى ئوغلۇمنىڭ ئۇرۇش-جېدىلىنى ئايرىپ بولالماي، باشلىرىم ئاغرىپ كېتىدۇ.
- دادا، ئاكام ئويۇنچۇقۇمنى تارتىۋالدى، - دەيدۇ كىچىك ئوغلۇم.
- مەن ئويناپ تۇراي دېسەم، بەرمىسە قانداق قىلىمەن؟- دەيدۇ چوڭ ئوغلۇم.
- ئۇكاڭنىڭ ئويۇنچۇقىنى تارتىۋالماي، ئۆزىگە بەر.
- ئەمىسە ماڭىمۇ شۇنداق ئويۇنچۇق ئېلىپ بەر.

بەزىدە جىدەل خېلى كەسكىن بولىدۇ.
- دادا، ئۇكام قولۇمنى چىشلىۋالدى.
- نېمىشقا ئاكاڭنىڭ قولىنى چىشلىۋالدىڭ؟
- تىزگىنەكنى بەرمىگەندىكىن.
- نېمە قىلاتتىڭ تىزگىنەكنى، ئاكاڭ قايسى قانالنى قويسا، شۇنى كۆرسەڭ بولمامدۇ؟
- مەن ئۇنى چۈشەنمىسەم. ئەمىسە، تېلېۋىزوردىن يەنە بىرنى ئېلىڭلار، شۇنىڭدا كۆرەي.

ئىككى ئوغلۇمنىڭ بىرىگە كىيىم-كېچەك ياكى ئويۇنچۇق ئېلىپ، يەنە بىرىگە ئالمىغان چاغلاردا، دائىم جىدەل چىقاتتى. بىر قېتىم ھەر ئىككىسىگە رەڭگى ۋە نۇسخىسى ئوخشاش كىيىم ئالدىم، پەقەت چوڭ-كىچىكلىكىلا ئوخشىمايتتى. بۇ قېتىم ھېچقايسىسىدىن گەپ چىقمىدى، ھەممەيلەن خۇشال بولۇشتۇق. شۇنىڭدىن كېيىن، ناھايىتى ئۇششاق ئىشلاردىمۇ ئىككى ئوغلۇمنىڭ باراۋەرلىكىنى ئويلاشنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان بولدۇم.
ئەلبەھرە تورى
www.elbehre.com
دوستلىشىش
dulbarqin310
ئاللاھ خالىسا كۈلۈپ ياشايمەن.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 931
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە931دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 9803 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-01-12

شەھەر نوپوس، يېزا نوپۇس دەپ ئايرىپ كېتىشنى توۋا.... يېزا نوپۇس بولسا نېمە بوپتۇ.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
atimiz qukum bugundin guzal bulidu !mana bu umid!!!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 130
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 487
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە487دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 4921 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-03
ئاخىرقى: 2012-01-11
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-01 10:15

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى dulbarqin310 نىڭ 2011-07-31 19:43 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
شەھەر نوپوس، يېزا نوپۇس دەپ ئايرىپ كېتىشنى توۋا.... يېزا نوپۇس بولسا نېمە بوپتۇ.

  ئەمەلىيەتتە نۇپۇسىنى ئايرىمايدۇ ، شەھەر نۇپۇس بىلەن يېزا نۇپۇستىكى كىشلەرنىڭ كىرىمى ئوخشىمايدۇ ، شۇڭا ئۈلۈم تۆلەم پۇلىمۇ ئوخشمايدۇ . ناۋادا بىر كۈنلەردە يېزا نۇپۇسلارنىڭ كىرىمى شەھەر نۇپۇسلاردىن ئېشىپ كەتسە يېزا نۇپۇسىدىكىلەرگە بىرىلىدىغان ئۈلۈم تۆلەم پۇلى شەھەر نۇپۇسىدىكىلەردىن يۇقىرى بۇلىدۇ . توغرا چۈشىنىڭلار !
راستچىللىق ----------- ئادىمىلىكنىڭ بىرىنچى قەدىمى !!!