باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 764 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مارىيەكيۇرى خانىم قىزلىرىنى مۇنداق تەربىيىلەپتىكەن…
نامراتلىق جىنايەت
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8360
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 14
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 170 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-29
ئاخىرقى: 2011-08-02
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-31 00:13

مارىيەكيۇرى خانىم قىزلىرىنى مۇنداق تەربىيىلەپتىكەن…

 بۈگۈن ئادىتىم بويىچە يەنە ئازىراق ۋاقىت چىقرىپ خەنچە مائارىپ بېكەتلىرىنى ئارىلاپ يۈرۈپ، گېگانت ئايال ئالىم مارىيە كيۇرىنىڭ قىزلىرىنى قانداق تەربىيىلىگەنلىكى ھەققىدىكى بىرپارچە ماقالىنى ئۇچرىتىپ قالدىم.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى كىيۇرى خانىم ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مەشھۇر ئايال ئالىم . ئۇ ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ قىسقىغىنە سەككىز يىل ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن خىمىيە ۋە فىزىكا پەنلىرى بويىچە ئايرىم-ئايرىم ئىككى نۆۋەت نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولغان.ئەلۋەتتە بۇ نوبىل تارىخىدا كەم ئۇچرايدىغان ھادىسە.كىيۇرى خانىم ئۇنىڭدىن باشقىمۇ يەنە نۇرغۇن شان-شەرەبلەرئىگىسدۇر.
ھەممىدىن بەك قىممەتلىك يىرى شۇكى،ئۇنىڭ ئىككى قىزىمۇ مول نەتىجىلەرنىڭ شەرەبدارلىرى بولغان.چوڭ قىزى ئېرىناكىيۇرى 1939-يىلى نوبىل خىمىيە مۇكاپاتىغا نائىل بولغان بولسا، كېچىك قىزى ئېۋەكىيۇرى كېينچە مەشھۇر مۇزىكا مائارىپچىسى ۋە ئاتاقلىق بېئۇگراپىيە يازغۇچىسى بولۇپ يېتىشكەن.
بىز ئادەتلىنىپ كەتكەن ئىڭىمىز بويىچە قارىساق مارىيە كىيۇرى خانىمدەك ئىككى قېتىم نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىمنىڭ قىزلىرىنى تەربىيىلەشكە نەدىمۇ چولىسى بولسۇن؟!
لېكىن مارىيە كىيۇرىنىڭ ئالىملىق بۇرچى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئائىلدىكى مېھرىبان ، تەلەپچان ئانىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ قويغىنى ياكى ئىمكانىيەت بەرمەي قالغىنى يوق -دەيدۇ مەزكۇر ماقالىدە .
ئۇنداقتا مارىيە كىيۇرىنىڭ قىزلىرىنى قانداق تەربىيىلىگەنلىكىگە  قاراپ باقايلى:
ئېرىنا ۋە ئېۋەلەر كېچىك چاغلىرىدا مارىيە كىيۇرى ئۇلارنىڭ قاراڭغۇدىن قورقماسلىقىنى، گۈلدۇرماما-چاقماقتىن قورقماسلىقىنى،ئوغرى-قاراقچى ،يۇقۇملۇق كېسەللەردىن قورماسلىقنى تەلەپ قىلاتتى ۋە شۇنىڭغا يېتەكلەيتى.1-جاھان ئۇرۇشىنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى ياۋرۇپانى قاپلىغان مۇدھىش كۈنلەردە ،ئەسلىدە چەتئەلدە تۇرىۋاتقان مارىيە كىيۇرى ئىككى قىزىنى مەجبۇرى ئېلىپ ۋەتەنگە قايىتىدۇ ۋە قىزلىرىغا ھەربىيچە فورما كىيدۈرۈپ ، ئۇلارنى ئاشلىق يېغىش ئەترىتىگە قاتناشتۇرىدۇ ۋە خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ ئۇلارنى كېچىكىدىن قورقماس ھەم مۇستەقىل قارىشى يىتىلگەن ئادەملەردىن بولۇشقا ئاساس سالىدۇ.
كىيۇرى خانىم ھەركۈنى قىزلىرىغا دەرس بىرىپ بولغاندىن كېيىن ، ئۇلارنى ئېلىپ سىرتلارنى ئايلىناتتى. ھاۋارايىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئېرىنابىلەن ئېۋە ئىككىسدىن پىيادە ئۇزۇن مۇساپە بىسىشى تەلەپ قىلىناتتى. مارىيە كىيۇرى خانىم يەنە ئۆز ھويلىسى ئىچىگە تورنىك قاتارلىق ئۆزى قول سىلىپ ياسىۋالغان چىنىقىش ئۈسكۇنىلرىنى ئورنىتىپ قىزلىرىنىڭ ھەركۈنى تەنھەرىكەت مەشىقلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن مۇھىت ھازىرلىغان ئىدى. ئۇيەنە دائىم دېگۈدەك قانچىلىك ھېرىپ-چارچاپ كەتكىدىن قەتئىي نەزەر ، قىزلىرىغا ھەمراھ بولۇپ ۋېلستىپلىق سەيلىگە چىقاتتى…
پەرزەنتلىرىنىڭ تالانتىنى قېزىش ئۈچۈن ، مارىيە كىيۇرى خانىم  قىزلىرى يېڭىدىن مەكتەپكە قەدەم قويغاندىن باشلاپ ھەركۈنى بىر سائەت ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئۇلارغا زىھىن ئىچىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ بەرگەن. ھەدە-سېڭىل ئىككەيلەن ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن ئۇيەنە ھەركۈنى قىزلىرى مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىرسائەتلىك «ئالاھىدە تەربىيە دەرىسى» تەسس قىلىپ،تەجرىبىخانىسىدا ئۇلارغا خىمىيە، ماتېماتىكا، ئەدەبىيات، تارىخ، ھەيكەلتاراشلىق، رەسىم سىزىش قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكەن.
دۇنياۋى داڭلىق كىشلەر ئارىسىدا ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئائىلىۋى مائارىپ تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ كىيۇرى خانىمدەك قىزلىرىنى «سۇمرۇغ»قا ئايلاندۇرالىغانلار بەك ئاز.كىيۇرى خانىمنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىدىكى رىتسىپ شۇكى ئۇ : قىزلىرىدا كىچىكىدىن تارتىپ مۇستەقىل ئىدراك -ئىدىيە تۇرغۇزغان، جىسمانى ساپاسىنى ئۆستۇرگەن، ئىرادە -قۇۋۋىتىنى تاۋلىغان، ئەڭ مۇھىمى ئۇ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئىككىلا قىزىنىڭ تالانتىنى قىزىپ چىقىرالىغان…
ۋەتەن :
- مېنىڭمۇ ئىككى قىزىم بار، بىر-بىرىدىن ئوماق ھەم زىھنى ئوچۇق چوڭ بولىۋاتىدۇ.لېكىن ئۇلارنى يەسلىگە بەرگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى «پېلان»لىرىم ئۆزپىتى تۇرماقتا…خىزمەت ببىسىمى ۋە تۇرمۇش رىتىمى دېگەنلەرنى باھانە قىلشىقا خوپ ئۇستا بولۇپ قالدۇق. بۈگۈن مەزكۇر يازمىنى ئوقۇش ۋە تەرجىمە قىلىش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى باھانىلىرىمىزنىڭ ھىچ ئورنى يوق ئىكەن.

مەنبە: ۋەتەن بلوگى
ۋەتەن بلوگىhttp://weten.me
دوستلىشىش
ۋىسال731
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8295
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 34
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە34دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 360 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-25
ئاخىرقى: 2011-12-18

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئائىلە تەربىيەسىگە ناھايتى ئەھمىيەت بەرگەن،قىيامەتكە قەدەر ئەسلىنىپ ،ھۆرمەت بىلەن ئېغىزلىرىمىزغا ئېلىنىپ ياد قىلىنىدىغان ئائىشە سددىق رەزىيەللاھۇ ئەنىھائانىمىزنى. ئەبۇ بەكرى سددقتەك ئەۋلىيالارنى،ئۈمەر رەزىيەللاھۇ ئەنىھۇدەك فارۇقلارنى، ئوسمان ئىبنى ئەففاندەك ھايالق،مەرىت، سېخى زاتلارنى،ھەزرىتى ئەلىدەك شىجائەتلىك زاتلارنى،ئەبۇ ئۇبەيدە ئامىر ئىبى جەرراھتەك ئامانەتدار زاتلارنى........ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تەربىيەلەپ يىتۈشتۈرۈپ چىققان.بۇنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ.