سىتۇق بوغراخان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى
قوبۇل قىلىشى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئەڭ قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەنىدى. بۇ دىن، كۆپ تەڭرىچىلىك دىنى دەپمۇ ئاتىلىپ، ھونلار دەۋرىدىن تارتىپ ( مىلادىدىن بىر نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا ) مىلادىنىڭ 10 - ئەسىرگىچە پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىن بولغان.
شەرقىي ئۇيغۇرلار ( ھززىرقى موڭغۇلىيە ۋە ئۇنىڭغا قوشنا بولغان جايلاردا ياشىغان ئۇيغۇرلار ) مىلادىنىڭ 8 - ئەسىرىدە ئۇيغۇر ــ ئۇرخۇن قاغانلىقىنىڭ قاغانى بوگو قاغاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن شامان دىنىدىن چىقىپ، مانىي دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىغان. غەربىي ئۇيغۇرلاردىن تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبى ( تارىم ۋادىسى ) دا ياشىغانلىرى مىلادىنىڭ 1 - ئەسىردىن باشلاپ شامان دىنىدىن چىقىپ، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىغان.
مىلادىنىڭ 840 - يىلى شەرقىي ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىن قىسقا بىر مۇددەت مانىي ئېتقادىدا قالغان بولسىمۇ ( تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىغا كۆچكەنلىرى ) غەربىي ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ( بولۇپمۇ تارىم ۋادىسىدا ) چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۇددا دىنىنىڭ تەسىرىدە، مانىي دىنىدىن چىقىپ، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىغان.
مىلادىنىڭ 10 - ئەسىرىدە ( سىتۇق بوغراخان مۇسۇلمان بۇلۇشتىن بۇرۇن ) ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىلىك قىسمى بۇددا دىنىدا ئىدى.
بۇددا دىنى مىلادىدىن 6 ئەسىر بۇرۇن ھىندىستاندا پەيدا بولۇپ، مىلادىنىڭ 2 - ئەسىرىگە كەلگەندە ئاسىيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرگە تارقالغان.
<< بۇددا >> دېگەن سۆز << ئاڭ ــ سېزىم، ئەس ــ ھوش >> دېگەن مەناغا ئىگە ئىمىش. بۇددا دىنىنى تارقاتقان كىشى ساكيامۇنى ( ئۇ مىلادىدىن 565 يىل بۇرۇن تۇغۇلۇپ مىلادىدىن 485 يىل بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن ) بۇلۇپ ، ئۇ ھىمالايا تېغىنىڭ باغرىدا ياشىغان ( ھازىرقى نېپالدىكى ) شاكى قەبىلىسىنىڭ بەگچىكى ئىدى. ساكيامۇنى ياش چېغىدىلا ئۆزىنى قىينىغان مەسىلىلەر ( ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلۇشى، قېرىشى، ئاغرىشى، ئۆلۈشى ۋە خىلمۇ خىل دەرد ــ ئەلەملەرنى تارتىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ) گە توغرا جاۋاپ تېپىپ، ئىنسانلارنى قانداق قىلغاندا ئازاب ــ ئوقۇبەتتىن قۇتۇلدۇرغىلى بۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئويلانغان. ئۇ ئاخىر 29 ياشقا كىرگەندە، يېرىم كېچىدە ئاتقا مىنىپ باشقا بىر قەبىلىنىڭ ئورمانلىقىغا كەتكەن. ئۇ ئورمانلىقتا ئالتە يىل دەرۋىش بولۇپ ياشىغان. ئۇ بىر لىپا دەرىخىنىڭ تۈۋىدە چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇپ: << ئەگەر مەن ئۈزۈل ــ كېسىل ئەقلى ــ ھوشۇمغا كەلمىسەم ( ئويغانمىسام ) ئۇستىخانلىرىم پارە ــ پارە بولۇپ كەتسە كېتىدۇكى، ئورنۇمدىن قوپمايمەن >> دەپ قەسەم ئىچكەن. ئۇ 35 ياشقا كىرگەن يىلى، كېچىدە بىر يورۇق يۇلتۇز شەرق تەرەپتە كۆرنۈش بەرگەنمىش، شۇ چاغدا ئۇ تۇيۇقسىزلا ئىشنىڭ يولىنى تېپىپ، بۇددا دىنىنى ئىجاد قىلغانمىش. شۇنىڭدىن باشلاپ ساكيامۇنى ھىندى يېرىم ئارىلىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا بېرىپ بۇددا ئەقىدىلىرىنى تارقاتقان.
بۇددا دىنى ھىندىستاندىكى ماۋرىيە خانلىقىنىڭ ( مىلادىدىن 230 يىل بۇرۇنقى چاغدىن مىلادىدىن 185 يىل بۇرۇنقى چاغقىچە ھۆكۈم سۈرگەن ) خانى ئاسۇكا دەۋرىدە كەشمىر ،كاندارا ( ھازىرقى پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر ئۆلكىسىگە توغراكېلىدۇ ) قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. ئاسۇكا ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمى بىلەن شىمالى قىسمىنى ئاساسەن بىرلىككە كەلتۈرگەن. ئۇ مىلادىدىن 260 يىل بۇرۇن بۇددا دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلىگەن ۋە ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى ئارقىلىق بۇددا دىنىنى تەشۋىق قىلغان.
بۇددا دىنى كوشان ئىمپېرىيىسى ( مىلادىدىن 50 يىل بۇرۇنقى چاغدىن مىلادىنىڭ 420 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ) دەۋرىدە، ھىندىستاندىن باشقا جايلارغا خېلى جىددىي سۈرەتتە تارقىلىشقا باشلىغان. ئۇيغۇرلار ئارىسىغا بولسا، كوشان ئىمپېراتورى قەنىشقا2 نىڭ ۋاقتىدا ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تارقىلىشقا باشلىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قەنىشقا2 بىر بۆلۈم مەشھۇر بۇددا سىرامانلىرى ( راھىبلىرى ) نى باشلاپ، ئۆزى خوتەنگە كەلگەنىكەن.
بۇددا دىنى 1 - ئەسىردىن 6 - ئەسىرگىچە بولغان مەزگىلدە، خوتەن، قەشقەر، كۇچا، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىغا تارقىلىپ ھۆكۈمران دىن سۈپىتىدە ئورۇن ئالغان.
بۇددا دىنى ئاۋۋال خوتەنگە تارقالغان بولسىمۇ، ئەمما كۇچا 6 - ئەسىردە بۇددىزمنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنىگە ئايلانغان، شۇ چاغدا كۇچادا يۈزلىگەن بۇددا ئىبادەتخانىلىرى، 10 مىڭ راھىب ۋە راھىبە بولغان. ياپونىيە تارىخچىسى يۇشى لياۋتى << غەربتە بۇددىزىم >> ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ : << كۇچادا بۇددانىڭ راۋاجلىنىپ يۈكسەك پەللىگە يېتەلىشى بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ پەزىلەتلىك ئالىي مۇقام راھىبلىرىنىڭ بولغانلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ راھىبلارنىڭ خان تەرىپىدىن ھىمايە قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بولغان. كوماراجىۋا ھىندىستاندىن قايتىپ كەلگەندە كۇچا خانى بەگ چوڭ ئاقسۇغا بېرىپ ئۇنى قارشى ئالغان. خان كوماراجىۋا ئۈچۈن شىر شەكلىدە ئالتۇن تەخت ياسىتىپ، تەخت ئۈستىنى رۇم دۇخاۋىسى بىلەن قاپلاتقان، خان كوماراجىۋانىڭ تەختكە چىقىپ ئولتۇرۇشىنى ئۆتۈنگەن. >>
ئۇيغۇرلار بۇددادىنىنى جۇڭگودىكى باشقا مىللەتلەرگە تۇنۇشتۇرۇشتا ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغان. بۇنىڭدا، كۇچالىق مەشھۇر بۇددسىت، شائىر ، ئۇلۇغ تەرجىمان كوماراجىۋا ( بۇ ئىسىم ھىندىچە ) نىڭ مىلادىنىڭ 5 - ئەسىرىدە چاڭئەنگە كېلىپ ناھايىتى نۇرغۇن بۇددانوملىرىنى ھىندىچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغانلىقىنى ئەسكە ئېلىش يېتەرلىك.
بۇددا دىنى نىمە ئۈچۈن ئاسىيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرگە تارقىلىپ كەتتى ؟ بۇنىڭ ئالاھىدە سەۋەبلىرى بار.
بۇددا دىنىدا : بۇدۇنيادا ياخشىلىق قىلغانلار ئۇ دۇنيادا ھالاۋىتىنى كۆرىدۇ، يامانلىق قىلغانلار ئۇدۇنيادا ئازاب - ئوقۇبەتتە قالىدۇ، دېگەن قاراش تەرغىپ قىلىنغان. لېكىن بۇددا دىنى كىشلەرنى ئازاب ــ ئوقۇبەتتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلسىمۇ، كۈرەشنى ئىنكار قىلىدۇ. شۇڭا ، ھىندىستاندىكى بولسۇن ياكى ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمرانلار تولاچاغلاردا بۇددا دىنىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى چىڭىتىش ۋە ئۇنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىشقا تىرىشقان، شۇڭا بۇددا دىنى ئەڭ دەسلەپ ھۆكۈمران خانلار ۋە بەگلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن، ئۇلار ئاۋام خەلقنى شۇ دىنغا ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن بارلىق چارە تەدبىرلەرنى قوللانغان.
بۇددا دىنى پەيدا بولغاندىن كېيىنلا بىر نەچچە ئېقىمغا ئايرىلغان. ئۇنىڭ بىرى ماخىيانا ( قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ئۇلۇغ كولۇڭگو دەپ ئاتىلىدۇ ) ئېقىمى بولسا، يەنە بىرى خىنايانا ( قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا كىچىك كولۇڭگو دەپ ئاتىلىدۇ ) ئېقىمى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ياپونىيە تارىخچىسى يۇشى لياۋتىنىڭ << غەربتە بۇددىزىم >> ناملىق ئەسىرىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار ماخىيانا ئېقىمىغا ئېتىقاد قىلغانىكەن.
ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇن ئېتىقاد قىلغان بۇددا دىنى توغرىسىدا ئېيتىدىغانلىرىمىز ھازىرچە شۇنچىلىك.
تۆۋەندە سىتۇق بوغراخاننىڭ مۇسۇلمان بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام دىنىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى توغرىسدا توختىلىمىز.
سىتۇق بوغراخاننىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغانلىقى توغرىسىدا بەزى رىۋايەتلەر مەۋجۇت، بۇ توغرىدا گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. بىر قەدەر ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سىتۇق بوغراخاننىڭ مۇسۇلمان بولۇشىدا ئەبۇنەسىر سامانى رول ئوينىغان.
ئەبۇ نەسىر سامانى ئەسلىدە سامانىلار پادىشاھلىقى ( مىلادىنىڭ 870 - يىلىدىن 1000 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ) نىڭ شاھزادىسى ئىدى. ئۇ سامانى پادىشاھى ناسىر2 نىڭ ۋاقتىدا ( مىلادىنىڭ 914 - يىلىدىن 943 - يىلىغىچە پادىشاھ بولغان ) سامانىلارنىڭ ھۆكۈمران تەبىقىسى ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىچكى كۈرەشتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، قاراخانىلارنىڭ پايتەختى قەشقەرگە قېچىپ كەلگەنىكەن. ئوغۇلچاق قانىتى ئاستىغا ئېلىپ، قەشقەرنىڭ شىمالىدىكى ئاتۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان. بەزى تارىخچىلار ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ قەشقەرگە كېلىشتىكى سەۋەبىنى يوقىرىقىدەك چۈشەندۈرىدۇ.
بەزى تارىخچىلار بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەبۇنەسىرسامانىنى سامانى پادىشاھى ناسىر سىتۇق بوغراخاننى مۇسۇلمان قىلىش مەقسىتىدە بۇخارادىن قەشقەرگە يولغا سالغان، دەپ چۈشەندۈرىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئىككى تۈرلۈك قاراشنىڭ قايسى توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكىدىن قەتئىينەزەر، سىتۇق بوغراخاننى مۇسۇلمان قىلغان كىشى بەرىبىر ئەبۇنەسىر سامانى بولۇپ چىقىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىنى، ئۆرپ ــ ئادەتلىرىنى مۇكەممەل بىلىدىغان ئەبۇنەسىرسامانى كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئاتۇشنىڭ ئارغۇ دېگەن يۇرتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلارغا ئوۋغا چىققان ياش شاھزادە سىتۇق بوغراخانغا يولۇقىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن تۇنىشىدۇ. بۇ ئىككى شەخس ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بارغانسېرى قويۇقلىشىدۇ، ئاخىر سىتۇق بوغراخان ئەبۇنەسىرسامانىنىڭ تەسىرىدە مۇسۇلمان بۇلىدۇ. سىتۇق بوغراخان مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇن، قەشقەردە ئىسلام دىنىغا كىرىپ ( يۇشۇرۇن ھالدا بولسا كېرەك ) مۇسۇلمان بولغانلارمۇ ئانچە ئاز بولمىسا كېرەك.
سىتۇق بوغراخان مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، قاتتىق كۈرەشلەردىن كېيىن تاغىسى ئوغۇلچاقنى يېڭىپ ( ئۆلتۈرگەن بولىشى مومكىن ) قاراخانىلار تەختىگە چىقىدۇ. مانا شۇ ۋەقە مىلادىنىڭ 920 - يىلى يۈزبەرگەن.
ئىسلا دىنى سىتۇق بوغراخاننىڭ بۇددىست ئۇيغۇرلارغا قارشى توختىماي ئېلىپ بارغان قانلىق كۈرەشلىرى ئارقىلىق قەشقەر، يەركەن، ئاقسۇ، بالاساغۇن، بارسىغان ( ئىسسىقكۆلنىڭ شەرقىي ) قاتارلىق جايلاردا، يەتتە سۇدىكى شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان قارلۇقلار ئارىسىدا يىلتىز تارتىشقا باشلايدۇ.
بۇددىست ئۇيغۇرلار سىتۇق بوغراخانغا ناھايىتى قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىدۇ، سىتۇق بوغراخان مىلادىنىڭ 943 - يىلى بالا ساغۇننى ئىسلام دىنىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن دۈشمەنلىرى قولىدىن تارتىۋالىدۇ.
سىتۇق بوغراخان مىلادىنىڭ 920 - يىلى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، قاراخانىلار بىلەن سامانىلارنىڭ مۇناسىۋىتى خېلى يېقىنچىلىق تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلغان. مىلادىنىڭ 921 - يىلى سامانىلارنىڭ خوراسان ئۆلكىسىدە كۆتۈرۈلگەن شىئەلەر ئىسيانىنى باستۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن، سىتۇق بوغراخان خوراسانغا كەلگەن ، قاراخانىلاردا ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى ۋە سىتۇق بوغراخاننىڭ سامانىلار ئىچىدىكى ئىسىيانلارنى باستۇرۇشتا كۈچ چىقارغانلىقىدىن خوشال بولغان سامانىلار پادىشاھلىقى سىتۇق بوغراخانغا كۆپ جەھەتتە ياردەم قىلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ماۋرەئۇننەھرى، خوراسان، ئافغانىستان قاتارلىق جايلاردىن قەشقەرگە ۋە بالاساغۇنغا نۇرغۇن ئالىملار كەلدى. مانا شۇ مۇسۇلمان ئالىملىرى سىتۇق بوغراخانغا ( ئابدۇكېرىم ) دەپ ئات قويۇشقان. سىتۇق بوغراخان دەۋرىدە ( مىلادىنىڭ 920 - يىلىدىن 956 -يىلىغىچە ) قويدۇرۇلغان تىللا پۇلدا << قاراخان سىتۇق ئابدۇكېرىم >> دېگەن خەتلەر بار. بۇنداق تىللا پۇلار ھازىر لېنىنگراد مۇزىيىدا ساقلانماقتا.
سىتۇق بوغراخان نىمە ئۈچۈن بۇددا دىنىنى تەرك ئېتىپ مۇسۇلمان بولدى؟ دۇنيادا سەۋەبسىز بىرەر ئىش بولمىغاندەك، 10 - ئەسىردە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىدا ناھايىتى مۇھىم سەۋەبلەر بار. كۆپچىلىكى بۇددا دىنىغا ئېتىاد قىلغان ئۇيغۇر ھۆكۈمرانلىرى بۇددا دىنىدىن پايدىلىنىپ، خەلق ئۈستىدىكى ھۆۈمرانلىقىنى چىڭىتىش ۋە ئۇزارتىشنى ئويلىغان. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن، بۇرۇنقى جەڭگىۋارلىقىنى يوقىتىشقا باشلىغان. چۈنكى، بۇددا دىنى تەركىدۇنياچىلىقنى تەرغىپ قىلىپ، كۈرەش قىلىشنى تەرغىپ قىلمايتتى. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنىڭ بۇددا دىنىغا قارىغاندا جەڭگىۋار روھقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلاردا ئىسلام دىنىغا كىرىش تۇيغۇسى ئويغاندى. يەنە بر تەرەپتىن ئۇيغۇر ھۆكۈمرانلىرى شامان، بۇددا، زاروئاسترو، مانىي خرىستىئان قاتارلىق دىنلارغا ئىشىنىدىغان ئۇيغۇرلارنى دىننىي ئېتىقاد جەھەتتىن بىرلا دىنغا ئىشىنىدىغان قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى دىننىي ئايرىمىچىلىق ئاساسىدا پەيدا بولغان زىدىيەتنى تۈگىتىپ، بىرلىككە كەلگەن، كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەرەبلەر ئىسلام دىنىنى ئاسىيادىكى خەلقلەر ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش ئۈچۈن، قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن كۆرە، دىپلوماتىيە تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. 8 - ئەسىردە، ئەرەبلەر ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنى مۇسۇلمان قىلىشقا كۈچەپلا قالماستىن، شەرقىي ئاسىيادا ياشايدىغان شەرقىي تۈركلەرنىمۇ، شەرقىي ئۇيغۇرلارنىمۇ مۇسۇلمان قىلىشقا ئۇرۇندى. مەسىلەن: ئەرەب ئۆممەۋىلەر خەلىپىلىكىنىڭ خەلىپىسى ھىشام ( 724 - 743 ) مىلادىنىڭ 730 - يىللىرى شەرقىي تۈركلەرنىڭ پايتەختى ئوتوكونگە ئەلچى ئەۋەتىپ، شەرقىي تۈرك قاغانى بىلگە قاغاننى شامان دىنىدىن چىقىپ ئىسلام دىنىغا كىرىشكە دەۋەت قىلغان بولسا، ئەرەب ئابباسىلەر خەلىپىلىكى ( 750 - 1258 ) نىڭ تۇنجى خەلىپىسى ئابدۇللا بىننى ئابباس مىلادىنىڭ 750 - يىلى تامىم بىنىنى بەھرئەل مۇتاۋۋىنى ئۇيغۇر ــ ئۇرخۇن قاغانلىقىنىڭ پايتەختى قارابالغاسۇنغا ئەۋەتىپ، قاغان بايانچۇرنى مۇسۇلمان بولۇشقا ئۈندىگەن، شەرقىي تۈركلەرمۇ، شەرقىي ئۇيغۇرلارمۇ ئەرەب ئەلىچىلىرىگە ئۆزرىخاھلىق ئېيتىپ، تۈرلۈك سەۋەبلەرگە كۆرە شامان دىنىنى تەرك ئېتىپ، ئىسلام دىنىغا كىرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
10 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ئىسلام دىنى دۇنياۋى دىنغا ئايلىنىپ، ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپادا ناھايىتى چوڭ تەسىر ۋە ئابرويغا ئىگە بولغانىدى.
يۇقىرىدىكى تۈرلۈك سەۋەبلەرگە كۆرە، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارغا قېرىنداش بولغان خەلقلەر شامان ۋە بۇددا دىنلىرىنى تەرك ئېتىپ، ئىختىيارى ھالدا ئىسلام دىنىغا كىرىشكە بەل باغلىدى. سىتۇق تېكىن مىلادىنىڭ 920 -يىلى مۇسۇلمان بولغاندىن تارتىپ، ئىسلام دىنىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا
تارقىتىش ئۈچۈن 36 يىل ( مىلادىنىڭ 920 - يىلىدىن 956 - يىلىغىچە ) كۈرەشكەن بولسا، ئىدىل بولغار خانلىقى ( 770 - 1400 ) نىڭ خانى
ئالماسخان ( 900 - 925 ) مىلادىنىڭ 920 - يىلى ھازار مۇسۇلمانلىرىدىن ئابدۇللا باشچىلىقىدا ئەلچىلەر ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئۇلارنى ئەرەب ئابباسىلەر خەلىپىلىكىنىڭ ( 750 - 1258 ) خەلىپىسى مۇقتەدىر ( 908 - 932 ) نىڭ ھۇزۇرىغا ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خەلىپىدىن ئىسلام ئەقىدىلىرىنى بۇلغارلارغا ئۆگىتىش ئۈچۈن ئالىملارنى ئەۋەتىپ بېرىشنى ئۆتۈنگەن، خەلىپە مۇقتەدىر ئالماسخاننىڭ ئەلچىلىرىنى قىزغىن ۋە خوشال قارشى ئالغان. خەلىپە مۇقتەدىر ئىدىل بۇلغارلىرىنىڭ پايتەختى بۇلغار شەھىرىگە ــ ئالماسخاننىڭ
ھۇزۇرىغا سۇسون ئارراسىس ئاتلىق كىشنىڭ باشچىلىقىدا ناھايىتى چوڭ ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ئەۋەتكەن. بۇ ھەقتە مۇنداق مەلۇمات بار :
<< مىلادىنىڭ 922 - يىلى خەلىپە مۇقتەدىرنىڭ بۇلغار پادىشاھىغا ئەۋەتكەن كارۋانى بىزگە مەلۇم بولغان سودا كارۋانلىرىنىڭ ئەڭ چوڭى ئىدى. بۇ كارۋان 5000 مىڭ كىشى بىلەن 3000 مىڭ ئات ۋە تۆگىدىن تەركىب تاپقانىدى. >> بۇ ئاددىي مەلۇمات ئەمەس، ئەلۋەتتە. بۇنداق كارۋانلار سودا جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى سىياسىي جەھەتتىنمۇ چوڭ ئىش ئىدى. ئۇزاق مۇساپىنى بېسىپ يىراقلارغا بارىدىغان كارۋانلار ئادەتتە 200 ــ 300 تۆگە ياكى ئاتلار بىلەن تەخمىنەن شۇنچىلىك كىشىلەردىن ئىبارەت بولاتتى، كارۋاننى پەقەت سودا ئۆمىكىلا دەپ قاراش ناتوغرا بولىدۇ . كارۋان تەركىبىگە سودىگەرلەر، ساقچىلار، كارۋانغا قارايدىغان كىشىلەر ئەمەس، بەلكى يەنە ھاكىملارنىڭ بويرۇقى بىلەن ياى ئۆز ئىختىيارى بىلەن يېڭى جايغا بارىدىغان ھۈنەرۋەنلەر، شۇنىڭدەك ئالىملار، رەسساملار، ئۇستىلار، ساياھەتچىلەر، دىپلوماتىك ئەلچىلەر ھەم كىرەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سودىگەرلەرگە كۆپىنچە دىپلوماتىك تاپشۇرۇقلارمۇ بېرىلەتتى.
مىلادىنىڭ 922 -يىلى سۇسو ئارراسىس باشچىلىقىدا، ئىبنى پازلاننىڭ كاتىپلىقىدا، مۇقتەدىر تەرەپتىن ئالماسخاننىڭ ھۇزۇرىغا ئەۋەتىلگەن چوڭ كارۋان، يالغۇز سودا مەقسىتى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى دىپلوماتىيە، ھەربىي تېخنىكا ۋە دىنىي ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئۈچۈنمۇ بۇلغار شەھىرىگە بارغانىدى.
باغداتتىن يولغا چىققان چوڭ ئەلچىلەر ئۆمىكى خوراسان، بۇخارا، خارەزىمى قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ، ئىدىل بۇلغارلىرىنىڭ پايتەختى بۇلغارغا كەلگەن. مانا شۇ ئەرەب ئەلچىلىرى ئىدىل بۇلغارلىرىنىڭ خانى ئالماسخانغا كاسپى دېڭىزىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن تارتىپ قارا دېڭىزنىڭ شىمالىغىچە بولغان جايلاردا ياشايدىغان ھازارلارنىڭ ( 965 - 968 ) قاغانى ھارون2 گە، ئارال كۆلى بىلەن كاسپى دېڭىزىنىڭ ئارلىقىدا ياشايدىغان ئوغۇزلارنىڭ خانى سالجۇق بەگكە، خەلىپە مۇقتەدىر تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن مەكتۇپ ۋە ئېسىل سوۋغىلارنى ئەكەلگەن.
مىلادىنىڭ 922 - يىلى ئەھمەت بىننى پازلان ئىدىل بۇلغار خانلىقىدىن باغداتقا قايتقاندىن كېيىن، بۇلغارلار، ھازارلار ، ئوغۇزلار توغرىسىدا ياخشى مەلۇمات بېرىدىغان ساياھەتنامە يازغان. بۇ قىممەتلىك ئەسەر بىزگىچە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇلغار، ھازار، ئوغۇزلار تارىخىنى ئۆگىنىشتە مۇھىم ماتېرىيال بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ.
زەكى ۋەلىدى توغان بۇلغار خانى ئالماسخاننىڭ مۇسۇلمان بولغان ۋاقتىدىكى ئەھۋالى توغرىسىدا مۇنداق دەپ يازغان: << ئەرەب ئابباسىلار خەلىپىسى مۇقتەدىرنىڭ ئەلچىلىرى بۇلغار شەھىرىگە كىرىشكە بىر كۈنلۈك يول قالغاندا، ئالماسخاننىڭ ۋەزىرلىرى، ئوغۇللىرى ھەم قېرىنداشلىرى ئەلچىلەرنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىشتى، ئەلچىلەرنى يېمەك ــ ئچمەك، تۇز ۋە تارى بىلەن مېھمان قىلدى.
بۇلغار شەھىرىگە 15 چاقىرىم قالغاندا، ئالماسخان ئۆزى ئەلچىلەرنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئاتا ــ بوۋىلارنىڭ ئادىتى بويىچە، ئالماسخان ئاتتىن چۈشۈپ، ھۆرمەتلىك مېھمانلارغا قاراپ سەجدە قىلدى. ئۇ يېڭىنى تۈرۈپ ئۆزى ئەكەلگەن ئالتۇن ۋە كۈمۈش پۇللارنى چاچتى ۋە مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى. ئەلچىلەر ناھايىتى چوڭ شۆھرەت ۋە دەبدەبە بىلەن بۇلغار شەھىرىگە كىردى. ئالماسخان ئۇلار ئۈچۈن كىگىز ئۆي قۇرغۇزۇپ، شۇ ئۆيدە مېھمانلارغا زىياپەت بەردى. تۆت كۈن ئىچىدە بۇلغار خانلىقىنىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىدىن مۆتىۋەر كىشىلەر، ئاتاقلىق خانلارنى يىغىپ ناھايىتى چوڭ دەبدەبە بىلەن ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ناھايىتى چوڭ ۋە مۇقەددەس بولغان بۇ توي
ئاجايىپ قىزغىن مۇھەببەت ۋە تەنتەنە بىلەن ئۆتتى. ئالماسخان پۈتۈن مۆتىۋەر كىشىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەلچىلەر ئالدىدا ئىمان ئېيتتى. ئالماس دېگەن ئىسىمنى جەپەرگە ئۆزگەرتتى. ئۇ ، مەسچىتلەر سالدۇرۇپ، ئۆز نامىنى قۇتبىدا ئوقۇشقا ئەمىر قىلدى. بۇ ۋەقە ھىجىرىيىنىڭ 310 - يىلى 16 - مۇھەررەمدە (مىلادىنىڭ 922 - يىلى 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدە ) بولغانىدى. >>
ئىدىل بۇلغارلىرى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، ئالماسخاننىڭ ئوغلى ئەھمەتخان مىلادىنىڭ 944 - يىلى نۇرغۇن ئېسىل ھەدىيەلەرنى ئېلىپ، ئەرەب ئابباسىلار خەلىپىسى مۇتىتىقى ( 940 - 944 ) نى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن باغدادقا بارغان. بۇلغار خانى مۇھەممەتخان مىلادىنىڭ 986 - يىلى رۇس كىيىۋ دۆلىتىنىڭ مەشھۇر كېنەزى ( خانى ) ۋىلادىمىرغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇنى مۇسۇلمان بولۇشقا دەۋەت قىلغان.
مۇھەممەتخاننىڭ ئىسلام دىنىنى رۇسلار ئارىسىدا تارقىتىش ئۈچۈن قىلغان ھەركىتى ئۈنۈم بەرمىگەن. ۋىلادىمىرنىڭ شەرقىي روما ئىموېرىيىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يېقىن ئىدى. ئۇ شەرقىي روما ئىمپېراتورى ۋاسىلىئوس2 ( 976 - 1025 ) نىڭ سىڭلىسىغا ئۆيلەنگەنىدى. ۋىلادىمىر خرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلىش ۋە شەرقىي روما ئىمپېراتورىغا قېرىنداش بولۇش ئۆز ھاكىميىتىنى مۇستەھكەملەيدۇ دەپ ئويلايتتى. ۋىلادىمىر شەرقىي رومانىڭ تەسىرى بىلەن ئىسلام دىنىغا كىرمەي، 998 - يىلى خرىستىئان دىنىغا كىردى. ئۇ كىيىۋدىكى مەجۇسى دىنىنىڭ بۇتلىرىنى چېقىپ تاشلىدى. كىيىۋ ئاھالىسىنى دىنپىر دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈپ يۇيۇندۇردى ۋە خرىستىئان دىنىغا كىرگۈزدى.
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، 10 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ئىسلام دىنىنىڭ زەپەرمارشى جاراڭلاپ، دۇنيانىڭ كۆپ جايلىرىنى لەرزىگە كەلتۈرگەنىدى.
مىلادىنىڭ 920 - يىلى سىتۇق بوغراخان مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، خوتەن ،كۇچا خانلىقى ۋە ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىدىكى بۇددىست ئۇيغۇرلار ئىسىيان كۆتۈرۈپ ( ئۇلار كۆل بىلگە قاراخان ۋاقتىدا بويسۇندۇرۇلغان ) مۇستەقىللىق جاكارلىغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئالتاي، ئىلى ئەتراپىدىكى شامان، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارمۇ ئىسىيان كۆتۈرگەن. مانا شۇنداق ئېغىر ئەھۋال يۈز بەرگەندە، سىتۇق بوغراخان قىلچە ھودۇقماي ناھايىتى سالماقلىق بىلەن ئىسىياننى باستۇرۇشقا كىرىشكەن.ئۆزى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلاردىن تۈزۈلگەن قوشۇنغا باش بولۇپ خوتەنگە يۈرۈش قىلغان. ئۇ ، قاتتىق ئۇرۇشلاردىن كېيىن، خوتەن خانىنى مەغلۇپ قىلىپ، شەھەرنى قورشىۋالغان. شەھەر ئىچىدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ ماسلىشىپ ياردەم بېرىشى ئارقىلىق شەھەر ئوڭۇشلۇق ئېلىنغان. سىتۇق بوغراخان خوتەننى بويسۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، كۇچادىكى بۇددىست ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرۈش قىلغان. شۇ چاغدا ھىندىستاندىن قالسىلا بۇددا دىنىنىڭ ئىككىنچى يۇرتى دەپ ئاتالغان كۇچا ناھايىتى قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ مەغلۇپ بولۇپ باش ئېگىشكە مەجبۇر بولغان. بۇددىست ئۇيغۇر خانلىقلىرى ئىچدە كۇچاباي، مەدەنىيەتلىك، كۈچلۈك خانلىق ئىدى. تېررىتورىيىسىگە، ھازىرقى كۇچا، بۈگۈر، شايار،باي، ئاقسۇ، توقسۇ ناھىيىلىرى كىرەتتى. كۇچانى مەركەز قىلغان كۇچا خانلىقى جەنۇبتا خوتەن بىلەن غەربتە قەشقەر بىلەن ( مارالبېشىدىكى تۇمشۇق چېگرا قىلىنغان )، شەرقتە قارا شەھەر بىلەن چېگىرىداش بولۇپ، شىمالدا تەڭرىتېغىغا يانداشقان.
سىتۇق بوغراخاننىڭ شۇ قېتىمكى يۈرۈشلىرىدە ( مىلادىنىڭ 935 - يىللىرى بولسا كېرەك ) خوتەن بىلەن كۇچا بويسۇندۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇسۇلمان بولماي، بۇددا دىنى ئېتىقادىدا قالغان.
سىتۇق بوغراخان خوتەن بىلەن كۇچاغا قىلغان يۈرۈشلىرىدىن قايتىپ كېلىپ، ئۇيغۇر ئىدىقۇت قاغانلىقىنى بويسۇندۇرۇش تەييارلىقىنى قىلغان.
ئۇ ئۇيغۇر ئىدىقۇت قاغانلىقنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن، قاراخانىلار قوشۇنلىرىنى ئىككى يۆلىنىش بويىچە بويىچە ــ شىمال ( ئىلى تەرەپ ) ۋە جەنۇب ( قاراشەھەر تەرەپ ) تەرەپتىن ئاتلاندۇرغان. بۇ چاغدا ، ئۇيغۇر ئىدىقۇت قاغانلىقىنىڭ تەختىدە كىمنىڭ ئولتۇرغانلىقى نامەلۇم. ئەگەر سىتۇق بوغراخاننىڭ ئۇيغۇر ئىدىقۇت قاغانلىقىنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن قوشۇن ماڭدۇرغان ۋاقتى مىلادىنىڭ 940 - يىلىغا توغرا كىلىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا، ئۇيغۇر ئىدىقۇت قاغانلىقىنىڭ قاغانى ئىردىمىن قاغان ( مىلادىنىڭ 940 - يىلىدىن 948 - يىلىغىچە قاغان بولغان ) بولغان بۇلىدۇ.
ئۇيغۇر ئىدىقۇت قاغانلىقىنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن يولغا چىققان قاراخانى قوشۇنلىرى بىر قانچە قېتىملىق قاتتىق ئۇرۇشلار ئارقىلىق ئىدىقۇت بۇددىستلىرى ئۈستىدىن غەلبە قىلغان. لېكىن ئۇيغۇر ئىدىقۇت قاغانلىقىدىكى بۇددىست ئۇيغۇرلار بۇددا ئېتىقادىدا قېلىش شەرتى بىلەن قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ مەركىزى قەشقەرگە بويسۇنغان.
ئۇيغۇر ئىدىقۇت قاغانلىقىنى قايتىدىن بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلاردا ئەبۇنەسىر سامانىنىڭ ئوغلى ئابدۇلپەتتاھ ناھايىتى ئۈنۈملۈك خىزمەت كۆرسىتىپ، يۈكسەك شۆھرەتكە ئىگە بولغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىتۇق بوغراخان، ئۇنىڭغا << ئالپ تېكىن >> ( قەھرىمان شاھزادە ) ئۇنۋانىنى بەرگەن .
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ مۇسۇلمان بولۇشىدا ئۆمرىنى كۈرەش بىەن ئۆتكۈزگەن، قاراخانىلار دۆلىتىنى قۇدرەتلىك ھالغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسىنى سالغان، ئۇتتۇرا ئاسىيا مەدەنيىتىنىڭ گۈللەپ ياشناپ،شانلىق بىر باسقۇچقا قەدەم قويۇشى ئۈچۈن كەڭ شارائىت يارىتىپ بەرگەن تالانتلىق ھەربىي يولباشچى، دانىشمەن سىياسەتچى، ئاتاقلىق مەرىپەتپەرۋەر قەتئىي ئىرادىلىك بولغان سىتۇق بوغراخان مىلادىنىڭ 956 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ جەسىتى ئۆز ۋەسىيىتى بويىچە، ئۇنى مۇسۇلمان قىلغان ھۆرمەتلىك ئۇستازى ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان. ئاتۇشتىكى ھەزرىتى سۇلتان مازارى سىتۇق بوغراخاننىڭ جەسىتى دەپنە قىلىنغان جاينىڭ دەل ئۆزى. مانا شۇ ھەزرىتى سۇلتان مازارىدا ئەبۇنەسىر سامانىنىڭمۇ قەبرىسى بار.
ئالپ تېكىن ( قەھرىمان شاھزادە )
سىتۇق بوغراخاننىڭ بايتاش ( مۇسۇلمانچە ئىسمى مۇسا ) ، توڭگا ئىلىك ( مۇسۇلمانچە ئىسمى سۇلايمان ) ئاتلىق ئىككى ئوغلى بولغان.
سىتۇق بوغراخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، مۇسا بوغراخان قاراخانىلارغا قاغان بولغان، مۇسا بوغراخان ( 956 - 958 ) ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئالەمدىن ئۆتتى.
سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ۋاقتىدا ( 958 - 970 )، ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا كەڭ ۋە چوڭقۇر ھالدا يىلتىز تارتتى. مىلادىنىڭ 960 -يىلى يەتتەسۇ ۋە تارىم ۋادىسىدا ئولتۇراقلاشقان 200 مىڭ ئۆيلۈك ئۇيغۇر مۇسۇلمان بولدى. شۇيىلى سۇلايمان ئارسلانخان ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى دەپ جاكارلىدى.
شۇ مەزگىلدە خوتەن ۋە ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى ئسىيان كۆتۈردى. سۇلايمان ئارسلانخان خوتەن بۇددىستلىرنى بويسۇندۇرغان بولسىمۇ،
ئۇلار يەنە ئىسىيان كۆتۈردى.تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خوتەندىكى بۇددىست ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئۇرۇش مىلادىنىڭ 975 - يىلىدىن تارتىپ، 998 - يىلغىچە ( 20 يىل ) سوزۇلغان.
سۇلايمان ئارسلانخان مىلادىنىڭ 965 - يىلى قاراخانى قوشۇنلىرىنى ئالپ تېكىن باشچىلىقىدا ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى مىڭلاق ( ھازىرقى
غۇلجا ) غا ماڭدۇرغان. ئالپ تېكىن مىڭلاقتىكى ئۇيغۇرلارنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتكەن
مانا شۇ ئۇرۇش توغرىسىدا توقۇلغان قوشاقلار ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە:
كېمە ئىچىگە ئولتۇرۇپ،
ئىلى سۈيىنى كەچتۇق بىز.
ئۇيغۇر تەرەپكە يۈزلىنىپ،
مىڭلاق ئىلىنى ئاچتۇق بىز.
تۈن بىلەن باستۇق،
ھەرتەرەپتىن بۆكتۈرمە قويدۇق.
ئاتلىرىنىڭ كوكۇلالىرىنى كەستۇق،
مىڭلاق ئەرلىرىنى سويدۇق.
بەلگە تاقاپ ئاتلارغا،
ئۇيغۇردىكى تاتلارغا.
ئوغرى ياۋۇز ئىتلارغا،
خۇددى قۇشلاردەك ئۇچتۇق.
قاراخانىلارنىڭ خوتەندىكى ئۇيغۇر بۇددىستلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى توغرىسىدىمۇ قوشاقلار توقۇلغان مەسىلەن :
كەلكۈن بولۇپ ئاقتۇق،
كەنتلەرنىڭ ئۈستىگە چىقتۇق.
بۇتخانىنى يىقىتتۇق،
بۇت ئۈستىگە چىچتۇق.
سۇلايمان ئارسلانخان مىلادىنىڭ 970 - يىلى ئالپ تېكىننى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇلارنى مۇسۇلمان قىلشقا ئەۋەتكەن، ئالپ تېكىن ئاقسۇ، كۇچادىن ئۆتۈپ قارا شەھەرنى ئىشغال قىلغان. ئاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئىدىقۇت خاقانلىقىنىڭ قىشلىق پايتەختى
قارا غوجىغا ھۇجۇم قىلغان. قانلىق ئۇرۇشلاردىن كېيىن، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خاقانلىقىنى خاقانى ئارسلان تېكىن ( مىلادىنىڭ 948 - يىلىدىن 980
يىلىغىچە خاقان بولغان ) مەغلۇپ بولۇپ بەشبالىققا چېكىنگەن. ئالپ تېكىن ھازىرقى تۇرپان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنى ئىگىلىۋالغاندىن
كېيىن، بەشبالىققا قاراپ يۈرۈش قىلغان، لېكىن ئارسلان تېكىن بەشبالىقنىڭ جەنۇبىدىكى تەڭرىتېغىنىڭ قاراغوجىغا بارىدىغان يولدىكى تاغ ئېغىزىغا نۇرغۇن قوشۇن توپلاپ، ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشقا تەييارلىنىپ تۇرغان. ئالپ تېكىن ئەنە شۇ جايدا بولغان ئۇرۇشتا ئۆلگەن. ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان قاراخانى قوشۇنلىرى تەرەپ - تەرەپكە تاراپ كەتكەن. ئارسلان تېكىن قارا غوجا بىلەن قاراشەھەرنى قاراخانىلاردىن تارتىۋالغان.
رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئالپ تېكىننىڭ جەسىتى ئۇرۇش بولغان جاي ( تەڭرىتېغىنىڭ قارا غوجىغا بارىدىغان يولدىكى تاغ ئېغىزى ) غا دەپنە قىلىنغان. 14 - ئەسىردە، تۇرپاندىكى بۇددىست ئۇيغۇرلار تولۇق مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، ئالپ تېكىننى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ھازىرقى تۇرپان ئاستانىدا << ئەلپەتتا >> ناملىق مازارنى بىنا قىلغان. << ئەلپەتتا>> ــ ئالپ تېكىننىڭ ئەسلى ئىسمى ئابدۇلپەتتاھنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان.
تۇرپاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، << قاراغوجا >> دېگەن ئىسىم توغرىسىدا مۇنداق بىر رىۋايەت ھازىرغىچە ساقلانغان. ئېيتىلىشچە، ئالپ تېكىن ئۇيغۇر ئىدىقۇت قاغانلىقىنىڭ قىشلىق پايتەختىگەھۇجۇم قىلغاندا، قارارگاھىنى ھازىرقى سىڭگم ئېغىزىغا جايلاشتۇرغانىكەن. ھەركۈنى تاڭ ئاتقاندا، ئالپ تېكىن ئاتقا مىنىپ شەھەھرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن سىڭگىم ئېغىزىدىن چىققاندا، شەھەر سېپىلى ئۈستىدە تۇرغان بۇددىست
ئۇيغۇرلار << قاراغوجا كەلدى >> ، << قاراغوجا كەلدى >> دەپ ۋارقىرىشىدىكەن. مانا شۇ << قاراغوجا >> دېگەن ئىسىم كېيىنىگە كېلىپ شەھەرنىڭ ۋە شۇ شەھەر يېنىدىكى يېزىنىڭ نامى بولۇپ قالغان. ھازىر تۇرپان ئاستانىدىكى كونا شەھەرنى << ئىدىقۇت شەھىرى >> ۋە << قاراغوجا >> دەپ ئاتىشىدۇ. يەنە << قاراغوجا >> دەپ ئاتىلىدىغان ناھايىتى چوڭ بىر يېزىمۇ بار.
تارىختا، قەدىمكى چاغلاردا، ھازىرقى تۇرپان ئاستانىدىكى كونا شەھەرنى << ئىدىقۇت شەھەرى >> دەپ ئاتىغانلىقى توغرىسىدا تازا ئېنىق
مەلۇمات يوق.
نىمە ئۈچۈن، بۇددىست ئۇيغۇرلار ئالپ تېكىننى << قاراغوجا >> دېگەن ؟ رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە: ئالپ تېكىن قاراخانىلارنىڭ شاھزادىلىرى قاتارىدىكى قەھرىمان بولغانلىقى ئۈچۈن << قاراخانىلار >> دىكى << قارا >> نى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇنى << قاراغوجا >> دەپ ئاتىغانىكەن. يەنە شۇ رىۋايەتنىڭ باشقىچىرەك خىلىمۇ بار. ئۇنىڭدا ئالپ تېكىن، ئەرەب بولغانلىقى ئۈچۈن ( << ئەلپەتتا >> مازارىدىكى نەسەبنامىدە ئالپ تېكىننى پەيغەمبەر ئەۋلادى قىلىپ كۆرسەتكەن ) چىرايى قارا ئىكەن، شۇڭا ئۇنى << قاراغوجا >> دەپ ئاتىغان، دېيىلىدۇ.
بىزنىڭچە بۇ رىۋايەت ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. چۈنكى ئالپ تېكىن ئەرەب بولماستىن، بەلكى ئىران نەسلىگە مەنسۇپ بولغان تاجىكلاردىن كېلىپ چىققان سامانىلارنىڭ ئەۋلادى ئىدى. بىز رىۋايەتنىڭ باشتىكىسىنى قوبۇل قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى ئالپ تېكىننىڭ << قاراغوجا >> دەپ ئاتىلىشى << قاراخانىلار >> دىكى << قارا >> سۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇندەك تۇرىدۇ.
شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ھازىرقى سىڭگىم ئېغىزىدا، << ئاتلاشغوجام >> دېگەن بىر جايمۇ بار. تۇرپان خەلقى ئارىسىدا ھېلىغىچە ساقلىنىپ قالغان رىۋايەتتە ئىيتىلىشچە : ئالپ تېكىن تاڭ ئاتقاندا، شەھەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ماڭىدىغان چاغدا، شۇ جايدىن ئاتقا مىنىدىكەن. كىشىلەرنىڭ مانا شۇ ۋەقەنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن ئاشۇ جايغا << ئاتلاشغوجام >> دەپ نام بەرگەن.
مەنبە: تارىخى يىلنامىلەر.