ئەلى رەزىياللاھۇ ئەنھۇ:
1.
2.ئەگەر دۇنيا بىرسىگە باقماقچى بولسا، ئۇ باشقىلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى ئۇنىڭغا بېرىدۇ، ئەگەر دۇنيا ئۇنىڭدىن كەچمەكچى بولسا، ئۇنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان گۈزەل ئەخلاقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ.
3.ئەگەر سەن قېچىپ،ئەزرائىل قوغلاۋاتقان بولسا، ئۇزۇنغا بارماي ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىسەن.
4.سېخىي بولۇش، ئىسراپخورلۇق قىلماسلىق؛ تېجەشلىك بولۇش، پىخسىق بولماسلىق.
5.ئازاپ ئوقۇبەت،ئاللاھنىڭ نەزىرىدە سىز ئىنتىلگەندىنمۇ نەچچە ھەسسەئوڭۇشلۇق.
6.غەلىبە قەتئىيلىكتىن كېلىدۇ،قەتئىيلىك پۇختا پىلانلاشتىن كېلىدۇ،پۇختىلىق مەخپىيەتلىكنى ساقلاشتىن كېلىدۇ.
7.سىلەر ئاچ قورساق ئاقكۆڭۈل كىشىدىن، قورسىقى تويغان ئەسكى ئادەمدىن ھەزەر ئەيلەڭلار.
8.خەلقنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئەڭ تېگىشلىك بولغان كىشى،كىشىلەرنىڭ ھەممىسى جازالىيالايدىغان كىشىدۇر.
9.كىشى يۇرتىدا باي بولساڭ،كىشى يۇرتىمۇ ئۆز يۇرتۇڭدەك، ئۆز يۇرتۇڭدا نامرات بولساڭ،ئۆز يۇرتۇڭدىمۇ مۇساپىردەك ياشايسەن.
10.ئالىيجاناپلىق كەمبەغەللىكنىڭ زىننىتى،مىننەتدارلىق دۆلەتمەنلىكنىڭ زىننىتى
11.ئەقىل-ئىدراك پىشىپ يېتىلگەندە،ئوي-پىكىر ئوچۇق بولىدۇ.
12.ئارزۇ-ئارمان كىشىنى ھاياتلىقنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يېتەكلەيدۇ.
13.ئۈمىتسىزلەنگەن چاغدىكى ئۆكۈنۈش ئەقىلگە سىغمايدۇ.
14. ھەقىقىي بىر ئەمەلدار،كىشلەرنى ئاللاھىنىڭ شەپقىتىدىن ئۈمۈتسىزلەندۈرمەيدۇ،ھەم ئاللاھنىڭ تەدبىرلىرىگە سەل قارىغۇزمايدۇ.
15-ھەقىقىي كۈيىنىدىغان ئەمما يېيىپ يۈرمەيدىغان كۆز ھەبىر ھادىسىگە سىنچىلاپ قارايدۇ.چۈنكى كۆڭۈل بۆلىدىغانلار ئاز،ئەمما يېيىۋېتىدىغانلار كۆپ.
16-
17-ئاچكۆزلۈك بولسا ئاخىرى چىقمايدىغان ئاسارەتتۇر.
18-
19-قانائەت قىلىشنى بىلمەيدىغان ئادەم ئۆلۈمدىنمۇ ئۈمۈتسىزلىنىدۇ
20-كىشىنىڭ تۈرلۈك ئارزۇ ئارمانلىرى بولىدۇ.بەزىدە ئۇ ئارزۇ ئامانلارغا ئىنتىلسە بەزىدە ئۇنىڭغا نەپرەت بىلەن قارايدۇ.ئەگەر ئىنىلىشتىن بۇرۇن كۆڭۈلگە پۈكۈلگەن بولسىمۇ،ئەمما ئۇنىدڭن بىزار بولغاندا ئۇ ئارزۇ ئارمانلار كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ.
21-ئاللاھتىن ھېيىقىڭلار،سىلەر ئۇچۇق ئاشكارە سۆزلىسەڭلەرمۇ ئۇ ئاڭلىيالايدۇ.سىلەر يۇشۇرساڭلارمۇ ئۇ بىلەلەيدۇ.ئۆلۈمدىن ئاگاھ بۇلۇڭلار،ئۇنىڭدىن قاچساڭلارمۇ ئۇ سىلەرنى تۇتىۋالالايدۇ.سىلەر ئۆلۈمنى ئۇنتۇپ قالساڭلارمۇ ئۇ سىلەرنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
22-ساخاۋىتىڭلارغا ئېرىشكۈچى سىلەرنىڭ ئېھسانىڭلارنى بىلمەسلىكى تۈپەيلى قىلىۋاتقان خەيرى-ئېھسانىڭلارنى توختۇتۇپ قويماڭلا ...بەلكىم مەنپەئەتلەنگۈچى سىلەرگە رەھمەت ئېتماسلىقى،ۋە ياكى مەنپەئەتلەنگۈچىنىڭ مىننەتدارلىقى كۆرەلمەسلەرنىڭ لەنەتلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىشى مۇمكىن.ئاللاھ ساخاۋەت قىلغۇچىنى ياخشى كۆرىدۇ.
23-قانائەت بىر خىل بايلىق.ئەخلاق-پەزىلەت بولسا بىر تۈرلۈك ھىممەت.
24-ئۇ ئوغلى ھەسەنگە دىدىكى:«باشقىلار بىلەن دوئىلغا چۈشمە،ئەگەر سېنى باشقىلار دوئىلغا چۈشۈشكە چاقىرغان ۋاقىتتا ،سەن دوئىلغا چۈش.دوئىلغا چاقىرغۇچى زۇلۇم قىلغۇچىدۇر.زۇلۇم قىلغۇچىلار مەغلۇپ بولغۇچىلاردۇر.»
25-غەزەپلىنىش تەلۋىلىكنىڭ بىر شەكلى،غەزەپلەنگەن كىشى ئاقىۋەت پۇشايمان قىلىدۇ.ئەگەر ئۇ پۇشايمان قىلمىسا ئۇ ھەقىقەتەن بىر تەلۋىدۇر.
26-ساۋاقلار ھەقىقەتەن كۆپ،ئەمما شۇ ساۋاقنى قۇبۇل قىلىدىغان ئادەم ھەقىقەتەن ئاز.
27-سېنى چىن يۈرىكىدىن دوستۇم دەپ قارىغان كىشى بىر كۈنلەردە سېنىڭ ئەشەددي دۈشمىنىڭگە ئايلىنىشى مۇمكىن.سېنى ئەشەددى دۈشمەن بىلگەن كىشى بىر كۈنلەردە سېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇڭغا ئايلىنىشى مۇمكىن.
28-بىر كىشى ئەلىدىن(ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن)«ئادەملەر شۇنچە كۆپ،ئاللاھ قانداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ياخشى يامانلىقىدىن ھېساپ ئېلىپ ئېلىپ بولالايدۇ؟»دەپ سورىغىنىدا ئۇ:«ئاللاھ ئۇلارغا نىئمەت بەرگەندىمۇ ئۇلار شۇنداق كۆپ ئىدى.»دەپ جاۋاپ بەرگەن.بىر كىشى ئەلىدىن«ئاللاھ ئۇلارغا قاراپ تۇرمىسا قانداق ھېساب ئالىدۇ؟»دەپ سورىغىنىدا ئۇ:«ئاللاھ ئۇلارغا نىئمەت بەرگەندىمۇ ئۇلاغا قاراپ تۇرمىغان.»
29-بىر كىشى سوراپتۇ:«سەن نىمىگە ئاساسەن دۈشمىنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن؟» ئەلى جاۋاپ بېرىپتۇ:«مەن ئۇچراشقانلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ياردەم بەرگەن كىشىلەردۇر.»
30-ئاللاھقا قارشى چىقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ رەھمىتىنى تىلەيدىغان ئىشنى قىلماڭلار.
31-بىلىم ئىككى خىل بولىدۇ.ئاغزاكى بىلىم ۋە چۈشۈنىپ ئۆزلەشتۈرگەن بىلىم.ئاغزاكى بىلىمنى چۈشەنمىسەك ئۇنىڭ قىممىتى بولمايدۇ.
32-پاسىق كىشىلەرنىڭ ئۈچ خىل ئاتۇقچىلىقى بولىدۇ:ئۆزىدىن تېخىمۇ ئەسكى بولغان كىشنى خورلايدۇ؛ئۆزىگە يەتمەيدىغان كىشىلەرگە زەربە بېرىدۇ؛كىشىلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزىشىنى قوللايدۇ؛
33-خوتۇن بالا –چاقىللىرىڭىغا ھەدىدىن زىيادە كۆڭۈل بۆلمە،ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ دوستى بولسا ئۇنداقتا،ئاللاھ قانداقمۇ دوستىغا ياخشى مۇئامىلە قىلمىسۇن.ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بولسا ئۇنداقتا، سېنىڭ ئۇلاغا ئۇنچە كۆڭۈل بۈلۈپ مۇرەۋۋەت قىلىشىڭنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بولسۇن.
34-ئەڭ چوڭ خاتالىق خاتالىقنىڭ ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزۈش.
35-نەپىس ھەقىقەتەن كىشىنى قايغۇغا مەھكۇم قىلىدۇ.سىلەر نەپىسكە بېرىلمەڭلار.نەپىس پانى دۇنيادا ئەركىن باش بۇلۇپ يۈرگىنىدە،كىشىلەر ئاپەتنى كۆرگەندىن كيىىنلا ئاندىن قورقىدۇ.
ئى ئىنسانلار،نەپسىڭلارنى تىزگىنلەڭلار،ئۇنىڭ مۇدھىش قۇلى بۇلۇپ قالماڭلار.
36-پىخسىقلىق يامانلىقنىڭ يىلتىزى،يامان قىلىقلارنىڭ شوينىسى.
37-بىلمەيدىغىنىڭنى سۆزلىمە،بىلىدىغىنىڭنىڭمۇ ھەممىنى سۆزلىمە،قايتا تىرىلدۈرگەن كۈن ،ئاللاھ پۈرۈن بەدىنىڭنىڭ ھەممە ئەزالىرىنى سېنىڭ قىلمىشىڭ ئۈچۈن گۇۋاھلىققا تارتىدۇ.
38-شان سەرەپ،ھەم مەغرۇرلۇقۇنى ئۇنۇت،قەبرىنى ھەرۋاقىت ئەسلەپ تۇر.
39-
40- ھەقىقەت بىلەن كۈچ سىناشقۇچى ،ئاقىۋەت ھەقىقەتنىڭ تىزگىنلىشىدە بولىدۇ.
41-سىلەر خەيىرى-ئېھسان قىلغۇچىلار ،خەيىرى-ئېھساننىڭ ھەربىر تەرىپىگە سەل قارىماڭلار.خەيىر-ئېھسان جەريانىدا كىچك چوڭ بولىدۇ،ئاز جىقلايدۇ.ھەرگىزمۇ«پالانى خەيىر-ئېھان قىلىشقا مەندىنمۇ بەك مۇۋاپىق»دىگۈچى بولما.ئاللاھ بىلەن قەسەمكى،ئىشلار ھەقىقەتەن شۇنداق بولىدۇ.خەيرى-ئېھسان ھەم يامانلىق ،ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە يارشا قىلدىغانلىرى بولىدۇ.ئەگەر سىلەر خەيرى –ئېھسان قىلىشتىن ۋاز كەچسەڭلار،تەبىي ھالدا بۇنى باشقىلار تۇلۇقلايدۇ.
42-مەخپى ھالدا ئۆزىنى ياخشىلىغۇچى كىشىنى،ئاللاھ ئۇچۇق ئاشكارا ياخشىلىققا باشلايدۇ.
ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلارنى ،ئاللاھ پانى ئالەمدىكى ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلىدۇ.ئاللاھ ھەم ئۆزى ئوتتۇردىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغۇچىنى ئاللاھ باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىمۇ ياخشىلايدۇ.
43-كۆڭلى كۆكسى كەڭ بۇلۇش ئۈستۈنلۈك.ئەقىل-ئىدارك بولسا قورال،كەڭ قورساقلىق بولسا ئەخلاقىڭدىكى ناچار،كەمچىلىككلەرنى يېپىىپ كېتىدۇ.ئەقىل-ئىدراك بولسا نەپىسىڭنى كەسكۈچى.
44-نادانلىق كىشىلەرنىڭ دۈشمىنى.
45-ئاللاھنىڭ تەقدىرنى ئەھۋۇلمەھپۇزدا يېزىشى،قولۇڭدىن كەتكەن نەرسىگە قايغۇرۇپ كەتمەسلىكىڭ ۋە ئاللاھ بەرگەن نەرسىلەرگە ىوش بۇلۇپ كەتمەسلىكىڭ ئۈچۈندۇر.ئاللاھ مۇرەككەببىرلەرنى ھەم ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.(سۈرە ھەدىد 23-ئايەت)
46-مەنىۋىيىتى يۈكسەك كىشلەرنى نەپىس باش ئەگدۈرەلمەيدۇ.
47-ئاللاھ يولىدا شېھىد بولغۇچى،ئىقتىدارلىق ھەم پاك-ئالىيىجاناپ پەرىشتىلەردەك ياخشى مۇئامىلىگە ئىرىشىدۇ.
48-ئەڭ ئېغىر خاتالىق ،خاتالىق ئۆتكۈزگۈچى سەل قارىغان خاتالىقتۇر.
49-كىشى ئۆلگەندىن كىيىنمۇ توختاپ قالمايدىغان ئۈچ ئەمەل:1)ئۈزلۈكسىز قىلغان سەدىقە؛2)پايدىلىق ئىلىم ؛3)سالىھ پەرزەنىت؛
50)ئەخلاق –پەزىلەتسىز كىشى ئۆلۈككە باراۋەر.
51)ھەسەتخورلۇقنى ساقايتقىلى بولمايدۇ..ھەسەتخورلۇق بولسا ئۇنىڭ قەبرىسى.
52-خىيال سۈرۈش زىيادە زىرىكىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
53-ئۆلۈمنى ئەسلەپ تۇرۇڭلار،قەبرىدىن چىقىپ ،ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئالدىغان بارىدىغان كۈن،قىيامەت كۈنىگە ئاز قالدى.
54-تىلدىنمۇ ئۇزاق قامىلىدىغان نەرسە يوق.
55-بىلىم ئىگىللىرى،سىلەر ھەقىقەتەن بىلىملىكمۇ؟بىلىم پەيغەمبەر ھەم ئۇنىڭ ئۈممەتلىرى ھەم خىزمەت بىلەن بىلىمنى بىرلەشتەرەلەيدىغان كىشىلەرگە تەۋە.بىر قىسىم بىلىملىكلەر مەيدانغا كېلىدۇ.ئۇلارنىڭ بىلىمى پەقەت ياسالمىلىق.ئىچى بىلەن سىرتقى قىياپىتى ماس كەلمەيدۇ.ئۇلارنىڭ بىلىمى بىلەن قىلىۋاتقىنى ماس كەلمەيدۇ.بىكەر ئولتۇرۇپ ئۆز بىلىمىنى كۆز كۆز قىلىدۇ.كۆككە كۆتىرىدۇ.بۇنداقلارنىڭ قىلمىشى ئاللاھ ئالدىدا قۇبۇل بولمايدۇ.
56-يامان كىشىلەر بىلەن شىرىك بولماڭلار،ئۇلاردىن سىلەرگە ياردەم كەلمەيدۇ.
57-ھوقۇڭ تۇتقۇچ ئاۋامنى تەرتىپكە سېلىشتىن بۇرۇن ئاۋال ئۆزىنى تۈزلىمىكى كېرەك.باشقىلارغا تەسىر كۈرسىتىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ئۆز تىنىنى ئۆزگەرتمىكى لازىم.
58-مەنسەپتار خىزمەت ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە تۆۋەندىكى ئۈچ ئالاھىدلىككە ئىگە بۇلىشى كېرەك.1-غەزەپلەنگەن ۋەقىتتا جازاغا كىچىلىپ ھۆكۈم چىقىرىش.2-ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە كەڭ قۇرساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش.3-پايدىلىق پىكىرلەرنى كۆپ ئاڭلاش،شۇ ئارقىلىق مۇكاپات ھەم جازانى نەقلەشتۈرۈپ،قول ئاستىدىكىلەرنىڭ قايىللىقىنى ئاشۇرۇپ بويسۇندۇرش.
59-دۈشمەن بەزىدە دوستتىنمۇ پايدىلىق،كۈنلەرنىڭ بىرىدە دۈشمەن كىشىنىڭ يېتەرسىز تەرىپىنى كۆرسەتكىنى ئۇ دەرھال تۈزىۋالالايدۇ،چۈنكى ئۇ دۈشمەننىڭ ئۆزىنىڭ بەخىتسىزلىكىدىن خوشال بۇلىشىدىن قورقىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ غەيرەتكە كىلىپ ئۆزىنى گۈللەندۈرىدۇ.سوغۇق مۇئامىلىدە بولالمايدۇ،ئھتىياتچانلىق بىلەن تەدبىر قوللىنىدۇ،مەنپەتىنىڭ زىيانغا ئۇچىرىشىدىن قورقىدۇ.
60-دائىم ئەينەككە قاراپ بەر،ئەگەر ئەينەكتىكى يۈز شەكلىڭ چىرايلىق بولسا ئامال قىلىپ ئۇنى ككرۈمسىز قىل،ئەگەر كۆرۈمسىز بولسا ئامال تېپىپ تېخىمۇ كۆرۈمسىز قىل.
61-ئىنسانلار! سىلەر ئۆلۈمنى ئۈمۈت قىلساڭلارمۇ ئۆلۈمنى كۆرەلمەيدىغان دۇنياغا بېرىشتىن بۇ دۇنيادىكى ئۆلۈمنى ككپ ئويلاڭلار.
62-رەھىم شەپقەتكە ئېرىشكۈچى ئۈچ خىل كىشى:خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئاقىللىق كىشى؛ئىزىلگۈچى ئاجىز؛مەسئۇلىيەتجان كىشى؛
63-پىخسىق كىشىلەر نام ئابرويغىمۇ پىخسلىقلىق قىلىدۇ،مەر كىشىلەر نام ئابرويغىمۇ مەردلىق،سېخىلىق قىلىدۇ.(تازا قاملاشمىدى بۇ ھە)
64-ھەسەتخور ئىككى ئادەمنىڭ ئاقىۋىتى ئارىدىكى بىرسى چۇقۇم ئۆلىشى كېرەك.
65-ئادەمنى ئاپەتكە دۇچار قىلغۇچى ئىككى خىل ئادەملەر:ئىگلاسمەن نادان كىشى؛ئۇياتسىز ئۆلىما...
66-بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئاقكۆڭۈل ئوغلىنىڭ ئالدىدا باشقىلارغا قانداق تۆھمەت چاپلايدۇ قاراپ باقايلى،ئۇ دەيدۇ:«بالام ئۇ كىشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىما،ئۇ شەرمەندە ئىشلارنى قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ،ئۇنى كۆڭلىڭدىن سۈپۈرۈپ چىقىرىۋەت.»
67-ئەگەر سەن بىر كىشىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولساڭ ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارا.
68-لاياقەتسىز كىشىنى يۇقرى ئورۇنغا قۇيۇش ئاپەتكە دۇچار بۇلۇشنىڭ سەۋەپلىرىدىن بىرى.
69-ساختىپەزلىك قىلسىمۇ بولىدىغان ئىشلار ئۈستىدە دەتالاش قىلماسلىق ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى.
70-سەن باشقىلارغا نىسپەتەن چىقىشقاق بولساڭ ،ئەتراپىڭدىكىلەرنىڭ ھەممىسى سېنىڭ دوستۇڭ بولىدۇ.ئەگەر سەن باشقىلارغا نىسپەتەن باغرى تاش بولساڭ ئۇ ھالدا تۇققانلىرىڭمۇ سەندىن نەپرەتلىنىدۇ.
71-ئەڭ ياخشى كىشى،سەن تېخى سىناپ باقمىغان كىشىدۇر.
72-ئۆزىنى بىلگۈچى ئاللاھنى بىلىدۇ،ئۆزىنى بىلمىگەن كىشى ئاللاھنىمۇ بىلمەيدۇ.
73-بىر كىشىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى شۇ كىشىنىڭ ئۆزىدۇر.
74-قەيەردىن كەلگىنىنى بىلمىگەن ئادەم ،قايەرگە بېرىشىنىمۇ بىلمەيدۇ.
75-ئاقىللار نادانلىق دەپ قارىغاننى،نادانلار ئاقىلانە پىكىر دەپ قارايدۇ.
76-قۇلغا ئايلانغان ئەركىن كىشى ئاچكۆز كېلىدۇ،ئەركىنلىككە چىققان قۇل قانائەت قىلشنى بىلمەيدۇ.
77-پەنى دۇنيا بىر ئەخمەقلىق،ئۇ ئۆز خىلىدىكىلەرنى ياخشى كۆردۇ(بۇ گەپنى مەنمۇ چۈشەنمىدىم )
78-پەقىر كىشىلەر قايغۇرۇپ ئادەتلىنىپ قالىدۇ.
79-ئەقىللىق كىشى ئايالىنى مەدىھىيلىمەيدۇ،ئۇ پاۋات بولغاندىن كىيىنكىنى ھېساپقا ئالمىغاندا.
يېمەكلىكنى ماختىمايدۇ،قورسىقىنى توقلاپ بولغاندىن كىيىنكىنى ھېساپقا ئالمىغاندا.
دوستىنى ماختىمايدۇ،ئۇنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغان ۋاقىنى ھېساپقا ئالمىغاندا.
80-ياخشى خوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىدە ئۆز ئارا ئازارلىشى بولمايدۇ،ئەكسىچە شۇ ئازارلارغا ئۆز ئارا سەۋىر قىلىشىدۇ.
81-ئەڭ قابىلىيەتسىز كىشى دوست مۇناسىۋەتلىرى ئاز كىشىدۇر،تېخىمۇ يامان بولغىنى دوست ئالاقىللىرى بولسىمۇ كىيىن يوقىتىپ قويغۇچىدۇر.
82-ھەقىقىي دۇرۇس كىشى مۇۋاپىق بولمىغان ئىشلاردا ئۆزىنى ماختىمايدۇ.
83-ئوتتۇرھاللىق ھەرقانداق ئىشتا كەم بولسا بولمايدۇ.
84-ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئىشنى يۇشۇرۇش پەزەرنى ئاشكارە قىلغۇزۇشقا مەجبۇرلايدۇ.
85-كەمتەلىك مەغرۇرلارنىڭ مەغرۇرلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئەڭ ياخشى ۋاستە.
86-سەن كىشى قانچە يۇقرى كۆتۈرسەڭ ئۇ يەرگە شۇنچە قاتتىق چۈشىدۇ .
87-زاكات بەرسەڭ گەرچە پۇل مېلىڭ ئازلىسۇمۇ ئەمما ساڭا بولغان پايدىسى كۆپ بولىدۇ.
88-ۋاپاسىز پەرزەنىت ئارتۇق بارماققا ئوخشايدۇ.قالدۇرۇپ قويساڭ سەت كۆرۈنىدۇ.ئېلىۋېتەي دىسەڭ تېنىڭ ئاغرىيدۇ.
89-كەمتەرلىك ھەسەتخورلار ئېرىشەلمەيدىغان ئىلتىپات.
90-ئاللاھنىڭ كىشىلەرگە بەرگەن ئەڭ قاتتىق جازاسى يوقسۇزلۇق.
91-ئەقىللىق كىشىلەر ،يا پانى دۇنيادىن ھىچنىمە تەلەپ قىلمايدۇ.يا بۇ پانى دۇنيادىن كېچەلمەيدۇ.
92-ئەقىلسىز يامان كىشى بەئەينى ياۋايى ھايۋاندۇر،ئۇ بەزىدە ئادەم سۈپەت،بەزىدە خۇددى پەرىشتىدەك.
93-بارلىق مەنپەت شەمشەر ئارقىلىقلا روياپقا چىقىدۇ.پەقەت شەمشەر بولغاندىلا بىز بۇ دىننى مەزمۇت تۇرغۇزالايمىز..سىلەر ئاللاھنىڭ تۆۋەندىكى كالامىنى چۈشەنمەمسىلەر؟:«تۆمۈرنى ياراتتۇق،تۆمۈر كۈچ قۇۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،تۆمۈردە ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەتلەر بار.»(سۈرە ھەدىد ،25-ئايەت)بۇ يەردە دىيىلگىنى ئەنە شۇ شەمشەردۇر.
94-مەخپىيەتلىكنى بىرلا كىشى بىلىدۇ،ئەمما كېڭەش قىلغان ئىشنى مىڭ كىشى.
95-دەڭ سارايىڭنى ھەممىدىن بۇرۇن سېتىۋالىسەن ئەمما ھەممىدىن كىيىن ساتىسەن.
96-چوڭلار ھاماقەتلىشىپ،گۈدەكلەر پىشىپ كەتكەن كۈنلەر ئەڭ بەخىتسىز كۈنلەردۇر.
97-بىلىم كۈچ،بىلىم ئىگەللىگۈچى باشقۇرغۇچى،بىلىمسىز كىشىلەر باشقۇرۇلغۇچىدۇر.
98-بۈيۈك ئىرادە بولغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭغا ماس كەلگەن تالان ئۆزلىكىدىن چىقىدۇ.
99-بىلىمسىز،نادان كىشىلەر ئالدىدا بىلىم ئۈستىدە سۆز ئاچما،تۆھپىسىز كىشىلەر ئالدىدا تۆھپە توغرىسىدا سۆز ئاچما،بولمىسا ئۇلارنىڭ ئىچى تارلىقى ھەم نەپرىتىگە قالىسەن.
100-غەلبىدىن كىيىن دۈشمىنىگە كەڭ قورساقلىق قىلىش ئالىجاناپ كىشىلەرنىڭ ئەمىلىدىدىندۇر،ئەمما ئۇلارغا ياردەم بەرمىسە قىلغان ئەجرى بىكارغا كەتكەنگە باراۋەر.
101-بىلىسىز كىشى گەرچە چوڭ،يوغان بولسىمۇ،ئۇ يەنىلا كىچىك ھەم ئاجىز سانىلىدۇ،بىلىملىك كىشى كىچىك بولسىمۇ ئۇ يەنىلا چوڭ ،كۈچلۈك بىلىنىدۇ.
102-ئىشلار مۇقىملاشماي تۇرۇپ ھوقۇقۇڭنى قالايمىقان ئىشلەتمە،گەرچە دېڭىز تىنىچ تۇرسىمۇ لىكىن ئۇ ئادەمنىڭ بىخەتەرلكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ،بوران چاپقۇنلۇق كۈنلەردە تېخىمۇ شۇنداق.
شاد-كۈلكە تەرجىمىسى ...