باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1319 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قاراخانىلار(1)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3774
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 76
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە76دانە
ئۆسۈش: 480 %
مۇنبەر پۇلى: 1095 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2011-12-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-30 11:41

قاراخانىلار(1)

                                              قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ تەشكىل تېپىشى 
  
                                                                     ياغمالار

       مىلادىنىڭ 840 - يىلى شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى تۈرلۈك سەۋەبلەرگە كۆرە، پان تېكىن باشچىلىقىدا غەرب ( ئاساسەن تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى ) كە كۆچكەنىدى. << تاڭ سۇلالىسى يىلنامىسى. ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە >> دە غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنى قارلۇقلار ئارىسىغا كەتكەن، دېگەن خاتىرىلەر بار. بەزى تارىخچىلار يەنە مۇنداق خاتىرىلەرگە ئاساسلىنىپ، قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ تەشكىل تېپىشىنى غەربكە كۆچكەن مۇشۇ ئۇيغۇرلارغا باغلايدۇ. مېنىڭچە بۇخىل قاراش بەزىبىر ئىشەنچىلىك تارىخىي پاكىتلار تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ.
  << تاڭ سۇلالىسى يىلنامىسى. تۈرگەشلەر ھەققىدە قىسسە >> دە، پان تېكىن باشچىلىقىدا غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارا شەھەر ۋە كۇچاغا بېرىپ ماكانلاشقانلىقى بايان قىلىنىدۇ. پان تېكىن قارا شەھەر ۋە كۇچادا بىر مەزگىل تۇرۇپ ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن، مىلادىنىڭ 850 - يىلىدىن باشلاپ، تۇرپان، بەشبالىق قاتارلىق جايلارغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەپ، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنى قۇرغانىدى. ئىشەنچىلىك پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى( مىلادىنىڭ 850 - يىلىدىن 1335 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ) ئۇيغۇر گەنجۇ خانلىقى ( مىلادىنىڭ 870 - يىلىدىن 1036 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ) قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تەشكىل تېپىشىدا يېتەكچىلىك رول ئوينىغانىدى. بۇ توغرىدا، ئۆز نۆۋىتى كەلگەندە تەپسىلىي توختىلىمىز.
     كۆپچىلىك تارىخچىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان كۆز قاراش بويىچە ھۆكۈم قىلغاندا، ئۇيغۇر قارا خانىلار دۆلىتىنى تەشكىل قىلىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ياغما ئاتلىق قەبىلىسى يېتەكچى رول ئوينىغان.
     شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، ئەجدادلىرىمىز تەشكىل قىلغان ھەرقانداق بىر دۆلەتكە ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى بىر قەبىلە ياكى بىر ئۇرۇقىدىن چىققان خانلار ھۆكۈمرانلىق قىلغانىدى.
    ئۇلۇغ ھون تەڭرىقۇتلۇقىدا، لانىتى، غۇيان، شابو ئاتلىق ئۈچ ئۇرۇق ھون قەبىلىلىرى ئىچىدە ئېسىل ئۇرۇق ھېسابلىناتتى. ھون تەڭرىقۇتلىرى لانىتى ئۇرۇقىغا مەنسۇپ ئىدى. يۇقۇرىدىكى ئۈچ ئۇرۇق ھون تەڭرىقۇتلۇقىدا ھۆكۈمران تەبىقە ئىدى. ھون تەڭرىقۇتلىرى ئۆز ئوغۇللىرىنى غويان، شابۇ ئۇرۇقلىرىنىڭ قىزلىرىغا ئۆيلەندۈرەتتى. قىزلىرىنى ئەنە شۇ ئىككى ئۇرۇقنىڭ ئوغۇللىرىغا ياتلىق قىلاتتى. باشقا قەبىلە ــ ئۇرۇقلار بىلەن زادى قۇدا ــ باجىلىق مۇناسىۋىتىدە بولمايتتى. چەتئەل ھۆكۈمرانلىرى بىلەن سىياسى مەقسەتلەرنى ئاساس قىلغان قۇدىلىشىش ئالاھىدە بىر ئەھۋال ئىدى.
   ئۇلۇغ كۆك تۈرك قاغانلىقى ( مىلادىنىڭ 551 - يىلىدىن 744 - يىلىغىچە ) نى ئالتاي تۈركلىرى ئىچىدىكى ئاسىنا ئۇرۇقى تەشكىل قىلغانىدى.
200 يىل ھۆكۈم سۈرگەن كۆك تۈرك قاغانلىقىنىڭ تەختتىدە ئاسىنا ئۇرۇقىدىن چىققان قاغانلار ئولتۇرغانىدى. تۈرك قاغانلىرىنىڭ فامىلىسى ئاسىنا بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئىسمىنىڭ بېشىغا << ئاسىنا >> نى قوشۇپ قوللىناتتى. مەسىلەن: ئاسىنا تۈمەن، ئاسىنا مۇقان، ئاسىنا قۇتلۇق دېگەنگە ئوخشاش.
    ئۇيغۇر ــ ئۇرخۇن قاغانلىقىنى ئون ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىچدىكى ياغلاقار قەبىلىسىنىڭ خانلىرى تەشكىل قىلغانىدى. مىلادىنىڭ 795 - يىلىدىن
باشلاپ قاغانلىق قىلىش ھوقۇقى ياغلاقارلار قەبىلىسىدىن ئون ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىچىدىكى ئادىز قەبىلىسىگە ئۆتكەن.
     ئۇيغۇر ــ ئۇرخۇن قاغانلىقىنىڭ 17 - قاغانى بولغان ئاي تەڭرىدە ئۇلۇغ بولمىش ئالپ قۇلۇق بىلگە قاغانى ئادىز قەبىلىسىدىن قاغانلىققا ئولتۇرغان تۇنجى كىشى ئىدى. مىلادىنىڭ 795 - يىلىدىن باشلاپ 845 - يىلىغىچە ئۇيغۇرــ ئۇرخۇن قاغانلىقىنىڭ تەختتىدە ئادىز قەبىلىسىدىن چىققان قاغانلار ئولتۇردى. بۇنىڭغا قارىغاندا، شەرقىي ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى قەبىلىۋى ئايرىمىلىقلار ئاساسەن يوقىلىپ، ئىچكى جەھەتتىكى بىرلىك كۈچەيگەنلىكى مەلۇم، جەمئىيەت تەرەققىياتى نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئۇنداق ئەھۋال ئىلغارلىق ئىدى.
    ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ تەختتىدە ئولتۇرغانلارمۇ ئون ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىچىدىكى ئادىز قەبىلىسىگە مەنسۈپ شاھزادىلەر ئىدى.
ئۇيغۇر ــ ئۇرخۇن قاغانلىقىنىڭ قاغانلىرى ( ياغلا قار ۋە ئادىز قەبىلىسىدىن چىققان قاغانلار ) ئوغۇللىرىنى ئۆيلەندۈرۈش، قىزلىرىنى ياتلىق قىلىشتا، توققۇز ئوغۇز دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىچىدىكى بۇكو قەبىلىسى بىلەن قۇدىلىشاتتى.
     ئۇيغۇر كەڭسۇ خانلىقىنى ( 870 - 1036 ) مىلادىنىڭ 840 - يىلى غەربكە كۆچكەن شەرقىي ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ياغلاقار قەبىلىسىدىن بولغان شاھزادىلەر تەشكىل قىلغانىدى. ھازىر گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇنەن ناھىيىسىدە ياشايدىغان سېرىق ئۇيغۇرلار ئىچىدە ياغلاقار دېگەن ئادەم ئىسمى ساقلىنىپ قالغان. ئەنە شۇ پاكىت سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادى 840 - يىلى غەربكە كۆچكەن شەرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
  تۆۋەندە، ئۇيغۇر قاراخانىلار دۆلىتىنى تەشكىل قىلىشتا، يېتەكچى رول ئوينىغان، قارا خانىلار دۆلىتىگە باشتىن ــ ئاخىرغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ياغمالار توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىمىز.
    ياغمالار ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىچىدىكى ناھايىتى جەڭگىۋار قەبىلە بولۇپ، ئۇلارنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن.  ياغما دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇر قەبىلىسى غەربىي ھونلار ( شىمالىي ھونلار ) نىڭ ئەۋلادى ئىدى.
   مىلادىنىڭ 90 - يىلىدىن باشلاپ يەتتە سۇدا ياشاشقا باشلىغان ھونلارنڭ يوئىبان دەپ ئاتىلىدىغان بىر قەبىلىسى مىلادىنىڭ 450 - يىللىرىدىن باشلاپ تارىخىي يىلنامىلەردە تىلغا ئېلىنمايدۇ. يوئىبانلار ئىلى دەرياسىدىن تارتىپ تالاس دەرياسى، بالقاش ۋە ئېسسىق كۆل ئەتىراپلىرىغىچە بولغان جايلاردا ياشىغانىدى.
    4 - ئەسىردىن باشلاپ، يوئىبانلار تارىخىي يىلنامىلەردە تىلغا ئېلىنمىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ياغما دېگەن نام تىلغا ئېلىنىشقا باشلايدۇ.
مىلادىنىڭ 620 - يىلى مانا شۇ ياغمالارنىڭ بىر قىسمى غەربىي تۈرك قاغانى تون يابغۇ قاغاندىن رەنجىپ، شەرققەــ شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ قېشىغا ( ھازىرقى موڭغۇلىيەگە ) كۆچكەن، شۇنداق بولسىمۇ ياغمالارنىڭ ئاساسى قىسمى ئىسسىقكۆلنىڭ ئەتراپلىرىدا ( قەشقەرنىڭ شەرقىي قىسمىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ) قالغان. شەرقىي ياغمالار مىلادىنىڭ 750 - يىللىرى ئۇرخۇن مەڭگۇ تېشىدا تىلغا ئېلىنىدۇ.
    مىلادى 10 - ئەسىردە ئۆتكەن نامەلۇم تارىخچى تەرەپتىن يېزىلغان << ھودودول ئالەم >>  ( << دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ چېگرىلىرى >> ) ناملىق ئەسەردە ، 10 - ئەسىردە  ( مىلادىنىڭ 960 - يىللىرى ) ياغمالارنىڭ يۇلتۇز ، تېكەس، كۆنەس، ئىسسىقكۆل قەشقەر ئەتراپلىرىغىچە بولغان جايلاردا ياشايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ قاراخانىلارنىڭ ھۆكۈمران تەبىقىسى بىلەن بىر ئۇرۇقتىن ئىكەنلىكى ئېنىق يېزىلغان.
   مىلادىنىڭ 840 - يىلى ياغمالارنىڭ شەرقىي تارمىقى موڭغۇلىيىدىن غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ پان تېكىن يېتەكچىلىكىدىكى قىسمى بولماستىن، بەلكى باشقا بىر تارمىقى بولۇپ، ئۇلار ئىلى ۋادىسى، يەتتە سۇدىكى غەربىي ياغمالارغا قوشۇلغان، مىلادىنىڭ 840 - غەربىي ياغمالارغا قوشۇلغان شەرقىي ياغمالار تېخىمۇ كۈچەيگەن.
    ياغمالار 9 - ئەسىردە، يەتتە سۇنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا سىلجىپ، ئىسسىقكۆلنىڭ جەنۇبى، قەشقەرنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي تەرەپلىرىگە بېرىپ ماكانلاشقان.
   << ياغمالار باشقا تۈرك قەبىلىلىرىگە  قارىغاندا ئۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن جەڭگىۋارلىقى بىلەن مەشھۇر ئىدى.>> دېمىسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ياغما قەبىلىسى بەكمۇ ئۇرۇشقاق، باتۇر ناھايىتى قەيسەر قەبىلە ئىدى. << ياغما >> دېگەن سۆزنىڭ << بۇلاڭچى>> دېگەن مەنادا ئىكەنلىكىمۇ تاسادىپىي ئەمەس.  مانا شۇ ياغمالار مىلادىنىڭ 850 - يىلى قارلۇقلار بىلەن چىگىلىلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر قارا خانىلار دۆلتىنى قۇردى.
    
                                                 كۆل بىلگە قاراخان ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى
      
     قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ تۇنجىى قاغانىنىڭ كىملىكى توغرىسىدا تارىخچىلارنىڭ كۆزقاراشلىرى ھەرخىل بولسىمۇ، تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇنراق بولغان قاراش بويىچە ئېيتقاندا ، كۆل بىلگە قاراخان مىلادىنىڭ 850 - يىلىدىن 880 - يىىلىغىچە بولغان 30 يىل ئىچىدە، ئۇيغۇر قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى قۇرۇپ، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان تەشكىلىي ۋە ھەربىي تۈزۈملەرنى ئورناتقانىدى.
     ئۇيغۇرلار يېڭى قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ قاغانلىرىنى << قاراخان >> دەپ ئاتىغان بولسا، دۆلەتنى << قاراخانىلار>> دەپ ئاتىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ  << قاراخان >> دېگەن نامىنى ئەزەلدىن تارتىپ، ناھايىتى يۇقىرى ھۆرمەتلىك، ئەزىز، مۇقەددەس نام سۈپىتىدە قوللىنىپ كەلگەنلىكىنىڭ ئالاھىدە سىرلىق، ئىلاھىي مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
    قەدىمكى چاغدا، ئەجدادلىرىمىز شامان دەپ ئاتىلىدىغان كۆپ  تەڭرىلىك دىنغا ئېتىقاد قىلغانىدى. شامان دىنىنىڭ ئەقىدىسى بۇيىچە باش تەڭرىنىڭ نامى << باي ئولكېن >> ( باي چوڭ ) دەپمۇ ئاتىلاتتى. << باي چوڭ >> توققۇز قات ئالتۇن تاغنىڭ تۆپىسىدىكى كۆك سارايدا تۇرىدىكەن، شامان دىنىنىڭ باش تەڭرىسى << باي چوڭ >> نىڭ ياشىگان، قارشىتخان، باختاگان، قاراخان، قوشخان، قاينىمخان، يايىقخان قاتارلىق يەتتە ئوغلى بار ئىكەن. بۇ ئوغۇللارنىڭ ئىچىدىكى قاراخان ئاتلىق ئوغۇل ئاتىسىنىڭ نۇر چاقناپ تۇرىدىغان سارىيىدىن قېچىپ كەتكەنىكەن. قاراخان ــ يۇلتۇز تەڭرىسى بولۇپ، ئۇنىڭ چىرايى قىياپىتى ياۋروپالىقلار << ساتۇرن >>، ئەرەبلەر، << زۇھەل>> ، تۈركلەر << سىكىندىر >> دەپ ئاتايدىغان يۇلتۇزغا ئوخشىشىدىكەن. قەدىمكى چاغدا، بابىللىقلار زۇھەل يۇلتۇزنى << قارا يۇلتۇز >> دەپ ئاتىغان.
  مانا شۇ دىنىي رىۋايەتكە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ قاغانلىرىنى << قاراخان>> دەپ ئاتشى يېڭىدىن قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىرىنى
باش تەڭرى ــ << باي چوڭ >> نىڭ ئوغلى يۇلتۇز تەڭرىسى ــ قاراخانغا ئوخشىتىپ، ئۇلارنى ئىلاھىيلاشتۇرغانلىقىدىن بولغان بولسا كېرەك.
      مىلادىدىن بىرنەچچە ئەسىر بۇرۇن ھونلار قاغانلىرىنى << تەڭرىقۇت >> دەپ ئاتىغان، << تەڭرىقۇت >> ئاتالغۇسىدىكى تەڭرى ــ ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىدا، << خۇدا >> دەپ ئاتىلىدۇ، << قۇت >> بولسا، تەڭرىنىڭ ئوغلى، تەڭرى ئاتا قىلغان بەخىت ــ سائادەت، تەڭرى بەرگەن دۆلەت مەناسىغا ئىگە ئىدى.
   << تەڭرىقۇت >> دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەناسىنى يىغىنچاقلىساق << خۇدانىڭ ئوغلى، خۇدانىڭ بەخىتلىك، دۆلەتمەن ئوغلى >> دېگەن بولىدۇ.
<< ھون تەڭرىقۇتلۇقىنىڭ تەڭرىقۇتلىرىدىن كۆكخان ( كىيۆك تەڭرىقۇت دەپمۇ ئاتىلىدۇ )  مىلادىدىن 162 يىل بۇرۇن خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى خەنۋېندىغا يازغان مەكتۇپىدا مۇنداق دېگەن:   كۆك تەڭرى بىلەن يەر  تەڭرى تەرىپىدىن ھايات بېرىلگەن، كۈن تەڭرى  بىلەن ئاي تەڭرى تەرەپتىن تەختكە چىقىرىلغان ئۇلۇغ ھون تەڭرىقۇتى خەن پادىشاھىنىڭ سالامەتلىكىنى ئېھتىرام بىلەن سورايدۇ.>>
   ھون تەڭرىقۇتى غولىقۇ تەڭرىقۇت مىلادىدىن 89 يىل بۇرۇن خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى خەن ۋۇدىغا يازغان مەكتۇپىدا مۇنداق دېگەن:
   << جەنۇبتا ئۇلۇغ خەن، شىمالدا بولسا قۇدرەتلىك ھونلار ياشايدۇ. ھونلار تەڭرىنىڭ مەغرۇر ئوغلانلىرىدۇر. >>
     دېمەك، ھونلارمۇ قەدىمكى چاغدا، ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا شامان دىىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھونلار ئۆزلىرىنىڭ قاغانلىرىنى
<< تەڭرىقۇت >> دەپ ئاتاشقان.
    ئۇلۇغ كۆك تۈرك قاغانلىقىنىڭ قاغانى ساۋارلو مىلادىنىڭ 584 - يىلى جۇڭگودىكى سۈي سۇلالىسى ( مىلادى 581 - يىلىدىن 618 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ) نىڭ پادىشاھى سۈي ۋېندىغا يازغان مەكتۇپىدا مۇنداق دېگەن:  << تەڭرى ياراتقان ئۇلۇغ تۈركلەرنىڭ دۇنيادىكى دانىشمەن تەڭرىقۇتى ( تەڭرىنىڭ ئوغلى ) ئېل قۇلۇق شادباغا ساۋارلو قاغاندىن يېتىپ مەلۇم بولغاي ! >>
     سۇڭ دەۋرىدە ئۆتكەن تارىخچى سىماگۇاڭنىڭ << يىلنامە >> سىنىڭ 176 - جىلىددىدا خاتىرلەنگەن مەزكۇر مەكتۇپ كۆك تۈرك يېزىقىدا يېزىلغانىدى.
   ئۇيغۇر ــ ئۇرخۇن قاغانلىقىنىڭ قاغانلىرىنىڭ ناملىرىمۇ << ئاي تەڭرىخان >>، << كۈن تەڭرىخان >> دېگەن ئىلاھىيلاشقان ئۇنۋانلار بىلەن ئاتالغانىدى.  قەدىمكى چاغدا، ھونلار، تۈركلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلغانىدى.
   يۇقىرىدا كەلتۈرۈلگەن پاكىتلارغا ئاساسلىنىپ ھۆكۈم قىلغاندا، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ قاغانلىرىنى ئىلاھىيلاشتۇرۇپ ئۇلارنى تەڭرىنىڭ ئوغلى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئىنتايىن يۈكسەك ئورۇنغا قويۇشقان.
   قاراخانىلار دۆلىتىنى قۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قاغانلىرىنى << قاراخان >>، دۆلەتنى << قاراخانىلار >> دەپ ئاتىغانلىقىمۇ تاسادىپىي ئەمەس.
  بەزى تارىخچىلار << قاراخان >> دېگەن ئىسىم توغرىسىدا يۇقىرقىدىن باشقىچىرەك چۈشەنچىلەرنىمۇ ئالغا سۈردى. مەسىلەن: ھازىرقى زاماندىكى بەزى تارىخچىلار: << ئۇيغۇرلار ئاددىي خەلقنى قارا بۇدۇن >> دەيتتى. قاراخان دېمەك ـــ << خەلقنىڭ خانى >> دېگەن مەنانى بېرىدۇ، دېيىشىدۇ. يەنە بەزىبىر تارىخچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى چاغدا، << ئۇلۇغ >> ئاتالغۇسىنى << قارا >> سۆزى بىلەن ئىپادىلىگىنىگە قاراپ، << قاراخان >> دېگەن << ئۇلۇغ  خان >> دېگەن ئۇقۇمغا ئىگە دېيىشىدۇ. مانا شۇ يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل قاراشنىڭ ئىككىنچىسى ( خەلقنىڭ خانى ). ئۈچىنچىسى ( ئۇلۇغ خان) كۆرۈنۈشتە باشتىكى بىرىنچى خىل قاراشتىن ( تەڭرىنىڭ ئوغلى دېگەن قاراشتىن) پەرقلىقتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن مەزمۇن جەھەتتىن ئانچە كۆپ پەرق ئەتمەيدۇ. بىر ئېغىز سۆزبىلەن ئېيتقاندا، << قاراخان >> ئىلاھىيلاشقان مەزمۇنغا ئىگەبولۇپ، تەڭرىنىڭ ئوغلى، دېگەن بولىدۇ.
   ئۇيغۇرلار يەنە، قاراخانىلار دۆلىتىگە كىم قاغان بولسا، ئۇنىڭ نامىنىڭ ئايىغىغا << قاراخان >> دېگەن ئۇنۋاننى قوشۇپ ئاتىغاندىن تاشقىرى، <<بوغرا>> ۋە << ئارسلان >> قاتارلىق ئۇنۋانلارنىمۇ قوشۇپ ئاتىغان. مەسىلەن :  كۆل بىلگە قاراخان، توغرول قاراخان، سىتۇق بوغراخان، ھارون بوغراخان، ئەلى ئارسلان خان، سۇلايمان ئارسلان دېگەنگە ئوخشاش. ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانىلار قاغانلىرىنىڭ نامىنىڭ ئايىغىغا << بوغرا >> ۋە << ئارسلان >> ئۇنۋانلىرىنى قوشۇپ ئاتىشى تاسادىپىي ئەمەس ئىدى. ئۇيغۇرلار قەدىمكى چاغدىن تارتىپ ھازىرغىچە تۆگىنىڭ ئەركىكىنى << بوغرا >> ، شىرنى بولسا ئارسلان دەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانىلار قاغانلىرىنى << بوغراخان >> ۋە << ئارسلانخان>> دەپ ئاتىشى ئۇلارغا كۈچلۈك، باتۇرلۇق سۈپەتلىرىنى بەرگەنلىكىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس.
   ئەجدادلىرىمىز ئەزەلدىن تارتىپ باتۇر ئوغۇل ــ قىزلىرىنى ئادەتتىن تاشقىرى ھۆرمەتلەيدىغان ئەنئەنىگە ئىگە ئىدى. قەدىمدە، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ سۆيگۈ ــ مۇھەببەتتە يىگىتكە قويىدىغان بىردىنبىر شەرتى باتۇرلۇق ئىدى. قەدىمكى چاغدا، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ باتۇر يىگىتكە ياتلىق بولۇشىنى جان دىلى بىلەن ئارزۇ قىلىشى، ناھايىتى كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك خىسلىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەت ئىدى.
    قاراخانىلار دەۋرىدە، ئۇيغۇرلار شامان دىنى ۋە بۇددا دىنىنى تەرك ئېتىپ، ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىنمۇ، بالىلىرىغا ئات قويۇشتا، قەدىمكى مىللىي ئەنئەنىسىنى تاشلىمىدى. مەسىلەن : سىتۇق بوغراخاننىڭ ئەسلى ئۇيغۇرچە ئىسمى سىتۇق تېكىن بولۇپ، مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، ئابدۇكېرىم دەپ ئات قويۇلدى. سىتۇق بوغراخان ئىككى ئوغلىغا ئۇيغۇرچە بايتاش  ( مۇسۇلمانچە نامى مۇسا ) ، تۇڭگا ئىلىك ( مۇسۇلمانچە نامى سۇلايمان ) دەپ ئات قويغان.
    قاراخانىلار قاغانلىرى ئۆز ئوغۇللىرىغا باتۇرلۇق، قەيسەرلىك خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە ھايۋان ياكى قۇشلارنىڭ نامىنى قوللىنىپ، ئات قويۇشنى ياخشى كۆرەتتى. مەسىلەن؛ قاراخانىلارنىڭ قاغانى يۈسۈپ قادىرخان ( مىلادىنىڭ 1026 - يىلىدىن 1032 يىلىغىچە قاغان بولغان ) نىڭ بوغرا تېكىن ( مۇسۇلمانچە ئىسمى سۇلايمان )، ياغان تېكىن ( مۇسۇلمانچە ئىسمى مۇھەممەت ) ، توغرول قارخان ( مۇسۇلمانچە ئىسمى مەھمۇد ) قاتارلىق ئوغۇللىرى بار ئىدى. مانا شۇ ئوغۇللارنىڭ ئۇيغۇرچە << بوغرا تېكن >>، << ياغان تېكىن >>، << توغرول قاراخان >> ئاتىلىشى،
  باتۇر، قەيسەر، كۈچلۈك دېگەن سۈپەتلەرنى بىلدۈرەتتى.  << بوغرا >>، << قاراخان >> ئاتالغۇسى توغرىسىدا يۇقىرىدا چۈشەنچە بەرگەنىدۇق، بۇيەردە پەقەت << ياغان>>، << تېكىن >>، << توغرول >> قاتارلىق ئاتالغۇلار توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىمىز. ئۇيغۇرلار قەدىمكى چاغدا پىلنى ياغان دەيتتى، << تېكىن >> ئەسلىدە قول مەنىسىنى بېرىدىغان سۆز بولسىمۇ، كىيىنگە كېلىپ، << شاھزادە >>، << خانزادە>> ئۇقۇمىنى بېرىدىغان بولدى. دېمەك << ياغان تېكىن >> ـــ << پىل تېكىن >> دېگەن بولىدۇ. ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك پىل ناھايىتى كۈچلۈك، باتۇر ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار قەدىمكى چاغدا شۇڭقارنى << توغرول >> دەيتتى. << توغرول >> دېمەك، شۇڭقاردەك ئالغۇر، قەيسەر، باتۇر دېمەكتۇر. دېمىسىمۇ، يىرتقۇچ قۇشلار ئىچىدە شۇڭقاردەك تېز ئۇچىدىغان، قەيسەر، چاققان باتۇر قۇش بولمىسا كېرەك.
       ئۇيغۇرلار قەشقەرنى قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى قىلىپ بەلگىلىدى. قەشقەر شۇنىڭدىن باشلاپ << ئوردۇكەنت >> دەپ ئاتالدى. قاراخانىلارنىڭ قاغانلىرى يازدا چو دەرياسىنىڭ بويىدىكى بالاساغۇنغا كېلىپ يازلايتتى. بالاساغۇنمۇ، قاراخانىلارنىڭ پايتەختى  ھېسابلىناتتى،
لېكىن ھەقىقىي پايتەخت ـــ قەشقەر ئىدى.
   ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكىسى، دۇنياغا ئاجايىپ تالانتلىق، دانىشمەن ئوغۇللىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن قەشقەرنىڭ قاچان بىنا بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بولمىسىمۇ، قەشقەرنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان مەلۇماتلار بار.
     مەھمۇد قەشقەرى << تۈركىي تىللار دىۋانى >> دا ئالپ ئەرتۇڭا ( ئىران شائىرى فىرداۋىسى ئۇنى ئەفراسىياپ دەپ يازغان )  ھاۋاسى ئوبدان، مەنزىرسى چىرايلىق بولغان قەشقەردە تۇرغان، دېگەن مەلۇماتنى بېرىدۇ. ئالپ ئەرتۇڭا قەدىمكى چاغدىكى تۇران ئېلىنىڭ مەشھۇر باتۇر قاغانى بولۇپ، مىلادىدىن 625 يىل بۇرۇن ( ھازىرقى كۈندىن 2600 يىل بۇرۇن ) ئەزەر بەيجاندا، ئىرانلىقلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئۆلگەن. مانا مۇشۇ تارىخي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قەشقەرنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ، چۈنكى، ئالپ ئەرتۇڭا
تارىختا ئۆتكەن ئەڭ قەدىمكى قاغانلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى.  
      بەزىبىر تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، قەشقەر ھونلار دەۋرىدە ( مىلادىدىن بىر نەچچە  ئەسىر بۇرۇن ) بىلادھون (<< ھون شەھىرى>> ) دەپ ئاتالغانىكەن. مىلادىدىن 2 ئەسىر بۇرۇن ( مىلادىدىن 176 يىل بۇرۇن ) ھون تەڭرىقۇتى باتۇر تەڭرىقۇت ( ئوغۇز خان ) ئوتتۇرا ئاسىيانى ۋە غەربىي ئاسىيانى بويسۇندۇرۇۋالغان  مەزگىللەردە، قەشقەرنىڭ ھونلار تېررىتورىيىسىدىكى ئەڭ مەشھۇر  شەھەر بولغانلىقى مەلۇم.
      قەشقەرنىڭ  ھونلار دەۋرىدە بىلادھون دەپ ئاتالغانلىقىنى ئېيتتۇق، ئەمما ئۇنىڭ ئالپ ئەرتۇڭا ۋاقتىدا نېمىدەپ ئاتالغانلىقى مەلۇم ئەمەس. قاراخانىلار قەشقەرنى پايتەخت قىلىشتىن بۇرۇن، قەشقەر << قاش قىيا >> دەپ ئاتالغانىكەن. قەشقەرنىڭ جۇغراپىيىۋى ئەھۋالى ئۇنىڭ << قاش قىيا >> دەپ ئاتالغانلىقىغا ماس كېلىدۇ. قەشقەرنىڭ ھازىرقى تەبىئىي شارائىتىغا قاراپ ھۆكۈم قىلغاندا، ھەقىقەتەنمۇ قەشقەر شەھىرىنىڭ شىمالى ( ئاتۇشنىڭ جەنۇبى ) دىكى تاغ ۋە تۈمەن دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى يار ــ قىيالار، خۇددى قاشقا ئوخشايدۇ. دېمەك ھازىرقى  << قەشقەر >> دېگەن سۆز ، << قاش قىيا >> سۆزىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان.
      قاراخانىلارنىڭ دۆلەت بايرىقى تۆت چاسا قىزىل شايى بايراق ئىدى. بايراقنىڭ ئوتتۇرسىغا بىر تەرەپتە ئالتە، بىر تەرەپتە ئۈچ شېخى بولغان ئالتۇن رەڭلىك ئارچا دەرىخى چۈشۈرۈلگەن.
      قاراخانىلارنىڭ تۇنجى قاغانى كۆل بىلگە قاراخاننىڭ ۋاقتىقدا قاراخانلارنىڭ تېررىتورىيىسىگە يەتتە سۇ، ئىلى ۋادىسى ۋە تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى جايلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ( قەشقەر  ) كىرگەن بولسا كېرەك.
    بەزىبىر تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مىلادىنىڭ 880 -يىلى كۆل بىلگە قاراخان ئالەمدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى بازىرخان  
( بارخان ) قاغان بولغان. ھازىرقى زاماندىكى بەزىبىر تارىخچىلارمۇ بازىرخاننىڭ ئۇيغۇر قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ ئىككىنچى ھۆكۈمرانى بولغانلىقىنى ئىسپاتلاۋاتىدۇ. بازىرخان بىلەن بارخان بۇ ئىككىسى بىر كىشىمۇ ئەمەسمۇ، بۇمۇ تازا ئېنىق ئەمەس. ئۇيغۇر تارىخچىسى جامال قەرشىنىڭ << سورراھە لوغىتىنىڭ تۇلۇقلانمىسى >> ناملىق ئەسىرىدە 11 - ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر تارىخچىسى ئابدۇجاپپار قەشقەرىنىڭ
<< قەشقەر تارىخى >>  ناملىق ئەسىرىدىن بەزىبىر ئۈزۈندىلەر كەلتۈرۈلگەن. مانا شۇ ئۈزۈندىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ ئىككىنچى ھۆكۈمرانى بازىرخان ئىكەنلىكى بىزدە گۇمان قالدۇرمايدۇ. ئۇيغۇر قاراخانىلار دۆلىتى كۈچىيىپ تېررىتورىيىسى كېڭەيگەن چاغدا ( مىلادىنىڭ 1010 - يىللىرى )، ئۇنڭ شەرقىي كەشمىرگە، غەربىي خارەزىمگە، شىمالى بالقاش كۆلى، ئارال كۆللىرىگە، جەنۇبى مەرۋى شاھ جاھانغا تۇتاشقان بولۇپ، يەر مەيدانى 5مىليون كۋادرات كىلومېتىرغا يەتكەن. دېمەك ئۇيغۇر قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ تېررىتورىيىسى ھازىرقى  فىرانسىيە دۆلىتىنىڭ تېررىتورىيىسىدىن ( فىرانسىيە تېررىتورىيىسى 500 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر ) 5 ھەسسە چوڭ ئىدى .
     جامال قەرشىنىڭ مەلۇماتىغا كۆرە، كۆل بىلگە قاراخان ( جامال قەرشى، كۆل بىلگە قادىرخان دەپ يازغان ) نىڭ، بازىر ۋە ئوغۇلچاق ئاتلىق ئىككى ئوغلى بولغان. بازىرخان تەخمىنەن مىلادىنىڭ 880 - يىلى قاراخانىلارنىڭ تەختىگە چىققان بۇلۇشى مومكىن. ئۇنىڭ ئۇكىسى ئوغۇلچاق بىلەن ساما نىلار پادىشاھى ئىسمائىل سامانى ( مىلادىنىڭ 874 - يىلىدىن 907 - يىلىغىچە پادىشاھ بولغان )  ئوتتۇرىسىدا قانلىق ئۇرۇشلار بولغان.
      مىلادىنىڭ 893 - يىلى ( 3 - ياكى 4 - ئايدا )، ئىسمائىل سامانى قاراخانىلارنىڭ يەتتە سۇدىكى مۇھىم شەھىرى بولغان تارازغا ھۇجۇم قىلغان. ئىسمائىل سامانى شەھەرنى خېلى ئۇزۇن مۇددەت قورشىۋالغان، ئاخىر بېسىۋالغان. ئۇرۇشتا غالىب چىققان ئىسمائىل سامانى قاراخانى قۇشۇنلىرىدىن 10 مىڭىنى ئۆلتۈرگەن، ئوغۇلچاقنىڭ بېكەسى ( خاتۇنى ) ۋە 15 مىڭ جەڭچىنى ئەسىر ئالغان. ئىسمائىل سامانى تاراز شەھىرىدىكى خىرىستىئان ئىبادەتخانىسىنى باشقىدىن ياساپ، ئۇنى مەسچىتكە ئايلاندۇرغان. ئوغۇلچاق ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، قەشقەرگە كەتكەن. ئۇ مىلادىنىڭ 907 - يىلى قەشقەردىن قوشۇن تارتىپ كېلىپ سامانىلارنىڭ تېررىتورىيىسىگە ھۇجۇم قىلغان.
     سامانىلارنىڭ يەتتە سۇغا بولغان ھۇجۇملىرى 840 - يىللىرىدىلا باشلانغانىدى. ئۇلار شۇ يىلى ئىسفىجاپنى بېسىۋالغان. بۇ چاغ ئوتتۇرا ئاسىيادا سامانىلار باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان پەيت ئىدى.  سامانىلار دۆلىتىنىڭ تۇنجى پادىشاھى ناسىر ئىبنى ئەھمەت دەۋرىدە ( مىلادىنىڭ 865 - يىلىدىن 893 - يىلىغىچە پادىشاھ بولغان ) سامانىلارنىڭ قوشۇنلىرى شاۋگار شەھىرىگىچە بېسىپ كەلگەن. قاراخانىلار بىلەن سامانىلار  ئارىسىدىكى دەسلەپكى مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدىكى مەلۇماتلار  مانا شۇلاردىن ئىبارەت.
     << ئەگەر يەتتە سۇدا سامانىلارنىڭ تەڭگە پۇل قويدۇرمىغانلىقىنى ۋە يەتتە سۇغا  سامانى ھاكىملىرى ۋە باشقا ئەمەلدارلارنىڭ قويۇلمىغانلىقىنى ھېسابقا ئالغاندا يەتتە سۇ سامانىلارغا قارام بولمىغان دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىش مومكىن. مانا شۇ ئەھۋالغا قارىغاندا مىلادىنىڭ  893 - يىلى ئوغۇلچاق ئىسمائىل سامانىدىن مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ، يەتتە سۇ يەنىلا قاراخانىلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا قالغان.
     بازىر ئارسلانخان مىلادىنىڭ 910 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن قاراخانىلارنىڭ تەختىگە ئوغۇلچاق ئولتۇرغان. بۇ چاغدا، مەرھۇم بازىر ئارسلانخاننىڭ ئوغلى سىتۇق تېكىن كىچىك ئىدى. جىيەنىگە ۋاكالىتەن قاراخانىلار تەختىگە چىققان ئوغۇلچاق سىتۇق تېكىننىڭ ياش تۇرۇپلا تۇل قالغان ئانىسىغا ئۆيلەنگەنىكەن. ئوغۇلچاق قاراخانىلار تەختىگە چىقىپ ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن ( مىلادىنىڭ 920 - يىلى بولسا كېرەك )  23 ياشلىق سىتۇق تېكىن ئۇنىڭدىن تەختنى تارتىۋالغان. سىتۇق تېكىن تەختنى تارتىۋېلىشتىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغانىدى.



مەنبە :    تارىخىي يىلناملەردىن.
مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن -- ئوغۇزنامە
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2866
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 158
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە158دانە
ئۆسۈش: 230 %
مۇنبەر پۇلى: 1845 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2011-12-21


Men Uyghurlarning Khakanimen
مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن -- ئوغۇزنامە
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2866
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 158
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە158دانە
ئۆسۈش: 230 %
مۇنبەر پۇلى: 1845 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2011-12-21
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-30 13:46


تېرىتورىيىسى بارغانسېرى ئازلاپ كېتىپتىكەن .
Men Uyghurlarning Khakanimen
كۆزۆڭنىڭ بارىدا شە كۆ
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8183
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 655
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە655دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 6919 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-17
ئاخىرقى: 2012-01-08
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-30 13:47

ھەجەپ ئوبدان گەپلەركەن ساقلىۋىلىپ ئالدىرماي ئوقاي ...
ئادىيات
مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن -- ئوغۇزنامە
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2866
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 158
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە158دانە
ئۆسۈش: 230 %
مۇنبەر پۇلى: 1845 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2011-12-21
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-30 15:20

بىراق قازاق قېرىنداشلىرىمىز قاراخانلار دۆلىتىنى 
قازاقلارنىڭ نايمان قەبىلىسى قۇرغان دەپ بىلجىرلايدىكەن .


Men Uyghurlarning Khakanimen
ئۆزۇمنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئىكەن لىكىمدىن پەخىرلىن ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1367
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 267
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە267دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 2710 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-31
ئاخىرقى: 2012-01-08
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-30 15:39

ئىششىنىبى قىلسىۇننا !!!
كۆزۆڭنىڭ بارىدا شە كۆ
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8183
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 655
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە655دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 6919 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-17
ئاخىرقى: 2012-01-08
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-30 15:41

[quote]بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى oghuzkhan نىڭ 2011-07-30 15:20 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
بىراق قازاق قېرىنداشلىرىمىز قاراخانلار دۆلىتىنى 
قازاقلارنىڭ نايمان قەبىلىسى قۇرغان دەپ بىلجىرلايدىكەن .



قازاق بوسۇن ياكى باشقا ھەرقانداق تۈرۈك بوسۇن. ئۇلار ئۇيغۇرنىڭ يىلتىز ئىكەنلىكىنى ، ھەممە تۈرۈكنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.  دۆلىتى بولغان تەغدىردىمۇ خەقنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ھاراملىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھۈججىتى، مەيدىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان روھى ئىنىرگىيەسى بىزنىڭ قەشقە -خوتەندە ، تەكلىماكاندا.
بۇلارنىڭ چۆپچىلىرى بۇ ئەنگۈشتەرنى ئېلىش ئۈچۈن دادىسىنىڭ ئالدىغا سەمىمى ھالەتتە كەممەي تۈڭلۈك ماراۋاتىدۇ.  پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىر ھەددىسى بار ؛  ئىشىكىڭدىن مارىغاننىڭ كۆزىنى تىشىۋەت!
[ بۇ يازمىنى!adiyat 2011-07-30 15:49قايتا تەھرىرلىدى ]
ئادىيات
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3774
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 76
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە76دانە
ئۆسۈش: 480 %
مۇنبەر پۇلى: 1095 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2011-12-20
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-30 16:13

6-قەۋەت (!adiyat) نىڭ يازمىسىغا

شۇنداق توغرا دەيسىز! مەنمۇ خېلىدىن بېرى تارىخى كىتابلارنى، ماتىرياللارنى، يىلنامىلەرنىمۇ كۆپ كۆردۈم بېرەر يەردە قازاق، ئۆزبەك دەپ ئۇچۇراتمىدىم.   بۇلاريەنە شۇھالىغا بىزنى ياراتمايدۇ، تارىختىن قىلچە خەۋىرى يوق.تارىخنى بۇرمىلايدۇ.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3301
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 169
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە169دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1710 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2012-01-02
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-30 17:27

ئىت  ھۇرەر  كارۋان يۇرەر دەپ  بەرىبىر  پاكىت  بەكىتىلىپبولغان ئىكەن ئۇلارنىڭ بىلجىرلاشلىرى  بىكار ئۇلار خەقنىڭ  تارخىغا  ئېسىلۋالغۇچە  ئۆزىنىڭ  تارخىنى  ئوبدانراق تەتقى قىلىشى  كىرەك ئىدى  بىراق تۇتامغا چىققۇدەك بىرەر  ئىسپات  بولمىغاندىنكىيىن  شۇنداق قىلىشىدۇ دە  
ئەپسۇس، دۇنيا كۆز يىشىغا ئىشەنمەيدۇ~~!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5023
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 235
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە235دانە
ئۆسۈش: 620 %
مۇنبەر پۇلى: 2780 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2011-12-20
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-01 11:45

نۇمۇس دىگەننى ئازراقمۇ بىلمەيدىكەن بۇ خەق....