باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 586 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قېرى قىزىنىڭ ئۇچۇرشىش خاتىرىسى
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 137
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە137دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-30 09:40

قېرى قىزىنىڭ ئۇچۇرشىش خاتىرىسى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما general تەرىپىدىن ساياھەت كۆڭۈل ئېچىش بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-07-30)
ئوقۇش پۈتتۇرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي خىزمەتكە چىقىۋالدىم.پۈتۈن زېھنىم بىلەن بىرىلىپ ئېشلەۋاتقان
مەزگىللەردە ئۆيدىكىلەر مىنىڭ غېمىمنى يىگىلى تۇردى.ئاپام ھەر كۈنى ئاخشىمى سۈرە ساۋاق
ئوقۇشنى ئىسىدىن چىقارمىغاندەك توي ئىشىمنى ئېسىمگە سېلىپ تۇردى.شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ
ئۇچىرشىشلىرىم باشلىنىپ كەتتى.
تۇنجى ئۇچىرشىش
      قىزلاردا بىر خىل ساقچىلارغا ياق ساقچى فورمىسىغا قىزىقىدىغان كېسەل ئومۇميۇزلۈك مەۋجۇت
بولسا كېرەك، بۇ خىل قىزىقىش مەندىنمۇ مۇستەسنا ئەمەس ئىدى.  شۇنىڭ تۈرتكىسىدە خەنزۇ
مەكتەپتە ئوقۇغان مىرئادىل بىلەن كۆرۈشتۇم.دەسلەپتە ساقچىلارغا خاس بوي- بەستى، ياراشقان  
فورمىسى، ئىللىق مۇئامىلىسى، خىزمىتى مىنى خېلى مەھلىيا قىلدى.نەچچە ئاي ئىزدىشىپ
يۈردۇق.بىللە تاماققا چىقتۇق.لىكىن كىچىكىمدىن دىنى تۈس قۇيۇق بىر ئىسلامى ئائىلىدە چوڭ
بۇلۇشۇم سەۋەبلىك ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانىسىدىن باشقا يەرنىڭ تامىقىنى يىيەلمەيتىم.
دۇكاننىڭ تەييار يىمەكلىكلىرىنىمۇ تاللاپ يەيتىم.كەچ ۋاقىتلىرى سائەت 10لاردا دوستىنىڭ تۇغۇلغان
كۈنىگە بىرگە بېرىشنى ئېيتقاندا كەچ ۋاقىتلىرى سىرتقا چىقالمايدىغانلىقىمنى ئېيتىپ چىرايلىقچە
رەت قىلدىم.بۇ قىلىپ يۈرگەن <<غەلىتە>> قىلىقلىرىم، ئۇ ئىدىيىسى ئېچىلىپ كەتكەن، زامانىۋى بالىنىڭ كۆزىگە سىغمىدىمۇ- قانداق ، ئىشقىلىپ ئۇنىڭغا بەكلا <<ئاقسا، ھاكاۋۇر،غەلىتە>> تەسىر بىرىپتىمەن.كۆڭلىنى چۈشەنمەپتىمىشمەن.
       شۇنداق قىلىپ ئۇ كەچ ۋاقتى چىقالايدىغان، ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، ئۇيغۇر
ئەمەسلەرنىڭ ئەتكەن <<لەززەتلىك>> تائاملىرىدىن ھۇزۇرلىنالايدىغان، ئالى مەكتەپتە يىگىتى بىلەن
ئىككى يىللارچە بىر ئۆيدە تۇرۇپ، يىگىتلەرنىڭ <<قەلب>> نى چۈشىنىشكە ماھىر بۇلۇپ كەتكەن بىر ساۋاقدىشىم بىلەن توي قىلۋالدى.
2-قېتىملىق ئۇچىرشىش
       چوڭلارنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن ئەسقەر بىلەن كۈرۈشتۇم.ئۇ بويلىرى ئىگىز، كىلىشكەن، پاكىز
چىراي ، مەندىن 3-4 ياش چوڭ يىگىت ئىكەن. ئالاھەزەل 2-3 ئايلارچە ئىزدىشىپ يۈرگەن بولدۇق.بىللە
تاماققا چىقتۇق. پاراڭلاشتۇق. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ بىلىملىكلىكى ، كەسىپچانلىقى مەندە خېلى ياخشى
تەسىرلەرنى قالدۇردى.مىنىڭ ئەزەلدىن بىلىملىك ئادەملەرنى بەكلا ھۆرمەتلەيدىغان مىجەزىم
بولغاچقا، ئۇنى بەك ئالىيجاناپ، پەزىلەتلىكلەر قاتارىدىن ساناپ يۈردۈم.. كىم بىلسۇن بىز تۇنۇشۇپ
ئۈچ ئايدىن كىيىن باشلىقىنىڭ ئۆزىدىن 7 ياش چوڭ ، بىر توي قىلغان قىزى بىلەن توي قىلىپ
يېزىدىكى خىزمىتىنى شەھەر ئىچىگە يۆتكەپ كەتتى.....
3-قېتىملىق ئۇچىرشىش
        تەپتىشتە ئىشلەيدىغان قەدىردىن بىلەن ئارانلا بىر ۋاق تاماقتا بىرگە ئولتۇرالىدىم. مەن بىر ى
ئېنگىلىز تىلى بىلەمسىز دىگەندەك ، دوستۇمدىن ئېنگىلىز تىلىغا قىزىقىدىغىنىمنى ئاڭلىۋالغان بۇ
يىگىت ئالدىمدا ئىنگىلىزتىلىنى بۇزۇپ سۆزلەپ، ئۆزىنى بىلىملىك كۆرسىتىمەن دەپ ئىچىمنى
سىقىپلا قويدى.شۇنىڭدىن كىيىن تىلفۇنىنى قەتئى ئالمىدىم.لىكىن شۇ بىر ۋاق تاماق قەرزىمنى
قىيامەتتە قايتۇردىغان ئوخشايمەن!
4-قېتىملىق ئۇچىرشىش
رەپقەت سەنئەت ئۆمەكنىڭ كۆزگە كۈرۈنگەن غوللۇق خادىمى بۇلۇپ ، كەسپىنى جان دىلىدىن سۆيىدىكەن.بۇ يىگىتنىڭ ئۆز كەسپىگە خاس جىمغۇر، چوڭ سۈپەتلىكى ئادەمنى ئەيمىندۈرسە، توغرا كەلگەن يېرىدە ئادەم ئويلاپ باقمىغان قىزىق گەپلەرنى قىلىپ قۇيۇپ ئادەمنى تېلىقتۇرۇپ قۇيىشى،مەنىلىك ، ئادەم ئويلانغۇدەك گەپلەرنى قىلىدىغان ئۆزگىچە خارەكتىرى مەندە ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇردى.نەچچە ئاي ئىزدىشىپ يۈردۇق . يەنە شۇ ئېسىل ، ئۆزگىچە خارەكتىر.بىر كۈنى دوستۇم بىلەن
بازار ئايلىنۋاتسام تېلىفۇن قىپتۇ. ئۈچەيلەن بىللە تاماق يىمەكچى بولدۇق. تاماقنى بۇيرۇتۇپ بۇلۇپ،
تاماق ئۈستىلىگە "قىزىل كالا" ئىچىملىكىدىن ئىككىنى، ئاق ھاراقتىن بىر پوتۇلكا ئەكىلىپ
تىكلەپ قويماسمۇ!
       ئەرۋايىم 40 گەز ئۇچتى.ئۆمرۈمدە ھاراق ئىچكەن ئادەم بىلەن پەقەتلا خۇشام يوق ئىدى. سۇرۇنلاردا
ئامالسىزلىقتىن بىرەر ئىككى رومكا ئېچۋەتسە ، بوپتۇ دەپ تۇرايلى، بۇ خىلدىكى تاماققا ئارلاشتۇرۇپ
ئىچمىسە تامىقى سىڭمەيدىغان ، ئاللاھ ئىنئام قىلغان ھالال تاماققا بۇ نىجىسنى قۇشۇپ ھارام
قىلىدىغان بۇ خىلدىكى ئادەمنى زابوي دەمدۇق ياكى پىيەمچۈكمۇ؟ ئىشقىلىپ كاللامدىن ئۆتمىدى.
دوستۇمنىڭ ئالدىدا نۇمۇستىن ئۆرتەندىم. چىرايىمغا چىقىپ كەتتى. پەقەت ئېچىلالمىدىم. ئۆزەمگە
قۇيۇپ بەرسەم ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا بۇ يەردىن چىقىپ كەتكۇم بار. بىراق كىشلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيسى
يۇقىرى كۆتىرىلىپ، ئىدىيىسى ئېچىلغان،ھەر قانداق ئىشنى توغرا چۈشىنەلەيدىغان، ھەتتا ئاتا-بالا،
ئاكا-ئىنى بىر سۇرۇندا ئولتۇرۇپ سۇقاشتۇرۇپ ئىچەلەيدىغان، تۇتاشتۇرۇپ چىكەلەيدىغان، خانىم-
قىزلارمۇ "خوشە!" دەپ چۇرقىرىشىپ كەيىپ ھۇزۇرىنى سۈرەلەيدىغان بۈگۈنكى كۈندە ، مەندەك بىر ئالى
مەلۇماتلىق قىز بىر پوتۇلكا ھاراقنى تاماق ئۈستىلىگە تىكلەپ قويۇش سەۋەبلىك چىقىپ كەتسەم
ياخشى بولمىغىدەك دەپ چىداپ ئولتۇردۇم. مەن تاماق يىدىممۇ ، تاماق مىنى يىدىمۇ بىلمەيمەن.
ئەتراپقىلا قارايمەن. قاچان بىر تۇنۇش -بىلىشلەر كىرىپ قالار دەپ. شۇ ئارىدا ھاراق كۈچىنى كۆرسىتىپ
ئۆزىچى شوخلىشىپ ھېلىقى مەن بىلىدىغان جىمغۇر ، ئېسىل خارەكىرىنىڭ ئورنىنى لاۋزىلىق ،چاكىنىلىق ئىگەللىدى.تاققا- تۇققى گەپنى ئۆزى قىلىپ ئۆزى كۈلۈشلىرى نېرۋامنى ئۆرلىتىپلا قويدى.
شۇنىڭ بىلەن تىلفۇنۇمنىڭ سائەتلىك قۇڭغۇرىقىنى تەڭشەپ قۇيۇپ، ئاكام تىلفۇن قىپتۇ دىگەننى باھانە قىلىپ ئارانلا قېچىپ چىقىۋالدۇق.
"ىۇف......."دىدىم يۈرىكىمنى تۇتقانچە.ئەجەپ ياخشى بالىكەن.ئەگەر بۇ قېتىممۇ مۇشۇنداق قىلمىغان
بولسا، ئۆز تەبىىيتىنى ئاشكارلىمىغان بولسا، ۋاقتىمىنى ئىسراپ قىلىپ قاچانغىچە ئېزدىشىپ يۈرەر
بولغىيتىم-ھە!
5-قېتىملىق ئۇچىرشىش
ئادەتتە سىرتلارغا كۆپ چىقمىغاچقا، سۇرۇنلارغا كۆپ بارمىغاچقا تور ۋە كىتاپ مىنىڭ سىردىشىم
ئېدى.ھەر ئىسىل مۇنبەرداشلىرىم، تورداشلىرىم بار ئىدى.نادىر تېمىلار ئۈستىدە پىكىرلىشىپ
كىتەتتۇق.شۇ تورداشلىرىم سۈپىتىدىكى ئېلزات بىلەن مىجەزىمىز بەكلا چىقىشىپ قالغانلىق ۋە
پىكىرلىرىمىز بىر يەردىن چىققانلىق، بىر يۇرتلۇق سەۋەپلىك يۈز تۇرانە كۆرۈشتۇق.باشتا خېلى ياخشى تەسىر بەردى. "ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا، ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە "دىگەندەك ، بارا بارا توردىكى
غايىۋې ئەخلاقلىق ، ئىمانلىق، بىلىملىك ئىسلام يىگىتىدىن ئىبارەت ئوبرازى خۈنۈكلىشىپ،كۆز ئالدىمدا توردىن ئولجا ئىزدەيدىغان ،سۆزى بىلەن ھەركىتى بىردەك بولمىغان،بىكارچى ، لايغەزەل
يىگىتلەر ئوبرازى پەيدا بولدى.تور ئۇنىڭ زېرىككەندە ھەمرا تاپىدىغان، قىزلارنى قۇرۇق گېپى ئارقىلىق
قاپقانغا دەسسىتىدىغان سورۇنى ئىكەن-ئەمەسمۇ !
6-قېتىملىق ئۇچىرشىش
      خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن يېزىغا چېنىقىشقا چۈشتۈم. يىڭى خىزمەت ئورنۇمدا خىزمەتداشلىرىم
بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ قالدىم.ئوچۇق مىجەزىم، ھازىرقى زامان قىزلىرىغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە
خارەكتىرىمنى ياقتۇرۇپ قالغان خىزمەتدىشىم ئەزمەتنى تۇنۇشتۇردى.ئۇ يېزىلىق دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان كىتاپخۇمار، سالماق، تىرىشچان يىگىت ئىكەن.تەقى- تۇرقى بەك كىلىشكەنلەردىن بولمىسىمۇ، ئەخلاقى ، ئىلمى ، ئىمانى بولغاچقىمىكىن كۈزۈمگە خېلى ئىسسىق كۆرۈندى.ئۇنىڭ بىلەن نەچچە ئاي ئىزدىشىپ يۈردۇق.مۇناسىۋىتىمىز خېلى ياخشى ئىدى.نىمە بولدىكىن ، بىر قانچە كۈن
پەقەتلا ئىزدىمىدى. تىلفۇن قىلسام ئالمىدى. كاللامدىن ئۆتمەي، ئېلىكتىرونلۇق خەت ساندۇقۇمنى
ئاچسام ‹‹زەينۇرە، سىزدەك ئېسىل ، ياخشى قىزنى ئاللانىڭ ماڭا ئۇچراشتۇرغىنى مىنى تەلىيم ئىدى.  
بىراق مىنى كەچۈرۈڭ .ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسىراڭ! ياخشى قىزلارنىڭ بەختىنى ئاللاھ بىرىدۇ! ››دەپ خەت
قالدۇرۇپ قۇيۇپتۇ. بۇ خەتنى كۈرۈپ يا يىغلاشنى ، يا كۈلۈشنى بىلەلمىدىم.توۋا!مەن شۇنچە زىرىكىشلىك قىزمۇ؟
         چىرايىممۇ خەق ياراتمىغۇدەك سەتمۇ ئەمەس، مىجەزىم، ئەخلاقىمدىمۇ مەسلە بار دەپ قارىمايمەن........دەپ دىلغۇللۇق ئىچىدە يۈرگەن كۈنلەردە، ھېلىقى بىزنى تۇنۇشتۇرغان خىزمەتدىشىم ھەممە ئەھۋالنى بىلگەنلىكىنى، سەۋەبىنى ئەزمەتتىن سورىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۆزىنىڭمۇ بىلمەستىنلا تۇنۇشتۇرغانلىقىدىن كەچۈرۈم سورىدى.
     ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەزمەت مىنى بەكلا ھۆرمەتلەيدىكەن. ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇ بۇرۇن بىر قىز
بىلەن يۈرۈپتىكەن. بىر-بىرىنى بەكلا ياخشى كۈرەتتىكەن. ئۇ قىزنىڭ ئائىلە شارائىتى بەكلا ياخشى ئەركە قىز بۇلغانلىقى تۈپەيلى ، ئەزمەتنىڭ ئاپىسى سۆز ئېيتىپ بارسا ، بىچارە ئانىنىڭ غۇرۇرىغا تەگكۈدەك گەپلەرنى قىلىپ،" ئوغلىڭىز قىزىمىزنى يەنە ئازدۇۇپ يۈرمىسۇن، ئىككىسىنىڭ ئىشى
قەتئى مۇمكىن بولمايدۇ!" دەپ يولغا ساپتۇ.قىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ دىيىشىچە بىر ئۆيلۈك ئادەم
ئەزمەتكە قاراشلىق، ئىككى سىڭلىسىنى ئوقۇتۇش ئەزمەتنىڭ زىممىسىدە بولغاچ ئەركە قىزىنى جاپا تارتىپ قالمىسۇن دەپ قۇشۇلماپتۇمىش!شۇنىڭ بىلەن ئېشەكمۇ پۇتى بىر قېتىم كىرگەن يەرگە ئىككىنجىلەپ كىرمىگەن يەردە ئەزمەتمۇ ئاتا- ئانىسىنى تەكرار ئاقىۋەتكە قالدۇرۇشتىن، زىدە بولغان
يۈرەكنى يەنە زېدە قىلشتىن ئەنسىرەپ مەندىن ۋاز كېچىشنى لايىق تېپىپتۇ.ئاچچىق كۈلدۈم. نىمە
دىيىشنى بىلەلمىدىم."ئەزمەت، ئۇنداق قىلماڭ!بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ، مەندىن ۋاز
كەچمەڭ ! "دەپ يېلىنىشنى قىزلىق غۇرۇرۇم راۋا كۆرمىدى.
***********************************
     چېنىقىش ۋاقتىممۇ تۇشۇپ ئىدارەمگە قايتىپ كەلدىم.بۇنداق تېتىقسىز ئۇچىرشىشلاردىن بۇرنى-
قۇلىقىمغە تويدۇم.بۇرۇنقى شوخ ، ئۇماق مىجەزلىرىم بارغانچە چۇسلىشىپ، ئاسان چېچىلىدىغان
يالغۇزلۇقنى بەكلا خالايدىغان، بىرەرسى گەپ سورىسا ئامالسىزلىقتىن جاۋاپ بىرىدىغان باشقىچىلا بىر
ئادەم بۇلۇپ قېلۋاتاتتىم. مۇڭلۇق، لىرىك، غېرىپ ناخشىلارنى تولا ئاڭلايتىم.ئاڭلاۋېتىپ ئىختىيارسىز يېغلاپ كىتەتتىم. خىزمەتمۇ خۇشياقمايتى.قىلىدىغان ئېشىم تورغا چىقىش، كىتاپ ئۇقۇش.بىر قانچە   قىز دوسلىرىم بىلەن ئاندا- ساندا ئىزدىشىپ قۇياتتىم.ئوغۇللارنىڭ تىلفۇنىنى ئەسلا ئالغۇم كەلمەيتى.ھەممىسى شۇنچە مەنىسىز، تېتىقسىز ئىشلاردەك تۇيۇلاتتى.ھەربىر قېتىملىق
ئۇچىرشىشلىرىم ئىسىمگە كەلسىلا ئىچىمنى مۈشۈك تاتلىغاندەك ئازاپلىناتتىم.توۋا !نىمە ئىشلارنى
قىلىپ يۈردۈم-ھە!
ھېلىمۇ ئىسىمدە،ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭغا"سەندىن ياخشى، سەندىن كىلىشكەن، سەندىن ئىقتىدارلىق،سەندىن ئېسىل ، ئىشقىلىپ ھەر جەھەتتىن سەندىن قالتىسىنى تاپالايمەن !!! سەن ماڭا ماس كەلمەيسەن.مىنى بەختلىك قىلالمايسەن. مىنىڭ بەكلا بەخىتلىك بولغۇم بار !"دەپ رەھىمسىزلەچە
تاشلاپ كەتكىنىم!ماڭا مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى، سۈيۈلۈشنىڭ نەقەدەر شىرىنلىكىنى تۇنۇتقان شۇ
تۇنجى ئوغۇل دوستۇمنى "خىزمىتى يوق" دىگەن قالپاقنى كەيدۈرۈپ، يۈزسىزلىك، ۋاپاسىزلىق قىلىپ ،
ئۆز بەختىمنى ئۆزۈم قوغلىۋېتىپ،يەنە ئۆزۈم ئىزدەپ نىمە كۈنلەرنى كۆرمىدىم-ھە!
       كىشلەر بۇ جاھان تەڭشەلمىگەن جاھان دەيدىكەن، لىكىن بىلسەم بەكلا تەڭشەلگەن جاھان ئىكەن
بۇ! ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىل ئىكەن.مىنى نۇرغۇن ئەگرى- توقايلىقلاردا ماڭدۇرۇپ، قىلغان
ۋاپاسىزلىقىمنىڭ ، يۈزسزلىكىمنىڭ جاجىسىنى بەردى. شۇ چاغلاردا ‹‹ مىنى ئۇنداق بەك ياخشى
كۆرمە!مەن ئۇنچە سەۋدايىلارچە ياخشى كۆرسە ئۆچ!،ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ...» دەپ ئۇنى
سىلكىشلىرىم، كۆيۈنۈپ، كۆڭۈل بۆلسە ‹‹مىنى باشقۇرمىغىنە ، خۇتۇنۇڭ بولمىغاندىكىن ›› دەپ
ئالىيىشلىرىم، ئۇنى ئۆزەم يېغلىتىپ، ‹‹ئۆزەڭنى ئۇنچە بىچارە كۆرسەتمىگىنە،مەن يېغلىغان ئوغۇللارغا  
تېخىمۇ ئۆچ!››  دەپ نەشتىرىمنى سانجىشلىرىم، ‹‹ئەمدى ئىزدەپ ئاۋارە قىلما، تىلفۇن قىلما ،
بەختىمگە ئولتۇرۇپ قويما يەنە !بەك ئىزدەپ كەتسەڭ مىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، دەپ ھەيران قالمايمەن››دەپ خارلاشلىرىمدىن ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان تېخى مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلىپ بىلمەيدىغان
سەبى چاغلىرىمىزدىكى ساۋاغداشلىقتىن باشلىنىپ قالغان مۇھەببەتنىڭ شىرىن دەملىرىگىچە
شۇنداق تاتلىق، مەنىلىك تۇيۇلىدىغان، يۇزۇم خىجىللىق ئىلكىدە قىزارسمۇ، يۈرىكىم پۇشايمان ئىلكىدە پارە-پارە بولسىمۇ يەنىلا يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ، گاھى كۈلۈپ، گاھى يېغلاپ ئۇنىڭ بىلەن
ئۆتكەن ھەر بىر مىنۇتلارنى ئەسلەيدىغان بۇلۇپ قالدىم....
        ئەمدى، قېنى شۇ چاغلاردا زىرىككەن شۇ كۆيۈنۈشلەر ، كۆڭۈل بۆلۈشلەر ، مىھرىبانلىق ، ۋاپادارلىق
!!!سۈيۈلۈش نەقەدەر تاتلىق-ھە! ھازىر ھەممە ئادەملەرنىڭ نەزىرى مەن ئۈچۈن شۇنچە سوغۇق ، ئەتراپ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن شۇنچە غېرىپ ........كۈنلىرىم مۇشۇنداق ئۆتمەكتە. ھەممىگە كۆنۈپ قالدىم، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ نۇرغۇن ئۇچىرشىشلارغا بېرىپتىمەن.يۈرىكىمگە قۇلۇمنى تىقىپ باقسام، بىرەرسىگە كۆڭلۈم ھەقىقى چۈشۈپ باقماپتۇ.پەقەت يېشىمنىڭ چوڭ بۇلۇپ كەتكەنلىكى، رىئاللىققا يۈزلىنىش مەجبۇرىيتى يۈزىسىدىنلا ‹‹بەخت›› ئىزدەپ ئۇياق بۇياققا قاتراپ يۈرۈپتىمەن.مەن نىمانچە دۆت! ئۆزەم قوغلىۋەتكەن
بەخىتنى يەنە ئۆزەم ئىزدەيدىغان!!!بۇ ئىككى يىل جەريانىدا جىسمىمغا ئەركەك چىۋىننىمۇ
قوندۇرمىغان بولساممۇ، بىراق روھىم ئۇنىڭغا كەچۈرگۈسىز گۇناھلارنى قىلدى. مىنى كەچۈر
دىيىشكىمۇ تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ!ئەقىدەڭنى خارلىدىم،كەچۈر مىنى !تاپتىم، سەندىن ئېسىل
كىلىشكەننى،تاپالمىدىم ،سەندەك ۋاپادار—مىھرىباننى!تاپتىم، ئىقتىدارلىق، سەندىن
قالتىسنى،تاپالمىدىم، سەن كەبى غەرەزسىز سۆيىدىغاننى!جېنىم، مىنى كەچۈرەرسەنمۇ؟
ئاخىرقى ئۇچىرشىش
    مەن ئىشەكتىنمۇ دۆت ئوخشايمەن. يەنە بىر قېتىملىق ئۇچىرشىش ئۈچۈن كېىتىۋاتىمەن.‹‹
ئىسمىنىمۇ دىمىدىيا بۇ ئاينۇر،قانداق بالا بولغىيتى؟ ئەجەپ زىرىكتىم، بارىدىغان يەر تېپىلمىغاندەك
"گۈليۈرەك قەھۋەخانىسى" دەيدۇ تېخى!ئېچىشقان يەرلىرىمگە تۇز سېپىپ. ››دىدىم ئۆز-ئۆزۈمگە
غودوڭشىپ.
چۈنكى "گۈليۈرەك قەھۋەخانىسى " بىزنىڭ ئۇچىرشىدىغان كونا جايىمىز ئىدى.
     ئاخىرى يىتىپ كەلدىم.ئىشىكتىن كىرىپلا روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا
قالدىم.
ئۇ يەنىلا بۇرۇنقى كۈيۈمچانلىقى ، سالماقلىقى، يۇمۇرىستىكلىقى ۋە شوخلىقى بىلەن مىنى بۇ قىيىن
ئەھۋالدىن قۇتقۇزۋالماقچى بولغاندەك:‹‹ -- ئالداپ يۈرۈپ ئاخىرى كۆرىۋالىدىغان بولدۇم ھە سەن
ئۇماقنى ! كىلە، ئولتۇرغىنە›› دەپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
     مەن دەماللىققا نىمە دىيىشىمنى بىلمەي ، ئىپادىسىزلا جىلمىيىپ قويدۇم.ئۇ بىر تەرەپتىن ماڭا چاي تۇتقاچ،‹‹قايسى زامانلار بىز بىللە ئولتۇرۇپ چاي ئېچىپ باقمىغىلى، چاي ئالە!››دىدى.
    مەن سەل ئۆزەمنى ئوڭشىۋېلىپ،‹‹خاتا كىرىپ قالغان بولماي يەنە ، مەن قايتاي. ۋاقتىمىزنى بىكارلا
ئىسراپ قىلمايلى ›› دىدىم مەن ، گەرچە ئۇنىڭغا ئېسىلىپ قانغۇدەك يېغلىغۇم، ئۇنىڭغا تىزلىنىپ
تۇرۇپ ، ‹‹جېنىم ، مىنى كەچۈر! مەن گۈناھكار، مەن ۋاپاسىز، ››دەپ يۈزلىرىمگە كاچاتلىغۇم بولسىمۇ
قان قېنىمغا سىڭىپ كەتكەن،مەغرۇرلۇقۇم، ئۆز-ئۆزەمگە بولغان غايەت زور ئىشەنچىم ھېلىھەم كارامىتىنى كۆرسىتۋاتاتتى.بىرەر كۆڭۈلسىزلىك ، ئوڭۇشسىزلىققا ئوچىرسام يالغۇز قالغاندا قانغۇدەك بىز ھەممىمىز يېغلىۋالاتتىم-يۇ، ئادەم بار يەردە ئۆزەمنى بەكلا قەيسەر كۆرسىتەتتىم.باشقىلارغا قەتئى يېلىنمايتىم،گۈناھ ئۆزەمدە تۇرسىمۇ، ئاسانلىقچە بوي ئەگمەيتىم.مۇشۇنداق ئەركە ، ئوچۇقلا ئېيتسام
ئۇشۇق، بېشەم ئېدىم.مۇشۇ ئەسكى خۇيلىرىمنىڭ ھەممىنى ئەنە ئالدىمدا ئولتۇرغان ئەشۇ سەۋدايى  كۆتىرىپ كەلگەن. ئۇنىڭ دىيىشىچە مۇشۇ ئەسكى قىلىقلىرىممۇ ئۇنىڭغا ئۇماق، چىرايلىق كۆرىندىكەنتۇق.ھېچبىر قىزدا يوق بۇ ئۆزگىچە خارەكتىرىم ئۇنى مەھلىيا قىلۋاپتىكەنمىش!توۋا! مۇھەببەت شۇنداق بۇلىدىغان ئوخشايدۇ! بىرسىنى ياخشى كۆرسە ئەنە شۇنچە كۆتۈرۈشلۈك، ئىتائەتمەن
بۇلۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ!
       لىكىن ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم ۋە ھېچكىم بۇ مىجەزلىرىمنى كۆتەرمىدى.مۇشۇ جەرياندا مەن
كۆپ ئۆزگەردىم. ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ئېرىشكىنىم تۈمەنمىڭ ئازاپ ...بىراق مىجەزىم ئىلمى، نازۇك،
كۆتۈرۈشلۈك، كۈيۈمچان بوپ قاپتۇ.نىمىشقىدۇركى ھازىرنى ئۆزىدە ئۇنى كۆرۈپ كونا خۇيلىرىم يەنە
چۇقان سېلۋاتاتتى.
   ---ئاۋال ئولتۇرغىنە ، جىق ۋاقتىڭنى ئالمايمەن.دىدى ۋە قۇلۇمدىن تارتىپلا ئۇدۇلىدىكى ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرغۇزدى.  
  ---ئاڭلىسام تۇيۇڭ بۇلىدىكەن.مىنى چاقىرماي ئۆتكۈزەي دەپتىكەنسەندە! ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى مىنى
مەسخىرە قىلۋاتقاندەك تۇيۇلدى.
---كىم دەيدۇ؟
---ئاينۇر.ئۇ شۇنداق دىگەنتى، ئۇنىڭغا يېلىنىپ يۈرۈپ ئاخىرقى قېتىم بىللە ئولتۇرۋالاي دەپ سىنى
ئالداپ ئارانلا ئەچىقتىم .
ئاينۇرنىڭ قاپيۈرەكلىكىنى قارا!مۇشۇنداق كۈنلەردىمۇ ، بۇنچە ئېغىر چاقچاق قىلغان بارمۇ؟
مەنمۇ چاندۇرمىدىم. خلى ئۇزۇن چاقچاق ئارلاش پاراڭلاشقان بولدۇق. ئاخىرىدا ئۇ:
‹‹-بوپتۇ، پىشانىمىزگە پۈتۈلگىنى شۇ ئوخشايدۇ، ساڭا بۇرۇنمۇ ئىشەنگەن ھازىرمۇشۇنداق.
       سەن ئەقىللىق ، چۇقۇم توغرا تاللىيالايسەن،ئاللاھ بەختىڭنى بەرسۇن! تۇيوڭغا چاقىرىشنى ئۇنۇتما  دىمەسمۇ!، ئۈزەمچە ‹‹مەن بىلەن يارىشۋېلىش ئۈچۈن كەپتۇ. مىنى ھېلىھەم شۇنچە ياخشى
كۈرىدىكەن›› دەپ سۈرگەن خام خىياللىرىمنىڭ ئەكىسچە بۇلۇپ چىقىشى بىلەن ئاسماندىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەندەك بولدۇم. بېشىم قېيىپ ، كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى. ئەمما ئۆزەمنىزورىغا بېسۋېلىپ، ‹‹دىگىنىڭ كەلسۇن!سەنمۇ ئۆزەڭنى ئاسىرا!››دىدىم-دە، چىقىپ كەتمەكچى بۇلۇپ ئالدىراپ مىڭىپ، ئۈستەلنىڭ پۇتىغا پۇتلىشىپ يېقىلىپ چۈشتۈم. بىر قۇلۇم ئۇنىڭ ئايىقىدا! قول سومكام ئۈستەلنىڭ ئاستىدا! بېشىم تۆۋەن سېلىنغان!
     بەكلا خورلۇق ھېس قىلدىم. ئۇ جىددىيلىشىپ ‹‹ پۇتۇڭ بەك ئاغىرۋاتامدۇ؟››دەپ يۆلىدى. لىكىن دەسسىيەلمىدىم. پۇتۇم قايرىلىپ كەتكەن بولسا كېرەك. بەكلا ئاغىرۋاتاتتى. يۈرەك ئاغرىقىمغا پۇتۇمنىڭ ئاغرىقى قۇشۇلۇپ چىدىمايلا قالدىم. كۆڭلۈمدە ئاينۇرنى مىڭنى تىللىدىم.       كۆز ياشلىرىمنى ئۇنىڭغا كۆرسەتمەسلىككە قانچە تىرىشساممۇ لىكىن شۇ دەقىقىدە شۇنچە قەيسەر ، مەغرۇر جىسمىم ۋە روھىمدىن ئۇنچىلىك قۇدرەتنى ئېزلەپ تېپىشقا قۇربىم يەتمىدى. ماڭالمىغاچقا، ئۇ مىنى كۆتىرىپ ماشىنىغا ئېلىپ ماڭغان چاغدا ئۆزەممۇ بىلمىدىم ، ئۇنىڭ بوينىغا چىڭ ئېسىلىپ بۇقۇلداپ يېغلاپ كىتىپتىمەن. بۇ ھەرگىزمۇ پۇتۇمنىڭ ئاغرىق ئازابى ئەمەس بەلكى يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن چىققان پۇشايماننىڭ ئاچچىق ياشلىرى ھەم يۈرىكىمنىڭ زەردابى ئىدى....ئۇدۇل دوختۇرخانىغا باردۇق. دوختۇر كۆرۈپ بېقىپ چوڭ چاتاق يوقلىقىنى ئېيتتى ۋە ‹‹ئايالىڭىز ھازىرچە كۆپ ماڭمىسۇن›› دىيىشى بىلەن ئۇ ماڭا قاراپ تاتلىق ھەم مەنىلىك كۆلۈپ كۆزىنى قىسىپ
قويدى. توۋا ! ئەجەپ چىرايلىق ئاڭلاندىيا دوختۇرنىڭ بۇ سۆزى! قەلبىمدە تاتلىق سېزىم،. ‹‹ئۇنىڭ
ھەممىنى قايتىدىن باشلايلى! ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى››دىگەن سۆزىگە قانچە تەشنا بولدۇم، قانچىلىك
كۈتتۈم بىر ئۆزەم بىلىمەن .بىراق.....
     ئۆيگە قايرىلىدىغان دوقمۇشقىمۇ كەپ قالدۇق.بىراق ھېچبىر شەپە يوق ! مەن ساراڭ بولدۇممۇ نىمە؟بايا ئۇ ماڭا بەخىت تىلىگەن تۇرسا يەنە نىمەدەپ ئۇنىڭدىن نىمىلەرنى تاما قىلىپ كەتتىم؟ دەرھال ئۆزەمگە قايتتىم.
     ئۇ ماشىنىنى شۇنچىلىك ئاستا ھەيدەۋاتاتتى، مەن مۇمكىن بولسا تېخىمۇ ئاستا ھەيدىشىنى تىلىدىم.تۇيۇقسىز‹‹---ھېلىھەم تىرنىقىڭغا لاك سۈرتمەمسەن؟›› سورىدى ئۇ.نىمە بولدى؟ سۈرتكەن قىزلارغا ئامراق بۇلۇپ قالغان ئوخشىمامسەن؟ئۆز ۋاقتىدا تاتىلاپ چىقىرۋەتكەن ئىدىڭ-يۇ!ئۇ كۈلدى.
       ---ئەكىلە ھېلىقى مەن لاكنى چىقىرىۋېتەيلى دەپ قانىتۋەتكەن قۇلۇڭنى! دىدى-دە قۇلۇمنى تارتىپلا يانچۇقىدىن ئەتتىرگۈل بىلەن يۈرەكنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئالتۇن ئۈزۈكنى ئېلىپ بارمىقىمغا سېلىپ قويدى.
ھېس قىلدىمكى دوستۇم ئاينۇر بىلەن ئالدىن پىلانلاپ قويغان بۇ ئۇچىرشىش ماڭا شۇ قەدەر مەنىلىك، تاتلىق، قەدىرلىك تۇيۇلماقتا ئىدى..
---يۈرگەن كۈنىمىزگە ئازلا قالدى. شۇ كۈنگە توغىرلاپ تۇيىمىزنى قىلۋېتەيلى!
---مەن ھەم ھەيرانلىق ھەم خىجىللىق ئىچىدە ‹‹بول..ماس..مىكىن.. ›› دىدىم دۇدۇقلاپ.نىمىشقا ئەمدى؟
---كىيىنكى كۈنلەردە مەندەك ۋاپاسىزلىق قىلساڭچۇ؟ دىدىم- قېلىن يۈزۈمنى يەنە قېلىن قىلىپ.
---ساراڭ. بولدى قىلە. مىنى تېخىچە چۈشەنمەيدىكەنسەن-ھە!ئاللاھقا بولغان سېغىنىشلىرىم بىكار
كەتمەپتۇ. ساڭا قايتا ئېرىشتىم.سىنى بۇرۇنقىدىن نەچچە يۈز ھەسسە قەدىرلەيمەن! ماڭا ئىشەن!سىنى
بەخىتلىك قىلىمەن!
      شۇنداق قىلىپ 11-ئاينىڭ 9- كۈنى 5 يىلنىڭ ئالدىدىكى يۈرگەن كۈنىمىزگە توغىرلاپ تۇيىمىزنى
قىلۋالدۇق.ئاللاھقا رەھمەت، مىڭ تەشەككۈر!شۇنچە قىلغانلىرىمنى ئاللا كەچۈرۈپتۇ، ئۇ كەچۈرۈپتۇ. بەخىتىمنى بىرىپتۇ، بەخىتلىك قىپتۇ.  
      ھېلىھەم ئېسىمدە. يۈرىۋاتقان چېغىمىزدا چاقچاقلىشىپ ، بالىمىز قانچە سەت بوپ قالار-ھە! دىسەم، ‹‹ قېشى سىنىڭكىدەك سۇرمۇخ بولسا، قاپىقى مىنىڭكىدەك خەن قاپاق بولسا،كۆزى
سىنىڭكىدەك كىچىك بولسا، مەندەك سەل دۆترەك بولسا، نىمانچە سەت ،دۆت، كۆرۈمسىز بالا بۇ!قانداقمۇ
باققىمىز كىلەر!›› دەپ تېلىقىپ كۈلۈشكىنىمىز!مانا ئەكىسچە مۇھەببىتىمىزنىڭ شاھىدى بولغان
ئوغلىمىز تۈركىزاتنىڭ ئۇماقلىقى، ئەقىللىقلىقىنى قارا!مىنىڭ بەكلا، بەكلا بەخىتلىك بولغۇم بار   ئىدى.بىلدىمكى بەخىت دىگەن مانا بۇنىڭدىن ئارتۇق بولمىسا كېرەك.
رەھمەت مىنى كەچۈرگەنلىكىڭگە!
رەھمەت مىنى قەدىرلىگەنلىكىڭگە!
كىيىنكى ھاياتىمدا سەن ۋە ئوغلۇمنى بەخىتلىك قىلىش ئۈچۈن قانچە جاپا چەكسەممۇ رازى!
**********************************************
ئۇچىرشىش رەسمى ئاخىرلاشتى.قايتا ئۇچىرشىشقا چىقىشتىن ئاللاھ ساقلىسۇن! مانا ھازىر شۇ
ئاتالمىش ‹‹ خىزمىتى يوق ›› يىگىتىم، ھازىرقى سۈيۈملۈك يولدىشىم بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان كادىر، باشلىقلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەركىن، تېخىمۇ خۇشال، تېخىمۇ باياشات، تېخىمۇ
بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتىمىز!
بەختىمىزگە كۆز تەگمىسۇن! ئاللاھ ھەممە قىزلارنىڭ ماڭا ئوخشاش بەختىنى بەرسۇن!
2011 -يىل 7-ئاينىڭ 8-كۈنى كۇچادا يېزىلدى .

      مەنبە: ئىزلا تورى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8277
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 90
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە90دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 1171 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-24
ئاخىرقى: 2011-12-01

ياخشى يېزىلىپتۇ .
.