تانسا ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ نومۇس ۋە ئەرلىك غورۇرىغا بولغان دەھشەتلىك ھاقارەت بىزدە تانسا ۋە تۇغۇلغان كۈن دىگەندەك ئەسلىدەغەربكە تەۋە بولغان ئادەتلەر شىددەت بىلەن ئومۇملاشماقتا . يېڭىدىنئومۇملىشىۋاتقان روجدسىتوۋ بايرىمى ، ئېلىكترونلۇق تۈنەك ….دىگەنلەرنىقويۇپ تورۇپ ، تانسا ئۈستىدىلا توختالساق ، بەزى ئۆزگىرىشلەرنى بىلىۋىلىشمۇمكىن. تانسا ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ نومۇس ۋە ئەرلىك غورۇرىغا بولغاندەھشەتلىك ھاقارەت بولسىمۇ ، زامانىۋىلىشىش دىگەن يېپىنچا ئاستىدا بۇخىل ھاقارەت تۇيغۇسى يارىشىملىق ، باشقىچە گۈزەل تۇيغۇلارغا ئورۇنبەرگەندەك قىلىدۇ . ئويلاپ كۆرمەمسىز ؟ يات بىر ئەركەك كۆز ئالدىڭىزدائايالىڭىز ، قىزىڭىز ياكى ھەمشىرىڭىزنى خىرامان پىرقىرىتىپ يۈرسە ، ۋىجدانىڭىزنى خورلۇق ھېس قىلماستىن ، ئەكسىچە توغرا چۈشىنىپكېتىۋەرسىڭىز ، سىزدىكى بەرجەس ئەركەكلىك نەدە قالدى ؟ ھەتتا سىزخورازچىلىكمۇ بولالمىسىڭىز ، بۇ ئەمدى قانداق ئەرلىك غورۇر ؟ نەدىن ئېمپورتقىلىنغان ناجىنىس ئادەت ؟ ياكى ئەركەكلىك دېگەن ئوقۇمغا باشقىدىن تەبىربېرىش كىرەكمۇ ؟بەزىلەر شۇمۇ گەپ بولدىمۇ ؟ تانسا دىگەن ئاللىبۇرۇنلا جەمىيەتلەشكەنتۇرسا ، يەنە ئۇنى – بۇنى دېيىشنىڭ نېمە ھاجىتى ؟ – دەپ ئويلاپ قالار . راسىت ! ئۇ ئاللىقاچان جەمىيەتلەشتى ، ئەمما ئۇ ھەقتە كۆزىمىزنى يۇمۇپ ، ھېچنىمە دىمەمدۇق ؟ نۇرغۇن نەرسىلەر جەمىيەتلىشىپ كېتىشتىن بورۇن ئۇ بىخھالەتتە ئىدى . ھېچكىم ھېچقانداق قارشىلىق قىلماي ، ئەگىشىپ كېتىۋىرىپكۈنۈپ قالغاندىن كېيىن ، بۇ ئەمدى قىلمىسا بولمايدىغان ، ئەزەلدىن بارقىممەتلىك ئۇدۇمدەك خويمۇ ئوبدان ئۆزلىشىپ قالىدۇ . چاتاق دەل مۇشۇ
ۋىجدانى ئويغاق ئەقىل ئىگىسى بولغان ئەركەك ئويلىنىپ بىقىڭ ! سىزنىڭ قىزىڭىزنى ياكى سىڭلىڭىزنى ياكى ئايالىڭىزنى باشقا بىر ئەركەك يۇمشاق قوللىرىنى تۇتۇپ بەللىرىنى سىلاپ ، ئىسىل ئاياللىق پۇراقلىرىنى پۇراپ تانسا ئوينىسا ئەركەكلىك غۇرىرىڭىز سىزنى جىم تۇرۇشقا يول قويامدۇ !!!! ياكى سىز بىر ئەركەك ۋىجدانلىق ئەركەك تۇرۇپ ئۆزىڭىزنىڭ قىزىدەك ، سىڭلىسىدەك قىزلار بىلەن تانسا ئويناۋاتقاندا ياكى ئايرىم خانلاردا ھەزىل چاقچاقلار بىلەن ئولتۇرغىنىڭىزدا سىزنىڭ قىزىڭىز بىلەن ياكى سىڭلىڭىز بىلەن ياكى ئايالىڭىز بىلەن باشقا بىر ئەركەك باشقا بىر سورۇندا شۇنداق ئولتۇرغان بولسا سىز قانداقمۇ چىدارسىز .................... ئىسىڭىزدە بولسۇن ھازىرقى ھوقۇقىڭىز ياكى خىزمەت ئورنىڭىز ياكى يۈز ئابرۇيىڭىز ياكى پۇل مىلىڭىز سىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئورنىڭىز ئەمەس مايمۇننىڭمۇ دەرەختىن چۈشۈپ كىتىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ .
شۇڭا سىز ئۆزىڭىزنىڭ قىزلىرىدەك قىزلارنى ، سىڭىللىرىڭىزدەك قىزلارنى ، ئاياللىرىڭىزدەك ئاياللارنى ، بىردەملىك ھىسياتنىڭ قۇلى قىلماڭ سىز ئايال كىشى ، ياكى قىز بولسىڭىز سىزمۇ مىللەتنىڭ ئانىسى ئۆزىڭىزگە يول قويماڭ سىزگە خالىغان چىۋىنلار ھەرخىل پاشىلار قونۇپ قالمىسۇن ! نۇزۇگۇمدەك بولالمىسىڭىزمۇ ئۆزىڭىزدەك بولۇڭ !
خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيە كىلياڭ يىزا
مەنبە : شىنجاڭ مەدەنىيتى ژۇرنىلى