باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1572 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: 486 يىل بۇرۇنقى شاراب چەكلەش پەرمانى
كۆزۆڭنىڭ بارىدا شە كۆ
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8183
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 932
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە932دانە
ئۆسۈش: 190 %
مۇنبەر پۇلى: 9792 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-17
ئاخىرقى: 2012-03-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-29 17:51

486 يىل بۇرۇنقى شاراب چەكلەش پەرمانى

                                        ئاپتۇرى؛   iliho.com


سىز كۆرمەكچى بولغان بۇ يازما «بابۇرنامە»نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىدىن ئېلىنغان بولۇپ، گەرچە يېزىلغىنىغا 486 يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدىمۇ بىر ئىجابىي تەسىرى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، دېگەن نىيەت بىلەن تور يۈزىگە چىقىرىلدى. نەشرىيات، نەشرى ۋە بەت سانلىرى يازما كەينىدە ئەسكەرتىلدى. باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ئۇشبۇ ئۇچۇرلارنى قالدۇرۇپ قويماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
يازما تېمىسى پايدىلىنىشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، ۋاقىتلىق قويۇلدى. ئاچقۇچلۇق مەزمۇنلاردىن: «ھېچبىر كىشى شاراب ئىچىشكە ئۇرۇنمىسۇن، ئۇنى ھاسىل قىلىشقا تىرىشمىسۇن، شارابنى ئىشلىمىسۇن، ساتمىسۇن ۋە ئالمىسۇن، ئۆيدە ساقلىمىسۇن، بىر تەرەپكە ئېلىپ بارمىسۇن ۋە ئېلىپ كەلمىسۇن....»قاتارلىقلار  
  

زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇرنىڭ شاراب (مەي) چەكلەش پەرمانى



توۋا قىلغانلارنى ۋە ساپلارنى سۆيگەن توۋا قوبۇل قىلغۇچىغا ھەمد ئوقۇيمىز. گۇناھكارلارغا توغرا يول كۆرسەتكەن ۋە مەغپىرەت ئىزدىگەنلەرنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلغان بېغىشلىغۇچىغا شۈكۈر ئېيتىمىز. ياراتقانلىرىنىڭ ئەڭ خەيرلىكى مۇھەممەدكە، ئۇنىڭ ساپ ئەۋلادىغا ۋە پاك ساھابىلىرىگە ئاللادىن رەھمەت تىلەيمىز.

  

سەۋەبلەر سۈرىتى ئىنكاسىنىڭ توپلىنىش ئورنى ۋە ساداقەت، توغرۇلۇق ئۈنچىلىرى نەقشنىڭ خەزىنىسى بولغان ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ پىكىر ئەينىكى شۇ پىكىرنىڭ پارلاق جەۋھەرلىرىنىڭ (313) زىننىتىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ ئىنسان تەبىئىتى ئۆزىنىڭ يارىتىلىشى بويىچە نەپسى لەززەتلىرىگە مايىلدۇر، زوق كەلتۈرگۈچى يېقىملىق نەرسىلەرنى تەرك ئېتىش خۇدانىڭ تەۋفىق بېرىشىگە ۋە ساماۋىي بىر يادەمگە باغلىقتۇر. ئىنسان يامانلىققا يۈزلىنىشتىن يىراق ئەمەستۇر. «نەپسىمنى ئاقلىمايمەن، چۈنكى نەپس يامان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ.» ئۇنىڭدىن قايتىش پەقەت بېغىشلىغۇچى پادىشاھنىڭ ئىنايىتى بىلەنلا بولىدۇ. «بۇمۇ ئاللانىڭ كەرەمىدۇر، ئاللا ئۇنى خاھلىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ بۈيۈك كەرەم ئىگىسىدۇر.»

  

بۇ سۆزلەرنى ئىپادىلەش ۋە بۇ گەپلەرنى بايان قىلىشتىن مەقسەت شۇكى، ئىنسانلىق تەقەززاسى، پادىشاھلار رەسىم – قائىدىسى، پادىشاھلىق لاۋازىمى، پادىشاھتىن تارتىپ سىپاھىيلارغىچە بولغان مەنسەپ ئىگىلىرىنىڭ ئادىتى بويىچە ياشلىق مەزگىلىدە بەزى گۇناھلار سادىر قىلىناتتى ۋە ئاز – تولا ھاۋايى – ھەۋەسلەر بىلەن شۇغۇللىنىلاتتى. بىر قانچە ۋاقىتتىن كېيىن ھەسرەت – نادامەت كۈنلىرى كەلگەندە، بۇ گۇناھلىق ئىشلار بىر – بىرىدىن تەرك قىلىناتتى ۋە چىن توۋا ئارقىلىق بۇ ئىشلارغا قايتىش ئىشىكى  يېپىلاتتى. لېكىن بۇ مەقسەت بىلەن تەلەپ قىلىنغانلارنىڭ مۇھىمى ۋە ھېس قىلىنغان ئېھتىياجلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈكى بولغان شاراب توۋىسى «ھەر ئىش ئۆز ۋاقتىغا باغلىق» دېگەن پەردە كەينىگە بېكىنىپ، يۈزىنى كۆرسەتمەيتتى. زور غەيرەت بىلەن جىھاد ئىھرامىنى باغلاپ، شەۋكەتلىك ئىسلام لەشكىرى بىلەن بىللە كاپىرلارغا قارشى جەڭگە كىرگەن بۇ مۇبارەك سائەتتە غايىب ئىلھامچى ۋە ھەقىقەت جارچىسىدىن «ئىمان ئېيتقانلارنىڭ قەلىبلىرى ئاللانى زىكرى قىلىشى بىلەن بولىدىغان ۋاقىت كەلمىدىمۇ» مەزمۇنىنى ئىشتىپ، گۇناھ سەۋەبلىرىنى يىلتىزىدىن قومۇرۇش ئۈچۈن زور غەيرەت بىلەن توۋا ئىشىكىنى قاقتۇق. تەۋفىق رەھبىرى «ئىشىكنى قاققان كىشى سەبىر قىلسا كىرىدۇ» (ب 313) مەزمۇنى بويىچە ئىقبال ئىشىكىنى ئاچتى ۋە بۇ جىھادنى نەپسكە قارشىلىق كۆرستىشتىن ئىبارەت بولغان زور جىھاد بىلەن باشلاشنى بۇيرۇدى. شۇنداق قىلىپ، «ئەي رەببىم، بىز ئۆزىمىزگە زۇلۇم سالدۇق»نى ئىخلاس تىلىغا كەلتۈرۈپ، «سېنىڭ ئالدىڭدا توۋا قىلدىم ۋە مەن مۇسۇلمانلارنىڭ بىرىنچىسىمەن» دېگەن سۆزنى دىل لەۋھەسىگە نەقش قىلدۇق. كۆڭۈل خەزىنىسىدە مەخپىي قالغان شاراب توۋىسىنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇردۇق. زەپەر نىشانلىق خادىملار مۇبارەك ھۆكۈم يۈزىسىدىن كۆپلۈك ۋە كۆركەملىكتە يۈكسەك ئاسماننىڭ يۇلتۇزلىرىغا ئوخشايدىغان، ئېسىل ئولتۇرۇشلارنىڭ بېزىكى بولغان ئالتۇن – كۈمۈش قەدەھ ۋە باشقا مەي قاچىلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ، خۇدا بۇيرۇسا، بىز يېقىندا چىقىشقا مۇۋەپپەق بولىدىغان بۇتلارغا ئوخشاش پارە – پارە قىلىپ، ھەر پارچىسىنى پېقىر – مىسكىنلەرگە بەردى. قوبۇلى يېقىن بۇ توۋىنىڭ خاسىيىتى بىلەن يېقىنلارنىڭ كۆپچىلىكى «كىشىلەر پادىشاھلىرىنىڭ ئېتىقادىغا قارايدۇ» دېگەن تەلەپ بويىچە، شۇ ئولتۇرۇشتىلا توۋا شەرىپىگە نائىل بولدى ۋە شاراب ئىچىشتىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچتى. خۇدانىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىشىگە بويسۇنغانلار تېخىچىلا توپ – توپ بولۇپ، سائەتمۇسائەت ۋە سائادەتكە ئېرىشمەكتە. ئۈمىد شۇكى، «ياخشىلىققا يول كۆرسىتىش ياخشىلىق قىلغان بىلەن ئوخشاش» دېگەندەك، بۇ ئىشلارنىڭ ساۋابى خۇش بەخت پادىشاھىمىزنىڭ ھاياتىغا ئائىت بولغاي ۋە سائادەت بەرەكاتىدىن غەلىبىسى كۈندىن – كۈنگە ئارتقاي.

  

بۇ ئارزۇ ۋە بۇ ئەمىنىيەت تەلتۆكۈس ئاخىرىغا يەتكىنىدىن كېيىن، ئالەم بويسۇنۇشى لازىم بولغان پەرمان ئىجرا شەرىپىگە ئېرىشتىكى، تەۋەيىمىزدىكى مەملىكەتتە (خۇدا بۇ يەرلەرنى ئاپەت (314) ۋە خەۋپلەردىن ئامان قىلسۇن) ھېچبىر كىشى شاراب ئىچىشكە ئۇرۇنمىسۇن، ئۇنى ھاسىل قىلىشقا تىرىشمىسۇن، شارابنى ئىشلىمىسۇن، ساتمىسۇن ۋە ئالمىسۇن، ئۆيدە ساقلىمىسۇن، بىر تەرەپكە ئېلىپ بارمىسۇن ۋە ئېلىپ كەلمىسۇن: «بۇنىڭدىن قېچىڭلار، بەلكىم نىجات تاپارسىلەر».

  

بۇ غەلىبىلەرگە تەشەككۈر ۋە بۇ چىن توۋىنىڭ قوبۇلىغا تەسەددۇق بولسۇن ئۈچۈن، پادىشاھلىقنىڭ مەردلىك دېڭىزى جۇش ئۇرۇپ، ئالەم مەمۇرلىقىغا سەۋەب بولغان ۋە كىشىلىك ئابرويىنى ئاشۇرغان كەرەم دولقۇنلىرى زاھىر بولدى: پۈتۈن مەملىكەتتە بۇرۇنقى پادىشاھلار كېچىكتۈرمەي ئېلىپ كەلگەن ۋە ھەددىدىن ئارتۇق بولغان تامغا بېجى شەرىئەت قائىدىلىرىنىڭ سىرتىدا بولغانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلمانلاردىن قالدۇرۇلۇپ، پەرمان چىقتىكى، ھېچبىر شەھەر، قەسەبە، يول، ئۆتكەل ۋە پەندەلەردە تامغا بېجى ئېلىنمىسۇن ۋە بۇ ئەمىرنىڭ قائىدىلىرىنى ئۆزگەرتىش كۆرۈلمىسۇن: «كىمكى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇنى ئۆزگەرتسە، گۇناھى شۇ ئۆزگەرتكۈچىنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ». پادىشاھنىڭ مېھرىبانلىقىغا سېغىنغان تۈرك، تاجىك، تاتار، ئەرەب، ئەجەم، ھىندى، پارسىي پۇقرا ۋە سىپاھىي – پۈتۈن قوۋم، ھەممە ئىنسان بۇ ئەبەدىي ئىلتىپاتقا تايىنىپ ھەم ئۈمىد باغلاپ، ئەبەدىيلىككە بىرىككەن دۆلىتىمىزنىڭ دۇئاسى بىلەن مەشغۇل بولسۇن، بۇ ئەمىرلەر ئىجراسىدىن تاشقىرى چىقمىسۇن ۋە بۇرالمىسۇن، پەرمانغا مۇۋاپىق ئىش ئېلىپ بارسۇن. بۇ ھۆكۈم ئۇلۇغ پادىشاھ ئىمزاسى بىلەن يېتىپ بارسا، ئۇنىڭغا مۇتلەق ئىشەنسۇن.

  

933 – يىلى (مىلادىيە 1525–يىلى) جەمادىيەلئەۋۋەل (ب 314) ئېيىنىڭ يىگىرمە تۆتىدە ئالىي ئەمىر بويىچە پۈتۈلدى. ئۇلۇغ تەڭرى ئۇنى يۈكسەلدۈرسۇن ۋە نوپۇزىنى مەڭگۈ قىلسۇن. (بۇ پەرمان پارسچە يېزىلغان).


  

— «بابۇرنامە»، مىللەتلەر نەشرىياتى (بېيجىڭ)، 1991 –يىل 10–ئاي 1–نەشرى، 595 – 599– بەتلەر
ئادىيات
دوستلىشىش
dulbarqin310
توۋا دەيمەن، دۇنيادىكى ئىشلارغا.........
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1145
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1145دانە
ئۆسۈش: 580 %
مۇنبەر پۇلى: 12253 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-03-31

ياخشى ھۆكۈمكەن مەنچە.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8290
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 15
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە15دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 150 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-25
ئاخىرقى: 2012-01-31
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-30 00:53

  ھازىر  چەكلەش  ئۇياقتا   تۇرسۇن .   خەقلەرنى  قىزقتۇرۇپ    ئىلان  قىلۋتمامدۇ  .      ئاللا  ئوزۇڭ  ئاسان  قىلغايسەن   ھارامدىن  ساقلىغايسەن   شەيتاندىن   يىراق  قىلغايسەن
بىراۋ دىدى تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار.  مەن دىدىمكى شۇ تۇخۇمنىڭ  ئاشۇ تاشتا دەدى بار
دوستلىشىش
tuprakbag
ئەتە ئۆلۈپ كىتىمەن!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5443
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 212
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە212دانە
ئۆسۈش: 450 %
مۇنبەر پۇلى: 2570 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2012-03-27
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-31 00:17

بىزنىڭ سۈيۈملۈك ئىللىق چىراي زۇڭلىرىمىزمۇ مۇشۇنداق جاكارنامىدىن بىرنى چىقارسا بوپتىكەن......شوربۇلاق مەھەلىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپلىۋەتسەك
ئەتە ئۆلۈپ كىتىمەن!