ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرېنداشلار!
مۇشۇ مۇنبەردىكى <<ياشا قازاق،كۆكلە ئۇيغۈر>> تېمىسىنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇرسەن بۇلدۇم.ئەلۋەتتە مۇشۇ تېما ئىگىسىگە رەھمەت ئېيتىمەن! شۇنداقلا مۇشۇنداق ياخشى تېمىنى كۆرەگەن ھەربىر ھەقىقى ئىمان-ئېتتىقادى،ۋىژدانى بىلەن ياشاۋاتقان ھەربىر ئۇيغۇر -قازاق قېرېنداشلارنىڭمۇ ئاپتورغا تەشەككۇر ئيىتقۇسى كېلىدۇ ،ئەلۋەتتە!بىراق ناھايىتى ئەپسۇسنارلىق ئش بولغىنى مۇشۇ تېمى كۆرۇپ ئاشۇ قالايمىقان ،ساپاسىز ئېنكاس يازغانلار، قېرېنداشلار ئارامەقسەتلىك بۆلگۈنچىلىك قىلىۋاتقان ئېتتىقادسىز مۇناپىقلار نىڭ قالايمىقان جۆيلۇشلىرىگە لەنەت دەيمەن. بۇ شېئر غا يېزىلغان بەزى ئېنكاسلارنى كۆرسەكلا بۇنى ھېس قىلمىقىمىز تەس ئەمەس.
ئۇيغۇر ۋە قازاق نىڭ تارىخىنى بىلمەي تۇرۇپ ھەم چۇشەنمەي تۇرۇپ،بۇتوغرىسىدا قالايمىقان پىكىر قىلىش ،مېنىڭچە بۇنداقلار بىر بولسا نادان ياكى ئەخمەق. بۇنداقلار پەقەتلا ۋە پەقەت ئۆزىنىڭ ساپاسىزلىغىدىن باشقا ھېچ نىمىنى ئېسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ. شۇنداق ئېنكاس يازغۇچىلارنى ئېنكاسى بىلەن قۇشۇپ بۇ مۇنبەردىنلا ئەمەس ،بەلكى ئارمىزدىن تازلاپ يوقىتىشىمىز كېرەك ،بولمىسا،بىر چاشقان بىر قازان ئاشنى بۇلغىغان دەكلا .
تارىخىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق ئۇيغۇر -قازاق مىللەتلىرى ھەم يىلتىزداش،ھەم تەقدىرداش بۇلۇپ،خۇددى ئاكا-ئۇكىلارغا ئوخشاش. شۇڭا بۇ ئىككى قېرېنداش مىللەت نىڭ مۇناسىۋىتىگە كىم بۆلگىنچىلىك قىلسا شۇ مۇناپىق،چۇشەنسەك شۇنداقلار بىز نىڭ دۈشمىنىمىزدۇر،دېمەك ئېناقلىق بىز نىڭ مەقسىدمىزدۇر.خۇددى بەزى ئېنكاس يازغۇچىلار ئېيتقاندەك بىز گە دۈشمەن ئەمەس،بەلكى دوستلۇق،ئېناقلىق كېرەك،ئويلاپ باقساق بىز ھازىر بۇنىڭغا بەكمۇ ئېھتىياجلىق!چۇنكى ئېناق بولمىغان قەۋىمدە ،ئامەت يوق.
بىزئۇيغۇر دىگەن بۇ چىرايلىق نامىمىزغا لايىق ئش قىلايلى ،بىلمىگەن ھەم چۇشەنمىگەن ئىشقا تەبىر بېرىپ ئولتۇرغاندىن كۆرە،ئتتىقادىمىزنى توغۇرلاپ، شۇبىلمىگەننى ئۆگۈنەيلى،ھېچ بولمىسا كەلگۈسىمىز ھەم كېيىنكى ئەۋلاتلىرىمىزغا بىلدۇرۇش ئۇچۇن بولسىمۇ!
بىز ئەسلى بىر ئۇيۇشقاق قەۋىم، ئىناق ئۇيغۇر ئىدۇق،
قالدۇرۇپ ئەجرىمىزدىن تارىختائىزلار ياشىغان ئىدۇق.
ئەمدى بۇلۇپ قالمىسۇن ئۇيغۇرۇم ھەرگىز ئۇرۇشقاق،
ئاگاھ بۇلۇپ ياشنىغىن ئەبەد ئۆتكىن مەڭگۈگە ئىناق.