ئاللاھنىڭ ئېيى بۇ رامىزان....
(مۇبارەك رامىزان ئېيىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ۋە ئەھكاملار)
(2-قىسىم)
بۇ ئۇلۇغ رامىزان ئېيى كىرگەنلىكى قانداق ئىسپاتلىنىدۇ؟
مەلۇمكى، جانابى ئاللاھ روزا تۇتۇشنى رامىزان ئېيىنىڭ كىرىشىگە باغلاپ مۇنداق دېگەن: ((سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن)) (بەقەرە سۈرىسى 185-ئايەتنىڭ بىر قىسمى) بۇ ئايەتتىكى ھازىر بولسا دېگەن سۆز رامىزان ئېيىدا ئۆز يۇرتىدا مۇقىم تۇرغان بولسا، ھايات ۋە روزىغا قادىر بولسا، باشقا سەپەر قىلىشتەك ئۆزرە بولمىسا، روزا تۇتۇشى ۋاجىب دېگەن مەزمۇننى بىلدۈرىدۇ.
پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ مۇنداق دېگەن: ((ئۇنى(ئاينى) كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار، ئۇنى كۆرۈپ ئېغىز ئېچىڭلار)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
بۇنىڭدىن ئىسلامنىڭ روزا تۇتۇشنى ئاي كۆرۈشكە باغلاپ قويغانلىقى چىقىدۇ.
يەنە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىردەك قارىشىدا قەمەرى ئاي 29 كۈن بولىدۇ، بەزىدە 30 كۈنمۇ بولىدۇ، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((بىز خەت يېزىشنى ۋە ھېسابلاشنى بىلمەيدىغان ساۋاتسىز مىللەت (ئۆز ۋاقتىدىكى ئەرەبلەرنىڭ ئەھۋالى شۇنداق ئىدى)، ئاي دېگەن مۇنچە مۇنچە بولىدۇ. يەنى بەزىدە 29كۈن بەزىدە 30كۈن دېمەكچى)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
يەنە پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ئاينى كۆرمىگىچە روزا تۇتماڭلار، ئاينى كۆرمىگىچە روزا تۇتۇشنى توختاتماڭلار، بۇلۇتلۇق تۇتۇق كۈن بولۇپ ئاينى كۆرەلمەي قالساڭلار شەئبان ئېيىنى 30 كۈن قىلىپ تۇلۇقلاڭلار)) ئىمام بۇخارى ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان.
بۇ كۆرسەتمىلەرگە ئاساسەن روزا تۇتۇشنى باشلايدىغان كۈننى بېكىتىشتە شۇنداقلا روزا تۇتۇشنى توختىتىدىغان كۈننى بېكىتىشتە كۆز بىلەن ئاي كۆرۈش ھېسابقا ئېلىنىدۇ. فەلەكىي ھېساب ياكى كالېندار ھېسابقا ئېلىنمايدۇ.
ئاينى كۆز بىلەن كۆرۈشنى ھېسابقا ئېلىشتىكى ھېكمەت شۇكى: ۋاقىتقا باغلانغان ناماز، روزا ۋە ھەج قاتارلىق ئىىبادەتلەرنى ئىسلام دىنىمىز كۆز بىلەن كۆرۈشتەك ھېسسىي ئىشلارغا باغلاپ قويغان، مەسىلەن: كۈن چىقىش ۋە پېتىش، ئاي تۇغۇش قاتارلىقلار. بۇ ھېسسى ئىشلاردا بىلىملىك ياكى بىلىمسىز، شەھەرلىك ياكى سەھرالىق بولسۇن ھەممە ئىنسانلار باراۋەر، شۇنداقلا پەن تېخنىكا تەرەققىي قىلغان يەر ۋە زامان بىلەن تەرەققىي قىلمىغان يەر ۋە زامانمۇ باراۋەر. بۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئەبەدىي ۋە دۇنياۋى دىن ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
ئىلمىي ۋە ئەمەلىي ئىسپاتلانغىنى شۇكى، يېڭى تۇغۇلغان ئاي دەسلەپكى كۈندە بەزى جايلارنىڭ ئاسمىنىدا كۆرۈنسىمۇ، بەزى جايلارنىڭ ئاسمىنىدا ھاۋا تۇتۇق بولۇشتەك تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆرۈنمەي 2-كۈنى كۆرۈلىدۇ. ئاينىڭ كۆرۈنۈش ياكى كۆرۈنمەسلىكى روزا تۇتۇش قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەھكاملارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا داۋاملىق ئاي كۆرۈش جەھەتتە ئىختىلاپ مەيدانغا كېلىپ تۇرىدۇ.
ئاي بىر يۇرتتا بىر كۈنى كۆرۈلۈپ يەنە باشقا بىر يۇرتتا باشقا بىر كۈنى كۆرۈلگەن بولسا، بىر جايدا كۆرۈلگەن ئاينى دۇنيادىكى بارلىق جاي ۋە يۇرتتىكىلەر ھېسابقا ئېلىپ روزا تۇتۇشى كېرەكمۇ ياكى ھەر بىر يۇرت ئۆزىنىڭ ئاي كۆرۈشىگە ئاساسەن روزا تۇتامدۇ؟
ئالىملار ئوتتۇرىدا ھەر ئىككى قاراش مەۋجۇت، ھەتتا بىر مەزھەب ئالىملىرى ئىچىدىمۇ ھەر ئىككى قاراش ئوخشاشلا ئىگە تاپقان، ھەر بىر قاراشنىڭ پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابىلەردىن قالغان ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتتىن دەلىلى ۋە ئاساسى بار.
ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ۋە ھەر بىر قاراشتىكى ئالىملارنىڭ تايانغان ئاساسلىرىنى تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن دۇنيانىڭ قايسى بىر جايىدا ئاي كۆرۈلگەنلىكى توغرا ئىسپاتلانسا، باشقا بارلىق جايلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشى ۋاجىب بولىدۇ، دېگەن قاراشنى كۈچلۈك دەپ تەرجىھ قىلساق بولىدۇ. چۈنكى بۇ قاراش دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇپلا قالماي، ئىسلام كۆزلىگەن مۇسۇلمانلار بىرلىكىنىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ، مۇسۇلمانلار بىر قىبلىگە قاراپ ناماز ئوقۇيدۇ، بىر جايغا مەلۇم كۈن ۋە ئايلاردا بېرىپ ھەج قىلىدۇ، روزىنىمۇ مەلۇم بىر ئايدا تۇتىدۇ، ئۇنداق بولىدىكەن بىر كۈندە تەڭ روزا تۇتۇش دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئارا ئىسلام بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
بۇ قاراش مۇسۇلمانلارغا قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ، ھازىرقى زامان ئۇچۇر سۈرئىتى ۋە يەرشارىلىشىش دولقۇنى بىلەن تۈسلەنگەچكە مەككە ياكى قاھىرەدەك ئىسلام مەركەزلىرىنىڭ خەۋىرىنى شۇ سائەتتە ئۇقۇپ خەۋەردار بولغىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇ ياقىسى بىلەن بۇ ياقىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەڭ كۆپ دېگەندە 9 سائەت پەرقى بار بولۇپ، بۇ جايلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر كېچىنىڭ مەلۇم سائەتلىرىنى بىرلىكتە كېچە ھالىتىدە ئۆتكۈزىدۇ، بىر جاي تولۇق بىر كىچە بولغان جەرياندا يەنە بىر جايدا تولۇق كۈندۈز بولۇپ پەرقلەنمەيدۇ، ھېچ بولمىغاندا بىر ياكى ئىككى سائەت كېچىنى بىللە ئۆتكۈزىدۇ.
بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ ئىمام شەۋكانىمۇ (نەيلۇل ئەۋتار) دا مۇشۇ قاراشنى تەرجىھ قىلغان.
بۇ قاراشقا ئاساسەن دۇنيانىڭ قايسى بىر جايىدا ئاي كۆرۈلگەنلىكى ئېنىق ئىسپاتلانسا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ شۇنىڭغا ئاساسەن روزا تۇتۇشى ۋاجىب بولىدۇ، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاي كۆرۈلمىسە شەئبان ئېيىنى 30 كۈن تولۇقلىۋېتىپ ئاندىن كېيىنكى كۈننى رامزاننىڭ 1-كۈنى قىلىپ روزا تۇتۇشى ۋاجىب بولىدۇ. رامىزان ئاخىرلاشقاندىمۇ رامزاننىڭ 29-كۈنى شەۋۋال ئېيى كۆرۈنسە ئەتىسى شەۋۋالنىڭ 1-كۈنى بولىدۇ، كۆرۈنمىسە رامزاننى 30 كۈن تولۇق تۇتۇپ 31-كۈن شەۋۋالنىڭ 1-كۈنى يەنى ھېيت كۈنى بولىدۇ.
ئىككىنچى قاراشقا ئاساسەن ھەر يۇرت باشقا يۇرتلارنىڭ ئاي كۆرۈشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزىنىڭ ئاي كۈرۈشى بويىچە روزا تۇتسا ۋە ھېيت قىلسا بولىدۇ، بۇ قاراشمۇ ئىمام مۇسلىم سەھىھىدە رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىسكە تايانغان بولۇپ، بۇ تابىئىيلاردىن ئىكرىمە، ئەلقاسىم ئىبنى مۇھەممەد قاتارلىق ئالىملارنىڭ شۇنداقلا ھەنەفىي ۋە شافىئىي مەزھەبتىكى كۈچلۈك قاراشلاردۇر. بۇ قاراشنىمۇ بەزى ئالىملار تەرجىھ قىلغان.
يەنە بەزى ئالىملار بۇ ئىككى قاراشنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ مەلۇم ئارىلىقتىكى يۇرتلار بىرىدە كۆرۈلگەن ئايغا يەنە بىرى ئەمەل قىلسا بولىدۇ، ئارىلىق يىراق بولۇپ كەتسە بولمايدۇ دەپ قاراپ مەلۇم مۇساپە بېكىتكەن.
يەنە بىر قىسىم ئالىملار مەلۇم بىر ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تېرىتورىيىدە ياشايدىغانلار شۇ تېرىتورىيىنىڭ قايسى بىر يېرىدە ئاي كۆرۈنسە شۇ بويىچە ئەمەل قىلسا بولىدۇ دەپ قارىغان بولۇپ، ھازىر ئىسلام ئەللىرىدىكى ھۆكۈمەتلەر مۇشۇ قاراش بويىچە ئىش قىلماقتا.
ئەمدى ئەمەلىي ئەھۋالىمىزغا كەلسەك: بۇ قاراشلارنى يۇرتىمىزغا تەتبىقلاشتا يۇرتىمىزدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە بىر قاراش بويىچە ئەمەل قىلىشنى يۈرگۈزۈش ئەمەلىيەتتە مۇمكىن بولمايدۇ، چۈنكى بەزىلەر بىرىنچى قاراشنى تۇتىمىز دەپ تۇرىۋالىدۇ، يەنە بەزىلەر ئىككىنچى قاراشنى تۇتىمىز دەپ تۇرىۋالىدۇ، يەنە بەزىلەر رەسمىي ئورگانلارنىڭ بېكىتىشىگە قارايمىز دەپ تۇرىۋالىدۇ، ھەممە گورۇپ سۆزىنى ئاڭلايدىغان بىر شەخس ياكى بىر مەنبە ياكى بىر ئورگان يوق، نەتىجىدە روزا تۇتۇش ۋە ھېيت قىلىش كۈنلىرى ئوخشاشماسلىقى كېلىپ چىقىدۇ.
يۇقىرىقىلارغا بىنائەن ئېيتىمىزكى:
يۇرتىمىزدىكى مۇسۇلمانلار يۇرتىمىزدا 29-شەئبان كەچتە ئاي كۆرگەن تەقدىردە ئەتىسى روزا تۇتۇشنى باشلىسا ۋە ئەتىسى كۈننى رامزاننىڭ بىرىنچى كۈنى قىلىپ بېكىتسە بولىدۇ، بۇ پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەھىھ ھەدىسى ۋە ئىش-ھەرىكىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.
29-كۈنى كەچتە يۇرتىمىزدا ئاي كۆرمىگەن تەقدىردە، دۇنيادىكى قايسى بىر مۇسۇلمان يۇرتىدا ئاي كۆرۈلسە مەسىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر ۋە پاكىستاندەك دۆلەتلەرنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ شۇ جايغا ئەگىشىپ روزا تۇتۇشنى باشلىسا ۋە ئاخىرلاشتۇرسا بولىدۇ، بۇ پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەھىھ ھەدىسىدە قىلغان بۇيرۇقىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، چۈنكى ((ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار)) دېگەن بۇيرۇق بارلىق مۇسۇلمانلارغا خىتاب بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى ئاي كۆرسە باشقا بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشى ۋاجىب بولىدۇ. بۇ بىز ئەۋزەل دەپ قارىغان مۇسۇلمانلار بىرلىكىنى كۆزلىگەن قاراشقا ئۇيغۇن كېلىدۇ. بولۇپمۇ ھەجدە بارلىق مۇسۇلمانلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئاي بېكىتىشىگە تايىنىشقا مەجبۇر، ئۇنداق بولىدىكەن روزا تۇتۇشتىمۇ بارلىق مۇسۇلمانلار سەئۇدى ئەرەبىستاندەك بىر دۆلەتنىڭ روزا تۇتۇشىغا ئەگەشسە بولىدۇ.
29-كۈنى يۇرتىمىزدىمۇ شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى مۇسۇلمان يۇرتلىرىدىمۇ ئاي كۆرۈلمىسە شەئبان ئېيىنى 30 كۈن تولۇقلاپ 31-كۈننى رامزاننىڭ 1-كۈنى قىلىپ روزا تۇتۇشنى باشلىسا بولىدۇ. رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرلىشىپ ھېيت كۈنىنىڭ بىكىتىلىشىمۇ شۇنداق بولىدۇ. بۇ ھەقتە نەچچە يىل ئالدىن تۈزۈپ قويۇلغان كالېندار ھېسابقا ئېلىنمايدۇ.
روزىنى قانداق ئىشلار سۇندۇرىدۇ؟ قانداق ئىشلار سۇندۇرمايدۇ؟
روزا تۇتۇشتىن مەقسەت ۋىجداننى سەگەكلىتىش، ئىنسان نەپسىنى تاۋلاش ۋە چىداملىق قىلىپ تەربىيىلەش، نەتىجىدە تەقۋادارلىقنى يېتىلدۈرۈشتۇر. بۇ سەۋەبتىن روزا تۇتقاندا ئىنسان بارلىق شەھۋەت، يېمەك-ئىچمەك ۋە يېمەك-ئىچمەك دائىرىسىگە كىرىدىغان باشقا نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن سەھەر ۋاقتىدىن باشلاپ تاكى كۈن پاتقانغا قەدەر چەكلىنىشى كېرەك.
كەسكىن روزىنى بۇزىدۇ دېگەن بەزى ئىشلار بار، كەسكىن بۇزمايدۇ دېگەن بەزى ئىشلارمۇ بار، بۇزۇش ياكى بۇزماسلىقىدا ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش بولمىغان نەرسىلەرمۇ بار. تۆۋەندە روزىنى بۇزىدىغان ۋە بۇزمايدىغان نەرسىلەرنى بىر-بىرلەپ بايان قىلىمىز:
روزىنى بۇزىدىغان ئىشلار:
1- روزا تۇتقان چاغدا قەستەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ((روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى)) ((ئەمدى ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان پەرزەنتنى تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭ يورۇغانغا قەدەر يەپ-ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار)) بەقەرە سۈرىسى 187-ئايەتنىڭ بىر قىسمى. بۇنداق ئەھۋالدا روزىسىنى بۇزغان كىشىگە گۇناھ بولىدۇ، ئۇ رامزاندىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن 60 كۈن روزا تۇتۇپ قازاسىنى قىلىدۇ، ئۇنداق قىلالمىسا 60 مىسكىن بىچارىنىڭ قورسىقىنى 2 ۋاخ تاماق بىلەن قورسىقىنى تويغۇزىدۇ. بەزى ئالىملار ئايالغىمۇ ئەرگە ئوخشاش كاپپارەت كېلىدۇ دەپ قارىغان بولسىمۇ بەزىلەر ئايالغا كەلمەيدۇ دەپ قارىغان.
2- روزا تۇتقان كۈندۈزدە كۈن پاتقانغا قەدەر ھەيز كېلىپ قالسا، ياكى تۇغۇپ قالسا روزا بۇزۇلىدۇ، كېيىن ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىپ ئورنىغا بىر كۈن تۇتۇۋالسا بولىدۇ، كاپپارەت ياكى گۇناھ بولمايدۇ.
3- قەستەن يەپ -ئىچىش، تاماكا ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېكىش ۋە ئوكۇل بىلەن ئۇرۇش، قول بىلەن ياكى قۇچاقلاش بىلەن مەنىي چىقىرىش. بۇنداق ھالەتتە روزا سۇندۇرۇش بىلەن گۇناھكار بولىدۇ، شۇنداقلا رامزاندىن كېيىن ئورنىغا قازا روزا تۇتۇشى كېرەك بولىدۇ، ئەمما كاپپارەت كەلمەيدۇ.
4- ئېغىز ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنغان دورىلار. بۇنداق ئەھۋالدا گۇناھ بولمايدۇ، كاپپارەتمۇ كەلمەيدۇ، لېكىن كېيىن قازاسىنى تۇتىدۇ.
5- ناماز ئوقۇماسلىق، غەيۋەت، گەپ توشۇش، نامەھرەم ئاياللارغا قاراش، ھارام نەرسىلەرنى تىڭشاش قاتارلىق بارلىق گۇناھلار بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا روزىنى بۇزۇۋېتىدۇ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە بۇزمايدۇ، لېكىن ھەممەيلەننىڭ بىردەك قارىشىدا ئۇ روزا ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىدۇ.
6- روزا تۇتقان ھالەتتە روزىسىنى بۇزۇۋېتىشنى نىيەت قىلىپ قالسا، روزىسىنى بۇزىدىغان باشقا بىر ئىش قىلمىسىمۇ روزىسى بۇزۇلىدۇ، چۈنكى ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق.
روزىنى بۇزمايدىغان ئىشلار:
1- روزا تۇتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ روزىنى بۇزىدىغان ئىشلارنى قىلىش. مەسىلەن: يەپ-ئىچىش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، بۇنداق ئەھۋالدا مەيلى قانچىلىك يەپ ئىچكەن بولسا بولسۇن روزا سۇنمايدۇ، قازا قىلىشمۇ كېرەك ئەمەس ، كاپپارەتمۇ كەلمەيدۇ، بەلكى ئۇ روزىنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ. پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((كىمكى روزا تۇتقان ھالەتتە روزا تۇتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ يېمەك يېسە ياكى ئىچىملىك ئىچكەن بولسا روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن، چۈنكى ئۇنىڭغا ئاللاھ يېگۈزگەن ۋە ئىچكۈزگەن)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم سەھىھلىرىدە رىۋايەت قىلغان.
2- مەجبۇرلىنىپ زورلۇق بىلەن روزىنى سۇندۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىش. ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: ((ئاللاھ تائالا ئۈممىتمدىن خاتالىشىپ، ئۇنتۇپ قېلىپ ۋە مەجبۇرلىنىپ قىلغان ئىشلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكەن)).
3-سۇغا چۆمۈلۈش ۋە يۇيۇنۇش. سەھىھ ھەدىسلەردە كېلىشىچە پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ روزا تۇتقان ھالدا بېشىغا سۇ تۆككەن ۋە يۇيۇنغان.
4-سۈرمە سۈرتۈش. ھەزرىتى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزا تۇتقان ھالەتتە سۈرمە سۈرتەتتى دەپ رىۋايەت قىلغان.
5-ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان كىشى ئايالىنى سۆيسە ۋە قۇچاقلىسا روزا بۇزۇلمايدۇ، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان. ئۆزىنى تۇتالمايدىغانلار ئۈچۈن مەكروھ دەپ قارالغان.
6-بارلىق ئوكۇللار، موسكۇلغا بولامدۇ تومۇرغا بولامدۇ غىزا خاراكتېرىدىكى ئوكۇل بولسۇن دورا خاراكتېرىدىكى ئوكۇل بولسۇن ھەممىسى. چۈنكى بۇلار ئادەتتىكى ئېغىز ئارقىلىق جىسىمگە كىرمەيدۇ. لېكىن بەزى ئالىملار گلوكوزنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا قىلىپ روزىنى سۇندۇرىدۇ دەپ قارىغان.
7-ئازراق قان ئېلىش، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ روزا تۇتقان ھالەتتە قان ئالدۇرغان، ئەمما ئىنساننى ئاجىزلىتىۋېتىدىغان دەرىجىدە كۆپ قان ئېلىش مەكروھ دەپ قارالغان.
8-ئاغزى بۇرنىنى چايقاش. لېكىن گېلىدىن سۇ ئۆتۈپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىشى كېرەك. مەقسەت قىلماستىن گېلىغا سۇ ئۆتۈپ كەتسە ھېچ گەپ يوق.
9-تۈپرۈكىنى يۇتۇش، بەلغەمنى يۇتۇش، پۇشۇرغان تاماقنى ۋە ئالماقچى بولغان يېمەكنى تېتىپ بېقىش، بالىلارغا بىر نەرسە چايناپ بېرىش، خۇش پۇراقلارنى پۇراش قاتارلىقلار.
10-جىمادىن كېيىن ياكى ھەيزدىن توختىغاندىن كېيىن يۇيۇنماي تۇرۇپ روزىغا نىيەت قىلىش، بۇنداق ئەھۋالدا روزا سۇنمايدۇ، نىيەت قىلىپ بولۇپ ئاندىن يۇيۇنۇپ بامدات ئوقۇيدۇ.
11-ياندۇرۇش، بەزى ئالىملار ئىختىيارسىز ياندۇرسا روزا بۇزۇلمايدۇ، قەستەن ياندۇرسا روزا بۇزۇلىدۇ دەپ قارىغان، يەنە بەزىلەر قانداق ياندۇرسا ياندۇرۇش بىلەن روزا سۇنمايدۇ دەپ قارىغان. بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەردە ھەدىس ئالىملىرى ئىختىلاپلاشقان.
12-ئېھتىلام بولۇپ قېلىش.
13-تاڭ ئاتمىدى ياكى كۈن پېتىپ بولدى دەپ ئويلاپ قېلىپ ئېغىز ئاچقان بولسا، كېيىن ئۇنداق ئەمەسلىكى ئىسپاتلانسا روزا بۇزۇلمايدۇ، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەۋرىدە شۇنداق بولغاندا قازا قىلىشقا بۇيرۇغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن كۆپىنچە ئالىملار قازا قىلىشى كېرەك دەپ قارىغان.
ئىسلام ئالىملىرى تولۇشۇپ چىقارغان بەزى قارارلاردا تۆۋەندىكى نەرسىلەر روزىنى سۇندۇرمايدۇ دەپ بېكىتىلگەن:
بۇرۇنغا، قۇلاققا ۋە كۆزگە تامچىلىتىدىغان ۋە پۈركەيدىغان دورىلار، يۇتمىغان ھالدا تىل ئاستىغا قويۇلىدىغان دورىلار، ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنى تەكشۈرۈش، چايقاش، دۇربۇن كىرگۈزۈپ داۋالاش قاتارلىقلار، ئەر ۋە ئاياللارنىڭ سۈيدۈك يوللىرىغا نەيچە، دۇربۇن كىرگۈزۈش، رېنتگېنگە كۆلەڭگۈ چۈشۈرۈپ بېرىدىغان ماددا ياكى دورا كىرگۈزۈش، سۈيدۈك يوللىرىنى چايقاش. يۈتمىغان ھالدا ئېغىز چايقاپ غار-غار قىلىش، چىش كولاش، چىش تارتىۋېتىش، چىش تازىلاش، چىش چوتكىلاش، تېرىگە، موسكۇلغا ۋە كاسىغا ئۇرۇلىدىغان داۋالاش خاراكتېرىدىكى ئوكۇللار، ئەمما غىزالىنىش خاراكتېرىدىكى ئوكۇل ۋە سۈيۇقلۇق بۇنىڭ سىرتىدا. ئوكسىگېن گېزى، كېسەلنى مەس قىلىدىغان گاز، جىسىمغا تېرە سۈمۈرۈشى بىلەن كىرىدىغان ياغ، ماي، مەرھەم ۋە دورىلانغان بەدەنگە چاپلىنىدىغان چاپلاقلار، داۋالاش ياكى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن ئانا تومۇرغا نەيچە كىرگۈزۈش، قورساق بوشلۇقىغا دۇربۇن كىرگۈزۈپ تەكشۈرۈش ۋە دۇربۇن بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىش، سۈيۇقلۇق قۇيۇلماستىن جىگەر ۋە باشقا ئەزالاردىن ئازغىنە ئەۋرىشكە ئېلىش، سۈيۇقلۇق قۇيۇلماستىن ئاشقازانغا دۇربۇن كىرگۈزۈپ تەكشۈرۈش، مېڭىگە ھەرقانداق ماددا، سايمان ۋە دورىنىڭ كىرىشى، ئىختىيارسىز قەي قىلىش (ياندۇرۇش). قان بېرىش ھەر ئىككى تەرەپنىڭ روزىسىنى سۇندۇرمايدۇ. ئارقا مەقەتكە كىرگەن ئوكۇل ياكى تەكشۈرۈش سايمانلىرى، دۇربۇن ۋە تەكشۈرگۈچى دوختۇرنىڭ بارمىقى، كېسەل روزا تۇتۇشقا قارار قىلغان بولسا ئومۇميۈزلۈك مەس قىلىش بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىش.
قانچىلىك سەپەردە روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ؟ مۇساپىرنىڭ روزا تۇتقىنى ئەۋزەلمۇ تۇتمىغىنىمۇ؟
كۆپچىلىك ئالىملار 80 ياكى 89 كىلومېتىر دېگەندەك ئارىلىقنى سەپەر ئۆلچىمى قىلىپ بېكىتىشكەن بولۇپ، بۇ بەزى ساھابىلەرنىڭ سۆزىگە ئاساسەن ياكى قىياس بىلەن بېكىتىلگەن ئارىلىقتۇر، شۇڭا ئادەتتە 80 كىلومېتىرغا يېقىن ئارىلىقىنى ئۆلچەم قىلساق بولىدۇ، بۇنىڭغا ئاساسەن ئەڭ ئاز دېگەندە 80 كىلومېتىرغا يېقىن ئارىلىققا سەپەر قىلغان كىشى مۇساپىر ھۆكمىنى ئالىدۇ. بۇ ئارىلىقنى ئايرۇپىلان ياكى پراۋۇزدەك قايسىبىر قاتناش قورالى بىلەن بەك قىسقا ۋاقىتتا بېسىپ بولسىمۇ مەيلى، سەپەر قىلىپ بىر جايدا 15 كۈنگىچە تۇرماقچى بولسا مۇساپىرلىق ھۆكمى داۋاملىشىدۇ. 15 كۈندىن كۆپ تۇرماقچى بولسا مۇساپىر ھېسابلانمايدۇ. ئەمما بىر جايغا بېرىپ ئۇ يەردىن ئەتە يا ئۆگۈن كېتىمەن دەپ ئىشى پۈتمەي قانچىلىك ئۇزۇن تۇرۇپ كەتسە مۇساپىر ھۆكمىنى ئالىدۇ.
مۇساپىر رامزاندا پەرز روزىنى تۇتماي كېيىن بىر يەردە مۇقىم تۇرغاندا قازاسىنى تۇتۇۋالسا بولىدۇ، جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ((كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ)) بەقەرە سۈرىسى 185-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
بۇ ئايىتى كەرىمىدە جانابى ئاللاھ ئېغىز ئېچىشنى سەپەر قىلىشقا باغلاپ قويغان بولغاچقا جاپا -مۇشەققەتلىك سەپەر بولسۇن ياكى جاپاسىز دەپ قارالغان سەپەر بولسۇن ھەرقانداق سەپەر روزا تۇتماسلىق رۇخسىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ناۋادا جاپا-مۇشەققەتكە باغلاپ قويغان بولسا ھىممەتلىك ياكى كاج كىشىلەر ھەرقانچە جاپا تارتىپ قىينالسىمۇ بۇ ھېچقانچە جاپا ئەمەس دەپ تۇرۇۋالغان، باھانە ئىزدەيدىغانلار كىچىككىنە بىر جاپانى كۆرسە قىينىلىپ قالدىم دەپ روزا تۇتماسلىققا باھانە قىلىۋالغان بولاتتى-دە كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى بەكلا ئېگىز-پەس بولۇپ كېتەتتى، ئادەتتە ئايرۇپىلان بىلەن قىلغان ھەرقانچە قولاي سەپەرمۇ قىينىلىشتىن خالىي ئەمەس بولغاچقا جانابى ئاللاھ بەندىلىرىگە رەھمەت قىلىپ بۇ قولايلىقنى ئاتا قىلغان، چۈنكى ئاللاھ بەندىلىرىنى قىيناشنى خالىمايدۇ.
دېمەك: مۇساپىر كىشىنىڭ رامزاندا روزا تۇتۇش ياكى روزا تۇتماي كېيىن قازاسىنى قىلىۋېلىشتا ئىختىيارلىقى بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە سەپەرگە چىققاندا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى روزا تۇتقان، بەزىلىرى تۇتمىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزا تۇتقانلارنىمۇ روزا تۇتمىغانلارنىمۇ ئەيىبلىمىگەن.
لېكىن قاتتىق قىينىلىپ قالىدىغان مۇساپىر كىشىنىڭ روزا تۇتۇشى ھارام بولىدۇ.
ئەمدى سەپەردە روزىنى تۇتماسلىق رۇخسىتى بار تۇرۇقلۇق بەزى بىر كىشىلەر مەن جاپا تارتىپ قالمايدىكەنمەن، بەرداشلىق بېرەلەيدىكەنمەن دەپ روزا تۇتسا بولامدۇ؟ ياكى تۇتماسلىق كېرەكمۇ؟ ياكى ھەر ئىككىسىنى قىلىشقا بولسا قايسىسى ئەۋزەل؟
ئالىملار بۇ ھەقتە ھەرخىل قاراشلاردا بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى روزا تۇتماسلىق ئەۋزەل دېسە يەنە بەزىلىرى تۇتۇش ئەۋزەل دەپ قارىغان، يەنە بەزىلەر ئىككى ئىشنىڭ قايسىسى ئۇنىڭغا قولاي بولسا شۇنى قىلىش ئەۋزەل دەپ قارىغان، چۈنكى بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن ھەمراھلىرى بىلەن بىللە روزا تۇتۇش روزا تۇتماسلىقتىن قولايراق بولۇشى مۇمكىن، يەنە بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن روزا تۇتماسلىق قولايراق بولىشى مۇمكىن، شۇڭا قايسى قولاي بولسا شۇ ئەۋزەل بولىدۇ. بۇ ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز، مۇجاھىد ۋە قاتەدە قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. يەنە بەزى ئالىملار قايسىنى خالىسا شۇنى قىلسا بولىدۇ دەپ قارىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ھەمزە ئىبنى ئامىر ئەلئەسلەمىي دېگەن بىر ساھابە ئۇنىڭدىن روزا تۇتۇش ماڭا قولايلىقراق دېگەندە ئۇنىڭغا: ((قايسىنى خالىساڭ شۇنى قىل)) دېگەن، ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھازىرقى زامان ئالىملىرىمىزدىن دوكتۇر يۈسۈپ ئەلقاراداۋىنىڭ تەپسىلىي ئايرىپ بايان قىلىشىچە بەزىبىر ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتقاندا سەپەردە روزا تۇتۇش ئەۋزەل بولىدۇ، يەنە بەزىبىر ئەھۋاللاردا روزا تۇتماسلىق ئەۋزەل بولىدۇ.
تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا سەپەردە روزا تۇتۇش ئەۋزەل:
تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېيىن قازاسىنى قىلالمايمەن دەپ ئەنسىرىگەن كىشى روزا تۇتقىنى ئەۋزەل.
يەنە سەپەر ئۈستىدە بىر جايدا تولۇق ئارام ئېلىپ بىرقانچە كۈن راھەت تۇرالايدىغان كىشى روزا تۇتقىنى ئەۋزەل.
يەنە 90 كىلومېتىردىن قىسقىراق سەپەرگە چىققان كىشى روزا تۇتقىنى ئەۋزەل. بۇنداق قىسقا جايلارغا سەپەر قىلغان كىشىلەرگە ئادەتتە مۇساپىرمۇ دېيىلمەيدۇ بەلكى.
يەنە ئايرۇپىلان ئۇچقىچىلىرى، پاراخوت كابىتانلىرى، شوپۇرلار ۋە پاراۋۇز كۈتكۈچىلىرىدەك خىزمىتى داۋاملىق سەپەر قىلىپ تۇرۇشنى تەقەززا قىلىدىغان كىشىلەر روزا تۇتۇشتا قىينىلىپ قالمىسا روزا تۇتقىنى ئەۋزەل، چۈنكى ئۇلار كېيىنچە قازاسىنى قىلىدىغان پۇرسەت تاپالماسلىقى مۇمكىن.
تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا سەپەردە روزا تۇتماسلىق ئەۋزەل:
1- روزا تۇتسا قاتتىق قىينىلىپ قالىدىغان بولسا، مەسىلەن قاتتىق ئىسسىقتا قۇرۇقلۇقتا سەپەرگە چىققان كىشى قىينىلىپ قالىدۇ. ياكى ئايروپىلاندا شەرقتىن غەربكە قاراپ سەپەرگە چىققان كىشىگە كۈندۈز ئادەتتىن سىرت ئۇزىراپ كېتىپ قىينىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا روزا تۇتۇش مەكروھ بولۇپ قالىدۇ. بەلكى تېخى قاتتىق قىينىلىپ روزا تۇتقان كىشىگە كېسەللىك ئېلىپ كەلسە ھارام بولۇپ كېتىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاتتىق ئىسسىق تۈپەيلىدىن قىينىلىپ كەتكەن بىر كىشىگە باشقىلار سايىۋەن تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى سۈرۈشتە قىلغاندا كىشىلەر: ئۇ روزا تۇتقان ئىكەن دېيىشكەن، بۇنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((سەپەردە روزا تۇتۇش ياخشى ئىش ئەمەس)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
2- مۇساپىر باشقىلارغا خىزمەت قىلىشى كېرەك بولۇپ قالغان بىر ئەھۋالدا روزا تۇتسا ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلالماي باشقىلارغا ئېغىرلىق سېلىپ قويىدىغان بولسا، روزا تۇتمىغان ئەۋزەل.
ھەزرىتى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلغان: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئىدۇق، ئارىمىزدا بەزىلەر روزا تۇتقان بەزىلەر تۇتمىغان ئىدى، ئىسسىق بىر كۈندە بىر جايغا كېلىپ بارگاھ قۇردۇق، ئەڭ كۆپ سايىغا ئېرىشكەنلەر ئۆزىنىڭ كىيىمى بىلەن سايىدىغانلار بولدى، بەزىلىرىمىز قوللىرىمىز بىلەن سايىداپ تۇردۇق، ئاخىرى روزا تۇتقانلار يىقىلىشتى، روزا تۇتمىغانلار خىزمەت قىلىپ چېدىرلارنى قۇردى، ئۇلاغلارنى سۇغاردى، شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ((بۈگۈن روزا تۇتمىغانلار ئەجىرنى ئوڭچە ئېلىپ كەتتى)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
3- سۈننەتنى ئەھيا قىلىش مەقسىتىدە روزا تۇتماي ئېغىز ئاچسا ئەۋزەل، چۈنكى كىشىلەردە سەپەردە روزا تۇتۇشقا بولمايدۇ، سەپەردە دىيانىتى سۇسلار روزا تۇتمايدۇ دېگەندەك خاتا قاراشلار بولغان بولسا، كىشىلەرگە سەپەردە روزا تۇتماسلىقمۇ سۈننەتتە بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئالىملار روزا تۇتماي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى كىشىلەرگە چۈشەندۈرۈپ قويسا ياخشى بولىدۇ. بەلكى تېخى روزا تۇتۇش مەكروھ دەپ قارايدىغان بولسا، روزا تۇتۇشى ھارام بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : ((كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈسە ئۇ مەندىن ئەمەس))دېگەن. ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان. دېمەك دىن ئەھكاملىرىنى پەرزنى پەرز، سۈننەتنى سۈننەت، رۇخسەتنى رۇخسەت ھالەتتە ئەينەن ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك. مۇستەھەب ياكى رۇخسەتنى ۋاجىب، مۇباھنى پەرز قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ.
4- روزا تۇتماسلىقنى تاللىغان مۇساپىر ھەمراھلىرى بىلەن بىللە بولغان كىشى بىر تەرەپتىن جامائەتتىن ئايرىلىپ چىقىۋالماسلىقى ئۈچۈن يەنە بىر تەرەپتىن رىيا قىلىپ سالماسلىقى ئۈچۈن روزا تۇتماسلىقى ئەۋزەل.
5- قوماندان روزا تۇتماسلىققا بۇيرىغان بولسا تۇتماسلىقى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە يۈرۈش قىلغاندا كىشىلەرگە روزا ئېغىر كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزى ئېغىز ئېچىپ ساھابىلەرنى ئېغىز ئېچىشقا بۇيرىغان، ئۇنىڭغا: "بەزىلەر روزا تۇتتى" دېيىلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ((ئۇلار ئاسىيلار، ئۇلار ئاسىيلار)) دېگەن. ئىمام مۇسلىم ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان. (دوكتۇر يۈسۈپ ئەلقاراداۋىنىڭ پەتىۋاسىدىن ئازراق قىسقارتىپ ئېلىندى).
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن ھەر بىر مۇساپىر ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ روزا تۇتسا ياكى تۇتماي كېيىن قازاسىنى قىلىۋالسا بولىدۇ.
مۇساپىر كىشى كېچىدە روزا تۇتۇشقا نىيەت قىلىپ روزا تۇتۇپ كۈندۈزدە قىينىلىپ قالىدىكەنمەن دەپ روزىنى بۇزۇپ ئېغىز ئېچىۋەتسىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، يۇقىرىقى ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلغان ۋە ساھابىلارنى شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغان، ئېغىز ئېچىشنى رەت قىلىپ تۇرۇۋالغانلارنى ئاسىيلار دېگەن.
لېكىن مۇقىم ھالەتتە تۇرغان كىشى روزا تۇتۇپ قوپقاندىن كېيىن كۈندۈزدە سەپەر قىلىپ قالسا كۆپچىلىك ئالىملار ئېغىز ئاچسا بولمايدۇ دېگەن، ئىمام ئەھمەد قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملار ئېغىز ئاچسا بولىدۇ دەپ قارىغان، بۇ قاراش ھەزرىتى ئەنەس ۋە باشقا بىرقانچە ساھابىلاردىن رىۋايەت قىلىنغان سەھىھ ھەدىسلەرگە تايانغان. شۇڭا روزا تۇتقان ھالەتتە كۈندۈزى سەپەرگە چىقىپ قالغان كىشى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ يۇقىرىقى تەپسىلاتنى كۆزدە تۇتۇپ روزىنى سۇندۇرماي داۋاملاشتۇرسىمۇ بولىدۇ، ياكى روزا تۇتمىسا ئەۋزەل بولىدىغان ھالەتتە بولسا، ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشى بويىچە روزىسىنى سۇندۇرىۋەتسىمۇ بولىدۇ، گۇناھ بولمايدۇ، پەقەتلا رامزاندىن كېيىن قازاسىنى قىلىۋالسا بولىدۇ.
بەزى ئالىملار سەپەر قىلماقچى بولغان كىشى سەپەرگە ئاتلىنىپ تۇرغان يۇرتتىن چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئېغىز ئاچسا بولىدۇ، تۇرغان يۇرتتىن چىقىشتىن بۇرۇن ئېغىز ئاچسا بولمايدۇ دەپ قارىغان بولسىمۇ، باشقىلار سەپەرگە چىقماقچى بولغان كىشى يۇرتتىن چىقىشتىن بۇرۇن ئېغىز ئاچسا بولىدۇ دەپ قارىغان، چۈنكى ھەزرىتى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەپەر كىيىمىنى كىيىپ تۆگىسىگە مىنىشتىن بۇرۇن ئېغىز ئېچىۋەتكەن ۋە بۇ سۈننەت دەپ ئاندىن تۆگىسىگە مىنىپ كەتكەن، بۇ ھەدىسنى ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. يەنە ئەبى بەسرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ كېمىسى قوزغىلىشتىن بۇرۇن ئېغىز ئاچقانلىقىنى ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. ئىمام ئىبنۇل قاييىم ۋە ئىمام شەۋكانىيلارمۇ مۇشۇ قاراشنى تەرجىھ قىلغان.
يۇرتىغا ئەسىردىن بۇرۇن يېتىپ بارىدىغان مۇساپىر كىشى شۇ كۈندە روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ، بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى، ھازىرقى ئالىملارمۇ مۇشۇ قاراشنى تەرجىھ قىلماقتا. ئىمام ئەھمەد روزا تۇتۇشى كېرەك دەپ قارىغان.
بىر يۇرتتا رامزاننى تۈگىتىپ بولغان كىشى ھېيت كۈنى سەپەر قىلىپ باشقا بىر يۇرتقا بارسا، ئۇ يۇرتتىكىلەر تېخى روزا تۇتۇۋاتقان بولسا، ئۇلار بىلەن بىللە روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ.
كىمكى بىر يۇرتتا رامزاننى تۇتۇپ كېيىن باشقا بىر يۇرتقا بېرىپ رامزاننى داۋاملاشتۇرغان بولسا، ئۇ يەردە ھېيت بولغان تەقدىردە ئىككى يۇرتتا جەمئىي تۇتقان روزا كۈنلىرى 29 كۈندىن ئاز بولسا، ئۇ كىشى ئاشۇ يۇرتتىكىلەر بىلەن بىللە ھېيت قىلىۋېتىپ ھېيتتىن كېيىن روزا تۇتقان كۈنلەر 29 بولغىچە روزا تۇتۇپ تولۇقلايدۇ، چۈنكى قەمەرىي ئاي 29 كۈندىن كەم بولمايدۇ.
كىمكى بىر يۇرتتا 30 كۈن روزا تۇتۇپ 30-كۈنى باشقا بىر يۇرتقا بارغان بولسا، ئۇ يۇرتتىكىلەر روزا تۇتقان بولسا، توپلام تۇتقان روزىسى 30 كۈندىن ئېشىپ كېتىدىغان بولسىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە روزا تۇتۇشى، ھېيتنى ئۇلار بىلەن بىللە قىلىشى كېرەك.
ئايروپىلاندا سەپەر قىلغان كىشى روزا تۇتقان بولسا جەمئىي روزا تۇتقان ۋاقىت 20 سائەتتىن ئېشىپ كېتەمدۇ ياكى 5 سائەتتىن قىسقا بولامدۇ ئۆزى ئۇچۇۋاتقان ئاسماندىكى كۈننىڭ پېتىشىغا قاراپ ئىپتار قىلىدۇ. زېمىندا تۇرغانلارغا نىسبەتەن كۈن پاتقان بولسىمۇ ئۇ ئاسماندا ئېگىزلىكتە بولغاچقا كۈن ئۇنىڭغا نىسبەتەن پاتمىغان بولسا ئىپتار قىلماي تۇرىدۇ.
روزا تۇتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ بىر نەرسە يەپ -ئىچسە روزىسى بۇزۇلۇپ كېتەمدۇ؟
كىشىلەر كۆپىنچە رامزاننىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە روزا تۇتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ كۈندۈزدە يېمەك-ئىچمەك ئىستىمال قىلىپ قالىدۇ، كېيىن ئۆزىنىڭ روزا تۇتقانلىقىنى، بۇ ئاينىڭ رامىزان ئىكەنلىكىنى ئەسلەيدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇ كىشى ھەرقانچە كۆپ نەرسە ئىستىمال قىلغان بولسىمۇ روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋېرىشى كېرەك، چۈنكى بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ روزىسى سۇنۇپ كەتمەيدۇ.
ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((كىمكى روزا تۇتقان ھالەتتە روزا تۇتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ يېمەك يېسە ياكى ئىچىملىك ئىچكەن بولسا روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن، چۈنكى ئۇنىڭغا ئاللاھ يېگۈزگەن ۋە ئىچكۈزگەن)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم سەھىھلىرىدە رىۋايەت قىلغان.
((ئۇنىڭغا ئاللاھ يېگۈزگەن ۋە ئىچكۈزگەن)) دېگەننىڭ مەنىسى شۇكى: ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ مەرھەمىتى ۋە مېھرىبانلىقىدىن ئۇ كىشىگە ئۆزىنىڭ روزا تۇتقانلىق ھالىتىنى ئۇنۇتتۇرۇپ بۇ يېمەك-ئىچمەكنى قولايلاشتۇرۇپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇلارنى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلتۈرۈلگەن يېمەك بولغان، ئىمام تىرمىزىينىڭ رىۋايىتىدىمۇ: ((بۇ بولسا ئاللاھ ئۇنىڭغا ئەۋەتكەن رىزىق، ئۇنىڭ قازا قىلىشى كېرەك ئەمەس)) دېيىلگەن.
يەنە ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: ((كىمكى رامزاندا ئۇنتۇپ قالغان ھالدا ئېغىز ئېچىپ قالسا، ئۇنىڭغا قازا قىلىشمۇ كاپپارەت بېرىشمۇ كەلمەيدۇ)) ئىمام ئىبنى ھىببان ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان، سەھىھ دېيىلگەن.
يۇقىرىقى ھەدىسلەر ئۇنتۇپ قېلىپ بىر نەرسە يەپ-ئىچكەن كىشىنىڭ روزىسىنىڭ سۇنمايدىغانلىقىنى شۇنداقلا قازاسىنى قىلىشنىڭ ياكى كاپپارەت بېرىشنىڭ كېرەك ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلدۈرىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ((روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن)) دېدى، بۇ يېيىشتىن بۇرۇنقى روزىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
جانابى ئاللاھنىڭ ئادالىتىمۇ قەستەن قىلمىغان ئىشنى سۈرۈشتە قىلماسلىقنى تەقەززا قىلىدۇ.
بۇنىڭغا يەنە جانابى ئاللاھنىڭ بۇ سۆزلىرىمۇ دالالەت قىلىدۇ: ((مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ، قەستەن ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتىدۇ، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر)) بەقەرە سۈرىسى 225-ئايەت.
((ئاللاھ سىلەرنى سەھۋەنلىك بىلەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ)) مائىدە سۈرىسى 89-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
((خاتالاشقىنىڭلاردا سىلەرگە گۇناھ يوق، لېكىن قەستەن قىلغان بولساڭلار گۇناھ بار، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر)) ئەھزاب سۈرىسى 5-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
يەنە ئىمام ئىبنى ماجە قاتارلىق مۇھەددىسلەر رىۋايەت قىلغان: ((ئاللاھ تائالا ئۈممىتمدىن خاتالىشىپ، ئۇنتۇپ قېلىپ ۋە مەجبۇرلىنىپ قىلغان ئىشلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكەن)) دېگەن ھەدىسىمۇ دالالەت قىلىدۇ.
سەھىھ ھەدىستە ئىسپاتلىنىشىچە جانابى ئاللاھ ((پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۇنتۇساق ياكى خاتالاشساق بىزنى جازاغا تارتمىغىن)) (بەقەرە سۈرىسى ئاخىرقى ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەن دۇئانى ئىجابەت قىلىۋەتكەن.