ئاكا - ئۇكا ئىككەيلەن بىز بىنانىڭ 80-قەۋىتىدە تۇرىدىكەن. بىر كۈنى ئۇلار ساياھەتتىن قايتىپ كېلىپ ، بىنادا توك توختىغانلىقىنى بايقاپتۇ. ئۇلار ئامالسىز پەلەمپەي بىلەن ئۆيىگە چىقىشقا مەجبۇر بوپتۇ. 20- قەۋەتكە چىققاندا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ چارچىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، سومكىلىرىنى ۋاقتىنچە 20 - قەۋەتكە قۇيۇپ قۇيۇپ، توك كەلگەندە لىفىت بىلەن ئەپچىقىپ كېتىشنى مەسلىھەتلىشىپ، ئۆزلىرى داۋاملىق يۇقىرىغا ئۆرلەپتۇ. ئەمما بۇمۇ ئۇزۇنغا بارماپتۇ. 40- قەۋەتكە چىققاندا ھېرىپ بولالماي قاپتۇ. ئۇلار ئەمدىلا بىنانىڭ يېرىمىغا چىققانلىقىنى بىلىپ، ئۆزئارا ئاغرىنىپ، بىر - بىرىنى ئەيىبلەشكە باشلاپتۇ. ئۇلار شۇ تەرىقىدە 60-قەۋەتكە چىقىپتۇ بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بىر بىرىگە گەپ قىلغۇدەك مادارى قالماپتۇ. ئۇلار ئاخىرىمىڭ بىر جاپادا 80- قەۋەتكە چىقىپ، ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە بولسا ئاچقۇچنىڭ 20- قەۋەتكە قۇيۇپ قويغان سومكىنىڭ ئىچىدە قالغانلىقىنى بايقاپتۇ. بۇ ھېكايە ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ كىشىلىك ھاياتىمىزنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. 20 ياشتا بىز ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەم مۇئەللىمنىڭ ئۈمۈدى ۋە بېسىمى ئاستىدا ياشايمىز. بۇ چاغدا ئۆزىمىز تېخى چوڭ بولمىغان، ئىقتىدارىمىزمۇ چوڭ ئىشلارغىمۇ يەتمەيدۇ. 20 ياشتىن كېيىن بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئۆزىمىزنىڭ غايىسىنى قوغلىشىمىز. 40 ياشقا بارغىنىمىزدا ياشلىقىمىزنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئەپسۇسلىنىمىز، پۇشايمان قىلىمىز ھەمدە ھېلى ئۇنىڭدىن، ھېلى بۇنىڭدىن ئاغرىنىپ، ئۆچمەنلىك ئىچىدە 20يىلنى ئۆتكۈزىمىز. 60 ياشقا بارغاندا بولسا كۈنلىرىمىزنىڭ قەدرىگە يېتىپ، ياخشى ياشاشنى ئويلايمىز. ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بارغاندا، ئۆزىمىزنىڭ قىلىپ بولالمىغان ئىشلىرىمىزنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، ئەسلى بىزنىڭ بارلىق ئارزۇ، غايىمىزنىڭ 20 ياشتىكى ياشلىقىمىزدا قالغانلىقىنى بىلىپ يېتىمىز.