باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 710 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: دەرەخ سايىسى
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 137
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە137دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-28 00:08

دەرەخ سايىسى

  ئۇستاز بىلەن شاگىرتلىرى ئورمانلىقتىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، نەچچە يۈز ياغاچچىنىڭ چوڭ بىر ساراي سېلىش ئۈچۈن ياغاچ كېسىۋاتقانلىقىنى، پۈتكۈل ئورمانلىقتىكى ھەممە دەرەخنىڭ كېسىلىپ پەقەت بىرلا دەرەخنىڭ كېسىلمىگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. ئۇستاز شاگىرتلىرىنى نېمىشقا ھەممە دەرەخنىڭ كېسىلىپ مۇشۇ بىرلا دەرەخنىڭ كېسىلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى سوراپ كېلىش ئۈچۈن ياغاچچىلارنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ.
    نېمىشقا بۇ دەرەخنى كەسمىدىڭلار؟ - دەپ سوراپتۇ شاگىرتلاردىن بىرى ياغاچچىلاردىن.
    بۇ دەرەخنىڭ كېرىكى يوق، چۈنكى بۇ دەرەخنى ھېچنىمىگە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، بۇ دەرەخنىڭ شېخىنىڭ ھەممىسىدە مۇنەك بار، بىرمۇ تۈز شېخى يوق، شۇڭا بۇ شاخلارنى تۈۋرۈك قىلغىلىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى بۇ شاخلارنى كۆيدۈرگەندە چىققان ئىس زەھەرلىك، بۇ دەرەخنىڭ قەتئىيلا كېرىكى يوق، - دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ بىر ياغاچچى.
    شاگىرتلار قايتىپ بېرىپ ئۇستازىغا بۇ دەرەخنىڭ كېسىلمەسلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. ئۇستاز شاگىرتلىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە : <سىلەر دەل مۇشۇ دەرەخگە ئوخشاش بولۇڭلار، ئەگەر سىلەر بۇ دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىمىز دەيدىكەنسىلەر، چۇقۇم مۇشۇ دەرەخكە ئوخشاش بولۇشۇڭلار كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندىلا باشقىلار سىلەرگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. ئەگەر بۇ دەرەخ شېخى تۈز بولغان بولسا، ئاللىبۇرۇن كېسىۋېتىلىپ ئۆي جاھازىلىرى ياسىلىپ بولغان بولاتتى، پەقەت مۇشۇ دەرەخ شېخىغا ئوخشاش قەتئىيلا كېرەكسىز بولغاندىلا، ھېچقانداق زەخمىگە ئۇچرىمايدۇ>.
     شاگىرتلار ئۇستازىنىڭ گېپىدىن ئەجەپلىنىپ: <ئۇنداقتا بىز جەمئىيەتكە تۆھپە قوشمىغان بولمامدۇق؟> دەپ سوراپتۇ.
    <ئەجەبا تۆھپە قوشۇشتا پەقەت تەسەۋۋۇرغا تايانسىلا بولامدۇ؟ ئەگەر بۇ دەرەخ ناھايىتى ئېگىز، چوڭ ئۆسسە نۇرغۇن ئادەملەر بۇ دەرەخنىڭ سايىسىدا سايىدىيالايدۇ ئەمەسمۇ؟>
   كېيىن بۇ دەرەخ بارغانسېرى چوڭلاپتۇ، بۈك - باراقسان ئۆسۈپ، نۇرغۇن ئادەملەر بۇ دەرەخنىڭ سايىسىدا سايداپتۇ.

                      

                                     پاراسەت ھېكىمەتلىرىدن