- ھەمىنى ئۇنتۇلتۇرالايدىغىنى كۆز -ياشتىن قالسىلا ۋاقىت ،ۋاقىت ئارقىلىق ھېسياتنى يۇتكىگىلى بولىدۇ ،ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ،زىدديەت سۇركىلىشلەر خۇددى قايتا -قايتا دەملەنگەن چايدەك شۇنچە سۇسلايدۇ .
"
- ياخشى كۆرگىنىڭگە ئېرىشەلمىسەڭ ، ئىرىشكىنىڭنى ياخشى كۆر .
- ۋاز كېچىشكە تىگىشلىك بولغاندىن ۋاز كېچىش مەنىسىزلىك ،ۋاز كېچىشكە تېگىشلىك بولمىغاندىن ۋاز كەچكەنلىك ئىقتىدارسىزلىق .ۋاز كېچىشكە تىگىشلىكتىن ۋاز كەچمىگەنلىك ئەقىلسىزلىق .ۋاز كېچىشكە تېگىشلىك بولمىغاندىن ۋاز كەچمىگەنلىك ئەقىدە
- ئىنسانىڭ قىممىتى ،ئىزىقتۇرۇشقا ئۇچۇرغان ئاشۇ دەقىقىلەر تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ .
- كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى قولغا كەلتۇرەلمىگەنلىرىنى قەدىرلەپ ،ئېرىشكەنلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىشىدۇ
- غايە بار ماكان دوزاق بولمىسا بەلكى جەننەتتۇر ،ئۇمۇت بار ماكاندا ئازاپمۇ خوشالىققا ئايلىنىدۇ
- رۇخسارىڭىزنى ئاپتاپقا توغىرلىسىڭىز ،قاراڭغۇلىق قالمايدۇ .
- خۇدا ھېچقاچان بەندىلىرىنىڭ ئاخماقلىقىدىن ئاغرىنغان ئەمەس .بەلكى بەندىلەر خۇدانىڭ ئادالەتسىزلىكىدىن ئاغرىنىپلا يۇرۇشىدۇ .
- دۇنيادا پەقەت ئىككى خىللا كىشلەر مەۋجۇت .بىرى ئالغۇچىلار يانا بىرى بەرگۇچىلەر .ئالغۇچىلار بەلكىم ياخشى يىيەلىشى مۇمكىن ،ئەمما بەرگۇچىلەرنىڭ ئۇيقۇسىنىڭ تېخىمۇ تاتلىق بولىشى مۇقەرەر .
ۋىجدان ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەڭ ئادىل سوتچىسى ،چۇنكى سىز باشقىلارنى ئالدىيالىغان بىلەن ھەرگىزمۇ ئۆز ۋىجدانىڭزىنى مەڭگۇگە ئالدىيالمايسىز . :
مەنبە:بەرقى ئەدەبىيات مۇنبىرى
http://www.berqi.com/bbs/viewthread.php?tid=2739