بىر يىگىت كوچىدا كىتىۋىتىپ ئىنتايىن چىرايلىق بىر قىزنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ ، دە قىزدىن مىھرىنى ئۈزەلمەي ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىپتۇ . قىز يىگىتنىڭ بۇ قىلىقىدىن بىزار بولۇپ ؛
< نىمىشقا كەينىمگە كىرىۋالىسىز ؟> دەپتۇ .
يىگىت دەرھال ؛ < مەن ئۆمرۈمدە سىزدەك چىرايلىق قىزنى كۆرۈپ باقمىغان ، سىزنى بىر كۆرۈپلا ئاشىق بوپ قالدىم ، ماڭا ياتلىق بولۇڭ > دەپتۇ .
قىز ؛< پەقەت مىنىلا ياخشى كۆرەمسىز ، مەڭگۈ ئۆزگەرمەمسىز ؟> دەپ سوراپتۇ .
يىگىت سىزسىز ياشىيالمايمەن ، قەسەم قىلىمەن ، مەڭگۈ >دەپتۇ .
قىز ؛ < شۇ تاپتا سىز كەينىڭىزگە بۇرۇلسىڭىزلا مىنىڭ سىڭلىمنى كۆرىسىز ، ئۇ مەندىن نەچچە ھەسسە چىرايلىق > دەپتىكەن ، يىگىت كەينىگە شارتتىدە بۇرۇلۇپ ئادەتتىكى بىر قىزنى كۆرۈپتۇ ۋە قىزغا < نىمىشقا مىنى ئالدايسىز ؟ > دەپتىكەن ، قىز < مەن سىزنى ئەمەس ، سىز مىنى ئالدىدىڭىز . ماڭا ئاشىق تۇرۇقلۇق ، يەنە نىمىدەپ كەينىڭىزگە قارايسىز ؟> دەپتۇ - دە يىگىتنى تاشلاپ كىتىپ قاپتۇ .
ئەمەلىيەتتە ئاشىقلىق ، مۇھەببەت قانۇنىيىتىدىن ئېلىپ ئىيتقاندا ، بىر ئادەمنىڭ يۈرىكىگە ھەقىقىي سۆيگۈ تۇتاشقاندا ، ۋۇجۇدىدا پەقەت شۇ بىر ئادەمنىڭلا سىماسى بولىدۇ ، خىيالى ، كۆزى پەقەت شۇ بىر ئادەمگىلا باغلانغان بولىدۇ . بۇنداق چوڭقۇر مۇھەببەت ، ھەقىقىي سۆيگۈ ئۇنداق ئاسانلا < سىزگە ئاشىق بولۇپ قالدىم >دىگەندەك ئىبارىلەر بىلەن ئىپادە قىلىنمايدۇ . ئادەم بىرسىگە ھەقىقىي ئاشىق بولغاندا ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە يۈرىكى تىز سوقۇپ ، تىلى ئېغىرلىشىپ ، دىمەكچى بولغان گەپ - سۆزلىرىمۇ قېچىپ كىتىدۇ .
ئادەتتە ، بۇنداق چىرايلىق سۆزلەرنى كىمنى كۆرسە دىيەلەيدىغانلارنىڭ كۆپ قىسمى ۋىجدانسىز ، ئالدامچى ، مۇھەببەتنى قەدىرلىمەيدىغان كىشىلەردۇر . شۇڭا تۇرمۇشىمىزدا دائىم بەزى ئىش كۆرمىگەن ساددا قىزلار مەدھىيە سۆزلىرىدىن ئاسانلا ھاياجانلىنىپ كىتىپ ، ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالىدۇ . ئۆزىنى بىلىپ - بىلمەي باشقىلارغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ ، ئۆزىنى ئۆزى قەدىرسىز قىلىپ قويىدۇ .
ھازىر جەمىئىيىتىمىزدە ئائىلىسى بار ناھايىتى ئاز ساندىكى بەزى ئەرلەردە ئاشنا تۇتۇشقا ئىنتىلىشتەك يامان خائىش باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى . قىز - چوكانلارنىڭ تونۇشى ئۆسۈپ ، <مەدھىيە > سۆزلىرىگە ئىشەنمەس بوپ قالغاندىن كىيىن ، بەزى ئەرلەر < تەسىرلەندۈرۈپ مايىل قىلىش > تاكتىكىسىنى ئىشقا سالماقتا ، يەنى بىرەر قىز - چوكاننى ئىندەككە كەلتۈرمەكچى بولسا ، ئۆزىنى ناھايىتى بەخىتسىز ، نىكاھتا بىتەلەي كۆرسىتىپ ، خوتۇنىغا بىر تۇقام گۇناھنى ئارتىپ قارشى تەرەپنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاشقا ئۇرۇنىدۇ ؛ بەزى ئەرلەر خوتۇنى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلمىغانلىقىنى ، ئاتا - ئانىسىنىڭ زورلاپ ئېلىپ بەرگەنلىكىنى ياكى خوتۇنىغا مەسچلىكتە چېقىلىپ قويۇپ ئامالىسىز توي قىلغانلىقىنى ، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا مۇھەببەت يوقلۇقىنى ؛ يەنە تېخى بەزى غۇرۇرسىز ئەرلەر خوتۇنىنىڭ سىرتتا <ئوينايدىغانلىقى > نى ئىيتىپ ، ئۆزىنىڭ بىچارە ھالىتى ئارقىلىق تەسىرلەندۈرىدۇ .
بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم قىز - چوكانلار سېرىق مايدەك ئىرىپ كىتىپ بارا - بارا قارشى تەرەپكە باغلىنىپ قالىدۇ . ئەمىلىيەتتە بولسا شۇنداق ئەرلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ خوتۇنلىرى ناھايىتى ياخشى ، ئەخلاقلىق بولۇپ ، ئېرى ئۆز ۋاقتىدا قوغلىشىپ يۈرۈپ ، تەستە ئالغان خوتۇنلار بوپ چىقىدۇ .
بىز رىئال تۇرمۇشتا باشقىلارنىڭ شىرىن - شېكەر سۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسنى بۇزۇپ ئاجىراشتۇرۇپ توي قىلغان ، كىيىن ئېرىنىڭ ئەسلىدىكى خوتۇنى بىلەن يارىشىپ قالغانلىقى تۈپەيىلىدىن يەنە تۇل قالغان قىز - چوكانلارنى ، ئەرلەرنى كۆردۇق ؛
تاتلىق سۆز ۋە < بۇزۇلماس ۋەدە > لەردىن مەسىت بولۇپ ئۆزىنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ ، ئەرلەرنىڭ خوتۇنلىرىنى قويۇۋىتىشىنى كۈتۈپ ، ياشلىق باھارى نابۇت بولىۋاتقان قىزلارنىمۇ كۆرۈۋاتىمىز .
دۇنيادا گۈزەللەرگە ئۆچ بىرمۇ ئەر بولمىسا كېرەك . بىز بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ چىرايلىق خوتۇنلىرىنى ، سۆيگەن قىزلىرىنى قولتۇقلاپ كېتىۋىتىپمۇ ، ئۇلارنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ، يەنە ئالدىغا ئۇچرىغان قىز - چوكانلارغا قارىسى يىتكىچە قارىشىدىن ، قۇلىغا < ئولجا > چۈشۈپ قالسا ، ئۇدۇل كەلگەن يەردە كۆڭۈل خۇشى قىلىشلىرىدىن بۇ نوختىنى چۈشىنىۋالالايمىز . شۇڭا سۆيگۈ - مۇھەببەتكە ئەستايىدل مۇئامىلە قىلىشىمىز ، بىردەمدىلا كۈيۈپ كۈل بولۇشتىن ساقلىنىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر .
چۈنكى بۆگۈن بىر چىرايلىق گۈل سۇنسا ، ئەتە يەنە بىر غۇنچە پورەكلەيدۇ ، ئادەمنىڭ ئارزۇ - ئارمىنىنىڭ چىكى بولمايدۇ .
ئاپتورى ؛ مەينىسا تۇرسۇن
مەنبە: رىتىم مۇنبىرى