باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 589 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: «نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى»نى قايتا ئوقۇپ
ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ قۇتقۇز غايىپتىن قەھرىمان كەلگۈچە
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1412
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 299
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە299دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 3170 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-01
ئاخىرقى: 2011-10-17
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-26 15:36

«نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى»نى قايتا ئوقۇپ

«نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى»نى قايتا ئوقۇپ


«نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى»نى قايتا ئوقۇپ، لەتىپىلەردىكى باي-غوجاملارنى خېلى ئىنساپلىق پومېشچىكلاركەن، دېگەن ئويغا كېلىپ قالدىم. ئۇلار ئەپەندىمنىڭ ھەر قېتىم كولدۇرلىتىشىغا ئۇچرىغاندا، بىر بولسا ئۆزىنىڭ يولسىزلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ، بىر بولسا، نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي داڭقېتىپ قالىدۇ، يەنە بىر بولسا، قۇيرۇقىنى قىسىپ غىپپىدە تىكىۋېتىش بىلەن بولدى قىلىدۇ. نېمىشقا ئەپەندىمنى ئىتلىرىغا تالاتمايدۇ؟ نېمىشقا «ئاق» ياكى «قارا گۇرۇھ»تىكى بۇرادەرلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئۇنىڭ ئەدىپىنى بەرمەيدۇ؟ نېمىشقا قاتىل ياللاپ ئۇنى ئۈلتۈرۈۋەتمەيدۇ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ تىلىنى كېسىۋەتمەيدۇ؟ نېمىشقا تۈرلۈك بېسىملار بىلەن ئۇنى دەرياغا سەكرەپ ئۆلۈۋېلىشقا مەجبۇر قىلمايدۇ؟! ئەمەلىيەتتە، ئاشۇ باي غوجاملارمۇ ئەينى چاغدا پۇل ۋە ھوقۇقى بار، قولىنى نەگە سۇنسا يېتىدىغان مۆتىۋەرلەردىن ئىدىغۇ! قارىغاندا، ھازىرقى باي غوجاملار ئۇلاردىن كۆپ «ئىقتىدارلىق»تەك قىلامدۇ قانداق؟! (ئاپتورى: ليۇ تىڭتىڭ)  

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ نوقتىلىق تەشۋىقاتى
يىغىنلاردا «ھەمىشە»: يىغىنلار ھەمىشە شۇنچە داغدۇغىلىق؛ نۇتۇقلار ھەمىشە شۇنچە مۇھىم؛ سۆزگە چىققانلار ھەمىشە شۇنچە قىزغىن؛ ئاۋاز بېرىش ھەمىشە شۇنچە بىردەك؛ يېپىلىش مۇراسىمى ھەمىشە شۇنچە غەلىبىلىك؛ ئۈز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن ھەمىشە شۇنچە چوڭقۇر.   
رەھبەرلەرنىڭ «دائىم»: رەھبەرلەرنىڭ قىياپىتى دائىم «روھلۇق ۋە تېتىك»؛ مۇئامىلىسى دائىم «خۇشخۇي ۋە مۇلايىم»؛ ئىش-ھەرىكىتى دائىم «شەخسەن»؛ خىزمىتى دائىم «تەرتىپلىك ۋە مۇپەسسەل»؛ تۇرمۇش رىتىمى دائىم «ناھايىتى ئالدىراش».   
نەمۇنىچىلارنىڭ «ھەممىسى»: نەمۇنىچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پەزىلىتى «شەخسىيەتسىز ۋە خالى»؛ ھەممىسىنىڭ سۆز-ھەرىكىتى «جاپا-مۇشەققەت ۋە تاپا تەنىگە چىدايدۇ»؛ ھەممىسى خىزمەتتە «كېچىنى-كۈندۈزگە ئۇلايدۇ»؛ ھەممىسىنىڭ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغىنى «كېسەل بولسىمۇ خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلمايدۇ»؛ ھەممىسىنىڭ كەمچىلىكى «ئاىلىسىدىن ياخشى خەۋەر ئالالمايدۇ». (ئاپتورى: لاۋ ياڭ)   
 

تېلېۋىزىيە خەۋىرى
 
تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى كۆپرەك كۆرگىنىڭىزدە، تۆۋەندىكى قانۇنىيەتلەرنى بايقىماي قالمايسىز:   
ئومۇمەن، رەھبەرلەرنىڭ سۆزىنىڭ ھەممىسى مۇھىم سۆز؛ ئاۋامنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەممىسى مەدھىيە، ماختاش سۆزى؛ ئىش ئورنىدىن قالغانلارنىڭ ھەممىسى قايتا ئىگىلىك تىكلەپ روناق تاپقان؛ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى زىياندىن پايدىغا يۈزلەنگەن؛ دېھقانلارنىڭ ھەممىسى ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىپ، ئەتراپنى مەمۇرچىلىق قاپلىغان؛ نامرات جايلارنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىشقا يۈزلىنىپ، پايدا ھەسسىلەپ ئاشقان؛ قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئادىل، خالىس بولۇپ، ئەدلى-ئادالەت ھۆكۈم سۈرگەن (ئاپتورى: خې گو)

يىلمۇيىل ئۈزگەرمەس ئىشلەپچىقىرىش دوكلاتى
  
بىرىنچى پەسىل: مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلىنىدۇ.  
ئىككىنچى پەسىل: بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا 20 پىرسەنت ئاشىدۇ؛   
ئۈچىنچى پەسىل: مۇددەتتىن بۇرۇن پۈتۈن يىللىق ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولىدۇ.   
تۈتىنچى پەسىل: تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدۇ. (ئاپتورى: ۋېن شېڭگۇي) 

ئاز سانلىق
 
ئالدىنقى ئەسرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا «ئاز سانلىق» سولچىل ئۇنسۇرلار 500 مىڭدىن ئاشاتتى.   
ئالدىنقى ئەسرنىڭ 60-70-يىللىرىدا «ئاز سانلىق» سىنىپىي دۈشمەنلەر مەيلى شەھەر ياكى يېزىلاردا بولسۇن يوق يەر مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.  
ھازىر چۈشكۈنلىشىپ چىرىكلەشكەن «ئاز سانلىق» پارىخور، خىيانەتچى ئەمەلدارلار زادى قانچىلىك؟ بىر مىليون 800 مىڭ، بۇ يەنە ئاز سانلىق ھېسابلانسا-ھە؟!   
مانا بۇ بىزدىكى نوپۇس كۆپلۈكىنىڭ ئەۋزەللىكى بولسا كېرەك. (ئاپتورى: يى فېي)   
 

ئاخبارات
 
كۈپىنچە ھاللاردا، چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قىلىنمىسا، بۇ يەنىلا نورمال، ئادەتتىكى ئەھۋال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىراق، بەزى كۈنلىرى ئەسلىدىنلا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قىلىنسا، بۇنىڭ ئاخباراتقا ئايلىنىپ قالغىنى قىزىق.   
  

نورماللىق ۋە يۈكسەكلىك
 
مەلۇم جەمئىيەتنى يۈكسەكلىك نوقتىسىدىن كۈزەتكەندە نورمال بولسا، بۇ جەمئىيەت نورمال جەمئىيەتتۇر. ناۋادا بۇ جەمئىيەتنى نورماللىق نۇقتىسىدىن كۈزەتكەندە يۈكسەك كۆرۈنسە، بۇ جەمئىيەت بىنۇرمال جەمئىيەتتۇر.  
ماگىزىنلاردا «تارازىدا ئادىل بولىمىز، بىر سەرمۇ كەم بولمايدۇ!» دېگەننى ئۆزىگە شۇئار قىلىۋالغان؛ پارا يېمىگەن، خىيانەت قىلمىغان كادىرلار ياخشى كادىر سانىلىۋاتقان؛ يولۇچىلارغا ئىللىق، خۇشخۇي مۇئامىلىدە بولغان قاتناش مۇلازىمەتچىلىرى نەمۇنىچى مۇلازىمەتچى بولۇۋاتقان؛ قىسقىسى، چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن كۆككە كۆتۈرۈلۈپ ماختىلىۋاتقان   
ئويلاپ كۈرۈڭ، سىزچە بۇ جەمئىيەت نورمالمۇ-ئەمەسمۇ؟! (ئاپتورى: ياڭ پېيچاۋ)  
 

كىم كىمگە ئۆزگەرگەن؟
  
«غەربكە ساياھەت» فىلىمىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا شەپقەتچى مەبۇدىلەر سەپەر قىلغۇچىلار غا مالاللىق يەتكۈزگەن قارا ئېيىق ئالۋاسىتىنى بويسۇندۇرۇپمۇ بېرىدۇ، بەزىدە ئۆزى ئىلان-چايانغا ئۆزگىرىپمۇ ئالىدۇ.
سەپەر قىلغۇچىلار سورايدۇكى: بۇدساتۋا ئىلان-چايانغا ئۆزگىرىۋالغانمۇ ياكى ئىلان-چايانلار بۇدساتۋاغا ئۆزگىرىۋالغانمۇ؟  
بىر قىسىم يېزا-كەنت كادىرلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلار باج-پاراق تۆلەشكە قۇربى يەتمىگەن دېھقانلارنىڭ يەڭگىل بولغاندا،ئۆيلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، نەرسە-كېرەكلىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ. ئېغىر بولسا، قاماپ سوراققا تارتىدۇ، ھەتتا پۇت-قولىنى چۈشەپ باغلاپ قويىدۇ. مۇئەللىپ سورايدۇكى: كادىرلار ئوغرى-قاراقچىلارغا ئۆزگىرىۋالغانمۇ ياكى ئوغرى-قاراقچىلار كادىرلارغا ئۆزگىرىۋالغانمۇ؟!
(ئاپتورى: سۇ لوڭچۈن)   
 
تەرجىمان: يۈسۈپ ئىلى   
(«قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژورنىلىدىن ئېلىندى) 

 
مەنبە : ساياھەتنامە بلوگى
بەدەل تۆلەش بولمىسا ئېرىشىشمۇ بولمايدۇ
دوستلىشىش
قارگۇلى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8196
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 59
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە59دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 641 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-18
ئاخىرقى: 2011-10-19

مەن مۇنداق بىر ۋەقەنى ئوقۇغان:   چەتئەللىك بالىلارغا نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىدىن «قازان ئارىيەت ئىلىش »نى سوزلەپ ،بالىلاردىن تەسىراتىڭلارنى سۆزلەپ بېقىڭلار دېسە بالىلار بۇ نەسىردىن ئەپەندى بەك ھورۇن، ۋە ۋاپاسىز ئىكەن، چۇنكى ئۇنىڭ ھورۇنلىقىدىن ئۆيىدە قازىنىمۇ يوق كەن. يەنە تېخى  باي ئۇنىڭغا ئىشىنىپ قازان بېرىپ تۇرسا ،ئۇ خەقنىڭ قازىنىنى خىجىل بولماي تېقىۋالىدىكەن ،بۇنداق ئادەمگە قانداقمۇ ئىشەنگىلى بولسۇن! دېگەن ئىكەن.........       
ئۇنۇتمايلىكى :  <<بۇ دۇنيا بىر قونالغۇ...........بىز بولساق مىھماندۇرمىز!!!!!>>
كۆزۆڭنىڭ بارىدا شە كۆ
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8183
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 422
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە422دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 4517 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-17
ئاخىرقى: 2011-10-02
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-26 17:39

بۇلانىڭ توردىكى فىلىيەتۇنلىرىمۇ پەيزىغۇ دەيمە...
32 دۆلەتكە ۋىزا بىجىرمەن.
دوستلىشىش
dulbarqin310
ئاللاھ خالىسا كۈلۈپ ياشايمەن.
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 749
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە749دانە
ئۆسۈش: 350 %
مۇنبەر پۇلى: 7832 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2011-10-19
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-26 18:21

مەنمۇ بەزىدە شۇ چەتئەللىك بالىلاردەك ئويلاپ قالىمەن.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1276
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1276دانە
ئۆسۈش: 4410 %
مۇنبەر پۇلى: 16016 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2011-10-08
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-26 21:09

ياخشى تىما ئىكەن،،،،،مەنىلىك،،،،،،!!!!!!!!!
دوستلىشىش
ohho~duqu
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5343
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 278
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە278دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 2936 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2011-10-18
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-26 21:44

مەنمۇ ئوقۇغان ئۇ ھېكايىنى
man kangsay azasian