كۆزگە چېلىقىپ تۇردىغان ئىلگىرلەش
گۇن مىن
بىزنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىگىمىز بار ، بىراق ﻫەقىقى خەۋەرلەرنى ئەينەن ئىلان قىلالمايمىز .
بىزنىڭ نازارەتچىلىك ئورگىنىمىز ۋە تۈزىمىمىز بار ، لېكىن پارىخورلار يەنىلا تۇيدۇرماستىن چىرىكلىشىۋاتىدۇ .
بىزنىڭ مۇكەممەل بولغان ئاساسى قانۇنىمىز بولسىمۇ ، لېكىن << ئادەم ئارقىلىق باشقۇرۇش >> ﻫېلىﻬەم داۋاملاشماقتا . . . .
گەپ ئاڭلاش تەربىيسى
تاڭ شەنپۇ
ئانا بۆشۈكتىكى بالىسىغا : << ئاناڭنىڭ گېپىنى ئاڭلا >> دەپئۆگىتىدۇ ؛ چوڭلار يەسلى باللىرىغا : << تەربىيچىڭىزنىڭ گىپىنى ئاڭلاڭ >> دەپ ئۈگىتىدۇ ؛
شۇنداق قىلىپ ، بالا مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن << مۇئەلللىمنىڭ گىپىنىئاڭلايدۇ >> ؛ خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن << باشلىقىنىڭ گېپىنىئاڭلايدۇ >> ؛ باشلىق بولغاندىن كىيىن << يۇقىرى دەرىجىلىكرەﻫبەرلىكنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ >> .
جۇڭگودا باشقىلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاش << تەربىيسى >> چۇڭقۇريىلتىز تارتقاچقا ، شۇڭا كىشىلەرمۇ مۇستەققىل پىكىر قىلىشتىن مەﻫرۇمبولغان . بۇ بەلكىم مىللەتنىڭ پاجىەسىدۇر .
ئېتىراپ قىلىش كىرەك
لاڭ خۇيفا
ئالىملارغا قارىغاندا سەنئەت ساﻫەسىدە نام چىقىرش ئاسان بوپكەتتى ، ﻫۇقۇق سىياسەتتىن ئۈستۈن تۇرىۋاتىدۇ . خوشامەتچىلىك ئاممىغاكۈيۈنۈشنى بېسىپ چۈشتى . پۇل - مال دوستلۇقنى بېسىپ چۈشتى . ئۇقۇشسىزقالغان بالىلارغا ياردەم بېرىش تاشلىنىپ قالدى . ئىقتىدارغا قارىغانداگۈزەللىكنىڭ قىممىتى يۇقىرى بولدى . مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئەمەلى خىزمەتتىن ئەلابولدى . يالغان گەپ راست گەپكە قارىغاندا يېقىملىق ئاڭلىندىغان بولدى .
مۇشۇنداق تەرەققى قىلىدۇ
چۈن خەي
ئون يىل ئىلگىرى ئىنىستىتوتلار ئۇنىۋېرسىتېتقا ئۆزگەرگەن ، ئالىيتېخنىكوملار ئىنىستىتوتلارغا ئۆزگەرگەن . يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيانئوتتۇرا تېخنىكوملار بەس بەستە << كەسپى تېخنىكا ئىنىستىتوتى >> دىگەندەك ۋېۋىسكىلارنى چىقاردى .
جۇڭگۇنىڭ مائارىپى مانا مۇشۇنداق ﻫەم تىز ، ﻫەم ئاسان تەرەققى قىلىدۇ .
چۈشەنمەسلىك
لىيۇ خېمىن
مەجبۇرىيەت مائارىپى يولغا قۇيۇلغان تۇرۇقلۇق يەنە نىمىشكە ئۇقۇشسىز قالغان بالىلار بار ؟ بۇنى مەن چۈشىنەلمىدىم .
ئىدارىدىن سايلام نامزاتىنى ئېلان قىلدى . بىراق بىز تېخى بىلەت تاشلىماستىن ، يېڭى باشلىق سايلىنىپ چىقتى ! بۇنى چۈشىنەلمىدىم .
بىزدەك ئالىي مەكتەپ ، ئوتتۇرا تېىنىكوم پۈتتۈرگەنلەردىن تەشكىلتاپقان تېخنىكىلىق ئۇرۇنغا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىگە ئىگە ، ئىلگىرىئاشپەز بولغان بىرسى باشلىق بوپكەلدى . بۇنى مەن چۈشىنەلمىدىم .
مەلۇم سانائەت ئالاﻫىدە رايۇنىدا يېرىم يىل ئىچىدە يېرىمدىن كۆپرەكزاۋۇت تاقىلىپ قالدى ، نۇرغۇنلىغان ئىشچى ئىشسىز قالدى . ئەمما يىل ئاخىرىدىكىخۇلاسىدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم ئوتتۇرا ﻫىساپ بىلەنبۇلتۇرقىدىن 3.6 % ئاشتى دىيىلگەن . بىراق ئىشسىزلارنىڭ قۇتقۇزۇش پۇلىئالمىغىنى ئېنىق . بۇنى مەن چۈشىنەلمىدىم .
باش مۇﻫەررىرنىڭ ئۆلچىمى
خۇاڭ شەن
مەلۇم گېزىتنىڭ باش مۇﻫەررىنىڭ ماقالە بېكىتىشتىكى ئۆلچىمى << مەڭگۇمەدﻫيلەش >>
تەﻫرىر مۇخبىر سوراپتۇ :
- ئەگەر ئوت ئاپىتى يۈز بەرسىچۇ ؟
- ئوت ئۈچۈرۈش ئەترىتىدىكى قەﻫرىمانلارنى مەدﻫىيلەيمىز .
- خىيانەتچى ئەمەلدارلار قاپقانغا دەسسىسچۇ ؟
- ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىىدىكىلەرنى مەدﻫىيلەيمىز .
- ئىشچى _ خىزمەتچىلەر ئىش ئورنىدىن قالسىچۇ ؟
- دولەتنىڭ ئەڭ تۇۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سىياسىتىنى مەدىيلەيمىز .
<< شىنجاڭ مەدىنيىتى >> دىن ئېلىندى
مەنبە : شەمشەر بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى