باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 525 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇ ئۈگۈتلىرى ...
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7966
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 9
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە9دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 220 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-20
ئاخىرقى: 2011-09-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-25 15:27

ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇ ئۈگۈتلىرى ...


ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇ:
1-نىيەت ئالدىدا،ئەمەل كەينىدىن.
2-ھەقىقەتنى چۈشۈنىپ،ئىلىم ئۆگىنىپ ئاللاھنىڭ نىئمەتلىرىنى تىلەڭلار،ئەمما زىيادە نىئمەتمۇ سىلەرگە ئازاپ ئېلىپ كېلىدۇ.
3-ئىلىم ئېلىڭلار،ئىلىمدا تىنىچ ئامانلىق،كەڭ قورساقلىق بولىدۇ.ئۆگەتكۈچى ھەم ئۆگەنگۈچى كەمتەر، كىچىك پېئىل بۇلسۇن. تەكەببۇر ،ھاكاۋۇر بولمىسۇن.سىلەرنىڭ ئىلمىڭلار ئەقىلسىزلىك ئۈستىگە قۇرۇلمىسۇن.
4-«قۇرئان»ئوقۇڭلار،ئۇنى چۈشۈنىڭلار،ئۇنىڭدىكى تەلىماتلار بويىچە ئىش قىلىڭلار.ئاللاھ ئازمايدۇ.ئۇنىڭ ھوقۇقىي كاپالەت تەلەپ قىلمايدۇ.ئۆلۈمنى يات ئېتىڭلار، ياخشىلىقتىن يىراقلىشىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار.
5-ئەرەپ تىلىنى ئۆگىنىڭلار،ئۇ قەلىپنى تۇراقلاشتۇرۇپ،مەردانىلىقنى ئاشۇرىدۇ.
6-نەزمە،شىئېرىيەت ئۆگىنىڭلار،ئۇنىڭدا ئەخلاق –پەزىلەت بار.
7-ئىسىل شېئىر شائىرلارنىڭ ئالىجاناپلارغا بولغان زوقلىنىشى ھەم پېقىر يوقسۇللارغا بولغان ھېسداشلىقىدۇر.
8-دىنى-ئىتقادى بولغان كىشىلەر ھەقىقەتەن بەخىتلىك . قىيامەت كۈنى ھەقىقەتنى تەشەببىس قىلىدىغانلار.قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىدىغانلار،ئۆز نەپسىگە چوغ تارتمايدىغانلار،ھېسىياتقا تايىنىپ ئىش كۆرمەيدىغانلار،ھەق يولىنى ئۆزىگە ئەينەك قىلىدىغان كىشىلەر ئاللاھنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشىدىغانلاردۇر .
9-ئەڭ بەخىتسىز باشقۇرغۇچى ،قول ئاستىدىكىلەر سەۋەبىدىن بەخىتسىز بۇلۇپ قالىدىغان كىشىدۇر.
10-ئەمىرنىڭ كەڭ قورساقلىقى ۋە مۇلايىملىقىدىنمۇ ئارتۇق ئاللاھنى خوشال قىلىدىغان ئىش يوق،ئەمىرنىڭ ئەقىلسىزكى ھەم ئەخمەقلىقىدىنمۇ ئارتۇق ئاللاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئىش يوق.ئەپۇچانلىقنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلغان كىشىنىڭ ئېرىشىدىغىنىمۇ كەڭچىلىك.ئادىل ئىش بىجىرىدىغانلار مۇۋاپىقىيەت قازىنىدۇ.پەسكەشلىك قىلىپ تۇرۇپمۇ ئاللاھقا ئەگىشىش،پەخىرلىنىپ تۇرۇپ گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە قارىغاندا ياخشىراق.
11-ھاراق بىلەن گۆشنىڭ زىيىنى ئوخشاش.
12-سىلەر بارلىق يەيدىغان گۆشۈڭلارغا ھوشىيار تۇرۇڭلار.ئۇ خۇددى ھاراققا ئوخشاشلا ئادەمنى زەھەرلەيدۇ.
13-سىلەر تويغىچە يېمەڭلار،ئۇ ئىبادىتىڭلارنى بوشاشتۇرۋېتىدۇ،ئىچكى ئەزالىرىڭلارنى كاردىن چىقىرىدۇ،ئاغرىق سىلاق پەيدا قىلىدۇ.
14-ئەرلەرنىڭ سىرىتقى كۆرۈنىشىدىكى ھەيۋەتلىكى ئۇنىڭ پاكىزە كىيىنىشىدە ئىپادىلىنىدۇ.
15-ئاللاھتىن ئەيمىنىدىغان كىشىنى ئاللاھ قوغدايدۇ.ئاللاھقا تايىنىدىغان كىشىنى ئاللاھ قانائەتلەندۈرىدۇ.ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلىدىغان كىشىگە ئاللاھ ياخشىلىق بېرىدۇ.ئاللاھقا ھەمدۇ ساناھ ئېيتىدىغان كىشىگە ئاللاھ كۆپ ئىنئام بېرىدۇ.
16-بەندە ئاللاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈدىغان ئىشنى قىلماسلىقى كېرەك.
17-ئامانەتنى ساقلىغۇچىنىڭ قولىدا ياخشىلىق بار.
18-گۇناھنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر ئاسانلا گۇناھكار بولىدۇ.
19-تۆھمەتخور ئادەم ئىلگىرى قانداق يامان سۆز چۆچەكلەرنى قىلغىنىدىن قەتئىي نەزەر ،ئۆز خاتالىقىنى ئىقرار قىلسا جاۋاپقا تارتىلمايدۇ.
20-ئىللىق چىراي كىشىلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىمۇ ئىللىق بولىدۇ.
21-
22- چاقچاق قىلىدىغان ئادەم ،ئاسان مات بولىدۇ .ئىخلاسى ئاجىز ئادەم ھايا قىلمايدۇ.
23-يالغانچى كىشىلەر كۆرەڭلەيدۇ.كۆرەڭلىگەنلەر چۇقۇم ھالاك بولىدۇ.
24-ئاتىسىنىڭ ئاخىرەتلىكىنى قىلغان كىشى،كىيىن ئاتىسىنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئاخىرەتلىكىنىمۇ ياخشى قىلىشى كېرەك.
25-كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ غەزەپلىنىشتىن ساقلىنىڭلار.
26-ئۇرۇق تۇققانلار ئىزدىشىپ ئۆتىشى ،خوشنا بولماسلىقى كېرەك.
27-نادان كىشى بىلەن دوست بولما،ئۇنىڭ ساڭا قىلغان ياردىمى ئەكىس تەسىر بېرىشى مۇمكىن.
28-باشقىلار سېنى قايمۇقتۇرۇپ كەتمىسۇن،ئۆزەڭنىڭ ئىشىغا ئۆزۈڭ ئىگە بول.ھەر بىر كۈنۈڭنى پەرۋاسىزلىق ئىچىدە ئۆتكۈزىۋەتمە، ئۇ ئىشلىرىڭنى خاتىرلەپ تۇرىدۇ ،خاتالىق ئۆتكۈزسەڭ دەرھال تۈزىتەلەيسەن.
29-جېنىڭدىن ھېساب ئېلىنىشتىن بۇرۇن ئۆزۈڭدىن ھېساپ ئال .
30-تۆۋە قىلغۇچىلار بىلەن بىللە بول،ئۇلار نىڭ كۆڭلى ئەڭ يۇمشاق.
31-سەن ئۇ دۇنيادىكى ياخشىلىققا ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلساڭ ،ئۇنداقتا بۇ دۇنيادا ياخشىلىقنى كۆپ قىل .
32-باھانە كۆرسىتىشتىن ئېھتىيات قىلىڭلار،باھانە كۆرسىتىۋېرىش يالغانچىلىققا باشلايدۇ.
33-مۇسۇلمان قېرىندىشىڭلارنىڭ سۆز ئىبارىللىرىنى يامان نىيەتتە پەرەز قىلماڭلار،ياخشى نىيەتتە چۈشۈنىڭلار.
34-دوستىغا ساداقەتمەن بۇلۇش ، ئۇنىڭ بىلەن دائىم ھەمسۆھبەتتە بولۇش كېرەك . دوست ئەمىنلىكنىڭ كاپالىتى،باشقا كۈن چۈشكەندە ئۈمۈد بېغىشلىغۇچى.
35-نامازنى تاشلىغان ئادەملەرنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا يوقىتىدىغان نەرسىللىرى كۆپ بولىدۇ.
36-سىلەر كىشىلەرنى نامازغا ئۈندىگەن ۋاقتىڭلاردا ،ئەگەر ئۇلار ئاغرىق سەۋەبىدىن ناماز ئۆتىمىگەن بولسا،سىلەر ئۇلارنى يوقلاپ بېرىڭلار.ئۇلار راست ئاغرىق بولمىسا گۇناھى ئۇلارغا بولىدۇ،
37-قەرزىڭ ئاز بولسا ،ئەركىن ياشايسەن.
38-گۇناھى ئازلارغا ئۆلۈم ئاسان.
39-بەرگەن قەسىمىڭلارغا ئىتىبارسىز قارىماڭلار،بولمىسا ئاللاھ سىلەرگە ئىتىبارسىز قارايدۇ.
40-قۇرۇق خىيال ئالدىراشچىلىق (ئەمىلىي ھەركەت)كە يەتمەيدۇ.
41-
42- ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىش، تىلەمچىلىك قىلغاندىن ياخشى.
43-سىلەر زىمىندا كۈمۈلۈپ تۇغان نىئمەتلەرنى ئىزدەڭلار.
44-سىلەر زىمىنغا لەنەت ئوقىماڭلار.
45-زىمىنغا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار،
46-ئۈلۈمگە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن سەن بىزار بولغان خىزمەت،سەن ئۇنى قىلمىساڭلا ئۆلۈم ساڭا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ .
47-ئاياللارنى ھەرگىز سەت،كۆرۈمسىز ئەرلەرگە ياتلىق قىلماڭلار.ئۇلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنى دەل سىلەرنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىڭلاردۇر.
48-بىر ئاللاھنى ئىنكار قىلغۇچى ئۇچرايدىغان ئەڭ يامان ئىش،ۋاتىلداق،ئەخلاق پەزىلىتى ناچار،مېھرى يوق ھەم بالا تۇغالمايدىغان ئايالدىن ئاشمايدۇ.
49-ئۆمەر بىر كۈنى ئايالىنى قويۋەتمەكچى بولغان بىر ئەردىن سوراپتۇ:«نىمىشقا ئۇنى قويۋەتمەكچى سەن؟» ئۇ جاۋاپ بېرىپتۇ:«مەن ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن»،ئۆمەر سوراپتۇ:«ئۇنداقتا بارلىق ئائىلىلەر سەن دىگەندەك مۇھەببەت ئۈستىگىلا قۇرۇلامدۇ؟ئەگەر ئۇنداق بولسا غەمخورلۇق ھەم مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى نەگە كېتىدۇ.»
50-ئۆلىمالارغا سەل قارايدىغان،قۇرۇق سەپسەتە كۆرسىتىپ «قۇرئان» توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىدىغان ئازغۇن ئىمام ، ئىسلامنى نابۇت قىلىدۇ .
51-ئەگەر تەشەككۈر ۋە سەۋىر-تاقەت ئىككى تۆگە بولسا ، سەن ئۇلارنىڭ قايسىسىغا مىنىشنى ئېغىر ئالما .
52-ھاراق ئىنسانلارنىڭ ئەقلىنى نەپسانىيەتچىلىككە ئېلىپ بارىدىغان نەرسە .
53-ئەگەر بىراۋ ئازغۇنلۇقنى قەستەن توغرا يول دەپ قارىسا ۋە ھەقىقەتنى ئازغۇنلۇق دەپ چۆرىۋەتسە ،ئۇنىڭغا ھېچقانداق باھانە-سەۋەب قالمايدۇ .
54- قۇرۇق پاراڭنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق .
55-ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ باشلىنىشى بار ، لېكىن ياخشىلىقنىڭ باشلىنىشى تىزدۇر .
56-ئەگەر ئالدىراشچىلىقنى بىرخىل تىرىشچانلىق دېسەك ، ئۇنداقتا بىكار تەلەپلىك پوركۆتەكتۇر .
57-ئاخىرەت ئىشىدىن باشقا ئىشلارغا ئالدىرماسلىق ياخشىدۇر .
58-ئاللاھ غەزىپىنى يۇتىۋەتكەن بەندىسىنى ياخشى كۆرىدۇ .
59-قىش دەرۋىشلەرنىڭ ئولجىسىدۇر .
60-ئۇۋال قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ھۆكۈم چىقىرلىپ بولغاندىن كېيىن ئەقلىنى تاپىدىغان ھاماقەتلىرى بار .
61-بۇدۇنيادا ياردەم بەرگۈچى ،ئاخىرەتتە ياردەمگە ئېرىشىدۇ .
62-ھەقىقەت ئۈچۈن قايتا-قايتا تەكشۈرۈش،يالغاندا جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۋالماسلىق.
63-سۈننەتتە چىڭ تۇرۇش ، بىدئەت پەيدا قىلماسلىق .
64-بىرئەلدىكى ياخشى كىشىلەر كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرىمايدىغان ، يامانلىقتىن توسىمايدىغان ، ئاللاھ ئۈچۈن خوشال بولمايدىغان ، ئاللاھ ئۈچۈن غەزەبلەنمەيدىغان ، پەقەت ئۈزى ئۈچۈن خوشال بولىدىغان ، ئۆزى ئۈچۈن ئازابلىنىدىغان ۋاقىت كېلىشى مۇمكىن .
65-تۆۋەندىكى ئۈچ نوقتا، دوستۇڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭنى كۈچەيتىدۇ : ئۇنىڭغا باشتا سالام قىلىش . ئەگەر قېشىڭدا ئولتۇرسا ،ئۇنىڭغا كەڭرى ئورۇن بوشۇتۇپ بېرىش . ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىسمىنى چاقىرىش .
66-پەلسەپىۋى قائىدىلەر ياشانغان كىشىلەرگىلا خاس ئەمەس ، ئۇ ئاللاھنىڭ كىشىلەرگە ئىنئام قىلغان سوۋغىسىدۇر .
67- ئەگەر ئاللاھ بەندىسىگە رەھمەت قىلسا ، ئاللاھ ئۇنىڭ تىل قابىلىيىتىگە چەكلىمە قويۇپ ، ئىشلەش قابىلىيىتىنى ئەلالاشتۇرىدۇ .
68-رەزىللىك بىلەن غەلبە قىلغۇچى ئەمىلىيەتتە مەغلۇپ بولغىچىدۇر . ھەقىقى غەلبە قىلغۇچى رەزىللىك ئۈستىدىن غالىب كەلگۈچىدۇر .
69-ئاللاھ سىلەرنى ئىسلام بىلەن ئەزىز قىلدى . ئەگەر ئاللاھنىڭ غەيرىدىن ئەزىزلىك تەلىسەڭلار ، ئاللاھ  سىلەرنى خار قىلىدۇ .

شاد كۈلكە تەرجىمىسى ....
اين بدر ؟
دوستلىشىش
مۇھسنە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8277
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 82
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە82دانە
ئۆسۈش: 190 %
مۇنبەر پۇلى: 970 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-24
ئاخىرقى: 2011-10-18

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، قىېرىندشىم