باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1167 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: غەزىنە كۇتۇپخانسى نەزەرىڭىزدىن چەتتە قالمىسۇن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 31
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە31دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 180 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-07
ئاخىرقى: 2011-07-23
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-22 19:48

غەزىنە كۇتۇپخانسى نەزەرىڭىزدىن چەتتە قالمىسۇن

غەزىنە كۇتۇپخانسى نەزەرىڭىزدىن چەتتە قالمىسۇن
تۈنۈگۈن بىر دوستۇمنى ساقلاش سەۋەبى بىلەن ئاقسۇ شەھىرى رەستە كۇچىسىدا كۇچا ئارىلاپ يۈرگەن ئىدىم .پىيادىلەر يۇلىدا كىتىۋىتىپ (يولنىڭ غەرپ تەرىپىدە ) «غەزىنە كۇتۇپخانىسى » دەپ ۋىۋىسكا ئېسىلغان كىچىك دۇكاننى كۈرۈپ قالدىم .

ئۆزەەممۇ كىتاپقا ھېرىسمەن ،ئۇنىڭ ئۈسىتىگە كىچىك بولسىمۇ بىر كىتاپخانا ئېچىپ باققان بولغاچقا  ، دەرھال قىزىقىش ئىچىدە ئىچىگە كىردىم .

بۇ كۇتۇپخانا 30 كۇۋادرات مىتىر ئۈپچۆرىسىدە كىلىدىغان بىر كىچىك خانە ئىكەن . ئىچىدە بىر قىز بىرىلىپ كىتاپ كۈرۈۋاتاتتى ،تۇنۇش چىراي بىر ئادەم ئىشىك يېنىدىكى جوزىدا يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ئولتۇرغان ئىدى .

مەنمۇ جىمجىتلىقنى بۇزماي كىرىپلا قىزىقىش ئىلكىدە كىتاپ –ژورناللارغا نەزەر سېلىشقا باشلىدىم .بۇ يەردە مەن ساۋادىم چىققاندىن باشلاپ ئۆزەم ئۇقۇغان ،باشقىلارنىڭ قۇلىدا كۆرگەن ،زوردۇنكامنىڭ كىتاپلىرىدىكى باش قەھرىمانلار ئۇقۇغان كىتاپلار تىزىملىگى ،چوڭ دادامنىڭ باشقىلارغا ۋەقەلىگىنى سۆزلەپ بىرىدىغان مەمەت ئاۋاق رومانى ،بەزىلىرىنى ئۆزەم تېخى ئاڭلاپ باقمىغان كىتاپلار بۇلۇپ ،( كۆپىنچىلىرى 80-يىللاردىن كىيىن نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇر كونا يېزىقى نوسخلىرى ،قىسمەن يېڭى يېزىقتىكى كىتاپلارمۇ يوق ئەمەس .) تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى .

«سۇ بۇيىدا» «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە » « ئۇرۇش ۋەتېنچلىق »،«تۈركىي تىللار دىۋانى »،«ئىز» كونا نۇسخسى (بەزىلەر شۇنداق دەۋالىدۇ ،ئەمما مەن مۇقاۋىسىدىن باشقا جايدا پەرقى بارلىقىنى بىلمەيمەن ،شۇ كىتاپ ئۇقۇمايدىغانلار كىتاپنى شۇنداق بىرىنچى نەشىرى ،ئىككى نەشرى دەپ دەرىجىگە تۇرغۇزامدىكىن دەيمەن ،پەرقى بار دەپ تۇرۇۋالىدىكەن ،ئەمما سورىسا كىتاپنىڭ مەزمۇنىنى تۈزۈكمۇ بىلمەيدۇ ....) ،ئىشقىلىپ شۇلاردىن باشلاپ ،«باھادىرنامە» گىچە تۇللۇق بار ئىكەن ....

تىجارەت ئىجازەتنامىسى سەۋەبىدىن دىنغا دائىر كىتاپلار يوق ئىكەن ئەلۋەتتە ....

مەن ئالتۇن تېپىۋالغاندەك بىر تۇيغۇلارغا چۆمدۇم ،ئادىتىم بۇيىچە كىتاپلاردىن ئۇنى بۇنى ۋاراقلاپ كۆردۇم ،خۇددى بۇگۈن ھەممىسىدىن ئاز –ئازدىن ئۇقۇپ كۆرمىسەم ئەتە مەڭگۈ نىسىپ بولمايدىغاندەك ......

ئارىلىقتا ھېلىقى قىز كۇتۇپخانا ئىگىسى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدى :

ئۇنىڭ قىزنىڭ ئېيتىشىچە ئۇقىزمۇ  بۇ كۇتۇپخانىنى بۇرۇن بىلمەيدىكەن ، بۇگۇن ئۇتۈپ كىتىۋېتىپ تاسادىپىي كۈرۈپ قاپتۇ ھەم مۇشۇنداق سرتقا ئېچىۋېتىلگەن مۇشۇنداق بىر كۇتۇپخانىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىگىىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىپتۇ ....

جىمجىتلىق بۇزۇلغان بولغاچقا مەن ئىختىيارسىز بۇ سۆھبەتكە ئارىلىشىپ قالدىم ،ئەڭ مۇھىمى ھازىرقى دەۋردە بۇنداق كىچىك كۇتۇپخانا ئاچقانلار باشقا كىرىم مەنبەسى بولمىغان شارائىتتا ئىقتىسادىي تۇرمۇشىنى قانداق قامدايدۇ ،مىنىڭ ئۇيۇمچە بۇ ئىشلار كىتاپقا مۇھەببەت باغلىغان ،ئەمما مۇقىم كىرىم مەنبەسى ،ئىجتىمائى ئاساسى بار كىشىلەر قىلسا بۇلىدىغان ئىش ،مەسىلەن ،ئىش ئورنىدىن پىنسىيىگە چىققان ،مۇقىم پىنسىيە مائاشى بار ،پىنسىيونېر ياكى ئېرىنىڭ مۇقىم كىرىمى ياكى باشقا تىجارىتى بار مۇشۇ كەسپكە قىزىقىدىغان ئائىلە ئاياللىىرى ....

مەن  كۇتۇپخانا ئىگىسىدىن سورىدىم :-بۇ دۇكان قىلغان ئۆي سىلەرنىڭ شەخسىمۇ ؟

-ياق ،ئىجارىگە ئالغان .

-يىللىق ئىجارىسى قانچە پۇل ؟

-بەش مىڭ يۈەن ....

-شەھەر ئىچى بولغانلىق سەۋەبلىك بۇ باھانى ھەرگىز قىممەت دىگىلى بولمايدۇ ، ئەمما شەخسى كۇتۇپخانا ،كىتاپخانىلاردا جان باقماق بەك تەس ،مەنمۇقىلىپ باققان ، ئەمما ئۆي ئىجارىسىنى ئاران كۈتىرىدۇ ،ھازىر بولسا ئۆي ئىجارىسىنىمۇ قامدىيالمايدۇ ......

تۇنۇش چىراي يازغۇچى ئاكىمىز بۇ سۆھبەتكە قېتىلدى :

-سىز كىتاپخانا ئېچىپتىكەنسىز ،سىزدە «بورانلىق كىچە » دىگەن رومان بارمۇ ؟

-شۇ روماندىن كىرگۈزۈپمۇ ساتقان ، بازىرى ناھايىتى تىز بۇلۇپ ئۆزەم ساقلاپ قېلىشقا ئۈلگۈرمەي سېتىلىپ تۈگەپ كىتىپتىكەن .

-ئۆزەمنىڭ كىتاۋى تۇرۇقلۇق ئۆزەمگە بىرەر نۇسخا ئاشمىدى ئۇ كىتاپ ، ھازىر ئىزدەپمۇ تاپالمايۋاتىمەن .

-مەن خېىرىدارلىرىمدىن ئىزدىسەم تېپىلىپ قېلىشى مۇمكىن .

ئارلىقتا كۇتۇپخانا ئىگىسى بۇ ئادەم :ئەخمەت ۋاھىدى ئەپەندىم بۇلىدۇ ،دەپ قويدى .مەنمۇ رەسمىي تۇنۇدۇم ،ھەم  زۇنۇن قادىرى ھەققىدە ئەسەر يازغان بۇ يازغۇچىمىزغا ھۆرمەت بىلەن سەپسالدىم ،ئۇ ياشىنىپ پىنسىيىگە چىقىپمۇ يېزىقچىلىق ئادىتىنى تاشلىماپتۇ ،ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي تۇرقىدىن سالاپەت ،ساغلاملىق ۋە ئىسللىك چىقىپ تۇراتتى ،ھەتتاكى چاچلىىرى مىنىڭ ئەمدىلا 30 دىن ئەمدىلا ھالقىغان شالاڭ چاچلىرىم بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ئىدى .

( بۇ يەردە دوستلارغا تەۋسىيە ئارام بىلەن ئىزدىنىشنى نورمال يولغا قۇيۇڭلار ،سالامەتلىكمۇ ناھىيىتى مۇھىم ،يىقىلىپ چۈشمىگەن بىلەن كىيىن زىيىنى ئېغىر ،بۇلۇپمۇ ئىزدىنىشتىكى سائەت 11دىن كىيىنمۇ تور ئارىلايدىغانلار بەكرەك دىققەت قىلىڭلار ....)

مەنمۇ داۋامىنى ئەتە يېزىپ ئاندىن بىراقلا يوللاي ...

.ئەخمەت ۋاھىدى ئەپەندى بىزگە قاراپ :

-ھازىر رىستۇرانلارغا قارايدىغان بولساق لىق ئادەم ، ئەمما كىتاپخانىلاردا ئادەم قىس ،2-3 مىڭ يۈەننى رىستۇراندا بىكار خەجلەشكە رازى بۇلىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى 40-50يۈەنگە بىر دانە كىتاپ ئېلىپ ئۇقۇشنى خالىمايدۇ ،ئۆيىدە كىتاپنى مۈلۈك قىلىپ ساقلاشقا بولسا قەتئى قىزىقمايدۇ ....

( بۇ يەردە مىنىڭ ئىسىمگە ئابدۇللا ئابدۇرىھىم بىلەن خالمۇرات ئۆمەر ئاكىمىز ئۇرۇنلىغان شۇ كوچىدىكى كىتاپ يايمىسى ئاچىدىغان ۋەقەلىك تەسۋىرلەنگەن ئىتوت ئىسىمگە كەلدى –قاۋاقخانىلاردا لىق ئادم ،ئەمما كىتاپخانىلاردا بىرمۇ ئادەم يوق ....)

بۇ يەردە تورداشلارغا شۇنى دىگىم كىلىۋاتىدۇ :كىتاپخانىلار ئۇنچىۋلامۇ قۇرۇق ئەمەس ،مەن دۇشەنبە كۈنى چۈشىتىن بۇرۇن بىكار بولغانلىقىمدىن ۋىلايەتلىك كىتاپ شەھەرچىسىگە كىرگەن ئىدىم ،ئادەمنىڭ كۆپلۇگىدىن ئولتۇرۇپ كىتاپ ئۇقۇيدىغان ئۇرۇن تەگمىدى ،3-4 سائەتكىچە شۇنداق بولدى ،بىر قانچەيلەن پار-پار خىشنىڭ ئۈستىدىلا ئولتۇرۇپ كىتاپ ئۇقۇشقا كىرىشىپ كەتكەن ئىدى ،پۇل تۆلەش ئورنىدىمۇ ئادەم بەك كۆپ ئىدى ..ئەتىسى ،پەيشەنبە كۈنلىرى ئىزچىل كىردىم داۋاملىق شۇنداق ،شەنبە –يەكشەنبە كۈنىدىكى بېسىقلىق خېلىلا يۇقىرى .....بۇ كۈزۈم كۆرگەن ئەھۋال بولغاچقا نۆۋىتى كەلگەندە قىستۇرماي بولمىدى ....

 

ئەخمەت ۋاھىدى ئەپەندى بىزگە مەزكۇر كۇتۇپخانىنىڭ كىتاپ ئارىيەتكە ئېلىش كارتىسى تارقاتقانلىقىنى ، بىر دانە كارتىنى سېتىۋالساق ئۇنىڭغا بىر يىل ھەقسىز كىتاپ ئۇقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بۇلىدىغانلىقىمىزنى تۇنۇشتۇردى .

مىنىڭ ئۆيۈم گەرچە يىراقتا ،بۇيەرگە دائىم كىلىپ كىتاپ ئارىيەتكە ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بۇلالمايدىغان بولساممۇ يەنىلا بىر دانە كارتا بىجىرىپ قۇيۇشنى لايىق تاپتىم .ھېلىقى قىز مەندىن چاققان كىلىپ بىر دانە كارتا بىجىرىپ چىقىپ كەتتى .مەن ئارقىدىن بىردانە كىتاپ ئۇقۇش كارتىسى بىجىردىم .

ئەخمەت ۋاھىدى ئەپەندىم مىنىڭ خىزمەت ئورنۇم ،ئائىلەم ۋە باشقا ئەھۋاللىرىمنى سورىدى ،بىز كىيىن كۈرۈشىدىغان بۇلۇپ خوشلاشتۇق ...

ئەتىسى مەن مۇشۇ «غەزىنە كۇتۇپخانىسى » توغرىلىق تورغا بىر نەرسە يوللاپ قۇيۇش ئىستىكى تۇغۇلدى ،مىنىڭ بىلىشىمچە ئىزدىنىش تورىدا ئاقسۇ شەھەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقان تورداشلارمۇ يوق ئەمەس ،كۆپىنچىسنىڭ مۇقىم ئىش ئورنى بار ياكى تىجارەت كىرىمى يامان ئەمەس ...

مەن بۇ يەردە مۇنداق بىر ئەھۋالنى بايقىدىم :

غەزىنە كۇتۇپخانىسى 2010-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان بۇلۇپ ئاساسلىق تىجارەت تۈرلىرى كىتاپ ئارىيەتكە بىرىش ،كونا كىتاپلارنى سېتىۋېلىش ئىكەن ،يېقىندا كۇتۇپخانىلاردا كەچ ۋاقتى ئولتۇرۇپ كىتاپ كۆرسە بىر يۈەندىن ئېلىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ ،بۇ پىلان تېخى يولغا قۇيۇلماپتۇ ،

بۇدۇكاننىڭ 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە بولغان ئۇمۇمىي كىرىمى ئىككى مىڭ يۈەندىن ئاشمايدىكەن ،كارتا بىجىرگەنلەر پەقەت بىر نەچچە ئادەمكەن ،،دۇكانغا كىرىپ چىققانلار ئۇنىڭغا قاراپ :كىتاپخانا ئاچقۇچە باشقا ئىش قىلسىڭىز بولمامدۇ ،دەپ نەسىھەت قىلىپ قۇيۇپ چىقىپ كىتىدىكەن ، ئۇ ئادەمنىڭ كۇتۇپخانسىدىكى كىتاپلارنىڭ 60% ى شۇ ئادەم بىر ئۈمۈر جاپا تارتىپ يىققان كىتاپ بۇلۇپ ،كىتاپ يىغىشقا بەك ھېرىسمەن ئادەم ئىكەن ....

مۇشۇنداق بىر ساۋابلىق ھەم ياخشى ئىشنى قىلغانلارنى قوللىماي يالتايتقۇزچىلار ئادەمنىڭ قىممىتىنى ،ھۆرمىتىنى تاپقان پۇلى بىلەن ئۆلچەيدىغان ( بۇ كىسەل ھەممەيلەندە بار ،بەزىلەر ئىچىدە بىلسە بەزىلەر ئاشكارا ئوتتۇرىغا قۇيۇدۇ ) بىلەرمەنلەردىن بولسا كېرەك ...

ئۇ ئادەم بۇرۇن باققالچىلىق ،كۆكتاتچىلىقمۇ قىلىپ بېقىپتۇ ،تاپقان ئېشىنچىسىغا كىتاپ ئاپتۇ ،مانا بۇگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مۇشۇنچىلىك بىر ئىشقا مۇقىم تۇتۇش قىپتۇ،ئەمما كىرىمى يۇقىرىدا مەن دىگەندەك ،تۇلىمۇ تۆۋەن ...

ئەمما شۇ ئادەمنىڭ قىزىقىشى شۇ تۇرسا ، كىتاب بىرمىللەتنىڭ ،بىر ئائىلىنىڭ مەنىۋى بايلىقى ، ئۇ چەكسىز بىلىم بۇلىقى ، شۇڭا مۇشۇ  خىل كەسپنى قىلغان كىشىنى قوللاش يۈزىسىدىن  ئىقتىسادى جەھەتتىن كۆپ ياردەم قىلالمىساقمۇ ،ۋاستىلىق ھالدا (كىتاپ كارتىسى سېتىۋېلىش ،كۆپرەك ياردەم بەرگىمىز بولسا ،باشقىلارنىڭ نامىدا بولسىمۇ كىتاپ كارتىىسىنى كۆپرەك بىجىرىپ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە ياردەم بەرسەك ....

ئۇنىڭدىن باشقا ئاساسى كەسپنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن كىتاپ تۈرلىرىنى كۆپەيتىشكە ياردەم بەرسەك بۇلىدۇ . يەنى تۆۋەندىكىدەك :

1.كونا كىتاپ ساتماقچى بولغانلار سېتىپ بىرىش .

2.ھەقسىز تەقدىم قىلىش ياكى ئىئانە قىلىش ،ھە راست رامزانمۇ كىلىپتۇ ،كىتاپتىن زاكات ئايرىماقچى بولساق ئۇتتۇر شۇ يەرگە يوللاڭلار .( كىتاپقا قانداق زاكات ھىساپلىنىدۇ  86  )،ئۆيىدە ساندۇققا سۇلاپ قۇيۇپ ئۇقۇپ تۇرمسا زاكات كىلىدىغاندۇ بۇنىڭغىمۇ ؟!!!!

3.كەنت ،مەكتەپ ،ئىدارىلەردىكى دوستلارمۇ قاراپ تۇرماي ئۆزىمىزنىڭ قۇلىدىن كىلىشىچە ياردەم قىلساق .

يەنە بىرسى ۋاقتى بار دوستلار ئارام ئالغاچ ،رەستە كۇچىسى غەزىنە كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ كىتاپ ئۇقۇپ ئۆتكەچ ،شۇ ئەتراپنىڭ مۇھىتى بىلەن تۇنۇشۇپ ،مۇشۇ كىتاپخانىنى قانداق قىلغاندا تىجارەت كىرىمىنى يۇقىرى كۈتۈرگەن ،كىتاپخانا ئاچقۇچىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش ئىستىمالىنى كاپالەتلەندۈرگەن ئاساستا تەرەققى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولغان مەسلىھەت ۋە ئەمەلىي ياردەم بىلەن تەمىنلىسە دىگەن ئۈمىدتە مەن .

مەسىلەن :قۇشۇمچە  يان تېلفۇنغا پۇل قاچىلاش ، يانفۇن كارتىسى بىجىرىش ، ماتىرىيال فۇيىن قىلىش ،،،،ياكى بىرەر شىركەتنىڭ ۋاكالەتچىسى بۇلۇش ( ئىرپان ، مۇئەللىم ،ۋە ئۇيغۇر سوفت ،بىلگىيار شىركەتلىرى ،ياكى بىرەر ئېلان گېزىتى ۋاكالەتچىسى بۇلۇش ، ياكى شۇ ئۇرۇندا مۇستەقىل  ئۇچۇر مۇلازىمەت مەركىزى تەسس قىلىش )قاتارلىقلارنىڭ قايسىسىنى قۇشۇمچە قىلسا مۇۋاپىق بۇلىدىغانلىقىنى ياكى باشقا  بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان ئەمما كىتاپخانا مۇلازىمىتى بىلەن زىت كەلمەيدىغان مۇلازىمەتلەرنى قىلسا مۇۋاپىق بۇلىدىغانلىقىنى پىلان تۈزۈپ باقساق .

تامار –تامار كۆل تۇلار ،كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس ،دىگەن گەپ بار ،ھەم ياخشلىق قىلىشنى ئويلاپ نەگە قىلىشنى بىلەلمەي تۇرغانلار ئۈچۈنمۇ بۇ بىر ياخشى پۇرسەت ....

ئاقسۇ شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى كىتاپ ئىئانە قىلماقچى بولغان دوستلار تۆۋەندىكى ئادرىسقا سالساڭلار بۇلىدۇ ....

ئاقسۇ شەھىرى رەستە كۇچىسى رەستە مەسچىدنىڭ يېنىدىكى خەزىنە كۇتۇپخانىسى

تېلىفۇن نۇمۇرى :13209056682
كارتىدا ئىسىمى يېزىلمىغان ئىكەن ،ئىسمىڭىزنى تورغا چىقارماقچى دەپ سوراشنى بىئەپ كۆردۇم ،دوستلار ئۆزلىرى تېلىفۇن ئۇرۇپ سوراپ كۆرسە بۇلىدۇ ...

باشقىلار بىزگە بالىلىرىمىزغا ،ئەۋلادلىرىمىزغا «چاكار» بۇلۇشنى ئۆزى ئىختىيار قىپتۇ ، ئەمما بۇنىڭ تىگىشلىك ھەققىنى بىز بىرەيلى ...

ھىچبولمىسا شۇ «خەزىنە كۇتۇپخانسى » غا   بىر كىرىپ زىيارەت قىلىپ بولسىمۇ كىتىڭلار ...

بارا بارا ئاللاھنىڭ ئىزنى ،كۆپچىلىكنىڭ دۇئا ۋە ياردىمى بىلەن  چوڭ كىتاپخانا لارغا ئوخشاش خېىرىدارلىق جاي بۇلۇپ كەتسە ئەجەپ ئەمەس .....

باشقۇرغۇچى چۇقۇم تەستىقلاپ قۇيۇڭ ،،ھەرقانداق تور بەتكە كۈچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت ،ئەمما مەنبەسى تۇللۇق ئەسكەرتىلسۇن .مەزمۇنلارنى ئۆزگەرتسە كۆچۈرۈپ چاپلىغۇچى ئۆزى مەسئۇل بۇلىدۇ .

دوستلىشىش
نەزىرە
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7503
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 248
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە248دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 2759 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-21
ئاخىرقى: 2012-03-29

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!! بەك ياخشى ئىش قىپسىز قېرىندىشىم. مەن ۋاقىت چىقىرىپ شۇ كۈتۈپخانىغا چوقۇم بارىمەن.
ھايا ئىمان جۈملىسىدىندۇر
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1419
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1419دانە
ئۆسۈش: 1770 %
مۇنبەر پۇلى: 16133 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-03-29
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-23 00:06

كىتاب  سىتىۋالدىغانلا بەك ئاز، ئۆزۈمنى ئىىتساممۇ؟
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
ئەپسۇس، دۇنيا كۆز يىشىغا ئىشەنمەيدۇ~~!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5023
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 437
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە437دانە
ئۆسۈش: 620 %
مۇنبەر پۇلى: 2780 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2012-01-26
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-23 15:30

راسلا كاتتا غەزىنە تىپىۋاپسىز جۇمۇڭ.... بۇلار پۇل تىپىشنى مەخسەت قىلماپتۇ ساۋاپ تىپىشنى مەخسەت قىپتۇ... ئۆزى قىزىقىدىغان باشقىلارغا ياخشى مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئىشنىڭ ھۇزۇرى باشقىچە بولىدۇ...ھەممە پۇل ئۈچۈن دۈم چۈشۇپ ئىنساپ سۇسلىشىۋاتقان بۇگۈنكى كۈلەردە بۇ بىر ياخشى سىلىشتۇرما بوپتۇ....