ئۆمەر مۇختار روھى
ت. شەھىدى
مۇھەممەد ئەسەد سۆزلەپ بېرىۋېتىپ مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆمەر مۇختار ئات ئوينىتىپ چىقىپ كەلدى، ئۇ بۇينىغا بىر پارچا ئاق رەخ پارچىسى تاشلىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىردىن ئىككى ئادەم بار ئىدى؛ ئۇلارغا ئەگىشىپ بىر توپ ئاتلىق كىشىلەرمۇ كېلىۋاتاتتى. بىز بىرلىكتە بارماقچى بولغان تېپىگە يېتىپ كەلگىنىمىزدە، ئۆمەر مۇختار پۇتىنى ئاۋايلىغان ھالدا ئىككى كىشىنىڭ ياردىمى بىلەن ئاستا ئاتتىن چۈشتى. ئۇ پۇتىنى خېلى تەس ھەركەتلەندۈرەتتى. (كېيىنچە ئۇن كۈن ئالدىدا خېلى ئېغىر يارىلانغانلىقىنى بىلدىم.) ئەمدى ئۇنىڭ چىرايىنى ئاي يۇرىقىدا ئېنىق كۆرىۋاتاتتىم. ئۇنىڭ چىرايىنى قىسقا قويۇق ئاق ساقىلى قاپلاپ تۇراتتى. ئۇ بەستىلىك، ئوتتۇرا بوي كىشى ئىدى. ئۇنىڭ قارىماققا قاپاقلىرى ئولتۇرشۇپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. باشقا چاغلاردا بولسا ئۇنىڭ چىرايىغا قارىغان كىشى ئۇنى خۇددى كۈلۈمسىرىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالاتتى. ئەمما ھازىر ئۇنىڭ كۆزىدە غەزەپ - نەپرەت ۋە قەھرىمانلىقتىن باشقا نەرسە كۆرۈنمەيتتى.»
1931 - يىلىنىڭ باشلىرىدا لىۋىيە چۆللىرىدە ئۆمەر مۇختار يېتەكچىلىكىدە باشلانغان مۇستەقىللىق كۆرىشى تازا قىيىن شارائىتقا دۇچ كەلگەن ئىدى. مۇھەممەد ئەسەد مۇجاھىتلارنىڭ بۇ قىيىن ئەھۋالىنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە، مەدىنىدىكى سەنۇسى ئەتراپىدا سەنۇسى بۈيۈكلىرىدىن سەييىد ئەھمەد ۋە سەييىد مۇھەممەد ئەززۇۋاي قاتارلىق ئۈچ كىشى بىر يەرگە كېلىپ مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ. سەييد ئەھمەد 1902 - يىلى تاغىسىنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئەل مەھدى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، سەنۇسى ھەرىكىتىنىڭ قۇماندانلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەل مەھدى سەنۇسى ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشىدا ئالاھىدە رول ئوينىغان ئالجىرىيەلىك بۈيۈك ئالىم سەييد مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئەسسەنۇسىنىڭ نەۋرىسىدۇر). سەييد ئەھمەد ئوسمانىيە خەلىپىلىكىگە قاراشلىق، سادىق، مەرت ۋە چىقىشقاق بىر ئادەم ئىدى؛ بىز مۇستەقىللىق ئۇرىشى قىلىۋاتقان چاغلىرىمىزدا، ئۇ ئانادولودا خەلقنى كۈرەشكە تەشۋىق قىلىش چاقىرقى ئېلىپ بارغان. ئۇ خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر، ئىشەنچىسىگە ئىگە شەخس بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ خەلق ئىچىدە ئېلىپ بارغان جىھاد تەشۋىقاتى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. (ئۇ خەلق ئارىسىدا شەيخ سەنۇسى دەپ مەشھۇر ئىدى).
بۇ ئۈچ شەخس، سىرەنەيقادا ئۆمەر مۇختار قۇماندانلىقىدا جىھاد قىلىۋاتقان مۇجاھىتلارنىڭ نۆۋەتتىكى خەتەرلىك ۋە قىيىن ۋەزىيەت ئەھۋالى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ؛ لىۋىيەدىكى بۇ بىر ئۇچۇم مۇجاھىتلارنىڭ قۇراللىق كۈرىشى سىرتتىن ئالاھىدە بىر ياردەمگە ئېرىشەلمىگەن تەقدىردە، بۇ كۈرەشنىڭ ئۇزۇن داۋاملىشىلمايدىغانلىقى مانا مەن دەپ تۇراتتى. دېڭىز قولتۇقىدىكى شەھەرلەر ۋە جەبەل ئەخدەرنىڭ شىمال تەرىپىدىكى يەرلەر (سىرەنەيقانىڭ يېشىل تاغلىرى) ئىتالىيەلىكلەرنىڭ ئىنتايىن قاتتىق كونتروللىقىدا ئىدى. سەنۇسى پىدائى قۇشۇنىنىڭ ئۇمرۇتقا سۆڭىكى يەنى ئاساسلىق كۈچى ھېساپلىنىدىغان سەھرالىق بەدەۋى مۇجاھىتلار، كۈتۈلمىگەن ھەرقانداق بىر ھۇجۇمدىن، بولۇپمۇ ھاۋا ھۇجۇمىدىن ئۆزىنى قوغداپ، قارشىلىق كۆرسىتىشى تامامەن ئىمكانسىز كۆرۈنەتتى. چۈنكى ئىتالىيەنىڭ ھەربى چارلاش ئايرۇپىلانلىرى بۇ بىپايان چۆلدە قاغىدەك ئۇچۇپ يۈرەتتى. ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ قارىسى كۆرۈنسە، دەرھال ئەڭ يېقىن ئەتراپتىكى مۇناسىۋەتلىك ئىتالىيە ھەربى ئىشتاتىغا خەۋەر قىلاتتى - دە چاقماق تېزلىكىدە پەيدا بولغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىدىن مۆلدۈردەك ئوق يېغىشقا باشلايتتى. مۇجاھىدلار ئۆزلىرىنى رەتلەپ بىر تەرتىپكە كېرىپ بولغۇچە چاقماق تېزلىكىدە چىقىپ كەلگەن تانكا ۋە ئېغىر تىپتىكى قورال يۈكلەنگەن ماشىنىلار تەرەپ - تەرەپتىن بېسىپ كېلەتتى. چېدىردىكى ئادەملەرنى، چوڭ - كىچىك، قېرى - ياش، ئەر - ئايال دېمەي ھەممىسىنى بىردەك ئوققا تۇتۇپ چېدىرلارنىڭ كۈلىنى كۆككە سورىۋېتەتتى. بۇ قەتلىئامدا ساق قالغان ئادەم ۋە چارۋا ماللارنى بىردەك تانكا ۋە ماشىنىلارنىڭ ئالدىغا سېلىپ، شىمال تەرەپتە، دېڭىز ياقىسىدىن بەك يىراق بولمىغان بىر كەڭ تۈزلەڭلىككە قۇرۇلغان ئەسىرلەر لاگىرىغا ھەيدەپ ئېلىپ باراتتى. بۇ شەكىلدە 1931 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا بۇ لاگىرغا سەكسەن مىڭغا يېقىن ئادەم سۈرگۈن قىلىنىدۇ. لاگىردىكى زۇلۇم - سىتەملەر ئادەم تەسۋىرىلىگۈسىز دەرىجىدە چېكىدىن ئاشىدۇ. پۈتۈن ۋەھشىلىك ۋە رەھىمسىزلىكلەر لاگىردا قورقۇنچلۇق ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ. لاگىردىكى بۇنچە كۆپ ئادەمگە، ئادەتتە ئۇلارنىڭ تۆتتە بىر قىسمى تويغۇدەكمۇ تاماق بېرىلمەيتتى. ئەسىرلەر بىلەن بىرگە بۇلاپ كېلىنگەن چارۋا - ماللارنىڭ لاگىردىكى ۋەھشىلىكلەر ۋە ناچار شارائىتلار تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئۆلۈم نىسبىتى ئادەمنىڭ تېنى تىكەنلەشكۈدەك دەرىجىدە قورقۇنچلۇق ئىدى. پاجىئە بۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالمىغان ئىدى؛ ئىتالىيەلىكلەر مۇجاھىدلارنىڭ ئارقا كۈچ ۋە ياردەم يوللىرىنى تامامەن توسۇش ئۈچۈن، مىسىر چېگىرىسىنى، قىرغاقتىن باشلاپ جەنۇپتىكى جاغبۇدقىچە تىكەنلىك سىم بىلەن تامامەن ئېتىپ تاشلىغان ئىدى. سىرەنەيقانىڭ غەربى قىرغىقىغا يېقىن ئەتراپتىكى قەھرىمان مەغارىبا قەبىلىسى، ئۆمەر مۇختارگە قاراشلىق يىگىتلەرنىڭ قۇماندانلىرىدىن بولغان ئەل ئاتايۋىشنىڭ لىدەرلىكىدە، سان ۋە قورال جەھەتتە نۇرغۇن ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىتالىيەلىكلەرگە قارشىلىق كۆرسەتمەكتە ئىدى. ئەمما ئۇلار نۇرغۇن چىقىم ۋە بەدەل تۆلەۋاتاتتى. جەنۇپتا زۇۋەييە قەبىلىسى، جالۇ ۋادىسىدىن قوغلانغان بولسىمۇ توقسان ياشلىق لىدەر ئەبۇ قارىننىڭ قۇماندانلىقىدا كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى. ئاچارچىلىق ۋە تۈرلۈك كېسەللىك ئاپەتلەر ئۇ چۆل جەزىرىدىكى پىدائىلار قۇشۇنىغا ئىچكى جەھەتتىن قاتتىق زەربە بېرىۋاتاتتى.
ئۆمەر مۇختارنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشقان پىدائىلار سانى مىڭدىن ئاشمايتتى. بىر قانچە ئەترەتكە بۆلۈنۈپ كۈرەش قىلىۋاتقان بۇ مۇجاھىتلار ھەرقانچە قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن تەقدىردىمۇ دۈشمەننىڭ سان ۋە قۇرال جەھەتتىكى ئۈستۇنلىكى ئالدىدا، ھەقىقى مەنىدە ئۆز ئارا قەتئى بىر قاراشقا كېلەلمىگەن ئىدى. شۇنداق بولىشىغا قارىماي، مەسىلە تاجاۋۇزچى دۈشمەن ئىتالىيەلىكلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇجاھىتلارنى ۋاقىتلىق ساقلاپ قېلىش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقى ئەمەلى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرالايدىغان، ئانا تۇپراقلىرىنى پايمال قىلغانلىقىغا پۇشايمان قىلدۇرۇپ توۋا قىلدۇرالايدىغان سىتراتېگىلىك پىلان ۋە كۈچلۈك بىر ياردەمگە ئېرىشتۈرۈش زۆرۈر ئىدى.
سەييىد ئەھمەد ۋە مۇھەممەد ئەسەد قاتارلىق بۇ كىشىلەر ئۆز ئارىلىرىدا بىر ھەپتىدىن بېرى ئېلىپ بارغان مۇزاكىرە ۋە پىلانلىرىنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇلار مۇجاھىتلارنىڭ ئاساسلىق مەركىزى بازىسىنى لىۋىيە چۆلىنىڭ جەنۇبى تەرىپىدىكى كۇپرا ۋادىسىغا قۇرۇشنىڭ ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ھەممىسى بىردەك ماقۇللايدۇ. كۇپرا ۋادىسى ئىتالىيە ئەسكەرلىرى تېخى ئاياق باسمىغان ستراتېگىلىك ئۇرۇن دەپ قارىلاتتى. شۇنىڭدەك مىسىرنىڭ بەھرىييە ۋە پاراپيا ۋادىلىرىغا تۇتىشىدىغان يول ئۈستىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئارقا سەپنى كۈچەيتىش ۋە ياردەمگە ئېرىشىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. شۇنىڭدەك، مىسىردىكى ئۇرۇش مۇساپىرلىرى لاگىرىدىكى مىڭلارچە سىرەنەيقالىق مۇلتېجىلار بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە مۇناسىۋەت قۇرۇشقا ئاسانلىق تەرەپلىرى بار ئىدى. بۇ شەكىلدە ئۆمەر مۇختارنىڭ شىمالدا ئېلىشىۋاتقان يىگىتلىرى، بۇ تەرەپتىن كەلگەن ياردەمچى مۇجاھىتلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلەيتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ياخشى كۈچ توپلاپ مۇداپىئەنى چىڭىتىپ، تېخىمۇ غەيرەت كۆرسىتىلسە، ھەر قانداق ھاۋا ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلەنگىلى بولاتتى، قۇرۇغلۇقتىن كېلىدىغان ھۇجۇم بۇ بىپايان يايلاققا جايلاشقان پىدائى مۇجاھىتلار ئۈچۈن ئۇنچە خەتەرلىك كۆرۈنمەيتتى.
سەنۇسى شەيخ سەييىد ئەھمەد، مۇجادىلىنى يېڭىدىن جانلاندۇرۇپ، يېڭىچە تاكتىكا بىلەن، بۇندىن كېيىنكى ئۇرۇشقا ئۆزى قۇماندانلىق قىلىش مەقسىتىدەكۇپرىغا قايتماقچى بولىدۇ. ۋەزىيەت كەسكىن ئىدى، خەتەر تېخىمۇ چوڭ ۋە تېخىمۇ دەبدەبەلىك كۆرۈنەتتى. چۈنكى مۇسسولىننىڭ ئاق دېڭىزنىڭ ئىككى ياقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك بىر "روما ئىمپېراتۇرلىقىنى قۇرۇش" نىيىتى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ بۇ نىيىتى مىسىر ئىشغالىيەتچىسى ئىنگلىزلەرنى راھەتسىز قىلماقتا ئىدى.
مۇجادىلىنى كۇپرا ۋادىلىرىدا ئېلىپ بېرىش قارارى ماقۇللانغان كۈنى، سەييىد ئەھمەد مۇھەممەد ئەسەد بىلەن كۆرۈشۈپ: "مۇجاھىتلارغا ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتە جىددى ياردەم قىلىش لازىم بولۇپ قالغاندا، سەن بىزنىڭ ئورنىمىزغا سىرەنەيقاغا بارغان بولاتتىڭمۇ؟ چۈنكى ئۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى بىزنىڭكىلەردىن سەن ياخشىراق چۈشىنىسەن" دەپ سورايدۇ. مۇھەممەد ئەسەد گەپ - سۆز قىلماي، دەرھال ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغانلىق ئىپادىسى بىلدۈرىدۇ - دە سەپەر ھازىرلىقى ئۈچۈن جىددى تەييارلىق قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇ، ئۆمەر مۇختار ۋە مىسىردىكى سەنۇسىلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مەخپى خەت - ئالاقىلاردىن كېيىن، 1931 - يىلىنىڭ بېشىدا مۇھەممەد ئەسەد ۋە دوستى زېيد بىلەن بىرگە قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈپ، مىسىرنىڭ قۇساير پورتىغا يېتىپ كېلىدۇ. ئاندىن يولۇچى ئابتۇۋۇزى بىلەن نىل دەرياسى بويىدىكى ئەسيۇت ۋىلايىتىگە كېلىپ، ئۇ يەردىن پويىز بىلەن بەنىسۇئاف شەھىرىگە كېلىدۇ. بۇ يەردە رەھبەرلىرى بىلەن تېپىشىپ بولۇپ، ئاندىن يەتتە - سەككىز كۈنلۈك خەتەرلىك چۆل سەپىرىنى باشلايدۇ. نىھايەت جەبەل ئەخدەردە چۆل يولۋىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ.
مۇھەممەد ئەسەد ئۆزىنىڭ ئۆمەر مۇختار بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ مۇبارەك قولىنى چىڭ سىقىپ كۆرۈشتۈم، ئۇمۇ مېنىڭ قولۇمنى چىڭ سىقىپ، "خوش كەلدىڭ ئوغلۇم" دېدى. ھەر كۈنى دۇشمەننىڭ تۈرلۈك ھىلە - مىكىرلىرىگە يولۇقۇپ تۇرىدىغان بۇ چۆل يولۋىسى، مېنىڭ ئۈستى - بېشىمغا ۋە چىرايىمغا ئىنچىكىلىك بىلەن قاراپ سەپ سالماقتا ئىدى، بۇ ئارىدا ئۇنىڭ ئادەملىرىدىن بىرى يەرگە بىر پارچا پالاس ئەكىلىپ سالدى. ئۆمەر مۇختار پالاس ئۈستىدە يۈكۈنۈپ ئولتۇردى، يەنى بىر ئادەم ئۇنىڭدىن رۇخسەت ئالغاندىن كېيىن بىر خادا تاشنىڭ دالدىسىغا ئوت ياقتى. ئۆمەر مۇختار مەن سەييىد ئەھمەدتىن ئېلىپ كەلگەن خەتنى ئۇ ئوت يۇرۇقىدا ئۇقۇشقا باشلىدى. ئۇ خەتنى دىققەت بىلەن ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن قاتلاپ ئادەت بويىچە ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈپ بېشىغا قىستۇرۇپ قويدى. ئاندىن كېيىن ئۇ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ماڭا قاراپ: "ئاللاھ ئۇنىڭغا ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلسۇن، سەييىد ئەھمەت سىز توغرۇلۇق ياخشى گەپلەرنى قىپتۇ، سىز بىزگە ياردەم قىلىشقا ھازىر ئىكەنسىز، ئەمما، بۇنىڭدىن كېيىن بىزگە كەرەملىك زات جانابى ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىم ياردەم قىلالماسلىقى مۇمكىن" دېدى. ئەمما يەنە سەييىد ئەھمەد ئوتتۇرىغا قويغان پىلان مۇجادىلىمىز ئۈچۈن يېڭى بىر باشلانغۇچ بولالماسمۇ؟ يېتەرلىك ياردەم توپلاپ، كۇپرىنى ھەرىكىتىمىزنىڭ ئاساسلىق مەركىزى قىلىپ قوللانساق، ئىتالىيەلىكلەرنى تۇسۇپ قالالىشىمىز مۇمكىن." دەپ ئۇنىڭ سۆزىگە ئارىلاشتىم. ئۆمەر مۇختار ھازىرغىچە ھېچ قانداق بىر ئادەمدە كۆرۈنۈپ باقمىغان ئاچچىق بىر تەبەسسۇم بىلەن "كۇپرا...؟" دەپ نەپىسى كېسىلگەندەك تۇرۇپ قالدى، ئاندىن ئېغىر بىر نەپەس ئېلىۋېلىپ: "كۇپرا، ئىككى ھەپتە ئالدىدا ئىتالىيەلىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى..." دېدى. مەن بۇنى ئاڭلاپ قېتىپ قالغان ئىدىم. سەييىد ئەھمەت بىلەن بىر قانچە ھەپتىدىن بېرى تۈزگەن پىلانىمىز، كۇپرىنىڭ مۇجادىلىمىزنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا ئۆتۈشى ئۈچۈن خاتىرجەم ۋە سېتراتىگىيىلىك بىر يەر بولالايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. كۇپرىمۇ قولدىن كېتىپتۇ. ئەمدى مۇجاھىتلارنىڭ قولىدا ئۆزلىرىنى مۇداپىئە قىلىشقا تازا ئەپ بولمىغان جەبەل ئەخدەردىن باشقا يەر قالمىغان ئىدى. بۇ يەرمۇ ئىتالىيەلىكلەرنىڭ قورشاۋى ئاستىدا دائىرىسى بارغانچە تارىيىپ كېتىۋاتاتتى.
"كۇپرا قانداق بولۇپ قولدىن كەتتى؟" دەپ سۇردۇم. ئۆمەر مۇختار ھارغۇنلۇقتا ئاستا ئولتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئادەملىرىدىن بىرىنى يېنىغا چاقىرتىپ كېلىپ "ھېكايىنى بۇ كىشى ئاڭلاتسۇن سىزگە، ئۇ يېنىمغا تېخى تۈنۈگۈن كەلدى" دېدى.
كۇپرىدىن تېخى يېڭى كەلگەن بۇ كىشى پالاسنىڭ ئىككى تەرىپىنى ئازراقتىن قاتلىۋېتىپ چازا قۇرۇپ ئولتۇردى. بۇ كىشىنىڭ سۆزلىرى ئىنتايىن ئېغىر بېسىق ئىدى؛ ئۇنىڭ ئاۋازىدا قەتئى ھاياجانلىنىش ئالامىتى يوقتى. ئۇنىڭ تارتىشىپ كەتكەن ئاۋاق يۈزى ۋە قورۇلۇپ كەتكەن بەستى ئۇ دەھشەتلىك ھادىسىلەرنىڭ جانلىق شاھىدى ئىدى. ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: "تۇيۇقسىز ھالدا ئۈچ تەرەپتىن نۇرغۇن دۈشمەن بېسىپ كەلدى، تانكا ۋە ئېغىر تىپتىكى داپولار... ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى ئاغامچا بويى ئۇچۇپ ئۆي، مەسچىت ۋە خورمىلىقلارنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى. ئارىمىزدا قۇراللىق ئىككى - ئۈچيۈز ئادەم بار ئىدى. باشقىلار بولسا ياشانغانلار، ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەركىب تاپاتتى. بىز شەھەرنى كۇچا، كۇچا ئۆي ، ئۆي قوغداشقا تىرىشقان بولساقمۇ؛ ئاخىرى بىز ئەلھاۋارى يېزىسىغا كەلگەندە سولىنىپ قالدۇق. كونا مىلتىقلىرىمىز تانكا ۋە يېڭى تىپتىكى ئۇرۇش ماشىنىلىرىغا كار قىلمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇنغا بارماي ئۇلار بىزنى ئىزىپ، بېسىپ ئۆتۈپ كەتتى. يەنە شۇنداقتىمۇ بىزدىن بىر قانچە كىشى قۇتۇلۇپ قالدۇق. مەن ئۆزەمنى خورمىزارلىققا ئېتىپ، ئىتالىيەلىكلەرنىڭ قورشاۋىنى بوشىتىشنى كۈتۈپ تۇردۇم. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىتالىيەلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ پاسكىنا قوللىرىنى ئۇزاتقان قىز - ۋە ئاياللارنىڭ ئاچچىق نالە - پەرياتلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. بۇ خورلۇق ۋە رەزىللىكلەرنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن قۇلاقلىرىمنى چىڭ ئېتىۋالاتتىم. ئەتىسى ئەتىگەن ياشانغان بىر ئايال كېلىپ ماڭا نان ۋە سۇ يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئىتالىيەلىك گېنېراللارنىڭ شەھەر ۋە يېزا قىشلاقلاردا ساق قالغان پۈتۈن ئادەملەرنى سەييىد مۇھەممەد ئەلمەھدىنىڭ قەبرىسى يېنىغا ھەيدەپ كېلىپ، قۇرئان كەرىمنى كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا يىرتىپ - تاشلاپ، دەسسەپ تۇرۇپ: «قېنى ئۇ بەدىۋى پەيغەمبىرىڭلارنى چاقىرىڭلار، كېلىپ سىلەرگە ياردەم قىلسۇن!» دەپ توۋلىغانلىقىنى، ۋادىدىكى پۈتۇن خورما دەرەخلىرىنىڭ كېسىلىشى، سۇ مەنبەلىرىنىڭ بۇزۇپ تاشلىنىشى ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقان موماي كۆزىدىن تاراملاپ ئېقىۋاتقان يېشىنى ئېتىكى بىلەن ئېيتىپ تۇرۇپ؛ شەھەرنىڭ مەشھۇر ئالىملىرىدىن بىر قانچە مۆتىبەر زاتلارنى ئايرۇپىلانغا چىقىرىپ، ئايرۇپىلان قوزغىلىپ كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇلارنى يەرگە تاشلىۋاتقانلىقىنى دەپ بەردى. بۇ ۋەقەلەر بولۇپ ئىككنىچى كېچىسى يەنە قىز - ئاياللارنىڭ ئاچچىق نالە - پەرياتلىرىنى ۋە ئاندىن ئوق ئاۋازىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى. ئۇلار باسقۇنچىلىق قىلغان قىز - ئاياللارنى بىر - بىر لەپ ئۇققا تۇتىۋاتاتتى. كېچە يېرىملاشقان ئىدى. مەن ئاستا ياتقان يېرىمدىن ئۆمىلەپ چىقىپ، چۆلگە قاراپ يول ئالدىم، مېڭىپ بىر يەرگە كەلگىنىمدە ئوتلاپ يۈرگەن ئىگىسىز بىر تۆگە ئوچراپ قالدى - دە تۆگىگە مىنىپ بۇ يەرگە كەلدىم..."
كۇپرىلىق ئۇ كىشى سۆزىنى تۈگەتكىنىدە، ئۆمەر مۇختار ئاستاغىنا مېنى ئۆزى تەرەپكە تارتىپ، كۆزۈمنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ تۇرۇپ، خۇددى مېنىڭ ئويلىغانلىرىمنى بىلىۋالغاندەكلا مۇنداق دېدى: " ئۇرۇشىۋاتىمىز ۋە يەنە ئۇرۇشىمىز، تاكى دۈشمەننى بۇ ئانا تۇپرىقىمىزدىن ھەيدەپ چىقارغۇچە ئۇرۇشۇشقا مەجبۇرمىز. ئىمانىمىز ۋە ھۆررىيىتىمىز ئۈچۈن كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىشىمىز بىزنىڭ باش تارتىشقا بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز. بىز ئاللاھقا ئائىت ۋە ئۇنىڭغا قايتىمىز. جانابى ئاللاھ بىزنى ئۆلۈمگە چاقىرغاندا ئارقىمىزغا قاراپ قالمايلى دەپ ئايال مەھرەملىرىمىزنى، نارىسىدە بالىلىرىمىزنى مىسىرغا ئەۋەتىۋەتتۇق".
كېچە تۈن قاراڭغۇسى ئىدى، ئۇزاقتىن بىر گۆكۈرگەن موتۇر ئاۋازى ئاڭلانغاندەك قىلدى. ئارىمىزدىن بىرسى دەرھال قوپۇپ ئۇتنىڭ ئۈستىگە قۇم تاشلاپ ئۈچۈرىۋەتتى. ھاينى - ھۇت دەپ بولغۇچە ئۈستىمىزدىن بىر ئايرۇپىلان گۆكۈرەپ شەرققە قاراپ ئۇچۇپ كەتتى.
مەن ئۆمەر مۇختارگە تېخىمۇ يېقىنلىشىپ تۇرۇپ: "تېخى ئىمكان يولىمىز تامامەن توسۇلۇپ قالغىنى يوق، شۇڭا سىز ئادەملىرىڭز بىلەن بىرگە مىسىرغا يوتكەلسىڭىز ياخشى بولماسمۇ؟ مىسىردا سىرەنەيقالىق لاجىئىنلارنى بىر يەرگە توپلاپ، تېخىمۇ كۆپ كۈچ تەشكىللىشىمىزگە شارائىت بار. مەنچە خەلق ئۆزلىرىنى ئوڭشىۋالغۇچە كۈرەش ۋاقىتلىق توختىتىلسا ياخشى بولىدۇ ۋە توختىتىلىشى كېرەك... ئىشىنىمەنكى، مىسىردىكى ئىنگلىزلەرمۇ ئىتالىيەلىكلەرنىڭ بۇ رايونلاردا كۈچلىنىپ قېلىشىنى خالىماسلىقى مۇمكىن، ئەلۋەتتە. قالدىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ، ئۇلارنى دۈشمەن كۆرمەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشەندۈرسىڭىز، بەلكى مىسىردا ئېلىپ بارىدىغان ھازىرلىق ھەرىكەتلىرىڭىزگىمۇ كۆز يۇمۇشلىرى مۇمكىن."
"ھەي ئەۋلادىم، بۇ ئىش ئۈچۈن ئەمدى كېچىكىپ قالدۇق. ئىنگلىزلارنى ئالىدىغان بولساق، ئۇلار مىسىر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق داۋاسىغا ئازراق بىر يۇچۇق ئاچىدىغان ھېچقانداق بىر ھەرىكەتكە بولۇپمۇ لىۋىيە مۇجاھىتلىرىنىڭ غالىبىيىتى ئۈچۈن ئەسلا كۆز يۇممايدۇ. ئىنگلىزلەر بىزنى دەپ بىر بارمىقىنىمۇ مىدىرلىتىپ قويمايدۇ. ئىتالىيەلىكلەر ئەمدى بىز مۇجاھىتلارنى تامامەن يوقىتىپ، كەلگۈسىدىكى پۈتۈن قارشىلىق كۈچىنىڭ يىلدىزىنى قۇرۇتمىساق بولمايدۇ دەپ كۈچەۋاتىدۇ. مەن بۇ ئادەملىرىم بىلەن مىسىرغا كېتىپ قالىدىغان بولسام، ئىككىنچى قېتىم بۇ يەرگە قايتىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ۋەزىيەت بۇنداق تۇرۇپ، خەلقىمنى قانداق تاشلاپ كېتەلەيمەن. ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇلارنىڭ جانلىرىغا تۆمۈر بارماقلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتسا، ئۇلارنى قانداقمۇ رەھبەرسىز بېشى بوش تاشلاپ قويغىلى بولىدۇ...؟!
ئۆمەر مۇختار ئۆزىنىڭ ئۇزۇن زاماندىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان كۈرىشى ھەققىدە ئىنتايىن تەمكىنلىك بىلەن سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى. ئۇنىڭ چىرايىدا ئۈمىدسىزلىك ۋە پەرىشانلىق ئالامىتى ئەسلا كۆرۈنمەيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئۇرۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى كەسكىن بىلىپ تۇراتتى. ئۆلۈمنى ئۆزى ئىزدىمەيتتى، ئامما ئۆلۈمدىنمۇ قاچمايتتى ۋە شۇنىڭغا قەتئى ئىشىنىمەنكى، ئۇ ئۆزىنى قانداق بىر ئۆلۈم كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى بىلگەن تەقدىردىمۇ، يەنە ئۇ ئۆلۈمدىن قېچىشنى ئەسلا خىيالىغا كەلتۈرمىگەن بولاتتى. ئۇ، ئىنسان قەيەردە بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئۆزىنىڭ تەقدىرى ئۆزى بىلەن بىرگە بولىدىغانلىقىنى تولۇق مەنىسى بىلەن تۇنۇپ يەتكەن ئىدى...
ئۆمەر مۇختارنىڭ ئادەملىرىدىن بىرى، بىر رەخ پارچىسى ئۈستىدە بىرئاز خورما ئېلىپ كېلىپ بىزنى بۇ ئاددى داستىخانغا دەۋەت قىلدى. بىز خورما يەۋاتاتتۇق، تۇساتتىن ياشانغان بۇ ئارسلان بىزگە قاراپ: "ئەمدى بۇ يەردىن قوزغىلىش ۋاقتى بولۇپ قالدى. ھازىر قوزغالساق، سەفاييادىكى ئىتالىيەلىكلەرنىڭ ئىستىھكامىغا تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن يېتىپ بارغىلى بولىدۇ" دېدى.
بىز ئۆمەر مۇختارگە ئەگىشىپ ئاتلىرىمىزنى قامچىلىدۇق. ئارىمىزدا پىيادە مۇجاھىتلارمۇ بار ئىدى. ئۇلارمۇ بىزگە ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. قولتۇقتىن ئۆتۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي، تۆپىلىك ۋە ئورمانلىقتىن نۇرغۇن كىشىلەر چىقىپ بىزگە قوشۇلدى. مەن بۇنىڭدىن ئۆمەر مۇختارگە ئەگىشىپ جىھات قىلىۋاتقان مۇجاھىتلارنىڭ مەن ئويلىغاندىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. ئادەتتە بىزنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا ئوتتۇز - قىرىقتىن كۆپ ئادەم يوق دوپ قارايتتى. چۈنكى مۇجاھىتلار بىر ئورماندىن يەنە بىر ئورمانغا بىر تۆپىدىن يەنە بىر تۆپىگە يۆتكېلىشتە ناھايىتى ئىھتىياتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلاتتى.
بىز ئۆمەر مۇختارنىڭ مەركىزى بازىسىغا تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن يېتىپ كەلدۇق. مەركەزدە ئىككى يۈزدىن ئۇشۇقراق مۇجاھىت بار ئىدى. مەركەز تار بىر قولتۇقتا ئۇرۇنلاۇشتۇرۇلغان ئىدى، بازا ئەتراپىدىكى تۆپىلىكلەرنىڭ ئاستى تەرىپىدە كىچىك - كىچىك گۈلخان شەكلىدە ئوت يېقىغلىق تۇراتتى. مۇجاھىتلارنىڭ بەزىلىرى ئۇخلاۋاتاتتى، بەزىلىرى بولسا شەپەقنىڭ تېخى ئەمدى ئويغىنىۋاتقان نور دانچىلىرىدەك قارا كۈلەڭگىدە ئايلىنىپ يۈرەتتى. يەنە بەزىلىرى تاھارەت ئېلىۋاتقان، بەزىلىرى سۇ تۇشۇۋاتقان، بەزىلىرى تاماق ئېتىۋاتقان، بەزىلىرى بولسا ئورمانغا ئوزۇن باغلاپ قويۇلغان ئاتلىرىنى تاراپ، سىرىپ - سۈپۈرىۋاتاتتى. دېمەككى ھەممىسى بىر ئىش بىلەن مەركەزنىڭ كۈندىلىك مەشغۇلىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتاتتى. مۇجاھىتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستى بېشىدىكى كىيىملىرى كونىراپ كەتكەن ئىدى. مەن ئۇلارغا قېتىلغاندىن بېرى ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەرسىنىڭ ئۇچچىسىغا يېڭىرەك بىرەر قۇر كىيىم چىققىنى يوق. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئۇ يېرى بۇ يېرى تېڭىقلىق ئىدى. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ تېخى يېقىندا دۈشمەن بىلەن ئېلىشقانلىقى چىقىپ تۇرۇاتتى...
ئۆمەر مۇختار بىلەن ئىككى كېچە كۈندۈز مۇجاھىتلارغا قانداق قىلغاندا ئارقا سەپتىن ياردەم ئۇلاشتۇرغىلى بولۇدىغانلىقى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق (بۇ ئارىدا مەركىزى بازىنىڭ ئۇرنى باشقا يەرگە ئالماشقان ئىدى). مۇجاھىتلارغا مىسىردىن ھازىرغىچە ئاز بولسىمۇ ياردەم كېلىپ تۇراتتى... ئۆمەر مۇختار بىلەن ئۇزۇق توشۇش يولى ئۈچۈن مەن مىسىردىن كەلگەن يولنىڭ ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك مىسىر ۋادىلىرى بەھرىييە، فارافيا ۋە سىۋادا يۇشۇرۇن ئاكۇپلارنىڭ كولىنىشىنىڭ لازىملىقى ھەققىدە بىر پىكىرگە كەلدۇق. ئەمما ئۇ بۇ پىلانىمىزنىڭ ئۇزۇنغا بارماي ئىتالىيەلىكلەر تەرىپىدىن بىلىنىپ قالمايدىغانلىقىغا ئىشەنچە قىلالمايتتى. (ئۆمەر مۇختارنىڭ ئېيتقانلىرى توغرا ئىدى. بىر قانچە ئايدىن كېيىن، بۇ يول بىلەن ئەۋەتىلگەن ياردەم كارۋانلىرى جاغبۇب بىلەن جالى ئارىسىدا ئىتالىيەلىكلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىتالىيەلىكلەر ئىككى ۋادىنىڭ قاپ ئوتتۇرسىغا مۇستەھكەم بىر بازا قۇرۇپ ئۇ تەرەپتە نۇرغۇن چارلاش ئەترىتى ئورۇنلاشتۇررۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يولدىن ياردەمگە ئېرىشىش ئىنتايىن قىيىن ۋە خەتەرلىك بولۇپ قالدى.)
ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددىي ئىدى. شەرققە بولغان يۈرۈشۈمىز خېلى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، مەن ئۆمەر مۇختاردىن باشقا يېقىنراق بىر يولنىڭ بار يوقلىقىنى سورىدىم. ئۇ باش ئىشارىتى بىلەن باشقا يولنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى، ئامما ئۇ يول ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى... ئاخىرى بىز بىر قارارغا كېلىپ، زېيىد بىلەن ئىككىمىز ئۆمەر مۇختار بىلەن ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشەلمەيدىغاندەك ۋىدالىشىپ ئايرىلدۇق. بىز ئۆمەر مۇختاردىن ئايرىلىپ، سەككىز ئايدىن كېيىن ئۇ ئاخىرقى تىنىقىغىچە دۈشمەن بىلەن ئېلىشىپ دارغا ئېسىلىپ شېھىد قىلىندى.
بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرنىڭ داۋامىنى ئەززۇۋەي ۋە باشقا شاھىدلار مۇنداق بايان قىلىدۇ:
بۇ كۈرەش مەيدانىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان نۇرغۇن مەنپى شەرتلەر بىرگە توپلانغان. جۇغراپىيە ۋە ئىقلىمنىڭ قىيىنلىقى، سۇ ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ ئازلىقى، ھە دېسە ئورۇن ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇش، قورال - ياراقنىڭ يېتەرسىزلىكى، بۇنىڭ ئەكسىچە دۇشمەننىڭ قورال - ياراقلىرىنىڭ ئالاھىدە ۋە كۆپ بولۇشى، ئومۇمىيۈزلۈك يوقىتىش قوراللىرىغا ئىگە بۇ دۈشمەننىڭ رەھىمسىزلارچە زالىملىق قىلمىشلىرى، (ئورۇش قانۇنلىرىنى نەزەرگە ئالماسلىقى)، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگىنىمىزدە، ئۆمەر مۇختار ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنىڭ ئېلىپ بارغان مۇجادىلىسىنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئىكەنلىكى تېخىمۇ ئېنىق كۆرىنىدۇ. جۇغراپىيە ۋە ئىقلىم شارائىتىدىكى قىيىنچىلىقلارغا، بۇنىڭدىن باشقا بۇ بۆلگىدىكى ئادەملەرنىڭ ئىمان ۋە مائارىپ سەۋىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك، 1890 - يىلىدىن 1908 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ ئۆلكىدە ياشىغان ۋە سەنۇسىلەرنى يېقىندىن بىلىدىغان شەھبەندەرزادە فىلىبىلىك ئەھمەد ھىلمى مۇھىم ۋەقەلەرنى دەلىل - پاكىت بىلەن بايان قىلىدۇ. ساھىلدىكى تىرابلۇستىن چۆلگە قاراپ فىزانغا بارىدىغان ھەرقانداق يولۇچىنىڭ مەخسۇس بىر تۆگىچىنى ياللاپ ئاز دېگەندە 30 - 40 كۈن يۈرۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى، يولغا چىقىپ بىرەر ھەپتە بولغۇچە، "سەرىر" دەپ ئاتالغان، دەھشەتلىك چۆل گىردابىنىڭ باشلىغانلىقىنى، ھاۋا كېلىماتىنىڭ 60 - 70 دەرىجىدىن ئاشقان ئىسسىقنىڭ يولۇچى بىلەن بىرگە تۆگىچىنىمۇ بىزار قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ: "ئەتراپ ناھايىتى قاقاسلىق، ئىسسىقتىن ساغىرىپ كەتكەن قۇملارنىڭ بىر خىل ھىدى ئادەمنى بىئارام قىلاتتى. بۇنداق ئىسسىق قاقاس چۆلدە ھاياتلىقتىن بىر ئەسەر كۆرۈنمەيتتى...
يولۇچىنىڭ ئىسسىقتىن نەپسى سىقىلىپ، ئۈمىدسىزلىككە چۈشىدۇ. دېمىقى قۇرۇپ قايناۋاتقاندەك قاتتىق ئوسسۇزلۇق باسقانلىقى ئۈچۈن ئاغزىنى ھېچ بولمىسا بىر يۇتۇم سۇ بىلەن بولسىمۇ نەمدىۋېلىشقا تەشنا بولىدۇ. ھايۋانلارنىڭ ئەڭ غەيرەتلىكى، جەسۇرى، ئەڭ ئاخىرقى تېنىقىغىچە ئىنسانلارغا خىزمەت قىلىشتىن باش تارتمايدىغان چۆل كېمىسىنىڭمۇ ئىسسىقتىن پۇتلىرى تىترەشكە باشلايدۇ... تۆگىچى بىر لوقما نانغا زار، بىر تامچە سۇغا تەشنا بولغانلىقتىن، ئاچچىق نالە - پەريات چېكىشكە باشلايدۇ. بۇ مۇبارەك ھايۋان بۇ ئازاپ دەشتىگاھىدا ئۆزىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى، ئىگىسىنىڭمۇ ئوخشاش مۇشەققەتكە دۇچاۋ بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ. مەنە ماددا ئۈستىدىن، روھ جەسەت ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ. يەنە ئۈچ - تۆت قەدەم بېسىشقا تاقەتسىز قالغان ھايۋاندا يېڭى بىر ھاياجان ۋە روھلىنىش پەيدا بولىدۇ. ئۈمىد، ئۈمىدسىزلىنىشكە، ھايات - مامات ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. تۆگە ئىمكان قەدەر قەدىمىنى تېزلىتىشكە تېرىشىدۇ. بۇ مېھنەت دېڭىزىدىن بىر سالامەت ۋە راھەت قىرغىقىغا چىقىۋېلىش ئۈچۈن قاتتىق ھەرىكەت قىلىشتىن باشقا ئامال قالمىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىدۇ. تۆگىچى ئاستا غىڭىلداپ: "تۆگىلەرنى ئۇرماڭلار، تۆگە ئۆزلىرى ماڭىدۇ، مانا يېقىنلاشتۇق، يېمەك - ئىچمەك تاپىمىز".
تۆگىچى، ئۆزىنىڭ توقۇپ چىققان بۇ شىېئىرىنىڭ ھەر مىسراسىنىڭ ئاخىرىدا «تېز» بولۇڭلار دېگەندەك ئىپادىلەرنى قوشۇپ ئېيتاتتى. ئۇلار بۇ شەكىلدە بىر قانچە سائەت يۈرىدۇ. تۆگىچى ئاخىرى ئۆزىنىڭ بىرەر روھى تەسەللىگە موھتاج بولغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ روھىغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن، دېمىقىدا ئاستاغىنا قەسىدە تۈرىدە بىرنەرسە ئوقۇش بىلەن، خۇددى سىياسى مۇسىبەتلەر ۋە تەبىئى ھادىسىلەردىن بەخىتسىز بولغان كۆپ سانلىق ئاھالە، ئامانسىز پالاكەت، بالالارنىڭ ھۇجۇملىرىغا دۇچار بۇلغاندا، ئانىسىنىڭ قوچىقىغا ئۆزىنى ئاتقان بىر نارىسىدە بالىدەك، بىر چەت ياقىغا چىقىپ ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ، ئىچىنى بوشىتىشقا باشلايدۇ.
فىلىبىلىك ئەھمەت ھىلمى، شىمالى ئاپرىقىدا كەڭ تارقالغان سەنۇسىيە، ئارۇسىيە، ئىسەۋىيە، شازىلىيە، قادىرىييە، تاييىبىيە، تىجانىيە ۋە رىفائىيەنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ۋە ئوقۇ ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ: "5،6 ياشلىق بالىلار تاختا، بورا، بىر پارچا لاتا ئۈچەرگۈچ، بىر ئاق قومۇش قەلەم قولىدا ، "مەھزەرە" دەپ ئاتالغان مەكتەپكە بارىدۇ. بۇ مەكتەپنىڭ سىنىپلىرى ئىشىكلىرى ئوخشاش بىر زالنىڭ ئىچىگە ئېچىلىدىغان بىر قانچە ئۆيدىن ئىبارەتتۇر. ئوقۇغۇچىلار مۇئەللىمنىڭ يېنىغا بارىدۇ، مۇئەللىم بورا بىلەن خەت يېزىپ ئاقىرىپ كەتكەن دوسكىغا «بىسمىللاھىرراھمانىراھىم»نى ۋە سۈرە پاتىھەنىڭ بىرىنچى ئايىتىنى يېزىپ ئۇلارغا تەكرار بىر قانچە قېتىم ئۆگىتىپ ئوقۇغىلى سالىدۇ. كەچ بولغاندا، ئوقۇغۇچىلار بىردىن - ئىككىدىن كېلىپ ئۇستازىنىڭ ئالدىدا يادلىغان ئايەتلەرنى ئوقۇپ ئۆتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئايەتنى يادلاپ بولغاندىن كېيىن، دوسكىنى سۈرتۈپ قۇرىتىدۇ، ئاندىن مۇئەللىم يەنە باشقا ئايەتنى يازىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بۇ شەكىلدە قۇرئان كەرىمنى يادلايدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ ئۈچتە بىر قىسمىنى يادلىغان بالىلار يادلىغان يەرلىرىنى يازالايدىغان دەرىجىگە كېلىدۇ... بۇ شەكىلدە مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كۆپ قىسمى قۇرئان كەرىمنى تامامەن يادلاپ بولغان بولىدۇ. ئەڭ دۆت ئوقۇغۇچىمۇ ئاز دېگەندە قۇرئان كەرىمنىڭ يېرىمىنى يادلايدۇ. ئۇلارنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بۇ دەرىجىدە قىيىن بولغان تۇرۇغلۇق، ئۇ يەرلەردە ئوقۇپ، يېزىشنى بىلمەيدىغانلار يۈزدە ئون پىرسەنتكە يەتمەيدۇ. بۇ ئىشلار ئىنتايىن ئەجەپلىنەرلىك بىر ئىشتۇر. بۇنچە غەيرەتلىك، بۇ قەدەر ئۇششا بىر خەلقنىڭ نېمىلەرگە يولۇقمايدىغانلىقىنى پەرز قىلغان بىر ئىسلام مۇتەپەككۇرى، بۇ خەلقنىڭ مەھرۇمىيەت ۋە رەھبەرسىزلىك يۈزىدىن دوچار بولغان ئېچىنىشلىق تىراگېدىيىسىنى ئويلاپ قەلبىنىڭ قانغا تولغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. سەنۇسىلارنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار ھەرقانداق بىر ئادەمگە باھا بېرىشتە ئۇ ئادەمنىڭ نىشانى ۋە غايىسىنىڭ ھەجمىگە قاراپ باھا بېرىدۇ. مائارىپ ۋە ئىجتىمائى ھەمكارلىق ئىشلىرىغا ئىنتايىىن ئەھمىيەت كۆرسىتىدۇ. شىمالى ئاپرىقىنىڭ تەقدىرى سەنۇسىلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك."
ئۆمەر مۇختار، ساھابى كىراملاردىن راپى ھەزرەتلىرىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بارىدۇ. (ئۇ قەبرە ئىتالىيەلىكلەر ئىگەللىۋالغان دائىرە ئىچىدە ئىدى.) ئىتالىيەلىكلەر ئۇلارنىڭ قەبرىستانلىقتا ئىكەنلىكىدىن دەرھال خەۋەر تاپىدۇ. 1931 - يىلى 11 - سىنتەبىر كۈنى مازارلىقنى پۈتۈن ۋادى بىلەن بىرگە قوشۇپ قاتتىق قورشايدۇ. سانى ئەللىكتىن ئاشمايدىغان مۇجاھىتلار قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئاخىرى ئۆمەر مۇختار قاتارلىق بىر قانچە مۇجاھىتلاردىن باشقا ھەممىسى شېھىد بولىدۇ. ئۆمەر مۇختارنىڭ ئېتى يارىلىنىپ ئۆمەر مۇختار ئاتتىن يىقىلىپ كېتىدۇ، يەنە شۇنداقتىمۇ ئۆمەر مۇختار چەبدەسلىك بىلەن ئۆزىنى ئوڭشاپ دۈشمەنگە ئوق ئېتىپ قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ - دە ئۇزۇن ئۆتمەي ئوق تىگىپ يارىلىنىدۇ. ئەمما ئۇ يەنە قۇرالنى قولىغا ئېلىپ ئۇقى تۈگىگەنگە قەدەر يامغۇردەك ئوق ئېتىپ دۇشمەننى يېقىنلاشتۇرمايدۇ. ئەمما قۇرالىدا ئوق تۈگىگەندىن كېيىن ئامالسىز قالىدۇ. بۇنى كۆرگەن دۈشمەن ئۆمەر مۇختارنى قورشاپ، بارغانچە قورشاۋنى تارايتىپ نەتىجىدە ئەسىرگە ئالىدۇ. ئۇلار باشتا ئەسىرنىڭ ئۆمەر مۇختار ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۆمەر مۇختار ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇلار ئۆمەر مۇختارنى دەرھال سۇسىغا ئېلىپ كېلىدۇ. ئەتىسى ئەسسۇلىق دېگەن يەرگە ئاپىرىپ قاماپ قويىدۇ. ئۆمەر مۇختارنىڭ تۇتۇلغان خەبىرى تىرابلۇس ۋە روماغا دەرھال يەتكۈزىلىدۇ ۋە پۈتۈن شەھەر ئەھلىگە جار سېلىنىدۇ.
ئۆمەر مۇختار تۇتۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنى ئۇچۇق سوت ئېچىپ سوتلايدۇ. سوتتا ئۆمەرمۇختارنىڭ دارغا ئېسىلىپ ئۆلتۈرلۈشى توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ.
ئۆمەر مۇختار ئەسىرگە چۈشۈپ سۇراتا كەلتۈرلۈپ تۆتكۈندىن كېيىن، (ئۇچۇق سۇت ئېچىلىشنىڭ ئالدىدا) ئىتالىيەنىڭ لىبىيەدىكى باش ھەربى قوماندىنى گىرازىئانىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. گىرازىنى ئۆمەر مۇختارنى سۇراق قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ئارىلىرىدا مۇنداق سۆزلەر بولۇپ ئۆتىدۇ:
― نېمىشقا داۋاملىق ئىتالىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلدىڭ؟
― دىنىم ۋە ۋەتىنىم ئۈچۈن ئۇرۇش قىلدىم.
― خوش سېنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىڭ نېمە؟
― مەقسىدىم سىلەرنى بۇ تۇپرىقىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىش. چۈنكى سىلەر تاجاۋۇزچىلىق قىلىپ بىزنىڭ تۇپراقلىرىمىزنى بېسىۋالدىڭلار. بۇنداق ئەھۋالدا بىزنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىپ جىھاد قىلىشىمىز بىزگە پەرزدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز سىلەرگە قارشى ئاخىرقى تىنىقىمىزغىچە ئۇرىشىمىز. غەلىبە قىلىش قىلماسلىق ئاللاھنىڭ خاھىشىدىكى مەسىلە. بىز پەقەت ئۈستىمىزدىكى ۋەزىپىمىزنى ئۇرۇنداشقا تىرىشىمىز.
―سەن سەنۇسىلار ئۇچۈن ئۇرۇشىۋاتامسەن؟
― سىلەر شۇنداق ئويلاڭلار، مەن پەقەت دىنىم ، ۋەتىنىم ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىۋاتىمەن. بولمىسا مەسىلە سىلەر ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددى ئەمەس.
― سەن ئادەملىرىڭگە گەپ قىلىپ قانچە كۈن ئىچىدە ئۇلارنى بىزگە قورال تاپشۇرۇشقا كۆندۈرۈپ، تەسلىم بولۇشقا قايىل قىلالايسەن؟
― بۇ ئىشنى مەن قىلالمايمەن، چۈنكى بىز باشتىلا ئاخىرقى تىنىقىمىزغىچە جىھاد قىلىشقا، شېھىد بولمىغۇچە قورال تاشلىماسلىققا قەسەم قىلىشقان. سىلەر ياخشى بىلىسلەر، مەن سىلەرگە ئەسىرگە چۈشكەن چېغىمدا قورالىمنى تاشلاپ تەسلىم بولغان ئەمەس. مېنى سىلەر مەجبۇرى تۇتۇپ ئەسىرگە ئالدىڭلار.
گىرازىئانى ئاخىرقى قېتىم مۇنداق سوئال سورىدى: "ئەگەر ئىتالىيە ھۆكۈمىتى ئالى جاناپلىق قىلىپ سېنى كەچۈرۈم قىلسا، قالغان ئۆمرۇڭنى تىنچلىق ئىچىدە خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشكە ۋەدە بېرەلەمسەن؟" ئۆمەر مۇختار بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاپ بەردى: "ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن ۋە سېنىڭ ئەسكەرلىرىڭ بۇ تۇپراقتىن چىقىپ كەتمىگىچە سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن ئەسلا ۋاز كەچمەيمەن. بۇ يۇلدىكى ئۆلۈم بىز ئۈچۈن ئىنتايىن شەرەپلىك... ئىنساننىڭ قەلبىدىكىنى بىلىپ تۇرىدىغان بۈيۈك رەببىم جانابى ئاللاھقا قەسەم قىلىمەنكى، ھازىر قولۇم باغلاق بولمىغان بولسا ئىدى، شۇ قېرىلىقىم ۋە ھالسىز ھالىتىم بىلەن، قۇرۇق قول سەن بىلەن ئېلىشىشتىن قىلچە باش تارتمىغان بولاتتىم. " ئۆمەر مۇختارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان گىرازىئانى قاقاقلاپ بىرنى كۈلىۋېتىپ، ئۆمەر مۇختارنىڭ 1931 – سىنتەبىرنىڭ 15 - كۈنى نەخ مەيداندا دارغا ئېسىلىپ ئۆلتۈرۈشنى بۇيرىدى. ئۇلار دەل بۇ تارىختا نەچچە مىڭلىغان مۇسۇلمان خەلقنى لاگىردىن ئېلىپ كېلىپ، ئۆمەر مۇختارنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا دارغا ئېسىپ شېھىد قىلدى.
ئۆمەر مۇختار ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى دۈشمەن تەرەپتىن ئىشغال قىلىنغان ۋەتىنىنى، نۇمۇسىنى، ئەۋلادلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن جېنى بىلەن، مېلى بىلەن كۈرەش قىلدى. ئۇلار رەھىمسىزلارچە زۇلۇمغا يولۇققان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن، دۈشمەنگە قارشى، بۇ ئىمتىھان دۇنياسىدا ئىمانىنىڭ تەلىبى بويىچە، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر ئامانىتى بولغان جانلىرىنى دوغا تىكتى. كۈچى يەتمەي، ئامالسىز قالغاندا، بىر تەرەپتىن ياراتقۇچى جانابى ئاللاھقا ئىلتىجا قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن سەبرى قىلىپ قاتتىق تىركىشىپ غەيرەت كۆرسەتتى. ئاخىرىدا خۇشاللىق بىلەن ئامانەتنى ھەقىقى ئامانەت ئىگىسى جانابى ئاللاھقا شەرەپ بىلەن تاپشۇردى. مانا بۇلار ھاياتنىڭ غايىسىنى ھەقىقى مەنىسى بىلەن تولۇق ئادا قىلغان جەڭگىۋار ۋە شەرەپلىك كىشىلەردۇ.
ئەينى چاغدىكى تاجاۋۇزلۇق ۋە ئىشغالىيەت ھەرىكەتلىرى بۈگۈنكى كۈنىمىزدە تۈركۈملەپ ئاشماقتا. ئاشكارا ۋە يوشۇن ھەر خىل ئىسىمدا يۈرگۈزۈلىۋاتقان بۇ تاجاۋۇزلۇق ھەرىكىتىگە بولغان قارىشىمىز تېخىچە ئڭنىق ئەمەس. بۇ سەۋەپتىن بۇ تاجاۋۇزلۇق ھەرىكىتىنڭ خەتىرى تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ يامان. بۇ خىل يېڭىچە ئىشغالىيەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، بىزدە مەنىۋىي جەھەتتە چوڭقۇرلىشىش پۇرسىتى قالدۇرمايدىغان دەرىجىدە ھېلىگەر، سىرلىق ۋە مەخپى بولۇشىدا. بولۇپمۇ بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئاساسلىق ئاۋانگارتلىرى ئۆز ئىچىمىزدىن چىقىپ بىزگە بولغان بېسىمنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىشىدا...
ئەسلىدە، «مىللەتچە» ياشاش، يەنى «ھۆر» ۋە «ئۆزىگە ئۆزى خۇجا» بولۇپ ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى ئىنسان ھاياتىدىنمۇ قىممەت ۋە مۇقەددەس بىر زۆرۈرى قىممەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىش ئۈچۈن، ئۆمەر مۇختار ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرىنىڭ جەڭگىۋار ھايات پائالىيەتلىرىدەك مۇبارەك تارىخى ھادىسىلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۈگۈنكى كۈنىمىزدە بىز ئۈچۈن ئۆمەر مۇختارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇجادىلە كۆرىشىنى باشتىن - ئاخىر مۇزاكىرە قىلىپ، ئۇلار ئەينى چاغدىكى قىيىن شارائىت ۋە ئېغىر ئەھۋال ئاستىدا قانداق قەھرىمانلىقلار كۆرسەتكەن ۋە ئاخىرىدا قانداق بەدەللەرنى تۆلىگەن ۋە قانداق ئىرادە ۋە ئىمان بىلەن كۆرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى ئىنچىكە مۇلاھىزە قىلىپ قاتتىق ئىبرەت ۋە دەرس ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۈگۈنكى كۈنىمىزدە ئەينى چاغدىكى شارائىتقا نىسبەتەن ئىمكان دائىرىمىزنىڭ مەنىۋىي ھاياتىمىزغا بولغان مېتافىزىك كېڭىيىشى روھىمىزنىڭ ھاياتلىقى ئۈچۈن مۇھىم بىر ئوزۇق ھېساپلىنىدۇ.
70 ياشتىن ئاشقان، يارىلىنىپ، يېتەرلىك ئوزۇقلىنالماي بىر تېرە بىر سۆڭەك بولۇپ قالغان ئۆمەر مۇختارنىڭ تېنى ئاجىز بولغان بىلەن، روھى جەھەتتە مۇستەھكەم ئىمان كۈچىگە ئىگە ئىدى. ئەسلىدە ئۆمەر مۇختارنى پۇلاتتەك ئىرادە بىلەن تاللاپ ھەر جەھەتتە كۆچلۈك دۈشمەنگە قارشى، چۆل يولۋىسىدەك ئېتىلىش كۈچى ئۇنىڭ بۈيۈك ئىمانىنىڭ تۆرتكىسى بىلەن بولغان ئىدى.
مەن بىر بۈيۈك مۇتەپەككۇر - ئالىم كىشىنىڭ مونداق بىر قىممەتلىك سۆزى بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن: «ئىنسانلار ئارىسىدا ئەرزىمەس نەرسىلەر بىلەن سېتىۋالغىلى بولىدىغان درىجىدە ئەرزان ۋە ئەھمىيەتسىزلىرى تېپىلغىنىدەك، ئاسمان - زېمىن تولغۇدەك ئالماس ۋە ئالتۇن كۆمۈشكە سېتىۋالغىلى بولمايدىغان قىممەتلىك ئادەملەرمۇ بار. مىللەتلەرنىڭ ئورنىنى، مانا بۇ ئىككىنچى قىسىم ئادەملەر كۆتۈرىدۇ. قىممەتلىك ئادەملەر يامغۇرغا تولغان بۇلۇتتەك، ھەمىشە يۈكسەك ئېدىئال ۋە پەزىلەتلەر بىلەن تولۇپ تاشقان بولىدۇ. تونۇلسۇن، تونۇلمىسۇن، بۇنداق ئادەملەرنىڭ قەدەم باسقان يەرلىرى، ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ يېشىللىققا پۈركىنىدۇ... ئۆمەر مۇختار ئىتالىيەلىكلەرگە: «مەن ئۆلىمەن، ئەبەدى ياشايمەن، ئەمما سىلەر ئۆلۈش بىلەن تۈگىشىسىلەر» دەيدۇ. ھەرقانداق مۇسۇلمان ئۆز ھاياتىنى ئەرزىمەس دۇنيا ماتالىرىغا سېتىۋەتمەسلىكى، ئەكسىچە بۇ پانى ھاياتنى قۇربان قىلىپ، باقى ھاياتنى قولغا كەلتۈرىشى لازىم.»
مەنبەلەر:
مۇھەممەد ئەسەد، "مەككىگە بارىدىغان يول" ئىنسان نەشرىياتى، 1998 - يىل
شەھبەندەرزادە فىلىبەلىك ئەھمەد ھىلمى، "سەنۇسىلەر ۋە سۇلتان ئابدۇل ھەمىد" ئاۋاز نەشرىياتى، 1992 - يىل
ئەھمەت ئاغىراقچى، " ئۆمەر مۇختار" بايان نەشرىياتى، 1994 - يىل
مەنبە ئىسلام يۇلى .مەن بۇ تېمىنى بۇرۇنقى مۇنبەرلەردىن ساقلىۋالغان ئدىم.بۇ قېتىم قايتا يوللاپ قويدۇم.