باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1864 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: رۇزا تۇتقۇچىلارغا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6564
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-19
ئاخىرقى: 2011-07-23
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-22 13:58

رۇزا تۇتقۇچىلارغا

رۇزاتۇتۇش بولسا ئىلام دىندىكى بەش پەرزنىڭ بىرىدۇر. مەن تۇۋەندە رۇزىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىرقانچە ئىشنى ئوتتۇرغا قويماقچىمەن. رۇزىنى سالامەت چىقىراي دىگەن ئادەم تەپسىلى ئۇقۇسۇن.
ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەاللە ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى رەسۇلۇللەسەللەللاسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق   دىگەن <رامزان ئېيى كىرسە جەننەتنىڭ ئىشكى ئېچىلىدۇ.دەۋزەخنىڭ ئىشكى تاقىلىدۇ. شەيتانلار باغلىنىدۇ>  
بۇ ھەدىستىن كۇرۋېلىشقا بۇلىدۇكى رامزان ئېيى اللەنىڭ رەھمىتى ئىكەن . ھەم شەيتانلار باغلىنىدىكەن. بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىسىگە قارساق ،شەيتانلارنىڭ ئاجىز مەجرۇھلىرى باغلانمايدىكەن. ئۇلارغا رەھىم قىلنىدىكەن. مۇشۇ رامزان ئېيىدا يامان ئىشتىن  قول ئۇزۇپ ياخشى ئىشلارنى قىلاممىغان كىشىنىڭ ئىمانى ئىنتايىن ئاجىز ئىكەن. چۇنكى ئۇنداق كىشى ئاشۇ ئاجىز مەجرۇھ شەيتانغىمۇ ئالدىنىپ ئازدۇرلۇپ كىتىدىغان كىشىكەن.  شۇڭا ئۈزىنى مۇسۇلمان دەپ ھىسابلايدىغان ھەرقانداق كىشى مۇشۇ ئۇلۇغ ئايدا ئۇزىنى تۈزىۋېلىشى زۈرۈردۇر. 
رەسۇلۇللەسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامزان ئېيىنىڭ باشتىكى ئون كۇننى رەھمەت ،ئوتتۇرسىدىكى ئون كۇننى مەغپىرەت،ئاخىردىكى ئون كۇننى گەدەنلىرىمىزنى دەۋزەختىن ئازات قىلىدىغان كۇن دەپ بىزلەرگە شۇ كۇنلەردا قانداق قىلىشىمىزنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
دىمەك بىز ھازىر اللەنىڭ رەھمىتى بۇلىدىغان كۇندە تۇرۇپتىمىز.  رامزان ئېيىدا قىلغان ياخشىلىقلىرىمىزنى اللە 10 ھەسسىدىن 700ھەسسىگىچىلىك كۇپەيتىب بىرىشكە ۋەدىسى بار . شۇڭا بۇ ئايدا سەدقە قىلىۋالايلى. نەپلى ناماز ئۇقۇۋالايلى.قۇرئان ئۇقۇۋالايلى...
قۇلىمىزدىن كىلىدىغان جىمىي ياخشلىقلارنى قىلۋالايلى. بۇ شەرەپلىك ئاي بىلەن ھايات ئۇچرىشالغىنىمز اللەنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان ئەڭ چوڭ ئىنئامىدۇر قېرىنداشلار. ھەم رامزان ئېيى : قۇرئان ئېيى، ياخشلىق ئېيى، رەھمەت ئېيى ،مەغپىرەت ئېيى، قىيامدا تۇرۇش ئېيى.... دەپ نۇرغۇن ياخشىلىقلار بىلەن سۈپەتلەنگەن . رامزان ئېيىدا بىر نىدا قىلغۇچى : ئى ياخشلىق قىلغۇچى سەن ياخشلىق  قىلۋال بۇ ئاي سەن ئۇچۇن. ئى يامانلىق قىلغۇچى سەن توختا بۇ ياخشىلىق قىلىدىغان ئاي بۇ ئاي ساڭا تەئەللۇق ئەمەس دەپ توۋلايدۇ.
يەنە بىر ھەدىستە جىبرىل ئەلەيھىسالام( بۇ اللەقا يېقىن بىر پەرىشتىنىڭ ئىسمى . ئۇ بارلىق پەيغەمبەرلەرگە اللەتەرپىدىن ۋەھى ئېلىپ چۇشكەن. بۇ پەرىشتە جىمى پەرىشتىلەرنىڭ سەردارى ھەم پەيغەمبىرى ئورنىدىدۇ) مۇشۇ ئۇلۇغ رامزان ئېيىدىمۇ ۋاختىنى بىكار ئىسراپ قىلىپ بىكار ئىشلار بىلەن مەشغۇل بۇلۇپ  ياخشىلىقلارنى قىلاممىغان كىشىگە اللەنىڭ لەنىتى بولسۇن  دىگەندە رەسۇلۇللە ئامىين(يەنى ئىجابەت قىلغىن دىگەن مەنىدە)دىگەن. دىمەك مۇشۇ ئۇلۇغ رامزان ئېيىدىمۇ ياخشى ئىشلارنى قىلمماي ۋاقتىنى بىكار ئىشلار بىلەن ئۆتكەزگەن كىشىلەرگە اللەنىڭ پەرىشتىنىڭ پەيغەمبەرنىڭ لەنىتى چۇشكەن كىشىدۇر. اللە بىزلەرنى لەنەتكە دۇچار بولغان كىشىلەر قاتارىدىن قىلمىسۇن .ئامىين.
يۇقۇردىكىلەر بولسا رامزاننىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا ئازراقلا توختالغان يىرىمىزدۇر. ئەگەر رامزاننىڭ پەزىلىتى توغۇرلۇق كامىل توختالساق بەلكىم ئوبدان بىر كىتاپ پۈتۈپ چىقىشى مۇمكىن. يۇقۇردىكىلىرى ناھايتى ئاز بىر قىسمىدۇر خالاس.
ئەمدى رامزاندا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىرقانچە ئىشنى ئەسكەرتىپ ئۈتىمىز.
رامزاننىڭ دەسلەپكى كۇنلىرىدە ئادەم ئىسىدە يوق بىر نەرسىلەرنى يەپ سېلىش. ئىچىپ سېلىش، قاتارلىق ئىشلار يۈز بىرىپ قالىدۇ. بۇ چاغدا قانداق قىلىشىمىز   كىرەك؟ بۇ ھەقتىكى رەسۇلۇللەنىڭ ھەدىسىگە قاراپ باقايلى. رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سىلەردىن قانداق بىر كىشى ئىسىدە يوق بىر نەرسە يەپ سالسا ياكى ئىچىپ سالسا رۇزىسىنى سۇندۇرۋەتمەي داۋاملاشتۇرىۋەسۇن. چۇنكى ئۇنىڭغا اللە يىگۇزگەن ئىچكۇزگەن بۇلىدۇ دىگەن بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.  مانا بۇ يۇقۇرقى ئىشنى سادىر قىلىپ سالغان كىشى قىلىدىغان ئىشتۇر. بەزى كىشىلەر شۇنداق ئىسىدە يوق بىر نەرسە يەپ سالسا <مىنىڭ رۇزام سۇندى تايىنلىق بىر نەرسە يەۋىرەي > دەپ رۇزىنى سۇندۇردىغان كىشىلەرمۇ مەۋجۇت. بۇنداق قىلىش چوڭ خاتا دۇر. )
يەنە رۇزىدارلار دىققەت قىلىدىغان بىر ئىش. رامزان تۇتقان تۇرۇغلۇق باشقىلار بىلەن ئۇرشۇش،تىللىشىش،نادانلار بىلەن تەڭ بۇلۇش، ئېغىزىنى بۇزۇش، ئىشقىلىپ بارلىق ئەخلاقسىزلىق ھاياسىزلىق قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى رۇزىغا تەسىر يەتكۇزىدىغان ئامىلدۇر . بۇ  ھەقتە رەسۇلۇللەسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن. سىلەردىن قانداق بىر كىشى رۇزىدار بولسا چىرايلىق گەپ قىلسۇن،ئۇرۇشمىسۇن،تىللاشمىسۇن ،نادانلار بىلەن تەڭ بولمىسۇن ،ھاياسىز سەت گەپلەرنى قىلىشمىسۇن . ئەگەر شۇنداق گەپلەرگە ئۇچراپ قالسا  مەن روزىدار دىسۇن.....بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى رۇزىدار تۇرۇپ باشقىلار بىلەن ئۇرشۇش تىللىشىش. سەت گەپلەرنى قىلىش چەكلەنگەن. ئەگەر سىزنى بىرسى تىللىسا گەرچە گۇناھ قارشى تەرەپتە بولسىمۇ ئۇنىڭغا تىل قايتۇرماي مەن رۇزىدار دەڭ . بۇ رەسۇلۇللەسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نىڭ بۇيرۇقى.
                   سوھۇرلۇق يىيىش   ۋە ئىفتار قىلىش
رەسۇلۇللەسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سوھورلۇق يەڭلار چۇنكى سوھورلۇقتا بەركەت بار دىگەن زەيىدئىبنى سابىت رەزىيەاللە ئەنھۇ< بىزرەسۇلۇللە بىلەن  سوھورلۇق يەيتتۇق ئاندىن مەسچىتكە باراتتۇق دىدى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەاللە ئەنھۇ سوھۇرلۇق بىلەن نامازنىڭ ئارلىقىدا قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى دەپ سورغاندا ___ 50~60 ئايەت ئۇقۇغان مىقدارى ۋاقىت ئۆتتى دىگەن. ئەمما دىيارىمىزدىكى كىشىلەر بامداتتىن بىر سائەت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپراق ۋاقىت ئىلگىرى سوھۇرلۇق يىيىشنى توختىتىدۇ. ھەم بۇ قىلغان ئىشىنى ئۈزىنىڭ تەقۋالىقى دەپ ھىسابلايدۇ. ئەمما بۇنداق قىلغان كىشى رەسۇلۇللەسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلمىسە كىرەك . بۇ ھەقتكى رەسۇلۇللەسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسىنى كۇرۇپ باقايلى .
مىنىڭ ئۇممىتمنىڭ ياخشىراقى سوھۇرلۇقنى كىچىكتۇرگەن ،ئىپتارغا ئالدىرغان كىشىدۇر. 
بۇ ھەدىستىن سوھورلۇقنى كىچىكتۇرۇشنىڭ ياخشىلىقىنى بىلۋالغىلى بۇلىدۇ.. سوھۇرلۇقنى توختۇتۇش بىلەن بامدات ئارلىقىدا  يۇقۇردىكى ھەدىستىن قارغاندا 50~60 ئايەت مىقدارى ۋاقىت ئۆتسە بۇلىدىكەن . 50~60 ئايەت ئۇقۇغىلى 15~20 مىنۇت ۋاقىت كىتىدۇ. بىزنىڭ قارقاشتا بامداتنى 5:00تە ئۇقۇيمىز سوھۇرلۇقنى 4:40قىچە يىسەك بۇلىدىكەن. ئىشقىلىپ قانداق يەر بولمىسۇن بامدات بىلەن سوھۇرلۇقنىڭ ئارلىقىدا 15~20 مىنۇت ۋاقىت ئۆتسە بۇلىدىكەن.
ئىفتار توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسقا قاراپ باقايلى.
............. كىشىلەرنىڭ ئفتارغا ئالدىرشى نىمە دىگەن ياخشى.  بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
ئىفتار كۇننىڭ كىرىپ كىتىشى بىلەنلا بۇلىدۇ. دىيارىمىزدىكى بەزى كىشىلىرىمىز يۇلتۇز چىققاندا قىلىمىز دەپ .ئفتارنى قازا قىلىۋاتىدۇ. ئىسلام دىنى ئىفتارغىمۇ نامازغا ئوخشاش مۇئەييەن بىر ۋاقىتنى بەلگىلەپ بەرگەن . بۇنىڭ اقتىنى ئۆتكۇزۋاتقان ئادەم نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۇزىۋاتقان بىلەن ئوخشاشتۇر. ئىپتار نامازز شامدىن ئىلگىرى قىلىنىدۇ. شامنىڭ ۋاقتى توغۇرلۇق كەلگەن ھەدىسلارغا قاراپ باقايلى
................ ساھابىلەردىن بىرى شامنىڭ ۋاقتى توغۇرلۇق سۆزلەپ <بىز رەسۇلۇللە بىلەن شام نامىزىنى ئۇقۇيتتۇق. شامنى ئۇقۇپ بۇلۇپ مەسچىتتىن سىرتقا چىقساق ئالەم خېلىلا يۇرۇق ئىدى. ھاتتا ياچاقنىڭ ئۇقىنىڭ قەيەرگە چۇشكەنلىكىنى پەرق ئىتەلەيتتۇق> دىگەن. شۇنىڭ ئۇچۇن كۇن كىرىپ كىتىشى ھامانلا ئىفتار قىلىشقا ئاتلىنايلى. ئىفتارنى ھەم سوھۇرلۇقنى قازا قىلمايلى.
مەن تۇۋەندە سوھۇرلۇقتا ۋە ئىپتارقىلغاندا ئۇقۇلىدىغان دۇئانىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى قىلىپ قويىمەن.
سوھۇرلۇقنى يەپ بۇلۇپ نىيەت قىلغاندا < ئى اللە نىيەت قىلدىممەن  مەن بۇرۇزىنى سوھور ۋاقتىدىن ئىفتار ۋاقتىغىچىلىك. نىيتىمنى قۇبۇل قىلغايلا> مانا بۇ ھەدىستا كۆرسەتكەن دۇئا.
ئىفتار قىلغاندا<ئى اللە مەن بۇ رۇزىنى ئۆزلىرى ئۇچۇنلا تۇتتۇم. ۋە مەن ئۆزلىرىگە ئىمان ئېيتتىم. ۋە ئۆزلىرى بەرگەن رىزىقلىرى بىلەن ئىفتار قىلدىم گۇناھىمنى كەچۇرگەيلا
رەسۇلۇللەسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىفتار قىلغاندىكى دۇئا شەكسىز ئىجابەت دەپتۇ. شۇ ڭا بۇ ۋاقىتتا بارلىق تىلەكلىرىمىزنى اللەتىن سورۋالايلى.
ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يازاي 
مەنبە:مەرھۇم قېرىندىشىمىز ھەمزە.
مانا بۇتېمىدىكى يازما ۋە بۇخەت«ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يازاي...»مەرھۇم قېرىندىشىمىز ھەمزىنىڭ.قېرىندىشىمىزنىڭ بۇقالدۇرغان خېتىدىن قارىغاندا بۇيازما تۈگىمىگەن ئاخىرى بار قېرىندىشىمىز مەلۇم سەۋەپلەر تۇپەيلى يېزىپ بولالمىغان ۋە كىيىنچە يازماقچى بولغان لىكىن يېزىشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان.قېرىندىشىمىزھەمزە بۇنداق بولىشىى بىلگەن بولسا چوقۇم يېزىپ تۇگىتىۋىتىشى مۇمكىن ئىدى.....
ئى اللە بۇقېرىندىشىمىزنىڭ بۇيازمىسىنى قۇبۇل قىلىپ تولۇق يازغاننىڭ ئەجرىنى بىرىشلىرىنى سورايمەن چۈنكى سىلىنىڭ«بىرئادەم بىر ياخشىلىقنى قىلىشنى ئىرادە قىلسا لىكىن قىلمىسا ئۇنىڭغا كامىل بىر ياخشىلىقنىڭ ئەجرىنى بىرىمەن»دىگەن ۋەدىللىرى بار سىلى ۋەدىللىرىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايلا.
قېرىنداشلار مەن مۇشۇ يازمىدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى ھەر مىنۇت ھەر دەقىقە ۋاقتىمىزنى غەنىمەت بىلىپ ياخشى ئىش قىلىۋالايلى!بىرەر ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىلغان بولساق تولۇق ئاخىرلاشتۇرۇشقا تىرىشايلى!چۈنكى ئەجەل بىرئازمۇ ساقلىمايدىكەن بىز...«پەرۋەر دىگارىم!نىمىشقا مىنى(يەنى ئەجىلىمنى)بىرئاز كىچىك تۈرمىدىڭ،سەدىقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ئىدىم»....سۈرە مۇنافىقۇن10-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.دەپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن تىرىشايلى!اللە نىڭ ۋەدىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشايلى!اللەنىڭ بىزگە بەرگەن ئامانىتىنى جايىدا ئورۇنلاشقا تىرىشايلى!
مەرھۇم قېرىندىشىمىزنىڭ بىزگە قىلغان ۋەسىيەتلىرىنى ئىجرا قىلىشقا تىرىشايلى!بىز مۇشۇ قېرىندىشىمىز تەۋسىيەقىلغان ئىشلارغا ئەمەل قىلسا بىزگىمۇ ئۇنىڭغىمۇ ساۋابى يىتىپ تۇرىدۇ.
ئى اللە مەرھۇم قېرىندىشىمىزنى ۋە بىزلەرنى مەغفىرەت قىلغىن.
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2134
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 61
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە61دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 700 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-02-21

ئى اللە مەرھۇم قېرىندىشىمىزنى ۋە بىزلەرنى مەغفىرەت قىلغىن..رەخمەت...........
duhtur
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1340
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1340دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 15240 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-03-30
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-24 10:04

سوھورلۇق بىلەن بامدات نامىزىغا ئەزان ئىيتقان ۋاقىتقىچىلىك بولامدۇ 20 مىنوت ۋاقىت ، ياكى بامداتقا تەكبىر ئىيتقىچىلىكمۇ ؟
چۇنكى ئەزان بىلەن تەكبىر ئارلىقىدىمۇ خىلى ۋاقىت بار ،،،  بىلىدىغانلار جاۋاپ بېرىڭلار
دوستلىشىش
dulbarqin310
توۋا دەيمەن، دۇنيادىكى ئىشلارغا.........
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1142
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1142دانە
ئۆسۈش: 580 %
مۇنبەر پۇلى: 12223 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-03-30
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-24 11:13

ئاللاھ ھەممىمىزگە رەھمەت قىلسۇن، ئاللاھ خالىسا مەنمۇ چوقۇم تۇلۇقى بىلەن تۇتۇشقا تىرىشىمەن.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7275
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 226
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە226دانە
ئۆسۈش: 550 %
مۇنبەر پۇلى: 2611 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-07
ئاخىرقى: 2012-03-27
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-01 19:27

دوستلىشىش
muslima32
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5351
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 611
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە611دانە
ئۆسۈش: 760 %
مۇنبەر پۇلى: 6913 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-03-25
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-04 13:43

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ،مەرھۇم ھەمزە قېرىندىشىمىز گىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مەغپىرتى بولسۇن ئامىن...............
دوستلىشىش
مەنزىرە
ئۆلمىگەن جاندا ئۈمۈد بار......................
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7036
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 440
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە440دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 4692 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-12
ئاخىرقى: 2012-03-18
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-05 15:10

اللە رەھمەت قىلسۇن!   ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلغىنىڭلارغا كۆپ تەشەككۈر!
ھەممەيلەننىڭ بۇ دۇنيا ھەم ئاخرەتلىكىمىز زىيادە بولسۇن!(ئامىن!)
اللە ھەممەيلەننى توغرا يولغا باشلىغۇچىدۇر.........
ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ.......