ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! بۈگۈن سىلەرگە گۇناھ - مەسىيەتلەرنى ئېلان قىلىشنىڭ يامان ئاقوۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمەن. ئاللاھ تائالادىن ھەممىمىزگە پايدىلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئىنسان بەزىدە نەپسى - شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ بەزى گۇناھ ئىشلارنى قىلىپ تاشلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ گۇناھىنى تونۇپ تەۋبە قىلسا ئاللاھ تەئالا ئۇنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىپ كەچۈرىدۇ. لېكىن مۇسۇلماننىڭ گۇناھ - مەسىيەتنى ئېلان قىلىشى، ئۇنىڭ بىلەن پەخرىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ جازاسىنى كۆزگە ئىلمەسلىكى ئېغىر جىنايەت. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام گۇناھ - مەسىيەتلەرنى ئېلان قىلىشنى خۇددى گۇناھنىڭ ئۆزىنى مەنئى قىلغاندەك مەنئى قىلغان.
گۇناھنى ئېلان قىلىش دېگەنلىك ــ كىشىلەرنىڭ كۆزى ئالدىدا گۇناھ ئىشلارنى ئوچۇق - ئاشكارا قىلىش بولۇپ، بۇ قىلىقى بىلەن غاپىللارنىڭ كۆزىنى ئاچىدۇ، بىخەۋەر ئادەملەرنىڭ قەلبىنى گۇناھقا قىزىقتۇرىدۇ، كىشىلەردىن ھايا قىلىپ گۇناھ ئىشلەشكە جۈرئەت قىلالمىغانلارنى جاسارەتلەندۈرىدۇ. دېمەك، گۇناھنى ئېلان قىلغان كىشى بىر گۇناھنى ئاشكارا ئىشلەش بىلەن قانچلىك گۇناھلارنى بىرگە ئىشلىگەن بولدى. بۇنىڭدىن مەلۇم بولىدۇكى، گۇناھنى ئېلان قىلىش - گۇناھ ئىشلارنى ئاشكارا قىلىش ياكى كىشىلەر كۆرمىگەن يەردە قىلغان گۇناھىنى پەخرىلەنگەن ھالدا كىشىلەرگە سۆزلەش ياكى گۇناھ ئىشلارنى ئۆزى قىلمىسىمۇ لېكىن ئۇنى چىرايلىق كۆرسىتىپ ئىشلەشنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشتۇر. بۇنداق ئىشنى ئاللاھ تائالادىن ھايا قىلمايدىغان بەلكى ئاللاھ نىڭ ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەمرىنى كۆزىگە ئىلمەيدىغان، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تالانىڭ ھۇزۇرىدا قىلمىشلىرىدىن ھېساب بېرىشكە چىن پۈتمەيدىغان رەزىل ئىنسانلار قىلىدۇ. ئۇنداق ئىنسانلار كېچىسى ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، زىنا قىلىش ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك رەسۋالىقلارنى قىلىپ، ئەرتىسى پەخرىلەنگەن ھالدا، "مەن كېچىدىن ئۇنداق قىلدىم، مۇنداق قىلدىم"دەپ كىشىلەرگە سۆزلەپ بېرىدۇ. گويا ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاشۇنداق ئىشلارنى قىلالايدىغان، جاسارەتلىك ئادەملەر دەپ ئويلايدۇ. ئۇنداق تەبىئىتى بۇزۇق، كۆڭلى قارا، ھاياسىز ئىنسانلاردىن بىر نەچچىسى بىر يەرگە كېلىپ قالسا، قىلىشىدىغان پاراڭلىرى ھەر بىرى ئۆز رەسۋالىقى بىلەن پەخرىلىنىپ: "مەن مانچە ئايال بىلەن بىرگە بولدۇم، مەن قىماردا مانچىلىك پۇل ئۇتىۋالدىم، مەن ھاراقنى راسا ئېچىپ مەس بولىۋىلىپ تازا پۇخادىن چىقتىم" دېگەنلەردىن ئىبارەت بولىدۇ. ھەتتا بەزىلىرى قىلمىغان گۇناھلارنىمۇ قىلدىم دەپ، پو ئېتىپ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە تېرىشىدۇ. ئۇنداق نومۇسسىز ئىنسانلار يازغۇچى، ئەدىب بولۇپ قالسا، يازغان شېئىرلىرى، رومانلىرى، پوۋىستلىرى ھاراق ئىچىپ مەس بولغان، نامەھرەم خوتۇنلار بىلەن قانداق زىنا قىلغان رەسۋالىقلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ تەسۋىرلەشتىن ئىبارەت بولىدۇ. ئۇلار بۇ قىلمىشلىرى بىلەن جەمئىيەتتە ئەخلاقسىزلىق ۋە گۇناھ - مەسىيەتنىڭ ئومۇملىشىپ كېتىشىگە، ئىمانى ئاجىز كىشىلەرنىڭ گۇناھ ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.
گۇناھ ئىشلەش شۈبھىسىز ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولۇپ، مۆمىننىڭ قەلبىنى ۋە ۋىجدانىنى بىئارام قىلىدۇ. لېكىن تەۋبە قىلىش ئارقىلىق ئۇنى يوقاتقىلى بولىدۇ. ئەمما گۇناھنى ئېلان قىلىش قىيامەت كۈنىگىچە ئىزىنى يوقاتقىلى بولمايدىغان يامان، خەتەرلىك ئىشتۇر. چۈنكى ئىشلەنگەن گۇناھ ئىشلىگۈچىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن توختايدۇ. ئەمما مەسىيەتنى ئېلان قىلىشنىڭ گۇناھى ئۆلۈم بىلەن توختىمادۇ. چۈنكى ئۇنىڭ قىلغان گۇناھىنى كۆرۈپ ئەگەشكەنلەر، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ تىكىپ قويغان ئۇرۇقلىرىدىن ئۈنگەن مايسىلار داۋام قىلغان مۇددەتچە ئۇ كىشىگە گۇناھ يېزىلىپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇ گۇناھ - مەسىيەتلەرنى ئاشكارا ئېلان قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان كىشىنىڭ ئۇ گۇناھنى ئىشلىشىگە سەۋەبچى بولدى.
دېمەك، گۇناھنى ئېلان قىلىش شۈنچىلىك ئېغىر ۋە خەتەرلىك ئىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تالا بىزلەرنى مۇنداق يامان جىنايەتنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «مۆمىنلەر ئارىسىدا يامان ئىشلارنىڭ تارىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ئادەملەر، شۈبھىسىزكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا قالىدۇ، ئاللاھ (سىرلارنى ۋە نىيەتلەرنى) بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر»[1]
شۇنىڭدەك رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ بۇ ئېغىر گۇناھنىڭ قورقۇنۇشلۇق ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئۇممىتىمنىڭ ھەممىسى ئەپۇ قىلىنىدۇ، گۇناھنى ئېلان قىلغۇچىلار ئەپۇ قىلىنمايدۇ. بىر ئادەم كېچىسى بىرەر گۇناھ ئىشنى قىلغان ۋە ئاللاھ ئۇنى يوشۇرغان بولسا، ئۇ ئادەمنىڭ ئەتىگىنى تۇرۇپ: "ھوي پالانى! مەن كېچىدىن مۇنداق، مۇنداق ئىشلارنى قىلدىم" دەپ، ئاللاھ يوشۇرغان بۇ ئىشنى ئەتىگىنى ئاشكارىلىشى گۇناھنى ئېلان قىلغانلىق بولىدۇ.»[2]
گۇناھنى ئېلان قىلغاننىڭ جازاسى ئۇنى قىلغۇچىغا بولۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. بەلكى ئۇ گۇناھنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق گۇناھ - مەسىيەتلەرنىڭ ئوموملىشىشىغا سەۋەبچى بولغان جەمئىيەتنىمۇ ھالاكەتكە ئۇچرىتىدۇ. ھەر تۈرلۈك گۇناھ - مەسىيەت ۋە ئەخلاقسىزلىق ئومۇملاشقان جەمئىيەتكە ئاللاھ غەزەب قىلىپ ئازابىنى چۈشۈرىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «جازانە بىلەن زىنا ئاشكارا بولغان جەمئىيەت ئىنسانلىرى ئۆزىگە ئاللاھنىڭ ئازابىنى كەلتۈرىدۇ.»[3] ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «قايسى بىر قەۋمدە پاھىشە (يامان قىلىقلار) ئاشكارا بولسا ۋە ئۇ قىلىقلارنى ئېلان قىلسا، ئۇلاردا تائۇن (يۇقۇملۇق ۋابا كېسىلى) ۋە ئاچلىق ئومۇملىشىدۇ.»[4] ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بۇ ئۇممەتنىڭ ئاخىرىدا يەر يۇتۇش، سۈرىتى ئۆزگىرىش ۋە ھالاكەت يۈز بېرىدۇ» دېدى. مەن "يا رەسۇلۇللاھ! ئىچىمىزدە ياخشى كىشىلەر بولسىمۇ ھالاك قىلىنامدۇق؟" دېدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەگەر گۇناھ - مەسىيەت ئاشكارا بولسا ھەممە بىردەك ھالاك قىلىنىدۇ» دېدى."[5] ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ: " بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى، قايسى بىر جەمئىيەتتە گۇناھ - مەسىيەتلەر ئومۇملاشسا، گەرچە ئۇلارنىڭ ئىچىدە گۇناھ قىلمايدىغان ياخشى كىشىلەر بولسىمۇ ئومۇمى يۈزلۈك ھالاك بولىدۇ، دېگەن بولىدۇ." گۇناھ - مەسىيەتلەرنىڭ جەمئىيەتتە ئاشكارا بولۇشى ۋە ئومۇملىشىشى ئۇنى ئېلان قىلىش، تارقىتىش ۋە ئۇنىڭغا تەشۋىق قىلىش بىلەن بولىدۇ.
گۇناھنى ئېلان قىلىغاننىڭ ئاقىۋىتى يۇقىرىدىكى جازالار بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. شەيخ رىدۋان ئىبنى ئابدۇل كەرىم ئەل مۇشەيقىھ تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: "گۇناھ - مەسىيەتلەر قەبىھ ۋە ئەيىبلىنىدىغان ئىشلار بولۇپ، ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قەلبكە ۋە بەدەنگە بولىدىغان زىيانلىرىنى ئاللاھ تائالا ئۆزى بىلىدۇ. بۇ مەسىيەتلەرنىڭ بۇ دۇنيادا ئىنسانغا كەلتۈرىدىغان بەزى زىيانلىرى مۇنۇلار:
1- ئىلىمدىن مەھرۇم بولۇش. ئىلىم ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ قەلبىگە چۈشۈرىدىغان نۇرى بولۇپ، مەسىيەت ئۇ نۇرنى ئۆچۈرىدۇ.
2ـ رىزىقتىن مەھرۇم بولۇش. ھەدىستە ئىنساننىڭ گۇناھ - مەسىيەت سەۋىبى بىلەن رىزىقتىن مەھرۇم قىلىنىدىغانلىقى ئېيتىلغان.
3- كىشىلەردىن ئايرىلىپ قېلىش. كىشىلەرنى كۆزگە ئىلمەي، گۇناھ - مەسىيەتلەرنى ئاشكارا قىلغان ئادەم كىشىلەر تەرىپىدىن بولۇپمۇ ياخشىلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىدۇ.
4- گۇناھ - مەسىيەتلەر ئىنساننىڭ قەلبىنى ۋە بەدىنىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ئۆمرىنى قىسقارتىدۇ.
5- ئىشى قىيىنلىشىدۇ. قانداق بىر ئىشقا يۈزلەنسە ئۇ ئىش يېپىق ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى قىيىن بولىدۇ.
6- گۇناھ، گۇناھنى تۇغدۇرىدۇ. بىر گۇناھقا چۈمگەن كىشى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئۇنىڭغا باغلىق يەنە بىر نەچچە گۇناھ ئىشلەيدۇ، ئاخىرىدا گۇناھلاردىن ئايرىلالمايدىغان ھالەتكە كېلىدۇ.
7- گۇناھ - مەسىيەتلەر قەلبنىڭ ياخشىلىققا مايىل بولۇش ئىرادىسىنى ئاجىزلىتىپ، گۇناھ - مەسىيەت ئىرادىسىنى كۈچلەندۈرىدۇ. ئاستا - ئاستا تەۋبە ئىرادىسى ئاجىزلىشىپ، تەۋبە قىلىشنى ئويلىمايدىغان بولىدۇ.
8- قەلب ۋە ۋىجداننى قارغۇ قىلىپ، گۇناھنى يامان كۆرمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەلبىدە گۇناھ ئادەتتىكى بىر ئىشقا ئايلىنىدۇ. ئۇ گۇناھ ئىشلەۋاتقانلىقىنى كىشىلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ھايا قىلمايدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان سۆزلىرىگە پىسەنت قىلمايدۇ.
9- ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ. گۇناھ - مەسىيەتلەرنى ئاشكارا قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ نەزىرىدىن چۈشكەن ئىنسان خارلىققا قالىدۇ ۋە ئۇنى ھۆرمەتلەيدىغان كىشى تېپىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ خارلىشىغا ئۇچرىغان ئادەمگە ھۈرمەتلىگىۈچى چىقمايدۇ»[6] كۆرۈنۈشتە كىشىلەر ئۇنىڭغا موھتاج بولغانلىقى ياكى ئۇنىڭ شەررىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا يالغاندىن ھۆرمەت قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھېچكىم ئۇنى ھۆرمەتلىمەيدۇ.
10- ئاللاھ ئۇنى ئۇنۇتۇش بىلەن جازالايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئاللاھنى ئۇنتۇغان، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان كىشىلەردەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار پاسىقلاردۇر.»[7]
11- نېمەتلەرنى يوقىتىپ ئازابنى كەلتۈرىدۇ. بەندىنىڭ قولىدىكى نېمەتلەر پەقەت گۇناھ - مەسىيەتلەر سەۋىبىدىن كېتىدۇ. بەندىگە كېلىدىغان خەۋپ - ئەندىشە، غەم - قايغۇ، كۆڭۈل سىقىلىش ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك ئازاب - ئوقۇبەتلەر پەقەت گۇناھ - مەسىيەت سەۋىبى بىلەن كېلىدۇ."
ئاللاھ تائالا بىزگە ھەقىقەتنى ھەقىقەت كۆرستىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىشنى ۋە باتىلنى باتىل كۆرسىتىپ ئۇنىڭدىن ساقلىنىشنى نېسىپ قىلسۇن. ئامىين!
يازغۇچى: ئابدۇل ئەھەد ھاپىز.
[1] نۇر سۈرىسى: 24- ئايەت.
[2] بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
[3] بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.
[4] بۇ ھەدىسنى ئىمام ئىبنى ماجە ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان.
[5] بۇ ھەدىسنى ئىمام سۇيۇتى ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان، ئەلبانى سەھىھ ھەدىس دەپ، باھا بەرگەن.
[6] ھەج سۈرىسى: 18- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
[7] ھەشىر سۈرىسى 19- ئايەت.
مەنبە:مەرىپەت مۇنبىرى
http://bbs.meripet.net/read.php?tid=5350&fpage=0&page=1