سۈرىتىڭگە باققىنىمدا ھەرقېتىم،
يۈرىكىمگە ئوت كېتىدۇ گۈپ قىلىپ.
نە بولۇردى ياراتقاندا ئىلاھىم،
ياراتساچۇ ئىككىمىزنى جۈپ قىلىپ.
سېنى يىراق بىر ماكاندا ياد ئېتىپ،
ئۆتمەكتىمەن يوللىرىڭغا تەلمۈرۈپ.
سەن ئۇ يەردە نە كويلاردا بىلمىدىم،
مېنى سۆيگۈ ھەسرىتىدە ئۆلتۈرۈپ.
يوقتۇر سەنسىز ھاياتىمنىڭ مەنىسى،
ئەسلى ساڭا چۈشۈپتىمەن ئەسىرگە.
كەتتىڭ مېنى سۇسىز چۆلدە قالدۇرۇپ،
باشلىماستىن كۆڭلۈڭدىكى قەسىرگە.
يېزىلمايىتتى ھەسرەت تامغان ناخشىلار،
ئاسان بولسا سۆيگەن يارنى ئۇنتۇلۇش.
ئۆمۈر بويى بىر جۈپ بولۇپ ياشاردۇق،
نېسىپ بولسا ئىككىمىزگە بىر بۇلۇش.
كېچىسى ئاي،كۈندۈزلىرى قوياش بوپ،
ئۆت دىلبىرىم يوللىرىمنى يۇرۇتۇپ.
قالما ھەرگىز ئۇۋالىغا سۆيگۈنىڭ،
ساڭا تەشنا بۇ دىلىمنى قۇرۇتۇپ.
قارىمىغىن مۇھەببەتكە پەرۋاسىز،
كۆزۈم ھامان يوللىرىڭغا باقىدۇ.
يۈرەكتىكى مۇھەببىتىم دولقۇنلاپ،
ئۆمۈر بويى سەن تەرەپكە ئاقىدۇ...
2011.يىل 21.ئىيۇل
[ بۇ يازمىنىozturkler 2011-07-21 14:25قايتا تەھرىرلى ]