باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1361 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تارىختىكى موغۇللار ۋە موغۇلىستان
دوستلىشىش
muhtarbay
ئارسلان ئىكەنسەن ئارسلاننىڭ بەدەلىنى تۆلەيسەن.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5216
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 588
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە588دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 7584 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2012-01-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-21 00:08

تارىختىكى موغۇللار ۋە موغۇلىستان

تارىختىكى موغۇللار ۋە موغۇلىستانبىز ئوتتۇرا ئەسىرلەر تارىخىنى ئۈگەنگەن ۋاقتىمىزدا، كۆپىنچە«موغۇل»،«موغۇللار»ۋە «موغۇلىستان»دېگەندەك ناملارنى ئۇچرىتىمىز.

«موغۇل»، «موغۇللار»دېگەن بۇ ئېتنىك تەركىبى ئانچە ئېنىق بولمىغان بۇ خەلق نامى خېلى بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، بۇ ناملار توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت. بىرىنچى خىل قاراشتىكىلەر؛ «موغۇل» ئوتتۇرا ئەسىرلەردە «موگۇل»، «ماغۇل»، «جېتى»، «چات» دىيىلگەن، ئۇلار يەتتىسۇ بىلەن تەڭرىتاغ بويلىرىدىكى قەدىمىي تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ بىرلە شكەن ئىتتىپاقى، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان قەبىلىلەر، ئۇلارنىڭ موڭغۇللار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، دەپ قارايدۇ. ئىككىنچى خىل قاراشتىكىلەر؛ موغۇللار تەركىبىدە يەتتىسۇ ۋە تەڭرىتاغ بويلىرىدا ياشايدىغان قەدىمىي يەرلىك تۈركىي قەبىلىلەر 14-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سىرتتىن كېلىپ سىڭىشىپ كەتكەن، تۈرك ۋە موڭغۇل قەبىلىلىرى(دولان، قاڭلى، بارس، بۇلاچ)قاتارلىقلار بار، شۇڭا موڭغۇللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ قارىماقتا. ئۈچىنچى خىل قاراشتىكىلەر؛ موغۇللار موغۇلىستاندا ياشايد ىغان تاتارلار، نايمانلار، كېرىتلەر(كېرەيلەر)، مەركىتلەر بولۇپ، ئۆزلىرىنى «تاتارلار»دەپ ئاتىغان چىڭگىزخان موڭغۇللىرى دەپ قارىماقتا.

ئەمىلىيەتتە، بۇ قاراشلارنىڭ ھېچقايسىسى ئاساسسىز ئەمەس، پەقەت بۇقاراشلارنىڭ ھەممىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ قارىيالىساقلا مەسىلە ئايدىڭلىشىدۇ.

تارىختىكى «موغۇل» ياكى «موغۇللار»دېگەن خەلقنىڭ نامى 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىد ىلا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، 12-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە چىڭگىز خاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايخانغا دادىسىنىڭ ئىستىلا قىلغان زېمىنلىرىدىن ئىسسىقكۆل رايونى، بالقاش كۆلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئىلى دەريا ۋادىسى، چۇ دەرياسى بىلەن تالاس دەرياسى ساھىلىدىكى يايلاقلار ياكى ھېچ بولمىغاندا مەزكۇر يايلاقلارنىڭ شەرقىي قىسمى مىراس قالغان. چاغاتايخان 1227-يىلى تەخىتكە چىقىپ 1242-يىلى ئۆلگەن بولۇ پ، ئۇنىڭ پايتەختى ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا ئىدى. كېيىنچە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى، 1260- يىللىرى ئەتراپىدا 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 9-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەيدانغا چىققان قاراخانىلار خانلىقىغا تەۋە بولغان بېشبالىق(گۇچۇڭ)، تۇرپان(قۇجۇ)، قەشقەر، كۇچا، خوتەن ۋە ماۋەرائۇ ننەھىردىكى بۇخارا، سەمەرقەند قاتارلىق جايلارنىمۇ بېسىۋېلىپ، خەلقنى ئۆزىگە بويسۇندۇر دى. ئۇلارنىڭ بۇ جايلاردا قۇرغان خانلىقلىرى كېيىنكى چاغلاردا«چاغاتاي خانلىقى»دەپ ئاتالدى.

13-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە چاغاتاي نەسلىدىن بولغان يەنە بىر خان-تۇغلۇق تۆمۈرخان تەختكە چىقتى. تارىخىي ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشچە، تۇغلۇق تۆمۈرخان ئاقسۇدا تەخىتكە چىققان(1337-يىلى) بولۇپ، ئۇنىڭغا تەۋە زېمىنلار كېيىنچە «موغۇلىستان»دەپ ئاتالغان«ماڭلايسۆيە»(ئاپتاپقا باققان زېمىن)دېگەن جايلار ئىدى. تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ دەۋرىگە كەلگەندە ئاتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى موڭغۇللار ئۇنىڭ تىيەكچىلىگىدە ئىسلام دىنىغا كىرگەنىدى. بۇ جايلاردىكى ئەسلىدىن مۇشۇ يەردە بار بولغان يەرلىك خەلق 9-، 10-ئەسىرلەردىلا ئىسلام دىنىغا كىرىپ بولغان بولۇپ، تۇغلۇق تۆمۈرخان ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، كېيىن ئىستىلا قىلىپ كەلگەن موڭغۇللارنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈز مىسە بولمايتتى، ئەلۋەتتە. ئەمىلىيەتتە، تۇغلۇق تۆمۈرنى يۆلەپ تەخىتكە چىقار غىنى چاغاتايخا ننىڭ كونا ئەمىرى، يەنى تۈركلەردىن بولغان ئەمىر بۇلاجى ئىسىملىك كىشى ئىدى.

دېمەك، شۇنداق قىلىپ،«چاغاتاي ئەۋلادلىرى ۋەكىللىگىدىكى زور تۈركۈم موڭغۇللار نىڭ ئۇيغۇرقاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە قوشۇلۇپ كېتىشىنىڭ مۇقەددىمىسى ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، مۇشۇ تۇغلۇق تۆمۈرخان دەۋرىدىن باشلانغان. شۇ ۋاقىتتا، زور تۈركۈمدىكى موڭغۇ للار تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ھەرخىل ۋاستىلار بىلەن زورلىشى نەتىجىسىدە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن، بۇلار بىلەن بۇ يەرلەردە ئەسلىدىن بار بولغان يەرلىك تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن بىر ئايرىمىچىلىق تۈگىگەن. چاغاتاي ئەۋلادلىر ىنىڭ سىياسىي جەھەتتە زەئىپلىشىشى موڭغۇللارنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا قوشۇلۇپ كېتىش جەريانىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن. بېشبالىق ۋە ئېلبالىق ھاكىمىيەتلىرىدىن كېيىن، چاغاتاي ئەۋلادلىرى باشچىلىقىدىكى موڭغۇللار ئۆز ئەجداتلىرىغا بولغان سېغىنىش ۋە ئىززەتلەش پىسخولوگىيىسىنى ھىساپقا ئالمىغاندا، ئۇلار تىل، ئۆرۈپئادەت، دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە ئۇيغۇر لاردىن پەرقسىز ئىدى. بىز چاغاتاي ئەۋلادلىرىنىڭ ئىسىملىرىدىنمۇ بۇ جەھەتتىكى پاكىتلارنى كۆرۈۋالالايمىز»① شۇنداق بولغاچقا، شۇچاغلاردىن باشلاپلا، يەنى «13-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا موڭغۇللار ماۋەرائۇننەھىرگە كىرىپ ئولتۇراقلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان، ھەمدە ئاستا-ئاستا يەرلىك تۈركىي مىللەتلەر تەرىپىدىن ئاسسىملاتسىيەلىشىپ كەتكەن موڭغۇللار بىلەن دۈشمەنلىشىشكە باشلىدى، ھەمدە بىر-بىرنى كەمسىتىشتى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھەقىقى موڭغۇللار دەپ ئاتاشتى»② ئەسلىدە 12-ئەسىردە چاغاتاي خان بىلەن بىللە ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ ئاللىقاچان تۈركلىشىپ كەتكەن موڭغۇللار بولسا، ئۇلارنى «موغۇل» ياكى «موغۇللار» دەپ ئاتىدى. دېمەك،«موغۇللار» چاغاتاي خان بىلەن بىللە ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ پۈتۈنلەي تۈركلىشىپ بولغان موڭغۇللاردىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ يېڭىدىن تۈركلىشىش جەريا نىنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان يېڭى بىر ئەۋلاد موڭغۇللارنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادى دەپ قارىلىۋاتقان تۇغلۇق تۆمۈرخان(ئۇنىڭ چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكى تارىخىي تەتقىقاتلاردا تېخى گومانلىق)نى يۆلەپ تەخىتكە چىقارغان تۈركلەردىن بولغان ئەمىر بۇلاجى جەمەتىدىكىلەر«گەرچە تۇغلۇق تۆمۈردىن باشلاپ چاغاتاي خاندانلىقىغا تەڭداشسىز تۆھپىلەرنى قوشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇجەمەتتىكىلەر مىرزا(ۋەزىر، ئەمىر، ھەربىي قوماندان)دەپ ئاتىلىشتىن يۇقىرى شۆھرەتكە ئېرىشەلمىدى. چاغاتاي خانلىقى دائىرىسىدە، پەقەت موڭغۇللارلا خان بولۇش سالاھىتىگە ئىگە ئىدى. غەيرى موڭغۇللارنىڭ خانلىقنى تەمە قىلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى»③. ئەمما، ئاشۇ «غەيرى موڭغۇللار»دەپ ئاتىلىۋاتقان تۈرك مىرزىلىرىدا «خان بولۇش»تىن ئىبارەت بۇ «تەمە»-ئارزۇ خېلى بۇرۇنلا بار ئىدى.

بۇ ئارزۇنى«14-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى چاغاتاي خانلىقى ئىلگىرى-كېيىن پارچىلىنىپ كەتكەن»④دىن كېيىن، تۈركلەردىن كېلىپ چىققان بۇلاجىنىڭ نەۋرىسى، تۆمۈر ئىسىملىك يەنە بىر كىشى-ئەمىر تۆمۈر كۆرەگان(ئاقساق تۆمۈر، تۆمۈرلەڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ)ئىشقا ئاشۇردى.

«تۆمۈر TimurLng دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ تەرجىمىسى«ئاقساق تۆمۈر»دېگەنلىك بولىدۇ. بىز بۇنى Tamerlang(تۆمۈرلەڭ)دەپ قوللىنىمىز. تۆمۈرلەڭ 1336-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ماۋەرائۇننەھىردىكى كەش (kesh)دە تۇغۇلغان. كەش-ھازىرقى شەھىرى سەبىز (يېشىل شەھەر دېگەن مەنىدە)بولۇپ،سەمەرقەندنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. تۆمۈر لەڭنى تەتقىق قىلغۇچى تارىخشۇناسلار ئۇنىڭ چىڭگىزخاننىڭ بىر سەبدىشىنىڭ ئەۋلادى ئىكە نلىگىنى دەلىللىدى، ھەتتا ئۇنى چىڭگىزخاننىڭ ئۇرۇقى قاتارىغا قوشتى. ئەمىلىيەتتە، تۆمۈرلەڭ تۈرك، موڭغۇل ئەمەس»⑤،دەيدۇ. فرانسىيە تارىخشۇناسى رېنىي گروسسې مانا مۇشۇ ئەمىر تۆمۈر كۆرەگان 1370-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى 34 يېشىدا تەخىتكە ئولتۇرۇپ، 30 يىلدىن كېيىن «تۆمۈرىيلەر ئىمپىرىيىسى»نى قۇردى. بۇ چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئورنىنى تۈركلەر قۇرغان يېڭى بىر خانلىقنىڭ ئالغانلىقىنى بىلدۈرەتتى. ھەم، بۇ چاغاتاي خانلىقى شەرق ۋە غەرپ دەپ رەسمىي ئىككىگە بۆلۈنگەن چاغ بولۇپ، ئەمىر تۆمۈرنىڭ بۇ خانلىقى ئەسلىدىكى چاغاتاي خانلىقى زېمىنلىرىنىڭ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدىكى پەرغانە ۋادىسىدىن تارتىپ ئارال دېڭىزى ھەتتا كەسپىي دېڭىزىغىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

شۇنىڭ بىلەن چاغاتاي خانلىقىنىڭ غەربىدە قەد كۆتۈرۈپ، پۈتۈنلەي تۈركلىشىپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن موڭغۇللار ئۆزلىرىنى تۈرك مۇسۇلمانلار قاتارىدىكى باشقا بىر خەلق ئورنىدا قويۇپ، چاغاتاي خان ئەسلى پايتەخت قىلغان ئىلى ۋادىسىدىكى ئىلبالىق(ئالمىلىق) ئەتراپىد ىكى يېڭى تۈركلەشكەن موڭغۇللارنى «تۆمۈرلەڭ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ دۆلىتى موغۇلىستان ئاھالىسىنى «جېتە»-بۇلاڭچىلار، قاراقچىلار دېگەن مەنىدىكى سۆز بىلەن ئاتايتتى»⑥دېسە، شەرقىي چاغاتاي خانلىقى زېمىنلىرىگە ۋارىسلىق قىلغان يېڭىدىن تۈركلىشىۋاتقان موڭغۇللار، غەربىي چاغاتاي خانلىقى زېمىنلىرىگە ۋارىسلىق قىلغان، ئاللىبۇرۇنلا تۈرك مۇسۇلمانلىرى قاتارىغا قوشۇلۇپ كەتكەن موڭغۇللارنى، يەنى«ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ماۋەرائۇننەھىر رايونىدا تۈر كلىشىپ كەتكەن موڭغۇللارنى بولسا «قارئۇناس»(ھارامزادىلەر، شالغۇتلار دېگەن مەنىدىكى كىشىنى ھاقارەتلەيدىغان سۆز)دەپ ئاتىدى»⑦. دېمەك، «موغۇل»، «موغۇللار»دېگەن ئۇقۇم تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى ئىلبالىقنى مەركەز قىلغان شەرقى چاغاتاي خانلىقى زېمىنلىر ىدە ياشاپ تۈركلەشكەن موڭغۇللاردىن ئىبارەت يېڭى بىر خەلقنى ئاتايدىغان يېڭى نامدۇر.

ئەمىلىيەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چاغاتاي ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئەگىشىپ كەلگەن موڭغۇ للار ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلۈنۈشلەر جەريانىغا يېڭىدىن قوشۇلۇپ تۈركلىشىپ بولغان، يەنە كونا-يېڭى، ئىلگىرى-كېيىن تۈركىي خەلقلەرگە سىڭىشىپ ئاساسەن تۈركلىشىپ بولغان بۇ يېڭى بىر خەلقنىڭ ھەممىسى «موغۇل»، «موغۇللار»دەپ ئاتىلىشى ئەسلىدىنلا ئورۇنلۇق ئىدى. لېكىن،تارىخچى ۋە تارىخشۇناسلار، بولۇپمۇ مۇسۇلمان تارىخچىلىرى كېيىنكى چاغلاردا، ئەسلىدە خېلى بۇرۇنلا، يەنى 13-ئەسىردە تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ دەۋرىدىلا تۈركلىشىپ مۇسۇ لمان بولغان خەلقلەرنى ئۇلار قۇرغان خانلىقنىڭ زېمىنىنىڭ نامى،مەسىلەن؛«قەشقەر خانلىقى »، «پەرغانە خانلىقى»…دېگەندەك ناملار بىلەن تاكى خانلىقنى قۇرغۇچى داھىلارنىڭ نامى بىلەن مەسىلەن؛«تۆمۈرىيلەر خانلىقى»،«سەئىدىيە خانلىقى»،«بابۇرىيلار خانلىقى »… دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتاپ، كېيىنرەك تۈركلىشىپ مۇسۇلمان بولغان خەلقلەرنى «موغۇل»، «موغۇللار» دەپ ئاتىغان.

يەنە بەزى ئالىملار، چاغاتاي خانلىقىنىڭ غەربىدىكى مۇسۇلمانلار-تۈرك، ئەرەپ، پارس، ھىندىلار«موڭغۇل»دېگەن سۆزنى توغرا تەلەپبۇز قىلالمىغانلىقتىن، موڭغۇللارنىڭ ھەممىسىنى «موغۇل»،«موغۇللار»دەييتى،-دېگەن پىكىرلەرنىمۇ قويۇشىدۇ. ھەتتا 15-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھىندىستاندا بابۇر تەرىپىدىن قۇرۇلغان خانلىقنىمۇ «ئۆمۈرنىڭ(تۆمۈرلەڭ) 6- ئەۋلاد نەۋرىسى بابۇر ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، لۇدخانلىقىغا خاتىمە بېرىدۇ. ئەينى زاماندا، بابۇر ئانىسىنىڭ چىڭگىزخان ئەۋلادىدىن بولغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆزىنى موڭغۇل دەپ جاكالىغانىدى. بۇ نام خاتا تارقىلىپ «موغۇل»بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇ ھىند ىستاندا قۇرغان ھاكىمىيەتمۇ موغۇل ئىمپىرىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ»⑧دىيىشىدۇ. يەنە كېلىپ، ئۆزبېكلەر ھازىرمۇ موڭغۇللارنى «موغۇللار»دەپ ئاتايدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندىمۇ، بىزنىڭ تارىخ تەتقىقاتىمىز 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندىلا ئاندىن رەسمىي شەكىللەنگەنلىكىگە قارىماي، دەل شۇ سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئۆزبېك قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخ تەتقىقاتى ۋە شۇلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى مەنبە قىلغان بولغاچقا، موڭغۇللارنى «موغۇللار»دەپ ئاتاش ھەمدە بۇجەھەتتىكى ئۇقۇم شۇلارنىڭ ئاتىشى بويىچە ئۆزلەشكەن بولىشى ئېھتىمالىمۇ يوق ئەمەس.

ئەمما، بۇ پىكىرلەردە ئازراق مۈجمەللىك بار بولۇپ بۇ 12-ئەسىردىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ 15-ئەسىرگىچە پۈتۈنلەي تۈركىي خەلقلەرگە سىڭىشىپ كەتكەن موڭغۇللار بىلەن بۇ موڭغۇللارنى ئۆزىگە سىڭدۈرىۋالغان باشقا خەلقلەرنىڭ خاس«مىللەت»مەنىسىدىكى چەك- چىگىرىسىنى بەك ئىنچىكە ئايرىشقا ئورۇنغانلىقتىن كېلىپ چىققان مۈجمەللىك. ئۇنداقتا، شەرقىي شىمالىي ئاسىيادا 12- 15-ئەسىرلەردىلا ئەمەس، ھازىرمۇ موڭغۇللار بار، بىراق بۇنىڭدىن 800 يىل بۇرۇنقى چاغلاردا ئوتتۇرا ئاسىياغا كەلگەن موڭغۇللار نەگە كەتتى؟ ئەجەبا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ۋاقتىدا چىڭگىزخاننىڭ يۇرتىغا قوغلىۋېتىلگەنمۇ؟ ياكى ئۇلار چاغاتاي خان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى تۈگىگەندىن كېيىن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كەتكەنمۇ؟ ئەگەر شۇنداق راستىنلا شۇنداق بولسا، «چاغاتاي تىلى»،«چاغاتاي يېزىقى»دېگەنلەر نېمىشقا ئوتتۇرا ئاسىيادا قېپ قالدى؟ نېمىشقا بۇلار«موڭغۇل تىلى»، «موڭغۇل يېزىقى» دېگەن نام بىلەن قېپ قالمايدۇ؟

چۈنكى يۇقۇرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇلار ئاللىقاچان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر گە سىڭىپ كەتكەن، ھەم ئۆز دەۋرىدە ئەنە شۇنداق مۇرەككەپ سىڭىشىش جەريانىنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، خۇددى قەدىمكى ھۇنلار ۋە سوغدىلارغا ئوخشاش سىڭىشىش جاريانىدا يوقىلىپ كەتكەن(ئوتتۇرا ئاسىياغا كەلگەنلىرى). شۇڭا ئۇلارنى ئەنە شۇنداق ئالاھىدە تارىختا شەكىللىنىپ، يەنە شۇنداق ئالاھىدە تارىخىي شارائىتتا بارا-بارا يوقىلىپ كەتكەن خەلق سۈپىتىدە «موغۇل»، «موغۇللار»دەپ ئاتاش ۋە شۇ بويىچە ئومۇملاشتۇرۇش مۇئاپىق.

ئەمدى«موغۇلىستان»دېگەن يەر نامى ۋە بۇ نام ئۆزئىچىگە ئالغان دائىرىگە كەلسەك، بۇ تو غرىسىدىمۇ تۈرلۈك قاراشلار بار. مەسىلەن؛ بەزىلەر 14-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا چاغاتاي خانلىقى يوقالغاندىن كېيىن، 15-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە شەرقىي جەنۇبىي قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستان زېمىنىدە قۇرۇلغان فېئودال موغۇل دۆلىتى، ماۋەرائۇننەھىرنىڭ غەربىي قىسمىدا ئەمىر تۆمۈر(تۆمۈرلەڭ)دۆلىتى، شەرقىي قىسمىدا موغۇ لىستان پەيدا بولغان. بۇ يەردىكى تۈركىي خەلقلەر ۋە تۈركلەشكەن موڭغۇللار 1348-يىلى چاغاتاي ئەۋلادىدىن بولغان تۇغلۇق تۆمۈرنى ئۆزلىرىگە خان قىلىپ سايلىغان. موغۇلىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمى تەتتىسۇ بىلەن ھازىرقى قىرغىزىستان بولغان،دەپ قارىماقتا. يەنە بەزىلەر، موغۇلىستاننىڭ شەرق تەرىپى قالماقلار يېرى(موڭغۇلىيە)بىلەن تۇتاش بولۇپ بارىسكۆل، ئىمىل، ئېرتىشنى ئۆزئىچىگە ئالغان، غەرپتە تۈركىستان(چىمكەنت) ۋە تاشكەنت بىلەن. جەنۇ پتا پەرغانە، قەشقەر، ئاقسۇ، چالىش ۋە تۇرپان بىلەن چىگىرداش بولغان، دەپ قارىماقتا. ئۈچىنچى بىرخىل قاراشنى ئىلگىرى سۈرگخچەلەر بولسا، موڭغۇلىيە زېمىنىنى موغۇلىستان دەپ قارايدۇ.

بۇلارنىڭمۇ ئەڭ ئاخىرقىسىدىن باشقىسى ئاساسسىز ئەمەس. چۈنكى 14-15- ئەسىرلەرد ىمۇ چىڭگىزخاننىڭ يۇرتى گەرچە«موڭغۇلىيە»دەپ ئاتالمىسىمۇ، لېكىن ئۇ يەرلەر «چىڭگىزخا ننىڭ يۇرتى»، «قالماقلار يېرى»، «چىڭگىزخان ئوردىسى»دېگەندەك ناملار بىلەن مەۋجۇت ئىدى. ھەتتا«تارىخىي رەشىدىي»نىڭ ئاپتورى مىرزا ھەيدەر كۆرەگانمۇ«موغۇلىستاننىڭ شەرقىي چىگىرىسى قالماقلار يېرى بىلەن چىگىرداش ئىدى»دېگەن. ئەمىلىيەتتە، بىز دەۋا تقان «موغۇلىستان»نىڭ چىگىرىسى يۇقىرىقى قاراشلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك، ئۇنچە تارمۇ ئەمەس ئىدى.

چۈنكى، ئاشۇ ئوتتۇرا ئەسىرلەرگە كەلگۈچىلىكمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىمالىي ئاسىيادىكى موڭغۇل ۋە باشقا بىر قىسىم تۈركىي خەلقلەرنىڭ بەزىلىرى ياكى ئايرىم قەبىلىلىرى يەنىلا كۆ چمەن تۇرمۇش كەچۈرۈش خاراكتېرىگە ئىگە خەلق بولۇپ، بولۇپمۇ موڭغۇللاردا بۇنداق خاراكتېركۈچلۈكرەك ئىدى. ئۇلار ھەتتا شەھەرلەردە ئولتۇرۇشنىمۇ ئانچە خالاپ كەتمەيتتى. يەنە كېلىپ موڭغۇللار ئىستىلاسىنىڭ ئاخىرىدا، گەرچە چىڭگىزخان ئۆزى ئىستىلا قىلغان زېمنلارنى ئوغۇللىرىغا بۆلۈپ بېرىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن موڭغۇللار ئاساسەن جەمەت خاراكتېرىنى ئۇلۇغلايدىغان بىرگەۋدە سۈپىتىدىكى خەلق بولغاچقا، ھەرقايسى جەمەتتىن بولغان خانلار چېگرا-پاسىللىرىنى بەك ئىنچىكىلەپ ئايرىپ كەتمەيتتى. بولۇپمۇ چاغاتايخان ۋە ئۇنىڭ تۈركلەشكەن ئەۋلادلىرى پات-پات بىر-بىرىنىڭ زېمىنلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، خانلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ زېمىنلىرى پات-پات گاھى كېڭىيىپ- گاھى تارىيىپ تۇراتتى. شۇڭا ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەت ۋە رايۇنلارنىڭ چىگىرىسىغا ئاساسەن«موغۇ لىستان»نىڭ دائىرىسىنى بەك ئېنىق ئايرىپ كەتكىلى بولمايدۇ.

ئەسلى گېپىمىزگە كەلسەك،«موغۇلىستان» ئاساسەن بىز باشتا كۆرسىتىپ ئۆتكەن «موغۇل » ياكى «موغۇللار» ياشىغان جايلارنى كۆرسىتەتتى.

تارىخىي ماتېرىياللاردا «موغۇلىستان» دېگەن جاينىڭ نامى 14-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىد ىن كېيىنكى بايانلاردىن تارتىپ ئۇچراشقا باشلايدۇ. بۇ ۋاقىت دەل چاغاتاي خانلىقىنىڭ شەر قىي ۋە غەربىي چاغاتاي خانلىقى دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. يەنە كېلىپ، 15-16-ئەسىرلەردە غەربىي چاغاتاي خانلىقى(موغۇلىستان)دا تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئەمىر تۆمۈر(تۆمۈرلەڭ)نەۋرىلىرىدىن ئۇلۇغبەگ قاتارلىق موغۇل خانلىرى قۇرغان خانلىقلار مەۋجۇت بولغان بولسا، غەربىي چاغاتاي خانلىقى زېمىنلىرىدا يۇنۇسخان ۋە ئۇنىڭ نەۋر ىلىرىدىن ئەبۇ سەئىد مىرزا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئۆمەرشەيىخ مىرزا، ئۇنىڭ ۋارىسلىرىدىن بولغان بابۇر ۋە سەئىدخانلار قۇرغان خانلىقلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتاتتى، ھەم بۇ شەرق ۋە غەرپتىكى خان-پادىشاھلار 100-150 يىل بۇرۇنلا باشلانغان قۇدا-باجا، ئۇرۇق -تۇققانچىلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قوشۇلىشى، يەنى موڭغۇل ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ قوشۇ لىشىنى تولۇق تاماملاپ، رەسمىي «موغۇل»لىشىپ بولغانىدى.

لېكىن، تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئەمىر تۆمۈر(تۆمۈرلەڭ)لەرنىڭ بۇ يېڭى ئەۋلادلىرى يەنىلا تارام-تارام سۇيۇرغاللىق زېمىنلەرگە ئىگە بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم خانلىقلارنى قۇرغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە «موغۇلىستان»دېگەن ئۇقۇم يەنىلا بار ئىدى. ھەم بۇ شۇچاغدىكى «موغۇ للار»نىڭ چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدىكى ئەنئەنىۋىي زېمىنلەرنى دائىرىلەرگە بۆلۈشتىكى ئەنئە نىۋىي ئۇسۇلى ئىدى.

تارىخىي ماتېرىياللار ۋە تەتقىقات ماتېرىياللىرىدا «موغۇلىستان»دېگەن جايلارنىڭ چېگىر ىسى كۆكۈنچە ھاللاردا، ئاساسەن مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگاننىڭ «تارىخىي رەشىدىي» دېگەن كىتابىدا بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسەن ئايرىلىدۇ. «تارىخىي رەشىدىي»دە مۇنداق دىيىلىدۇ ؛ «ھازىرقى موغۇلىستان دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ يەرنىڭ ئۇزۇنلىقىمۇ، توغرىسى (كە ڭلىكى)مۇ يەتتە-سەككىز ئايلىق يولدۇر. ئۇنىڭ شەرق تەرىپى قالماق زېمىنى بىلەن تۇتاش بولۇپ، ئۇ تەرەپنى بارسكۆل(ھازىرقى قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ باركۆل ناھىيسى)، ئەمىل(ھازىرقى شىنجاڭدىن باشلىنىپ قازاقىستاندىكى ئالاكۆلگە قۇيۇلىدىغان ئىمىل دەرياسى) ۋە ئەر تىش( ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىدىن باشلىنىپ شىمالغا ئېقىپ، سىبىرىيە ئارقىلىق شىمائىي مۇز ئوكيانغا قۇيۇلىدىغان دەريا)دەپ ئاتايدۇ. شىمالىي تەرىپى كۆكچى دېڭىز، بوملىش ۋە قاراتال (شەرقىي شىمائىي تەرەپتىن بالقاش كۆلىگە قۇيۇلىدىغان دەريا)غا تۇتۇشىدۇ؛ غەرب تەرىپى تاشكەنت ۋە تۈركىستا ندۇر. جەنۇب تەرىپى پەرغانە ۋىلايىتى، كاشىغەر، ئاقسۇ، چالىش ۋە تۇرپانغا تۇتۇشىدۇ. بۇ تۆت تەرەپ چىگىرلىرىدىن پېقىر جەنۇب چىگىرلىرىدىكى يەرلەرنىلا كۆردۈم»⑧دىيلىدۇ.

مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان كۆرسىتىپ ئۆتكەن «موغۇلىستان»نىڭ چىگىرىسى ناھا يتى ئېنىق بولۇپ، بۇ شەرقىي چاغاتاي ئەۋلادلىرىدىن بولغان«موغۇللار» ياشىدى، دېگەن دائىر ىلەرگە ئۇيغۇن ياكى ئۇنىڭدىن كەڭرەك.

ئۇنىڭدىن كېيىنكى تارىخچىلاردىن، كلاسسىك تارىخچىلىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولغان موللامۇسا سايرامى«تارىخىي ئەمىنىيە»دېگەن كىتابىنىڭ ئاخىرىدا، ئۆزىنىڭ بۇ مەلۇ ماتنى«تار ىخىي رەشىدىي»دىن ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ؛«موغۇلىستاننىڭ شەرقىي چىگىراسى بالە كۆل(بارىسكۆل، ھازىرقى باركۆلنى كۆرسىتىدۇ) ۋە قۇمۇل، شىمالىي چىگىراسى كاتتا دېڭىز، غەرب تەرىپى تاشكەنت، چاقسىمان ۋە ئەنجان ۋىلايىتى، سامغىر ۋە لەئىلى كان بەدەخشى؛ جەنۇب تەرىپى تىبەت ۋە قاراڭغۇتاغ(قارا قۇرۇم تاغ تىزمىلىرى) ھەم ئۇيغۇرلار ۋىلايىتىدۇر. بۇ چىگىرا ئىچىنى پارامىندا(چىڭگىزخاننىڭ جاساق قانۇنى)دا «موغۇلىستان» دەپ ئاتاپتۇ. ئۈرۈمچى، چۆچەك ۋە ئىلىمۇ مۇشۇ چىگىرا ئىچىگە كىرىدۇ. موغۇلىستاندا بۇ شەھەرلەرنى يەتتە شەھەر دەپ ئاتاپتۇ. يەتتە شەھەر دېگەنلىرى- قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ،ئۈچتۇرپان،كۇچا، تۇرپانلاردىن ئىبارەت. بۇ شەھەرلەرنى چىن ئەھلى(نەنلۇ باچىڭ) دەيدۇ. بۇ دېگىنى، جەنۇپتىكى سەككىز شەھەر، دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ خىل ئاتىغاندا سە ككىزىنىچى شەھەر كورلا بولۇشى مۇمكىن. بۇ يەتتە شەھەرنىڭ پايتەختى قەدىمكى مۇسۇلمان خانلىرى زامانىسىدا تۇرپان بىلەن يەكەن ئىكەن»⑨،دەپ سەل كىچىكلىتىپ، ئاساسەن ھازىرقى شىنجاڭنىڭ دائىرىسىنى كۆرسە تكەن. بەلكىم مىرزا مۇھەممەد ھەيدەركۆرەگان ياشىغان دەۋىردىن 300 يىلدىن كېيىنكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى موغۇلىستان شۇنچىلىك بولۇپ قالغان بولسا كۋرەك.

يەنە،«مىڭ سۇلالىسى تارىخ ماتېرىياللىرىدا موغۇلىستان«بېشبالىق»،بېشبالىقنىڭ ھۆكۈمرانى چاغاتاي ئەۋلادى ئۇۋەيىسخانىدى، ئۇ قەبىلىسىنى باشلاپ غەرىپكە كەتتى، دۆلىتى نىڭ نامىنى ئېلبالىققا ئۆزگەرتتى»⑩ دىيىلگەن بولۇپ، گەرچە، بۇ يەردە «بېشبالىق» شەرھر ىنىڭ پەقەت نامىلا تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى ئېلبالىقنىڭ شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنى پايتەختى ئىكەنلىكى ئېنىق قەيت قىلىنغان. شۇڭا بۇمۇ«تارىخىي رەشىدىي»دە كۆرسىتىلگەن دائىرىدىن يىراقلاپ كەتمەيدۇ. مەسىلەن؛ فرانسىيە ئالىمى رېنىې گروسسىې «چىڭگىزخان»دېگەن كىتابىدا:«موغۇلىستان، يەنى ئىسسىقكۆلنىڭ ئەتراپى،تالاس دەريا سى بىلەن ماناس دەرياسى ئارلىقىدىكى رايۇنلار ئىدى»11دېسە، «ئىمپىراتۇر تۆمۈرلەڭ» ناملىق يەنە بىر كىتابىدا بۇنى سەل كېڭەيتىپ؛«شەرقىي چاغاتايلار موغۇلىستان، يەنى تالاس(تىراز)دەرياسى، ئىسسقكۆل، ئىلى دەرياسى، يۇلتۇز دەرياسى، ماناس دەرياسى ۋادىلىرى ۋە قەشقەرنىڭ كۆپ قىسىم رايۇنلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى»12دەپ كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە ېرنىې گروسسېنىڭ «قەشقەرنىڭ كۆپ قىسىم رايۇنلىرى» دېگىنى پۈتۈن جەنۇبىي شىنجاڭنى كۆرسىتىدۇ، دېيىش ئەقىلگە مۇئاپىق، ئەلۋەتتە.

جۇڭگو ئالىملىرىدىن ۋېي لياڭتاۋ؛«ھىندىستاندا بابۇر قۇرغان خانلىقنى، شىمالدىكى چىڭگىزخان قۇرغان موڭغۇل خانلىقىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى «ھىندىستاندىكى موغۇل ئىمپىرىيىسى»دەپ ئاتاش كېرەك»13، دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ «موغۇل»دېگەن نامنى قوللۇنۇشقا قوشۇلىدۇ ۋە «شەرقىي چاغاتاي خانلىقى ئەسلىدىكى چاغاتاي خانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەركىزى قىسمى تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى «موغۇلىستان»ئىدى»14دەپ كۆرسىتىپ،«موغۇلىستان»نىڭ زېمىنى مۇقۇملاشتۇرىدۇ. دېمەك، تارىختىكى موغۇلىستان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزىدىكى شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا شەرق تەرىپى موڭغولىيىگە تۇتاش قۇمۇلغىچە، شىمال تەرىپى بالقاش كۆلىگىچە، غەرب تەرىپى ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستانغىچە، جەنۇب تەرىپى پەرغانە ئويمانلىقى، تىبەت، جۇچۈەنلەرگىچە بولغان كەڭ رايۇنلار ئىدى.

تارىختىكى «موغۇل»، «موغۇللار» ۋە «موغۇلىستان»دېگەن ناملار تارىخىي ماتېرىياللارغا يېزىلىپ، تارىخ، جۇغراپىيە تارىخى ۋە ئىتنۇگىرافىيە تەتقىقاتلىرىدا زور پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە نام ۋە ئۇقۇملار بولۇپلا قالماي، بەلكى، موغۇل خانلىرىدىن ئاخىرقىلىرىدىن بىرى بولغان زەھرىددىن مۇھەممەد بابۇر ھىندىستاندا قۇرغان ئىمپىرىيە «ھىندىستاندىكى موغۇل خانلىقى» 15، «ھىندىستاندىكى موغۇل ئىمپىرىيىسى»16دېگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ مو ڭغۇللاردىن پەرقلىق ھالدا دۇنيا تارىخىنىڭ ئالتۇن بەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.

ئىزاھات ۋە پايدىلانغان ماتېرىياللار:

①③ ليۇزىشىياۋ؛«ئۇيغۇر تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1987-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 710-، 711-بەتلەر.

②④⑦⑩ ۋاڭ جىلەي؛«ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى»، شىنجاڭ جەلق نەشرىياتى، 1999-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 425، 427، 430-بەتلەر.

⑤12رېنې گروسسې(فرانسىيە)؛«ئىمپىراتۇر تۆمۈرلەڭ»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 1-، 25-بەتلەر.

⑥ۋ.ۋ.بارتولد(روسىيە)؛«يەتتىسۇ تارىخى ئوچېرىكلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 126-بەت.

⑦16 چېن خەنشېڭ؛«ھىندىستاندىكى موغۇل ئىمپىرىيىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1988-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 9-بەت.

⑧مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كۆرەگان؛«تارىخىي رەشىدىي»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2007-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 2- كىتاب، 795-بەت.

⑨موللا مۇسا سايرامى؛«تارىخى ئەمىنىيە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 396-بەت.

11 رېنې گروسسې(فرانسىيە)؛«چىڭگىزخان»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 279-بەت.

1314ۋېي لياڭتاۋ؛«يەكەن خانلىقىنىڭ تارىخىدىن ئومۇمىي بايان»، شىنجاڭ خەلق نەشر ىياتى، 1999-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 7-، 8-بەتلەر.

15سەئىدفەيياز مۇھەممەد(پاكىستان)؛«ئىسلام دىنىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1996-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 930-بەت.

2010-5-7

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 18 July 2011
ئاپتۇر: Karahan
http://uyghuracademy.com/?p=18300
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6060
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 78
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە78دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 830 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-12
ئاخىرقى: 2011-09-02

شىنجاڭ 2- قانالدا باشقىچىلا دەيدىكەن بۇ تارىخلارنى
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1369
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1369دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 14530 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-01-07
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-23 10:10

بابۇر شۇنچە ۋاقىتتىن كىيىن ، يەنە نەچچە ئەجدادى يەرلىكلىشىپ، تۇرۇكلىشىپ بولغاندىن كىيىنمۇ يانا ئوزىنى مۇڭغۇل دەپ ئاتىغان  شۇنداقمۇ ؟  ئوزبىكلەرنىڭ بىر فىلىمىدە ئۇنى ئوزبىك دەپ ئالغانلىقىنى كورگەن ئىدىم ،،  مەن ئىزدەپ يۇرگەن تارىخلار ئىكەن رەھمەت مۇختەرباي
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3301
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 169
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە169دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1710 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2012-01-02
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-23 18:18

ھەر كاللىدا  ھەر خىيال  بىر مىللەتنىڭ تارخىنى   ھەر مىللەتتتىن بولغان تەتقىقاتچىلار  ئۆزىنىڭ  قاياشى بۇيىچە  تەتقىق قىلىۋېرىدۇ  ئاخىرىدا  بىر قانچە  خىل قاراش  شەككىلىنىدۇ    
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6889
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 155
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە155دانە
ئۆسۈش: 680 %
مۇنبەر پۇلى: 2063 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-03
ئاخىرقى: 2012-01-06
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-26 23:21

      مەسىلەن  تاڭ سۇلالىسىدە ئۆڭلۈك سۆيگۈن  توپىلىڭىنى باستۇرۇشۇپ  بەرگەن  ئۇيغۇرلار  پايتەخت  لوياڭنى ئىككى قېتىم بۇلاڭ  تالاڭ  قىلغان  .(بۇلار  بۇ  يەردە  تۈزۈلگەن تارىخ ماتىرىياللىرىدا  ئۇچرىمايدۇ .) شۇنداقلا   ھەريىلى  20مىڭ ئاتنى ئەكىرىپ  تاڭ خانلىقىغا  مەجبۇرى  سېتىپ  ، يىپەك  چاي  دېگەندەك  نەرسىلەرنى ئەپچىقىپ  كېتەتتىكەن .لېكىن  بۇ   جوڭگو تارىخي  كىتابلىرىدا ئولپان دەپ خاتىرىلەنگەن......