نىمىشقا قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئىيتقىنە قۇياش ؟
بىر شېرىن چۈش كۆرۈپ ئويغىنىپ باقسام --
سەن يەنە ئۆز پېتىڭ ، مەن بولسام ئاقباش !
تاش دەريا تەكتىدە ، كۆپۈكلەر لەيلەر ،
ئالتۇن يەر تەكتىدە دىلنى رام ئەيلەر .
ئالتۇندەك ئىنسان بار ، كۆپۈكتەكلەر ھەم ،
بىرى باغ كۆتۈرسە ، بىرى كېپ چەيلەر .
توققۇزى تەلنىڭمۇ باردۇر بىر غىمى ،
ئاچ كۆزگە بىلىنەر تەلنىڭمۇ كېمى .
نەپسىڭنى تىزگىنلەپ سالمىساڭ يۈگەن ،
سەن ئۈچۈن تەيياردۇر ھالاكەت ھېڭى .
ئانىلار بابىدىن سۆز ئاچما ئاداش ،
بالا بوپ بىر قاچا سۇنغانمىدىڭ ئاش ؟
ھالىغا يەتمەستىن تىرىكلىكىدە .
ھەي ، ئەمدى نە ھاجەت ، قەبرىسىن ياساش ؟
ئۆلۈمنىڭ ياش بىرلە نە كارى - ئىشى ؟
ئاخىرى تۇپراققا يەم بولۇر كىشى .
ھەر نەرسە تاپقىنكى مىنىڭلا دېمە ،
سۇ كەتسە قالىدۇ ئۆستەڭنىڭ تېشى .