ئۈمىد ئىنساننى ئالغا ئۈندەيدۇ.
ئۈمىد ئىنساننى ئالغا ئۈندەيدۇ،
قىيىنچىلىققا ئۈمىد كۆن دەيدۇ.
مەنىسىز ياشاپ ئۆتكەن كۈنۈڭدىن،
مەنىلىك چۈشكە ياخشى تۈن دەيدۇ.
ھاياتلىق پەسلى تۆتكە بۈلۈنگەن،
زىمىستاندىمۇ دەۋىر گۈللەنگەن.
ياز كېتىپ كەلگەن كۈزنىڭ دەردىنى،
تەپسىلى قىشتەك باھار بىلمەيدۇ.
كۈزدە تۆكۈلگەن ياپراقنى باھار،
شۇنچىلىك سوغۇق قىشتا قىلماي خار.
مۆتىدىل كۈزدە تۆكۈلگەنلىكتىن،
ئۆچى بار كەبى كۈز نى تىللايدۇ.
ئۆچمەنلىك پەسلى ئىنسانلارغىمۇ،
كۆز ئالايتماقتا ئېھسان لارغىمۇ.
ئاۋۇ كۆپ قىلغان خەيرى ئېھساننى،
ماۋۇ كۆرەلمەي دىر-دىر توڭلايدۇ.
بىز ئۆچمەنلىكنىڭ قۇربانى بولدۇق،
مەنمەنچىلىكنىڭ سۇلتانى بولدۇق.
ئۆچ ئاداۋەتكە تولغان سۇلتاننىڭ،
قەلبى ھېچكىمگە مېھىر بەرمەيدۇ.
كۆرەلمەسلىكمۇ ۋاباغا ئوخشاش،
چاپلاشقانلىقتىن جىق بىزدە قاقشاش.
مۇشۇنداق ۋابا ئاينىغان جايدا،
بەخىتتىن بىزنى ئازاب كۈنلەيدۇ.
كۈنلەمچى ئەرلەر، كۈنچى ئاياللار،
كۈنلەش توغۇرلۇق سۈرەر خىياللار.
خىيالغا پاتقان نىكاھ بىر كۈنى،
ئايرىلىش ئۈچۈن بەخىت تىلەيدۇ.
سېخى ئىنسانلار قىلغان ساخاۋەت،
پەيدا قىلسىمۇ ئاغرىق ئاداۋەت.
ئاغرىق تۈپەيلى بىمەھەل ئەشۇ،
ئىنسان ئۆلسىمۇ ئېھسان ئۆلمەيدۇ.
بىرسى كۈنلەمچى، بىرسى كۆرەلمەس،
بىرسى خۇش بولسا بىرسى كۆلەلمەس.
ئىللەتلەر بىلەن يۈرسەك ماختىنىپ،
قانداقمۇ ئانا دىيار گۈللەيدۇ؟
تالاشمايلى بىز، غاجاشمايلى بىز،
قاۋاقتا رومكا يالاشمايلى بىز.
ئەي قېرىنداشلار ھامان بىر كۈنى،
ئىنسان جاھاندىن كەتسە كەلمەيدۇ.
قىزغىن