باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1048 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۆلۈم كۈيلىرى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8162
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 12
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
ئۆسۈش: 230 %
مۇنبەر پۇلى: 290 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-16
ئاخىرقى: 2012-01-05
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-18 23:56

ئۆلۈم كۈيلىرى

ئۆلۈم كۈيلىرى


1  
ئۆلۈم،  
ئۆلۈمدىن قورقىدىغىنىمنى ئەسلا ئىنكار قىلمايمەن...  
ھەقىقەتنىڭ باشلىنىشىدا،  
زۇلمەتنىڭ ئاخىرلىشىدا،  
ئۆلۈمنى سۆيگۈچىلەرنىڭ ناخشىلىرىدا،  
ئۆلۈم ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرىدا،  
ئەگىز سۇلىرىنىڭ دولقۇنلىرىدا،  
يالتىراۋاتقان يىشىللىق...  
ئاداققى باھارنى كۆرمەي تۇرۇپ  
قارىنى ئاقتا سۇغۇرماي تۇرۇپ  
باياۋان ئاچىلىدا  
بارىدىغان مەنزىلىمنىڭ ئۆلۈم ئىكەنلىكىدىن تەنلىرىم شۈركىنىپ كىتىدۇ...  
  
2  
يىگىرمە تۆتنىجى يازدا چۈش كۆردۈم،  
قار يىغىۋاتقان مۇددىھىش كېچە  
سۇغۇغتىن شۈركەنگەن تەنلەر  
ئەتراپ،  قىپقىزىل تاۋار يوتقان يىپىۋالغان  
قار بۇۋاي قىرائەت قىلماقتا...  
غالجىرلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىتلار قاۋىماقتا  
كىشىلەر دىرىزە كەينىگە مۆكىۋىلىشقان،  
يۇلتۇزلار كۆچمەكتە،  
ئاي تولغان غەزەپتىن نۇرلىنىپ  
لىكىن،  
نۇرلىرى سىڭىپ كەتكەن ساي – سايلارغا  
ئوتقاشتەك سەل ئاقماقتا تاشتىن - تاشقا.  
قارايغان، سەھەر  
سېنىڭ چۈشلىرىڭنى يازماقتا...  
بىر توپ قۇشلار ئۇچۇپ كەتتى ئۇپۇققا قاراپ  
مىڭ تۈپ چىنار ۋەتىنىنى قۇچاغلاپ يىقىلدى ياپياش،  
قىزلار قول پۇلاڭلىتىپ يىغلىماقتا قۇشلارنى ئۇزاتقاچ ...  
لىپمۇلىق ئارمانغا تولغان قەدەھلەر چېقىلماقتا.  
جۇدالىق ـ  
قىيام بولغان سۆز ...  
ئەتراپنى يۈرەكلەرنىڭ ئەسەبىي سوقۇش ئاۋازلىرىغا جۆر قىلغان،  
بىردىن چىقىپ كەلدى كوچىغا ئاشىقلىق ناخشىسىنى توۋلىغان ساراڭ،  
« خۇش ھېدى كەتمىدى تېخى ھاياتنىڭ،  
مەردانە ئېچىلدى مىڭ دانە گۈلۈم.  
بىغىشتىن قايرىلغان تۈمەن قاناتنىڭ،  
باشلىغان مەنزىلى ئۆلۈمدۇر، ئۆلۈم»  
...  
كوچىلار بىنەپشىرەڭ گۈللەرگە پۈركەنگەن.  
قىلىچ بىسىدەك شىۋىرغان چىقماقتا  
تانسىخانىلارنىڭ چىراقلىرى ئۆچۈرۈلگەن،  
كەچكى بازاردىكى قوغۇنچى بۇۋاي ھەم كىتىپ قالغان شامغا ئالدىراپ،  
چۆچۈرىدەك بالىلار ئۇنىڭ يولىغا قالغان قاراپ  
بىر تىلىم قوغۇن - بىر نەپەس ھايات ...  
ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىغىدەك رىئاللىق،  
غايىپتىن كەلگەن بىر پاي ئوقتەك ھالسىراتقان  
تاش شەھەرنى.  
ھەممە ئۇيقىغا كەتكەندەك  
ھەممە ئۆلۈپ كەتكەندەك،  
ۋاراڭ – چۇرۇڭغا تولغان جىمجىتلىق  
...  
بۇۋاق قېقىلىپ – قېقىلىپ يىغلىماقتا.  
ئاھ! ئوغلىنىڭ يولىغا تەلمۈرىۋاتقان  
كۆزلىرى ئەنسىزلىككە تولغان ئانا ...
تال – تال قوۋرۇقلىرى توختىماي سىلكىنىۋاتقان  
ئىپپەت دەشتىدە پىچاقسىز ئاتا.  
ئاسمان يىغلىماقتا...
تاغلار يىرىلماقتا...
يەر جاراھىتىنى سىلىماقتا...  
سەن ئۈچۈن،  
ھاياتلىق بايرىقىنى يىرىم چۈشۈردى!
  
3  
يىگىرمە تۆت باھار،  
يىگىرمە تۆت ياز،  
يىگىرمە تۆت كۈز،  
يىگىرمە تۆت قىش،  
...  
باھار،  
بىر سىقىم تۇپراققا كۆڭلىنى ئىزھار قىلالماي ئاۋارە...  
ياز،  
بىر چىمدىم تۇپراقنى ئاغدۇرۇماقتا.  
كۈز،  
ھوسۇلسىز ئېتىزلاردا پارە-پارە.  
قىش،  
بىر قەترە تۇپراققا كۆمۈلگەن  
...  
ئىپپەت دەرىسى سۆزلەۋاتقان قەلەندەر  
ئالقىنىدا كۆيىۋاتقان سەمەندەر  
ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ يىنىمدىن ئۆتكەندە  
بۇ ئاسماننىڭ يىراقلاپ كەتكىنىنى ھېس قىلىغان  
شالغۇتلىشىپ كەتكەن نېرۋىلىرىمنى تىڭشىماقتىمەن...  
ئاسماننى كەتتىم قوغلاپ،  
ئاھ، كۆپكۆك ئاسمان ...  
  
4  
ئېسەدەپ ئويغۇنۇپ كەتتىم،  
بىشىمنى سىيلاۋاتاتتى مىھرىبان ئانام.  
ئېھ، تۇزدەك مىھىرلىك كۆزلەر،  
كۈلۈمسىرەشلىرىڭدە يۈزلىرىم ئوت بولۇپ يانىدۇ.  
كۈلۈمسىرەشلىرىڭدە كۆزلىرىم ئۆلۈمنى ئىزلەپ تاپىدۇ...  
ئۆز ئوتىدا كۆيىۋاتقان  
ئۆز سۈيىدە ئۆچىۋاتقان...  
دوزاققا ئوتۇن توشىۋاتقان ۋەتەنسىزلەر،  
ئىپپەت بالاغىتىدە پىيادىلەر  
ھاياتىڭغا پۈتمەس قەرىزسەن، قەرىز...  
ئەي، ياشلارغا جاۋابكار،  
ئەي، دەسسەپ تۇرغان زىمىنغا خىيانەتكار،  
ئاسماننىڭ ياشلىرىدا پاك بولۇشنى ئويلاۋاتقان،  
بىپەرۋا مەخلۇق!  
ئۆزۈڭدىن، قىساس ئال!  
قىساس!
مەنبە: قەلەم
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8217
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 6
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 70 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-19
ئاخىرقى: 2011-08-09

ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ...
ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىلايلى...
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8162
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 12
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
ئۆسۈش: 230 %
مۇنبەر پۇلى: 290 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-16
ئاخىرقى: 2012-01-05
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-14 01:53

ئۆلۈم چەكسىز بىر بوشلۇق. ئۇنىڭدا نۇرمۇ شۇنىڭدەك قاراڭغۇلۇقمۇ مەۋجۈد. ئۆلۈم دەل شۇمۇ ئىككى خىل ئۇقۇمىنىڭ بىرىگە ئېرىشىشنىڭ شەرتى.
دوستلىشىش
شەھىدە432
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7310
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 34
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە34دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 490 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-09
ئاخىرقى: 2012-01-07
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-14 07:12

سىزگە سالام
«گۇگۇم چۆچىكى» نى قانداق ياقتۇرغان بولسام بۇ شىئېرىنىمۇ شۇنداق ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم، ئەسەرلىرىڭىز بىلەن داۋاملىق كۆرۈشۈش ئارزۇسىدا مەن.
قۇللارنىڭ ۋەتىنى بولمايدۇ.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8162
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 12
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
ئۆسۈش: 230 %
مۇنبەر پۇلى: 290 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-16
ئاخىرقى: 2012-01-05
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-14 08:20

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!

ئارزۇلارنىڭ تېزراق روياپقا چىقىشىغا تىلەكداشمەن.