باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 888 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: دەۋر ۋە دۇنيا ( مۇھەممەتجان راشىدىن )
ھايات -كۆرەش،پۇرسەت،نەتىجە دىمەكتۇر.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 191
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 858
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە858دانە
ئۆسۈش: 2702 %
مۇنبەر پۇلى: 8962 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-29
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-16 22:28

دەۋر ۋە دۇنيا ( مۇھەممەتجان راشىدىن )

دەۋر ۋە دۇنيا
مۇھەممەتجان راشىدىن

دەۋر گويا پادىشاھ، دۇنيا كارۋان ئاۋامدۇر،
دەۋر خۇلقى خوپ بولسا، ئاۋام يولى راۋاندۇر.
ھارۋاڭ ھامان خەتەردە، يامان خۇيلۇق ئات قوشساڭ،
دەۋر روھى بوزۇلسا، دۇنيا تامام داۋاندۇر.

دەۋر گويا دېڭىزدۇر، دۇنيا ئۇنىڭ دولقۇنى،
تىنچ تاپسا دولقۇنى، بېسىلمايدۇ شاۋقۇنى.
بولۇپ قالدى مويسىپىت، دۇنيا تىلەپ ئەمىنلىك،
جۇدۇنلىرى جۇت تاشلاپ، كۆيدۇرىدۇ يالقۇنى.

دەۋر بىلەن دۇنياغا ئۇزاقلاردىن ھەيران بىز،
بىر دەۋردە باي بولساق، بىر دەۋردە ۋەيران بىز.
بىرلىرىنىڭ كۆزىدە گۆھەردىنمۇ ئەتىۋا،
بىرلىرىنىڭ كۆزىدە ئادەم ئەمەس ھايۋان بىز.

گاھ ئايلاندى دوزاخقا دۇنيا دەۋر ۋەجىدىن،
گاھ دەۋرانلار تەڭرىگە ياندى بەرگەن ۋەدىدىن.
ئاددى سەھۋەن ئەمەس بۇ، گاھى ئېزىپ كەتكەندەك،
سازەندىسى سورۇننىڭ چېلىۋاتقان پەدىدىن.

دۇنيا ئىشى ئوڭشىلار، ئوڭلۇق بولسا دەۋرلەر،
پاراغەتكە ئۆيلىنەر جىمى جاپا-جەبرىلەر.
دەۋر قىلسا تەبەسسۇم، كۈلەر شۇئان دۇنيامۇ،
بىر-بىرىنىڭ مىھرىدە چوڭ بولۇشار نەۋرىلەر.

بىردە ئېگىز، بىردە پەس ئۇچقان كەبى ھۆپۈپ قۇش،
بولۇپ كەلدى ئېگىز-پەس دەۋرلەردە ئەقىل، ھوش.
دولقۇن بولسا دەريادا، كېمەڭ تېنچ تاپقايمۇ،
ئەنسىز جايدا ھېچكىمنىڭ بولغان ئەمەس كۆڭلى خوش.

دەۋران ئىكەن دەۋرگە ھۆكۈمالار ئەسلىدە،
ياشايدىكەن ئۇنداقلار بىر راھەتنىڭ ۋەسلىدە.
نۇرغۇنلىرى قىش بېرىپ، بىز ياشىغان دۇنياغا،
ياشايدىكەن تۆت پەسىل ئۆز باھار پەسلىدە.

تەزكىرىسى يېزىقلىق دەۋرلەرنىڭ ساناقسىز،
قالدى، ئەمما ئۇلاردىن دۇنيا ئادىل جاۋاپسىز.
تەڭشەلمىگەن ئالەم دەپ، ئالدى بىر نام جاھانمۇ،
تالاي دەۋر خوپ كېلىپ، كەتتى ئالقىش –چاۋاكسىز.

دەۋر بىلەن دۇنيانىڭ ئارىسىدا قېرىدىم،
گاھ جۇدۇندا مۇز تۇتسام، گاھ تومۇزدا ئېرىدىم.
تالاشمىدىم ھېچكىمدىن دەۋرانلىق ھەم نادانلىق،
دەرتمەن دۇنيا قەلبىمگە مەنمۇ شېئىر تېرىدىم.

يېتەلمىدىم ئات چېپىپ شائىرلىقنىڭ چېكىگە،
دەۋر بىلەن دۇنيانىڭ چىقالمىدىم چېتىگە.
زېمىندىكى جەننەتكە ئايلانمامتى بۇ ئالەم،
كىرگەن بولسا ھەر دەۋر ئادالەتنىڭ گېپىگە.

بارچە دەۋر بولسىدى قوياشى بار ئاسماندەك،
چاڭقىغاندا دالا-تۈز، شۇئان يامغۇر چاچقاندەك.
ئايلىناتتى جەلىپكار بىر مۇقەددەس دەرسكە،
ھاياتلىقنىڭ مىزانى، تەڭرىم يازغان داستاندەك.

شۇ ئارزۇدا-ئارماندا دەپتەر ياپتىم ئاخىرى،
توۋلاپ قويۇپ كەتكەندەك كۈزدە چۆلىنىڭ قاقىرى.
ئىزىمدىكى ئەزىزلەر بىر كۈنلىرى سىلەرمۇ،
دەۋر بىلەن دۇنيانىڭ بولىسىلەر شائىرى.


مەنبە: << ئىلى دەرياسى >> ژورنىلى
[ بۇ يازمىنىalmiliq 2011-07-17 13:41قايتا تەھرىرلىدى ]
پۇرسەت سىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، لىكىن پۇرسەت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا پەرۋانىدەك چۆرگۈلەپ تۇرىدۇ، گەپ سىزنىڭ بايقشىڭىزدا. تىرىشچانلىق، سەمىمىيلىك، ئىشەنچ سىزگە بايلىق ئاتا قىلىدۇ. كۈنىڭىز مەنىلىك، ئەھمىەتلىك،خوشال ئۆتىدۇ.
‹بارلىق ئەمەللەر نىيەت بىلەن بولىدۇ...›ھەدىس شە& ..
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4954
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 612
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە612دانە
ئۆسۈش: 1670 %
مۇنبەر پۇلى: 4755 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-02-26

نىمدىگەن پاسا ھەتلىك شىئېر بۇ!
ھەقىقەتەن ياخشىكەن
‹ئىنسان پەقەت ئۆزقىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ›سۈرەنەجمە-39ئايەت