تاڭ ئىتىپ ئۇيغاندىم خيال ئىلكىدە.
ئويلۇرۇم ھەرقاچان ۋىسال ئىلكىدە،
ئۇتۇڭدا مەن كۈيۈپ دەرىتلەر چىكمەن.
بىلمەيسەن سەن تىخى سەبى كۇلكىدە.
قاچىسەن قانچىكى ئىگلىپ تۇرسام،
تۇتالماي مەن سىنى چۆللەرنى كەزدىم،
ئاھ ..دىدىم ئۈزۈمنى دەرياغا ئاتتىم.
ئىرىشتىم يەنىلا ئاينىڭ شولىسى.
ئەرگە يەر، يەرگە ئەر، كىرەك ئەمەسمۇ؟،
ماڭا گۈل،سىزگەئىززەت ھاجەت ئەمەسمۇ؟
بىراۋلار تاللىسا ۋەتەن مىللەتنى؟
تاشلىماي يۈرۈيسەن خاتا ئىللەتنى .
پۇرسەتلەر بەرمىدىڭ كۆيسەممۇ شۇنچە؟
قاقاقلاپ كۈلسەن ياتلار شەھىرىدە،
مەنلا يارسىز قىينالدىم چىمەنلىكلەردە،
قۇياش چۈشكەن بىشىمغا ،قۇنمۇدۇڭ ئەجەپ.
كىچەلمەيمەيمەن سىنڭدىن،يۇرتۇمنىڭ گۈلى،
مىنى مەسخۇش قىلىدۇ ئەركىنلىڭ ھىدى؟
پۇراپ قانماي كۈز كەلدى،تۇزۇدۇڭ ئەجەپ،
قانارمانمۇ شۇ ھىدقا ،ئۇھسۇندۇم ئەجەپ؟
2011-07-16 كۇن جۈمە