ئانا مەكتىپىمنىڭ ئارسلانلىرى.
ئايخان ئانا (1882-1942-يىلى)
چۈشۈرۈش (63.89 KB)
2010-11-29 00:07
ئايخان تۇردى ئانا 1882-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان. غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكەن تۇردى باي دىگەن كىشىنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ كىچىكىدە ئىلغار زاتلار ئاچقان پەننى مەكتەپتە ئوقۇغان بولغاچقا ،شۇ دەۋرنىڭ ئىدىيىسى ئىلغار كىشىلىرىدىن بىرى ئىدى. غۇلجا قازانچى مەھەللىسىدە 70 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بار (ھازىرقى 21-باشلانغۇچ مەكتەپ)،ھازىرغا قەدەر بەزى كىشىلەر بۇ مەكتەپنى «ئايخان مەكتىپى »دەپ ئاتايدۇ. بۇ مەكتەپنى قۇرغۇچى _ دەل ئايخان تۇردى ئانىدۇر.
ئايخان ئانىنىڭ يولدىشى ئالەمدىن ئۆتكەندە ئۇلارنىڭ پەرزەنتى يوق ئىدى. كېيىن ئايخان ئانا ئىنتايىن غېرىپسىنىپ قالغان. ئۇ جەمئىيەتتىكى
كوچىدا قالغان بالىلارنى كۆرۈپ ئۇلارنى بېقىۋېلىپ ئوقۇتۇش نىيىتىگە كېلىدۇ. يولدىشى ۋە دادىسى قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسلارنىڭ ھەممىسىنى مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولىدۇ . 1934-يىلى ئۆزىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدىكى قورۇسىدا يىتىم بالىلار مەكتىپى ئېچىپ ،ئۇنۇڭغا «خەيرىيە » مەكتىپى دەپ ئىسىم قويىدۇ. كېيىن مەھەللىدىكى كىشىلەر بۇ مەكتەپنى «ئايخان » مەكتىپى دەپ ئاتاپ كەلگەن .ئەينى چاغدىكى فىئودال مۇستەبىت كۈچلەر ئىنتايىن جاھىل بولغاچقا ،ئاياللارنىڭ مەكتەپ ئېچىشىغا زور دارىجىدە توسقۇنلۇق قىلغان.بەزى بايلار :« بۇ دۆت ئايال بىر توپ بالىلارنى بېقىۋېلىپ بىكاردىن-بىكار پۇل خەجلەۋاتىدۇ» دەپ مەسخىرە قىلىشقان.ئەمما بۇلار ئايخان ئانىنىڭ مەكتپە قۇرۇش ئىرادىسىنى قىلچىمۇ تەۋرىتەلمىگەن.
رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى ۋە شىنجاڭدا يۈز بەرگەن« ئاپرېل سىياسىي ئۆزگۈرۈشى»نىڭ سىياسىي تەسىرىدە ،ئايخان ئانىنىڭ مەكتەپ قۇرۇش ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشقان. ئەينى چاغدا مەكتەپتىكى يىتىم بالىلار 300 نەچچىدىن ئاشقان بولۇپ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاق كوپتا ۋە زىغزىق تۇتۇلغان بۇرۇلكا كىيگەچكە كوچىدا ماڭسا ھەممەيلەن ئۇلارنى ئايخان مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دەپ بىلەتتى .
ئايخان ئانا مەكتەپتىكى بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي،جەمىيەتتىكى نۇرغۇن بالىلارنىڭمۇ ھامىسى بولغان.ئۇ بالىلارنى تەربىيىلەپلا قالماي، چوڭ بولۇپ قالغان بالىلارنى- ئۆي ئوچاقلىق قىلىپ قويغان.شۇڭلاشقا ،مەكتەپتىكى بالىلار ئۇنى « ئايخان ئانا » دەپ ئاتايتتى..ۇنىڭ باشلامچىلىقى بىلەن ،بەزى ئىلغار ئىدىيىدىكى كىشىلەر ئاتىلار كومىتېتىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدە ،ئىلگىرى كېيىن بولۇپ نۇرغۇن پەننىي مەكتەپلەرنى قۇرۇپ ، مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرغان. كېيىن ئايخان ئانا شېڭشىسەينىڭ تۈرمىسىگە كىرىپ كۆپ ئازاپ تارتقان ۋە زىيادە ئاجىزلاپ كەتكەنلىكتىن1942-يىلى ۋاپات بولغان .