سەندوڭ ئۆلكىسى لۇنىڭ پۇتبول مەكتىپىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن غۇلجا شەھەر ئايخان ئانا باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى ( 28 نەپەر تەنھەرىكەتچى، 6نەپەر تېرىنىر، يېتەكچى ) 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۇنى غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتى. 7-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ 7-ئاينىڭ 11-كۈنى سەندوڭ جىنەنگە يېتىپ بارىدۇ. 7-ئاينىڭ 13- كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە ئۆتكۈزىلىدىغان مەملىكەتلىك ئۆسمۈرلەر پۇتبۇل تەكلىپ مۇسابىقىسىنى ئوينايدۇ. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە شىنجاڭدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5- باشلانغۇچ مەكتەپ (13-14ياشلىقلارگۇرۇپپىسى) ، غۇلجا شەھەرلىك ئايخان ئانا باشلانغۇچ مەكتىپى(11-12ياشلىقلار گۇرۇپپىسى ۋە 9-10ياشلىقلار گۇرۇپپىسى ) قاتارلىق ئىككى مەكتەپ كوماندىسى قاتنىشىدۇ.غۇلجا شەھەرئايخان ئانا باشلانغۇچ مەكتىپى پۇتبۇل كوماندىسىنىڭ تېرىنىرلىرى قۇربانتار مۇرات( غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۇچ مەكتەپ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى) ئەيساجان ئۆمەر (غۇلجا ئايخان ئانا باشلانغۇچ مەكتەپ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى)،ياردەمچى تېرىنىرلار : ئېرپان (غۇلجا شەھەرلىك 28- باشلانغۇچ مەكتەپ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى)، شۆھرەت ، ئىليار قاتارلىقلاردىن تەشكىللەندى.
سىز كۆرۋاتقان بۇ تېمىنىڭ مەنبەسى:ھۇررا مۇنبىرى