سەدىچىن سىپلننى غەرىپ بىلەن شەرىقنى تۇتاشتۇرغان تاغ يۇلى ،ئۇ يىراقتىن قارىسىڭىز شۆلگەيلىرى ئىقىپ تۇرغان غايەت زور ئەزدىرھاغا ئوخشايدۇ،ئۇنىڭ دىڭىزدىكى ئەزدرھادىن پەرقى ئاسمانغا چىقالمايدۇ ،ئۆملۈگۈچى ھايۋانلار غا ئوخشايدۇ،
ئاچ قالسىلام ئەتراپىدىكى يۇرۇتلارغا قاتراپ ناشتىلىق ئىزدەيدۇ ،قۇسقى تويسا شۇ يەردە ئوخلاپ قاسراقلىرنى تاشلاپ بەلگە قۇيۇپ ياشاش تىرتۇريەسىنى كىڭەيتىدۇ؟ئادەتتىكى يىلان چايانلار بىلەن ئارلاشمايدۇ،ھەم ئۇلارنى كۈزگە ئىلىپ قۇيمايدۇ،
يىقىندا ئۆچەككە كىرىش ئۈچۈن غەربى يۇرۇتنى تاللىدى،بۇنىڭدىن سانسىزلىغان تاغ دەريالار ،لەززىگە كىلىپ ئىللق تەبەسسۇم بىلەن قىشلىق ئۈچەك تەييارلىقىغا نۇرغۇنلىغان ياخشى سىياسەت ،تەدبىرلەرنى تۈزۈپ ئەزدىرھا خۇجامنى خاتىرجەم قىلدى.
ئۇششاق چار پايلارنىڭ ھەممىسى سىمىز پاخلان گۈشلىرى بىلەن ئاقسۇ كاۋىسىنى قازانغا بىسىپ يەرلىك مللى ئالاھدىلىككە ئىگە پۇلو ئىتىپ ،غالجىر ئىشىتلار ئەزدىرھا ئەڭ ياخشى كۈردىغان قازانغا دۈملەپ پشۇرغان يوغان نەسىللىڭ كالا پاقالچاقلىرى بىلەن،
ئالى مەنسەپلىك ئاخۇنلار زىلچا گىلەملەر بىلەن قارشاى ئالدى،
ئۇ سۆزدە خەلىقنىڭ بەختى ئۈچۈن بىر مۇنچە ياخشى گەپلەرنى قىلدى.
كەلگۈسدە يەنە بىرمۇنچە ئەزدىرھالارنىڭ ياششى ئۈچۈن ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلەشنى ئۈمۈت قىلدى.
قارشى تۇرغۇچىلارغا سياسى تەربىيەنى ئاساس،قۇرال كۈچنى قۇشۇمچە،يىغلىسا سوسكا،ۋاقىرسا ماسكا،بىلەن تۇساش،
پەقەت بولمىسا ئالدى بىلەن بۇزۇپ كىيىن تۈزەش ،ئىلغارلارنى ماختاپ ئەتسى تىللاپ ،سىياسى ئىتقادى مۇستكەم سىرىتلانلار قۇشۇننى بارلىققا كەلتۈش ،قىسقىىنا ۋاقىت ئىچدە جەميەت پاراۋان ،سىرىتلانلار ئەركىن ،بۆرىلەر ئىناق ۋەزيەت شەككللەندۈرۈپ
ئەزدىرھا خۇجاممنىڭ خاتىرجەم ئۈچەكتىن چىقۋىلشى ئۈچۈن شارائىت يارتىش كىرەك.
بارىلىق تۇخا،قۇي كەپتەرلەر ئىدىيەدە ئازات بۇلۇپ سىرىتلار بىلەن ئاكتىپ ماسلىششى كىرەك،
ئالدى تۇخۇم،كەينى جىننى پىدا قىلىشقا ھەر ۋاقىىت تەييار بۇلۇش كىرەك،
مەمۇرى يولۋاسلار ئاز يەپ ئەزدىرھا خۇجامنىڭ ئىشغا كۆز قىزارتىشتىن ساقلىنشى ،رەھبەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ جەميەتتىكى بىر قىسىم ئاقساق چۇلاق ئىشەكلەرنى سۇلاپ قۇيۇشنى ،ھەددىن ئاشقان ياۋا ئاتلارنى ئاقتا قىلۋىتىشنى بۇيرىدى،
بۇنىڭدىن بارىلىق چۈجە خۇراز ،مىكيانلار،ئاۋاق قۇزا پاخلانلار چوڭقۇر نەپكە ئىرشكەندەك بولدى؟
ياۋا پاختەك تۇختىماي پارتىيە ياخشى ،ئەزالار ياخشى دەپ تەشۋىق قىلىپ يۇرتىنىڭ كەلگۈسىگە چوڭقۇر ئىشەنچلەرنى باغلىدى.