ئۇلار تۈركىيەگە كەتسە ئۇكىلېرىنىڭ ئىستىقبالى تەڭرىتاغدىن چىقالمايلا يوق بۇلىدۇ.
بارىلارنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۇلۇپلاردا توپ تىپىشى ياردەم پىلانىنىڭ بىرقىسمى،شۇڭا ئۇلار تۈركىيەگە چىقمىسىمۇ بۇلدۇ ئەمدى ئۇيغۇر پۇتبولچىلېرىنى دەرىجىدىن تاشقىرى كۇلۇپلاردا توپ تەپمەيمەن دىسىمۇ يىلىنىپ ئەپ كىتىدۇ.
شىنجىن كۇلۇبىنىڭ ئاتامانىنڭ مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدىن ئارىيەت
موخبىر: قىزىل ئالماس كۇلۇبىنىڭ شىنجاڭ بىلەن پۇتبۇل ھەمكارلىقى توغرىسىدا قانداق پىلانى بار؟
ۋەن خوڭ ۋىي:بۇ نۆۋەتتە بىز پىلانلاۋاتقان موھىم بىر تۈرلۈك خىزمەت،بۇ قىتىم بىز قوبۇل قىلغان توپچىلارنىڭ ئىچىدە ئىككىسى قەشقەرلىق،قەشقەرنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبۇل خىزمىتى نىسپەتەن ياخشى قانات يايدۇرۇلغان.ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭغا ساھەلەر بۇيچە ياردەم بىرىشتە شىنجىننىڭ ياردەم بىرىش نۇقتىسى دەل قەشقەر،بىز ھازىر شىنجىن ئالاھىدە رايۇن ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمىز،تىرىشىپ پۇتبۇلنى شىنجاڭغا ياردەم بىرىش تۈرلىرى ئىچىگە كىرگۈزىمىز.بۇ بىر مونبەت تۇپراق،يىتەرلىك يامغۇر ۋە كۈن نۇرى بولسىلا چوقۇم نۇرغۇنلىغان مايسىلار يىتىشىپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
بارىغىمۇ تەكلىپ بىر ئىككى مۇسابىقىسىنى كۆردۇم چىدامچانلىقى خېلى يۇقۇرىكەن ئەمما توپ كەلسىلا باشقىلارغا پاس بېرىشكە ئالدىرايدىكەن ئۇنداق قىلىۋەرسە خەنسولاغا يارىغان بىلەن داڭلىق كۇلۇپلارغا يارىماي قالىدۇ.پۇتبول دىگەندە شەخسى تىخنىكا ئەڭ مۇھىم.شۇڭا مەيداندا سالماقراق بۇلۇپ شەخسى تىخنىكىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرالىسىلا تۈركىيەگە بېرىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. ياۋرۇپادىكى داڭلىق كۇلۇپلار ئۆزى يىلىنىپ ئىلىپ كىتىدۇ.
ئاللاھ مىللىتىمىزگە زەپەر يوللىرىنىڭ ئىشىكىنى كەڭ ئىچتۋەتكەيسەن.