باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1528 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: چىڭغىز ئايتماتوف بىلەن تۇنۇشايلى
كەڭ ساي تورى ياخشى ماكانىم
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 445
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 6
ئومۇمىي يازما: 200
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە200دانە
ئۆسۈش: 3498 %
مۇنبەر پۇلى: 4281 سوم
تۆھپىسى: 10 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-28
ئاخىرقى: 2012-02-26
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-13 09:35

چىڭغىز ئايتماتوف بىلەن تۇنۇشايلى

چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ مىيىتى قىرغىزىستانغا
قايتۇرۇپ كېلىندى

تۈنۈگۈن (12.06.2008) كەچكە يېقىن يازغۇچى چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ مىيىتىنى گېرمانىيىدىن ئېلىپ قايتقان پرىزىدېنت(زۇڭتوڭ) نىڭ خاس ئايروپىلانى بىشكېك "ماناس" ئايروپورتىغا قوندى.
ھەمرا بولغۇچىلار ئىچىدە تۈنۈگۈن ئەتىگەن مەخسۇس گېرمانىيىگە ئۇچۇپ بارغان ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمۈكىلەردىن مۇئاۋىن پرىزىدېنت ئىسكەندەربېك ئايدارالىيېف، بىشكېك شەھەر باشلىقى دانىيار ئۇسېنوف ۋە چىڭغىز ئايتماتوانىڭ پەرزەنتلىرى بار.
قىرغىز جۇمھۇرىيىتى مىنىستېرلار كابىنېتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىمۇ ئايروپورتقا ھازىر بولۇشتى ھەمدە قىسقا ماتەم بىلدۈرىشتى. يىغىلغانلار يازغۇچىنىڭ خانىمى ۋە بالىلىرىدىن ھال سورىدى.
پۇخرالارنىڭ ئومۇمىي ماتەم پائالىيىتى ئەتە (14.06.2008) سائەت 9:30 دىن 11:00 گىچە توختوغۇل ساتىلغانوف نامىدىكى دۆلەتلىك فىلارمونىيە (مۇزىكا تىياتىرى) دە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ماتەم مۇراسىمىدىن كېيىن، يازغۇچىنىڭ مىيىتى بىشكېك مەركىزىدىكى چۈي كاتتا كوچىسى ئارقىلىق "ئالا تو" مەيدانىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان دۆلەت بايرىقى يېنىغا يەتكۈزىلىدۇ. يەرلىكىگە قويۇش مۇراسىمى بىشكېككە يېقىن چوڭ ئارىق يېزىسىدىكى "ئاتا بېيىت" ناملىق مۇزېي شەكىلدىكى قەبرىستانلىقتا ئۆتكۈزىلىدۇ. دەل مۇشۇ قەبرىستانلىققا 1930-يىللىرى ناھەق ئەيىپلىنىپ، ئېتىۋېتىلگەن يازغۇچىنىڭ ئاتىسى - تۆرەقۇل ئايتماتوف دەپىن قىلىنغانىدى.
سەمىڭىزدە بولسۇنكى، قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرىزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف قىرغىزىستان خەلق يازغۇچىسى چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن پەرمان چۈشۈرۈپ، 2008-يىلى 14-ئىيۇن كۈنىنى ماتەم كۈنى دەپ جاكارلىدى. ماتەم كۈنىدە دۆلەت بايرىقى يېرىم چۈشۈرىلىدۇ، بارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ.
قىرغىز جۇمھۇرىيىتى خەلق يازغۇچىسى چىڭغىز ئايتماتوف بىلەن ۋىدالىشىش مۇراسىمى دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ

14-ئىيۇن قىرغىزىستاننىڭ چىڭغىز ئايتماتوفقا ماتەم
بىلدۈرۈش كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى

قىرغىزىستان خەلق يازغۇچىسى چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن 2008-يىلى 14-ئىيۇن قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماتەم كۈنى قىلىندى. بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتللىك پەرمانغا رەئىس جۇمھۇر قۇرمانبېك باقىيېف 11-ئىيۇن كۈنى ئىمزا قويدى.

پەرماننىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

1. 2008-يىلى 14-ئىيۇننى قىرغىزىستاننىڭ ماتەم كۈنى دەپ ئېلان قىلىش.
2. ماتەم كۈنى قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى يېرىم چۈشۈرىش.
3. ماتەم كۈنىدە مەدەنىيەت، رادىئو-ت ۋ تارماقلىرىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ۋە پروگراممىلىرىنى توختىتىشنى تەۋسىيە قىلىش.
4. چىڭغىز تۆرەقۇل ئوغلى ئايتماتوفنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى تەشكىللەش دۆلەتلىك كومىسسىيىسىنى قۇرۇش (تىزىملىك ئايرىم بېرىلگەن).
5. ۋىدالىشىش مۇراسىمىنى 2008-يىلى 14-ئىيۇن ت.ساتىلغانوف نامىدىكى دۆلەتلىك فېلارمونىيىدە ئۆتكۈزۈش، «ئاتا بېيىت» مۇزېي شەكلىدىكى قەبرىستانلىققا دەپىن قىلىش.
6. بىشكېك شەھەرلىك ھۆكۈمەت پەرماننىڭ 4-ماددىسىدا تىلغا ئېلىنغان دكلەتلىك كومىسسىيىگە ياردەملىشىپ چ.ئايتماتوفنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.
7. يازغۇچىنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتى بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ماتەم مۇراسىمىدا قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي گۋاردىيە قىسمىنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ت.ساتىلغانوف نامىدىكى دۆلەتلىك فېلارمونىيە ۋە "ئاتا بېيىت" قەبرىستانلىقىدا قاراۋۇللۇقتا تۇرۇشقا بۇيرۇق بېرىش.
8. قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەتلىك رادىئو- ت ۋ بىرلەشمىسى (باش شىركىتى) قىرغىزىستان خەلق يازغۇچىسى چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ ماتەم مۇراسىمىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى نەق مەيداندىن تارقىتىشنى ئۇيۇشتۇرۇش.
9. قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكى چەت ئەللەرگە يازغۇچىنىڭ ماتەم مۇراسىمى ئەھۋالىدىن رەسمىي خەۋەرلەندۈرۈش.
10. بارلىق ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا مەزكۇر پەرماننى ئېلان قىلىش.

قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى (زۇڭتۇڭى) قۇرمانبېك باقىيېف چىڭغىز ئايتماتوف ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېۋېزىيە نۇتقى سۆزلىدى
2008-يىلى 12-ئىيۇن قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى قۇرمانبېك باقىيېف بارلىق قىرغىزىستانلىقلارغا تېلېۋىزىيە ئارقىلىق يۈزلىنىپ، قىرغىزىستان خەلق يازغۇچىسى، قىرغىزىستان خەلق قەھرىمانى، (سابىق س س س ر) سوتسىيالىستىك ئەمگەك قەھرىمانى چىڭغىز تۆرەقۇل ئوغلى ئايتماتوفنىڭ مەزگىلسىز ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلدى.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىدا چ.ئايتماتوفنىڭ شەرەپلىك ھاياتىغا يۈكسەك باھا بەردى ھەمدە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى. تەكىتلەپ مۇنداق دېدى[/]: "... ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، رەئىس جۇمھۇر پەرمانى بويىچە بۇيىل<چىڭغىز ئايتماتوف يىلى> دەپ ئېلان قىلىنغانىدى. مۇشۇ پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەبرىك مۇراسىملىرىنىڭ ۋاقىتلىرى يەنىلا كۈچكە ئېگىدۇر. ھەم يازغۇچىنىڭ يادنامىسى سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
چىڭغىز تۆرەقۇل ئوغلى ئايتماتوفنىڭ شەرەپلىك يادنامىسى قەلبىمىزدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بارلىق ئىشلىرى - تىنچلىق ئۈچۈن كۈرىشى، ياخشىلىققا ئۈندەشلىرى - ئۇنىڭ ئۆلمەس ئىجادىيەتلىرى بىلەن ساقلىنىپ قالغۇسى. ... ..."

قىسقارتىپ تەرجىمە قىلغۇچى: نازىمى
چىڭغىز ئايتماتوف بىلەن ۋىدالىشىش
14-ئىيۇن ئەتىگەنلىكى پۇخرالارنىڭ ماتەم بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە نەچچە ئون مىڭ قىرغىزىستانلىق ھەمدە چەت ئەللىك مۋھمانلار ئىشتىراك قىلدى. ئەتىگەن سائەت 9 دا چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ مىيىتى قويۇلغان جىنازا توختوغۇل ساتىلغانوف نامىدىكى دۆلەتلىك فېلارمونىيىنىڭ زالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ يېنىغا رەئىس جۇمھۇر قۇرمانبېك باقىيېف سۇنغان گۈل چەمبىرەك جايلاشتۇرۇلدى. ئارقىندىنلا باش مىنىستېر (زۇڭلى) ئگور چۇدىنوفنىڭ، ئالىي كېڭەش تۆراغىسى (قىرغىزىستان پارلامېنت رەئىسى - نازىمى) ئايتىباي تۇغايېفنىڭ ۋە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى دوسبول نۇر ئوغلىنىڭ گۈللىرى قويۇلدى.

جىنازا ئەتراپىدا مىللىي گۋاردىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى 15 مىنۇتتا بىر نۆۋەت ئالمىشىپ، قاراۋۇللىقتا تۇردى.
ئۇلۇغ قىرغىز يازغۇچىسى بىلەن ۋىدالاشقىلى كەلگەنلەرنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ ھەم ئايىغى ئۈزۈلمىگەنلىكتىن، ئومۇمىي پۇخرالار ماتەم نامايىشى پائالىيىتى بىر سائەت كېچىكتۈرۈلۈپ، سائەت 12 دە باشلاندى. ھەتتا بىشكەك شەھەر باشلىقى دانىيار ئۈسېنوف ئاۋامغا قىستالماسلىقنى ۋە تەرتىپنى ساقلاشنى ئەسكەرتىشكە مەجبۇر بولدى.
ماتەم نامايىشى مۇراسىمى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى دوسبول نۇر ئوغلىنىڭ چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ بارلىق ئۇتۇقلىرى تونۇشتۇرۇلغان سۆزى بىلەن باشلاندى.

قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى ئارقىدىن سۆز قىلىپ، قىرغىز جۇمھۇرىيىتى ۋە خەلقى چەكسىز قايغۇغا تولدى، دېدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: "ئۇلۇغ يازغۇچى ۋە مۇتەپپەككۇر چىڭغىز تۆرەقۇل ئوغلى ئايتماتوف بىلەن ئاخىرقى قېتىم ۋىدالىشىپ تۇرۇپتىمىز. بۇ بىز ئۈچۈن زور يوقىتىش. بىزلا ئەمەس مىللىيونلىغان خەلقنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان دۇنيا ئۈچۈنمۇ زور يوقىتىش."
دۆلەت باشچىسى تەكىتلەپ، ئۇزۇتۇپ قويغان كىشىنىڭ دۇنيا تارىخىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقى، مەڭگۈ يادلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. يازغۇچىنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىدە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بەختى، ئارزۇ-ئىستەكلىرى، قايغۇ-ئەلەملىرىنى ئىپادىلىگەنلىكىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتتى.
"چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ ئارىمىزدىن كۋتىپ قالغانلىقى - دۇنيا مەدەنىيىتى ئۈچۈن، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئۈچۈن ھەمدە جامائىتى ئۈچۈن ئېغىر زەربە. چىڭغىز ئايتماتوف زامانداشلىرىنىڭ روھى ئىستەكلىرىنى بىرلەتۈرۈشكە كۈچ قوشقالىغانىدى... ئايتماتوفنىڭ پەلسەپەۋىي روھى بىزگە مىراس بولۇپ قالغۇسى!" - دېدى قۇرمانبېك باقىيېف
ماتەم نامايىشى پائالىيىتى تەخمىنەن بىر سائەت ئۇزارتىلدى. مۇراسىمدىن كېيىن چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ جىنازىسى، مەخسۇس تەييارلانغان توشۇغۇچ بىلەن چۈي كوچىسىنى بويلاپ، "ئالا تو" مەركىزىي مەيدانىغا يەتكۈزۈلدى. يول بويى شەھەر پۇقرالىرى ۋەتەن يازغۇچىسىغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈردى.
مەركىزىي مەيداندىكى 1-نومۇرلۇق پوست (قاراۋۇل) يېنىدا، چىڭغىز ئايتماتوف ئەستىلىكى ئۈچۈن بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇلدى. ئارقىدىن يازغۇچىنىڭ مىيىتى مەخسۇس ماشىنا بىلەن مۇزېي شەكىللىك "ئاتا بېيىت" قەبرىستانلىقىغا ئېلىپ كېتىلدى
چىڭغىز ئايتماتوۋنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى

1988-يىلى قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى ( بىشكەك) شەھرىدە تۈركشۇناسلارنىڭ پۈتكۈل سايۇزلۇق 5-نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا چىڭغىز ئايتماتوۋ سۆزگە چىقپ مۇنداق دىگەن: << ھازىرقى ۋاقىتتا تۈركشۇناسلىقتىكى چوڭ كەمچىلىكنىڭ بىرى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئالىملىرى تىل-ئەدەبىيات،تارىخ ۋە يازما يادىكارلىقلارنى تەكشۈرگەندە يۈسۈف بالاساغۇنى( يۈسۈف ھاس ھاجىپ) ۋە ماھمۇد كاشغەرىنى، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ھەم ئۇلاردىن كېيىن يېزىلىپ قالغان يادىكارلىقلارنى ئاساسەن ئۆز خەلقىگە مەنسۇپ قىلىپ كورسەتكۈسى كېلىدۇ. ئۇلار بۇ ئىككى بۈيۈك ئالىمنى ھەممە تۈركىي تىللىق خەلىقلەرگە مەنسۇپ،شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ خەلىقلەر ئۆز يازما ئەدەبىياتىنى شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تەرەقىي ئەتتۈرۈپ كەلمەكتە ،دەپ تەكىتلىمەكچى بولىشىدۇ. ئەمما مەنىڭ پىكىرىمچە بۇ ئىككى ئالىم ھەممىدىن ئاۋال ئۇيغۇر خەلقىگە مەنسۇپ، ئاندىن باشقا تۈركىي تىللىق خەلىقلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ يازما ئەدەبىياتىنى ئۇيغۇرلاردىن كېيىن باشلىغان، دېسەك توغرا بولىدۇ.بۇ پىكىر ئورخۇن،يەنسەي يازما يادىكارلىقلىرىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئورخۇن،يەنسەيدىن تېپىلغان قەدىمقى تۈرك ۋە ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىنى مەكتەپ ئوقۇش قوراللىرىغا كىرگۈزۈش كېرەك ،ئەمما ھازىر ھەممە ئالىملار ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئەڭ قەدىمىي قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىغىدىن تۈركشۇناسلىقتا پروۋىنتسىئالىزىمتىن كۆپ زىيان تارتىش بايقالماقتا>>.



چىڭغىز تۆرەقۇل ئوغلى ئايتماتوفنىڭ
قىسقىچە ئۆمۈر بايانى


قىرغىزچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: نازىمى
مەشھۇر قىرغىز يازغۇچىسى چىڭغىز ئايتماتوف 1928-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى قىرغىزىستاننىڭ تالاس ۋىلايىتى قارابۇرا (بۇ ناھىيە نامى سوۋېت دەۋرىدە «كىروف» دەپ ئاتالغان _ نازىمى) ناھىيىسىنىڭ شېكەر يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئاتىسى تۆرەقۇل ئايتماتوف تونۇلغان پارتىيە خىزمەتچىسى ئىدى، 1938-يىلى «خەلق دۈشمىنى» قاتارىدا ئېتىۋېتىلگەن.

ئايتماتوف 1953-يىلى فرۇنزې (ھازىرقى بىشكەك _ نازىمى) شەھىرىدىكى سكريابىن نامىدىكى يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، مال دوختۇرلۇق تېخنىكى كەسپىگە ئىگە بولغان.

1958-يىلى موسكۋادىكى ئەدەبىيات ئىنىستۇتىنى پۈتتۈرگەن.

1942 _ 1944-يىللىرى قارابۇرا ناھىيىسى شېكەر يېزىلىق كېڭەش (ھۆكۈمەت)نىڭ كاتىپى بولغان.

1944 _ 1946-يىللىرى قارابۇرا ناھىيىسىدە باج خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن.

1948 _ 1953-يىللىرى جامبۇل شەھىرى (قازاقىستانغا تەۋە _ نازىمى) دە مال دوختۇرلۇق تېخنىكومىدا ئوقۇغان.

1948 _ 1953-يىللىرى بىرلا ۋاقىتتا قىرغىزىستاننىڭ سكريابىن نامىدىكى يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتىنىڭ ستودېنتى بولغان.

1953 _ 1956-يىللىرى قىرغىزىستان چارۋۇچىلىق تەتقىقات يۇرتىنىڭ مال دوختۇرلۇق بويىچە ئالىي تېخنىكى بولۇپ ئىشلىگەن.

1956 _ 1958-يىللىرى موسكۋادا ئالىي ئەدەبىي كۇرستا بىلىم ئالغان.

1958 _ 1960-يىللىرى (رۇس تىلىدا چىقىدىغان ژۇرنال _ نازىمى)«ئەدەبىي قىرغىزىستان» ("Литературный Кыргызстан") ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى.

1960 _ 1965-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى «ھەقىقەت» ("Правда") گېزىتىنىڭ مۇخبېرى.

1965 _ 1986-يىلىرى قىرغىزىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى.

1986 _ 1990-يىللىرى «چەت ئەل ئەدەبىياتى» ("Иностранная литература" سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە كەڭ تارقىتىلىدىغان رۇسچە ژۇرنال _ نازىمى) ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى.

1990-يىلى مارتتىن ئۆكتەبرگىچە سوۋېت ئىتتىپاقى رەئىس جۇمھۇرى (زۇڭتۇڭى) نىڭ مەسلىھەتچىسى.

س س س ر (سوۋېت ئىتتىپاقى) ئالىي كېڭىشىنىڭ 7-نۆۋەتلىكتىن 11-نۆۋەتلىككىچە دېپۇتاتى (ۋەكىلى). 1989 _ 1991-يىللىرى س س س ر خەلق ۋەكىلى.

1990 _ 1993-يىللىرى س س س ر نىڭ، ر ف (روسسىيە فېدىراتسىيىسى) نىڭ بېلگىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى



1993-يىلدىن بۇيان قىرغىزىستاننىڭ بېلگىيە، گوللاندىيە، فرانسىيە، ليۇكسېمبۇرگلارداتۇرۇشلۇق (پەۋقۇللاددە ۋە تولۇق ھوقۇقلۇق) ئەلچىسى. قىرغىزىستاننىڭ ناتو _ ن ئا ت ئو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھتى تەشكىلاتى) دىكى ھەمدە يۇنېسكو (ب د ت نىڭ مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى) دىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى. قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشى (پارلامېنتى) نىڭ 1995 _ 2000-يىللىرىدىكى دېپۇتاتى (پارلامېنت ئەزاسى). ئىككى قېتىم «لېنىن ئوردېنى»، «ئۆكتەبر ئىنقىلابى ئوردېنى»، قىرغىزىستان جۇمھۇريىتىنىڭ بىرىنجى دەرىجىلىك «ماناس ئوردېنى» ۋە يەنە باشقا ئوردېن، مېداللار بىلەن تارتۇقلانغان. يازغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن «لېنىن مۇكاپاتى»، سوۋېت ئىتتىپاقى «دۆلەت مۇكاپاتى» (بۇ مۇكاپات بىر مەزگىل «ستالىن مۇكاپاتى» دەپ ئاتالغان _ نازىمى) قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.

چىڭغىز تۆرەقۇل ئوغلى ئايتماتوف يەنە قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى. ئايتماتوف ئەسەرلىرى دۇنيادىكى 100 دىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. 1993-يىلى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە ئايتماتوف ئاكادېمىيىسى قۇرۇلغان. تۆت پەرزەنتى بار: ئۈچ ئوغۇل بىر قىز.

چىڭغىز ئايتماتوۋ 6-ئاينىڭ 14-كۈنى قىرغىزستانىڭ بىشكەك شەھىرىدىكى “ئاتا بېيىت” (ئاتا مازىرى) غا دەپىنە قىلىندى.بۇ مازارلىقتا مەرھۇم چىڭغىز ئايتماتوۋنىڭ ئاتىسى تورەمقۇل ئايتماتوۋ دەپىنە قىلىنغان مازارلىق بولۇپ. چىڭغىز ئايتمناتوۋنىڭ ئاتىسى بىلەن 1938-يىلى يەنى ستالىن دەۋرىدە “خەلق دۈشمىنى” ۋە شۇنداقلا “پان تۇركىست” دەپ بىشكەك شەھىرىگە يېقىن جايدىكى ئوي تاش يېزىسىدىكى بىر خۇمداندا 36 نەپەر ئۇيغۇر بىلەن بىرلىكتە قەتلە قىلىنىدۇ (يەنى ئېتىپ تاشلىنىدۇ). چىڭغىزئايتماتوۋنىڭ ئاتىسى بىلەن بىرگە قەتلە قىلىنغانلارنىڭ جەسىتى پەقەتلا قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنلا قايتۇرۇلغان ۋە شۇ شېھىتلەرنى خاتىرىلەش ئۇچۇن بىشكەك شەھىرىگە بۇ شېھىتلەر مازارلىقى بىنا قىلىنغان ۋە ئۇنىڭغا چىڭغىز ئايتماتوۋ “ئاتا مازىرى “ دېگەن نامنى بەرگەن-ئىكەن. مەن 2006-يىلى7-ئاينىڭ 13-كۈنى قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدىكى تۇركىيە-ماناس ئۇنىۋېرسىتېتىغا بارغان چېغىمدا بۇ ئۇنىۋېرسىتېت تەشكىللىگەن كۇرسقا قاتناشقان بارلىق تۈركولوگلار چىڭغىز ئايتماتوۋنىڭ لېكسىيىسىدىن كېيىن چىڭغىز ئايتماتوۋ بىلەن بىرلىكتە بۇ مازارلىققا باردۇق.

مازارلىق ناھايىتى كۆركەم غەربچە ئۇسلۇبتا لايىھىلەنگەن بولۇپ، شۇ قېتىملىق قەتلە قىلىنغان شېھىتلەرنىڭ تەرجىمىھالى ۋە سۈرەتلىرى قويۇلغان-ئىكەن. بۇ مازارلىقتا ئەسلى يۇرتى قازانلىق بىر تاتار كىشى بىزگە رۇس تىلىدا تەپسىلىي سۆزلەپ چۈشەندۈردى.. ۋە بىزنىڭ سۈرەتكە تارتىشىمىزغا ئىجازەت بەرمىدى. مەن ئۇ كىشىگە ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر-ئىكەنلىكىمنى ئېيتسام. ئۇ كىشى ماڭا بىر قانچە ئۇيغۇر شېھىتلەرنىڭ سۇرئەتلىرنى تارتىۋېلىشىمغا ئىجازەت بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن تۆۋەندىكى بىر قانچە سۈرەتنى تارتىۋېلىشقا مۇيەسسەر بولدۇم. ئامېرىكىلىق ۋىللىئام ئەپەندىم: چىڭغىز ئايتماتوۋدىن سىز ئاتىڭىزنىڭ جەسىتىنى تۇنجى كۆرگەن چېغىڭىزدا قانداق ھېسسىياتتا بولدىڭىز-دەپ سورىدى. چىڭغىز ئايتماتوۋ پېشانىسىدىكى تەرلەرنى قول ياغىلىقى بىلەن يېنىك سۈرتۈپ، ئۇلۇغ كىچىك بىر تىنىپ قويۇپ. “ئاتا مەن سېنى ئاخىرى كۆردۈم-دەپ، ئاتامنىڭ جەسىتىگە ئۆزۈمنى ئەتىپ يىغلىغان –ئىدىم” -دېدى-دە كۆزىگە ياش ئالدى. ۋە ماڭا :”ئاتام رەھمەتلىك قىرغىزلار بىلەن بىرگە ياشاپ، ئاخىرى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە قەتلە قىلىنىپ، ئۇلار بىلەن بىرگە ياتتى”-دېدى. ۋە ماڭا كېلەر قېتىم قىرغىزىستانغا كەلسەڭلار مەنىمۇ مۇشۇ يەردىن ئىزدەيسىلەر دېدى. تۆۋەندىكى سۈرەتلەر تورەمقۇل ئايتماتوۋ بىلەن بىلە قەتلە قىلىنغان ئۇيغۇر شېھىتلەرنىڭ سۈرەت ۋە ھۆججەتلىرى.
 
بۇ تېما نەچچە يىل بۇرۇن تەرجىمە قىلىنغان .بۈگۈنگە يېتىپ كەلگۈچە ئەسلى مەنبەدىكى رەسىملەر يۇيۇلغان.

دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادېرى


دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6337
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 103
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە103دانە
ئۆسۈش: 750 %
مۇنبەر پۇلى: 1720 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-02
ئاخىرقى: 2012-02-20

دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 964
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 95
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە95دانە
ئۆسۈش: 250 %
مۇنبەر پۇلى: 1219 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-14
ئاخىرقى: 2012-01-31
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-13 13:15

بىزمۇ بىر كۈنلەردە ئۇ شېھىتلەرنى قايتۇرۇپ كېلىمىز.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2851
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 989
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە989دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 5377 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2012-03-15
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-13 13:54

مەن ساقىلۋالاي
دوستلىشىش
dilmuk520
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4551
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 156
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە156دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 835 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-03-31
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-13 15:56

توغرا دەيسىز    ئاللا نىسىپ قىلغاي  (قايتورۇپ كىلىشكە)
ھايات -كۆرەش،پۇرسەت،نەتىجە دىمەكتۇر.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 191
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 858
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە858دانە
ئۆسۈش: 2702 %
مۇنبەر پۇلى: 8962 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-31
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-13 20:16

دوكتۇر ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ قەلمى زىيادى بولسۇن، تېنى ساق بولسۇن، قولىغا دەرت يەتمىسۇن!!!  
پۇرسەت سىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، لىكىن پۇرسەت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا پەرۋانىدەك چۆرگۈلەپ تۇرىدۇ، گەپ سىزنىڭ بايقشىڭىزدا. تىرىشچانلىق، سەمىمىيلىك، ئىشەنچ سىزگە بايلىق ئاتا قىلىدۇ. كۈنىڭىز مەنىلىك، ئەھمىەتلىك،خوشال ئۆتىدۇ.