تورداشلارنىڭ مەقسىتى «تولۇقلاش»مۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى!
ھەممىمىزگە ئايان، مۇنبەردە ئىسىل يازمىلىرى، ئۆتكۈر پىكىرلىرى، قايىل قىلارلىق ئىنكاسلىرى بىلەن ھەممىمىزگە تونۇلغان، قەلەم قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان مۇنبەرداشلىرىمىز ئاز ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئالدىدا مەن ھىچقانچە ئەمەس، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يازغانلىرىنىڭ ئالدىدا مىنىڭ بۇ يازماقچى بولغانلىرىم ئەرزىمەسلا بىر نەرسە بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، چۈنكى، مەن ئىستىداتلىق شائىر ياكى داڭلىق يازغۇچى ئەمەس، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن سەۋىيەم ھەقىقەتەنمۇ چەكلىك، شۇڭا ئەڭ ئاددى سۆزلەر بىرىكمىسى ئارقىلىق دىمەكچى بولغانلىرىمنى ئىپادىلەپ چىقماقچىمەن.
يەنە بىر گەپ:ھۆرمەتلىك مۇنبەرداش، ئىمكانىيىتىڭىزنىڭ يىتىشىچە، گەرچە يازمام قاملاشمىغان ھەم قۇرۇق گەپتەك بىلىنسىمۇ ، تىمىنى ئاۋۋال تولۇق ئوقۇپ چىقىپ ئاندىن ئىنكاس يازسىڭىزكەن، رەھمەت!
گەرچە بۇيىل ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن «سىتۇدىنت» بولساممۇ ، بىلىدىغانلىرىم، چۈشىنىدىغانلىرىم، جەمئىيەتكە بولغان تونىشىم بەك كەمچىل ئىكەن، نۇرغۇن ئىشلارنى تىخى جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ، ئازراق ئەقلىمنى تاپقاندىن كىيىن چۈشىنىدىغان ئوخشايمەن.
مەكتەپتىكى چىغىمدا ئادەتتە ياتاقتا بولساملا چ چ رىمنى ئىچىپ يوشۇرۇن قىلىپ قوياتتىم، ئۆيگە كەلگەندىن كىيىنمۇ سىڭىللىرىم بىلەن چاخچاق ئورنىدا بەسلىشىپ،چ چ نىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرىمىز ، كىمنىڭ چ چ رىنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى دېيىشىپ ئېچىپ قوياتتۇق ، بىراق يەنىلا يوشۇرۇن ھالەتتە، چۈنكى چ چ رىمدا تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا ھەم ئالى مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىم ھەم مۇنبەردە تونۇشقان بىرقانچە دوستۇمدىن باشقا ناتونۇش كىشىلەريوق، پاراڭلىشىدىغىنىممۇ دائىملىق مۇقىملىشىپ قالغان بىرقانچە دوستۇم خالاس، مۇنبەرداشلىرىم يىڭى تىما چىقارسا تىما ئادرىسىنى ئەۋەتىپ قويىدۇ، باشقا چاغدا ئاساسەن دىگۈدەك پاراڭلاشمايمىز، يەنە كىلىپ مەن چ چ رىمنى باشقىلار قوشالمايدىغان قىلىپ قويغاچقا، ناتونۇش كىشىلەرنىڭ كىرىۋىلىشىدىن ئەنسىرەشنىڭمۇ ھاجىتى يوق(چۈنكى مەن ناتونۇش كىشىلەرنى چ چ رىمغا قوشۇشنى خالىمايمەن، بۇ پەقەت مىنىڭ خاراكتىرىم بولسا كىرەك). سىڭلىم چ چ سىغا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى قوللىناتتى، بىزنى ھەيران قالدۇرغىنى ھەركۈنى دىگۈدەك كەم دىگەندە 10نەچچە ئادەم قوشىۋىلىش ئۇچۇرى ئەۋەتىدىكەن، سىڭلىممۇ زىرىكمەي رەت قىلىۋىرىدىكەن، بىركۈنى كىرسەم سىڭلىم بىر جەدۋەلگە قاراپ ئولتۇرۇپتۇ، نىمىش قىلىۋاتقانلىقىنى سورىسام جەدۋەلنى كۆرسەتتى، قارىسام ئۇنىڭغا بىركۈن ئىچىدە چ چ غا قوشىۋىلىش ئۇچۇرى ئەۋەتكەن كىشىلەرنىڭ چ چ نۇمۇرى، چ چ دىكى ئىسمى ، يۇرتى ھەم جىنسىنى خاتىرلەپتۇ، نىمىشقا بۇنداق قىلغانلىقىنى سورىسام «كۈندە بۇنداق جىق ئادەمنىڭ قوشىۋىلىش ئۇچۇرى ئەۋەتىدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ قالدىم، بىرەر سەۋەقدىشىم ياكى دوستۇم چاخچاق قىلىۋاتامدىكىن دەپ كۆزىتىپ باقتىم، نەتىجىسى:بۈگۈن بىركۈن ئىچىدە جەمئىي 39ئادەم ئۇچۇر ئەۋەتتى، ھەممىسى ئوغۇل، يۇرتى ھەم IP ئادرىسى ئوخشىمايدىكەن...». سىڭلىم دەپ بولۇپلا يىتىپ ئۇخلاپ قالدى، لىكىن بۇ ئىش مىنى ھەيران قالدۇردى، نىمانچە كۆپ؟ ئۇلار تونۇشمىسىمۇ شۇنداق قوشىۋالامدىغاندۇ؟ قوشىۋالسا نىمىلەرنى دىيىشىدىغاندۇ؟؟؟؟ ناتونۇش كىشىلەرنىڭ پاراڭلىشىشىنىڭ ئەھمىيىتى زادى نىمىدۇ؟
يىقىندا مىسرانىمدا «بۇ مۇھەببەت ئەمەس، ئۆتكۈنچى ھىسسىيات» دىگەن بىر تىما يوللاندى، بەزىدە مۇنبەر كۆرىدىغان ئادىتىم بويىچە بۇ تىمىنىمۇ كۆرۈپ چىقتىم، تىمىدىكى ۋەقەلىك ھەقىقىي بولغانمۇ ياكى يازغۇچى مەلۇم مەزمۇننى تىخىمۇ روشەن ئىپادىلەش ئۈچۈن شۇنداق كۆپتۈرۈپ يازدىمۇ بۇنى تازا بىلمىدىم، لىكىن ھەرقىتىم ئوقۇپ ئولتۇرۇپ بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ گىلىمغا ئاچچىق بىرنەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولدۇم، چۈشەنمىگەن بەزى نەرسىلەرنى مۇنبەردىكى بىلىمى يۇقىرى مۇنبەرداشلاردىن سورىماقچى بولدۇم، لىكىن نىمە دىيىشنى بىلمەي يەنە يالتايدىم.
تىمىمۇ ئاخىرلىشىپتۇ، بىراق مىنىڭ كاللامدىكى چىگىشلىك تىخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى، تۈمەنمىڭ خىيال مىنى قىينىدى، مەن جەمئىيەتنى چۈشەنمەمدىم ياكى تور دۇنياسىنى چۈشەنمەمدىم؟ ئاشۇ تىمىدىكىگە ئوخشاش مۇرەككەپ «ھىسسىيات» كىشىلىك تۇرمۇشىمىزدا راستىنلا مەۋجۇتمۇ؟ ئەرلەردىكى غورۇر ، ۋىجدان ،مەسئۇلىيەت، ئاتىلاردىكى مەجبۇرىيەت، ئاياللاردىكى ئەدەپ-ئەخلاق، شەرمى-ھايا، ئانىلاردىكى مىھرى-ۋاپا، كۆيۈمچانلىقنىڭ ئورنىنى ئاشۇ ئەرزىمەس چ چ دىكى قۇرۇق پاراڭ ئىگەللىدىمۇ؟ ناچار ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان يىگىتلىرىمىزنى تىللىدۇق، يولدىن ئازغان قىزلىرىمىزنى ئەيىپلىدۇق، ئەمما بۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزىنى توختاتقان، بىرئائىلىگە باش بولغان ئاتىنىڭ بۇنداق ئىشلىرىنى ئاڭلاپ نىمە دەيمىز؟ ئاتاقلىق شائىرلىرىمىز، داڭلىق يازغۇچىلىرىمىز «ئانا ئۇلۇغ، ئانا مىھرىبان»...دەپ توختىماي تەرىپلەيدۇ، دىمىسىمۇ، گەرچە بىزمۇ ئۇنداق دەبدەبىلىك سۆزلەرنى قىلالمىساقمۇ لىكىن ئانىلارنىڭ قەدىر-قىممىتىنى تونۇپ يەتكۈچىلىكىمىز بار ، ئەلۋەتتە. بىراق ، بۇ تىمىدىكى ئالىيەگە ئوخشاش ئانىلارمۇ ئاشۇنداق ماختاشلارغا مۇيەسسەر بولسا بولامدۇ؟ ئۇلار مۇۋاپىق كىلەمدۇ؟ (ياكى مىنىڭ ئويلىغىنىم بەكلا يۈزەكى چۈشىنىشمۇ بىلمىدىم)
تور دۇنياسىدىن ھالقىپ ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرگەن بۇخىل مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقىغا مەن راستلا ئىشىنەلمىدىم، بولۇپمۇ ئاتا-ئانا بولغان، ياش قۇرۇلمىسى نىسبەتەن چوڭراق بولغانلارغا قارىتا تىخىمۇ مۇمكىن بولمايدۇ دەپلا قارايتتىم. كىشىلەرنىڭ تورغا چىقىشتىكى مەخسىتى زادى نىمىدۇ؟ چ چ ئىشلىتىشتىكى مەخسىتىچۇ؟ توردىن«ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىدىغان ھەمراھ» تىپىپ ، «پايدىلىنىش»مۇ؟ بولدىلا كارىم بولمىسۇن، ئۇ دىگەن بەرىبىر ئەدەبىي ئەسەر...
بىراق ، كاللامدىكى تۈگۈننى يەشمىگۈچە ، سۇئالىمغا جاۋاب تاپمىغۇچە تىتىلداپ تۇرالمايدىغان ئەسكى مىجەزىم مىنى يەنە قۇتراتتى، شۇنىڭ بىلەن توردىكى كىشىلەرنى ئازراق بولسىمۇ چۈشىنىپ بىقىش ھەم توردا قانداق ئادەملەرنىڭ بارلىقىنى بىلىپ بىقىش مەخسىتىدە ئەخمەقلارچە ھالدا ياش قۇرامى مەندىن جىق پەرقلەنمەيدىغان ھەم مەن بىلەن بىر شەھەردىن بولغان ئۈچ ئادەمگە قوشىۋىلىش ئۇچۇرى ئەۋەتتىم، بۇنىڭ ئىككىسى قىز، بىرسى ئوغۇل ئىدى، بىر قىز قايتا قايتا رەت قىلدى، سەۋەبىنى بىلمىدىم، يەنە بىر قىز بىلەن ئوغۇل قوشىۋالدى، بىراق ناتونۇش كىشىلەرگە قانداق گەپ قىلىشنى بىلمەي بىردەم تۇرۇپ قالدىم، شۇ چاغدا ھىلىقى مەن قوشىۋالغان قىزدىن ئۇچۇر كەلدى:«سىز كىم؟ قىز بالىما؟ مىنى تونۇمسىز؟ » ۋاي ۋۇي، ساقچىغۇ ئەمەستۇ بۇ قىز؟ نىمانداق... «كەچۈرۈڭ، سىزنى تونىمايمەن، مەنمۇ قىز بالا، لىكىن پىكىرلىشەي دىگەن». «شۇنداقمۇ؟ ۋاقتىم يوق، خوش ئەمىسە!»، مانا بۇ ئىككىنجى قىزنىڭ جاۋابى، مەن نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرغاندا مەن قوشىۋالغان ئوغۇل تورداشتىن خەت كەلدى: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بىز تونىشامدۇق؟
» كۆڭلۈمدىكى تەشۋىش سەل تارقىغاندەك بولدى، ئاللاھنىڭ سالامىنى كۆرۈپ دەرھال جاۋاب قايتۇردۇم: «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! بەلكىم تونۇشمايدىغاندىمىز، لىكىن چ چ ماتىرىيالىڭىزغا يېزىۋالغان گەپلىرىڭىزگە قاراپ سىزنىڭ چ چ رىڭىزنى قوشقانتىم»(ئۇ تورداش چ چ رىغا ياراتقۇچىغا بولغان مىھىر مۇھەببىتىنى يىزىۋالغان ئىكەن)، مەن بۇ خەتنى يېزىپ بولغىچە ئۇنىڭدىن يەنە خەت كەلدى:«ئاللاھ رازى بولسۇن ، مىنى ئالدىماڭ!»، يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقۇپ، خاتا ئىش قىلىپ قويغان كىچىك بالىدەك قورقۇپ كەتتىم، دەرھال ئۇنىڭغا سەمىمىيلىك بىلەن چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم:«ئاللاھ گۇۋاھ بولسۇنكى ، مەنمۇ يالغان سۆزلەشتىن ھەم گۇناھلىق ئىش قىلىشتىن قورقىمەن، سىزنى ئالدىغان يىرىم يوق، پەقەت سىزنىڭ ماتىرىيالىڭىزغا يېزىلغان ئاشۇ گەپلەر مىنى سىزنىڭ چ چ رىڭىزنى قوشىۋىلىشقا ئۈندىدى، دوستۇڭ قاغا بولسا يېيىشىڭ پوق، دىگەن گەپ بار، سىزنى ئىسلامنى چۈشىنىدىغان، ياخشى ياماننى ئايرىيالايدىغان كىشى بولسا كىرەك دەپ قاراپ بەزى بىلمىگەنلىرىمنى سوراي دىگەن مەخسەتتىلا قوشتۇم، باشقىچە ئويلاپ كەتمىگەيسىز». «ھە، ئەمىسە كەچۈرۈڭ، ئىسلامدا يات قىز-ئوغۇللارنىڭ خالىي جايلاردا مەخپىي پاراڭلىشىشى چەكلەنگەن!». كاللامدىكى تۈگۈننىڭ بېشى يېشىلدى، «چۈشەندىم، لىكىن، مەن سىز بىلەن خالىي جايدا پاراڭلىشاي دىمىدىم، پەقەت بەزى بىلمىگەنلىرىمنى سورىسام، خاتالىقىم بولسا مۇسۇلماندارچىلىق يۈزىسىدىن تۈزىتىش بىرەمدىكىن دىگەن مەخسەتتىلا شۇنداق دىگەنتىم، سىز بۇنداق دىسىڭىز مەنمۇ ئەلۋەتتە قوبۇل قىلىمەن، مۇشۇنچىلىكنى بولسىمۇ بىلدۈرگىنىڭىزگە تەشەككۈر!». «كەچۈرۈڭ سىڭلىم! چ چ دا پاراڭلىشىشمۇ بىر ئاللاھتىن باشقا ھىچكىم بىلمەيدىغان مەخپى پاراڭلاشقانلىق! توغرا چۈشىنەرسىز! ئاللاھ بىلمىگەنلەرنى بىلدۈرگىچىدۇر، سىزگە مەندىنمۇ بىلىملىك توغرا يول كۆرسەتكۈچىدىن بىرنى ئۇچراشتۇرغاي، شۇ سەۋەبلىك ئىككى دۇنيا بەخت سائادىتىگە ئىرىشتۈرگەي، ئامىن!» . گەپ بۇنىڭدىن چىرايلىق، تەربىيە بۇنىڭدىن سىلىق بولماس؟ « چۈشەندىم، رەھمەت، ياراتقان ئىگەم بارلىق ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن، ئامان بولۇڭ!»
قىسقىغىنە پاراڭلىشىش مىنىڭ سۇئاللىرىمغا جاۋاب بەردى: تور دۇنياسىدا ھەرخىل ئادەملەرنى --- ساۋۇت بىلەن ئالىيەگە ئوخشاش ئۆز ئائىلىسىگە مىھىر-مۇھەببىتىنى بىرەلمەي، سىرتلاردا ناشايان ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدىغان، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، قايسى مىللەتتىن، قايسى دىندىن ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كەتكەن، نىمە قىلىۋاتقان ھەم قىلىدىغانلىقىنى بىلەلمەي، غەپلەت ئىچىدە قالغان مەسئۇلىيەتسىز ئاتا ئانىلارنى، قىلغىلى ئىش تاپالماي بىكار قىلىپ بىر-بىرىنى ئەخمەق قىلىپ قۇرۇق گەپ سىتىپ يۈرگەن بىكار تەلەپلەرنى، بارلىقىنى تور ئويۇنىغا ئاتىۋەتكەن ئويۇنخۇمار ياشلارنى، شۇنداقلا مۇنبەرلەر ئارا كىزىپ، بىلگەنلىرىنى باشقىلارغىمۇ بىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ھەم جاپا چىكىۋاتقان مىھنەتكەشلەرنى، ئەقلىي بىلىمى ۋە قەلەم قۇۋۋىتى ئارقىلىق ئۇيقىدىكىلەرنى ئويغىتىش ئۈچۈن زىھنى قۇۋۋىتىنى سەرپ قىلىۋاتقانلارنى، يەنە شۇنداقلا ئۆزىدىكى مەجبۇرىيەت ھەم مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي تونۇپ يەتكەن ھەم باشقىلارغا بىلدۈرگىدەك ئەقىلگە ئىگە، ھۇش-كاللىسى جايىدا، ئىمان-ئىتىقادلىق ، ئىنساب دىيانەتلىك، ئەخلاق پەزىلەتلىك كىشىلەرنى... ئۇچرىتىدىكەنمىز.
مەن بۇ يەردە قۇرۇق سەپسەتە سېتىپ، ئاتىكاچىلىق قىلماقچى ئەمەس، باشقىلارغا تەربىيە قىلىشقا سالاھىيىتىممۇ توشمايدۇ، ھەم مەندە ئۇنچىلىك ئىقتىدارمۇ يوق، لىكىن شۇنى دىگۈم كىلىۋاتىدۇ:مىللەتنىڭ ئانىسى بولغان لاتاپەتلىق ئۇيغۇر قىزى---ئىسلام قىزى، ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، ئەدەپ-ئەخلاقلىق ، شەرمى-ھايالىق، ئىپپەت نۇمۇسلۇق، گۈزەل پەزىلەتلىك ،ئىنساب-دىيانەتلىك، ئىتىقادلىق، مىھرىبان ، كۆيۈمچان قىزلاردىن بولۇڭ، ئۆز قەدىر-قىممىتىڭىزنى ئۆزىڭىز يارىتىڭ، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلغان قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا ئاجرىتىڭ، بىراۋلار ئۈچۈن تەقدىم ئەتكەن مىھىر-مۇھەببىتىڭىزنى تۆت خىل كىشىگە---ئاتا-ئانىڭىز، قىرىندىشىڭىز، جۈپتى ھالالىڭىز ۋە پەرزەنتىڭىزگە بىغىشلاڭ (چۈنكى ئۇلار سىزنىڭ بۇ دۇنيالىقتىكى ئەڭ ئەتىۋارلىق مىھمانلىرىڭىزدۇر) ، شۇنداق قىز بولالىسىڭىز ئاتا-ئانىڭىز سىزدىن رازى بولماي قالامۇ؟ قايسىبىر يىگىت سىزگە ئەدەپسىزلىك ياكى قىلىقسىز چاخچاق قىلىشقا پىتىنالىسۇن؟ كەلگۈسى ھەمراھىڭىز سىزدىن باشقىغا كۆز قىرىنى سالامۇ؟ خەلقى ئالەم ئالدىدا ئىززەت-ھۆرمىتىڭىز بولماي قالامۇ؟ كەلگۈسىدىكى پەرزەنتلەر سىزدىن پەخىرلەنمەي تۇرالىسۇنمۇ؟ ئەڭ مۇھىمى ھەممىمىز ئاخىرى قايتىدىغان جايغا ئىلىپ كەتكۈدەك ئازراق«بايلىق» توپلىيالايسىز ئەمەسمۇ؟ (ئەلۋەتتە، مەنمۇ بىر قىز بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنداق ئىسىل قىزلار قاتارىدىن ئورۇن ئىلىشقا تىرىشىمەن). ئادەم ئاتىنىڭ پۇشتىدىن تۆرەلگەن، جاپاكەش ئاتىلارنىڭ ئىز باسارى ، قىزلارنىڭ يۆلەنچۈكى ھەم پەرزەنتلەرنىڭ يولباشچىسى بولغان يىگىتلەر: سىلەرمۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىڭلارنى تونۇپ يىتىڭلار، مەجبۇرىيىتىڭلارنى تولۇق ئادا قىلىشقا تىرىشىڭلار، قەيسەر، مەردانە بولۇڭلار، قىزلار ئاجىز، ئۇلارنى قەدىرلەڭلار، كۆڭۈل بۆلۈڭلار، قىزلارنىڭ جاپاسىنىمۇ چۈشىنىپ قويۇڭلار، يول قويغىدەك يىرى بولسا يول قويۇڭلار، قىزلار بۇ قىلغىنىڭلارنى ھەرگىز «بوزەك بولدى» دەپ چۈشەنمەيدۇ، ئەكسىچە سىلەردىكى مىھىر-مۇھەببەتنى ھىس قىلالايدۇ. لىكىن بىز قىزلار سەل «تومۇرچى» كىلىمىز، بىزگە ھەرگىزمۇ «تومۇر تۇتۇش» پۇرسىتى يارىتىپ بەرمەڭلار، باشقۇرۇشقا تىگىشلىك بولغان يەردە ھەقىقى ئەركەكلىكىڭلارنى نامايان قىلىڭلار، ھەرگىزمۇ «لامزەللە» ئوغۇللاردىن بولۇپ قالماڭلار، قىزلار ئاسان ئازىمىز، بىز سىلەرنىڭ يىتەكلىشىڭلارغا، يول باشلىشىڭلارغا، نۆۋىتى كەلسە «بەزى» ئىشلىرىمىزنى چەكلىشىڭلارغا مۇھتاجمىز، سىلەردە قىزلارنى يىتەكلىگۈدەك، پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولغىدەك چىدام-غەيرەت، جاسارەت، ئالغا ئىنتىلىش روھى بولسۇن. شۇنداقلا يەنە، قىزلار ئەيمەنگۈدەك، ھەتتا ئالدىڭلاردا بىرەر تال چېچى چىقىپ قالسىمۇ ئۇيالغىدەك ھەقىقى ئۇيغۇر يىگىتى --- مۇسۇلمان يىگىت بولۇڭلار!!!
ئەسكەرتىش:1.ئەزىز ئوقۇرمەن،بۇ مىنىڭ كەڭساي مۇنبىرىگە ئەزا بولغاندىن بىرى يازغان تۇنجى تىمام، تىل قابىلىيىتىم چەكلىك، ھەم نىمە ئويلىغان بولسام شۇنى تۈزلا ئىپادىلەپ يازغاچقا ياخشى چىقمىدى، بەلكىم باغلاشمىغان جۈملە، خاتا تەپەككۇر، ھەتتا ئىملا خاتالىقىنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ، تۈزىتىش بىرىشىڭىزنى ، سەمىمى تەكلىپ پىكىرلىرىڭىزنى ئايىماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
2.«بۇ مۇھەببەت ئەمەس، ئۆتكۈنچى ھىسسىيات» دىگەن تىمىنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈن ، ھەم تىما ئىگىسىنىڭ دىمەكچى بولغان مەقسىتى بىلەن مىنىڭ كۆز قارىشىمنى ئوخشاش دەپ قارىغاچقا مىسال قىلىپ ئالدىم، باشقا مەقسىتىم يوق، تىما ئىگىسىنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە:ئويلىغانلىرىم