باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1898 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: دىخان دادا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8114
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 8
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە8دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-12
ئاخىرقى: 2011-07-18
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-12 21:13

دىخان دادا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلىرىم ! ھەممىڭلارغا ئاللانىڭ سالىمى بولسۇن ! مەن يېڭى ئەزا [ قارسۇ ] كەڭساي مۇنبىرىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ تەرەققى قىلىپ يۈكسىلىشىگە تىلەكداشمەن ! قۇرۇق قول كەلمەي ئادى بولسىمۇ بۇ سوغىنى ئالغاش كەلدىم ، ئادى كۆرمەي قوبۇل قىلغايسىزلە .

دىخان دادا..
بەك ئۇلۇق ئىستەك بىلەن دادا بىزنى باققانتىڭ،
بالاڭ ئۈچۈن تۇرمۇشنىڭ قاينىمىغا پاتقانتىڭ،
ئوتتا كۆيۈپ بالاڭ ئۈچۈن سۇلىرىدا ئاقانتىڭ،
يول يۈرسەكمۇ قىيىماي سەن دولاڭغا ئارقانتىڭ،
بىز بىلىمىز جان دادا سەن جاپا دا باققانتىڭ.

شۇل تۇرمۇشنىڭ كويىدا ئۆزنى قوشقا قاتقانتىڭ،
تۈزۈك قېنىپ ئۇخلىماي دالالاردا ياتقانتىڭ،
كېسەل بولسا بالىرىڭ پەرۋانە بوپ ئاتقانتىڭ،
كەتمەن چېپىپ تەر تۆكۈپ ھوسۇل يىغىپ ساتقانتىڭ،
راھەت كۆرمەي جان دادا بىزنى شۇنداق باققانتىڭ.

ئوقۇسۇندەپ باللىرىم بىزگە چىراق ياققانتىڭ،
كالاڭنىڭمۇ سۈتىنى بالاڭ ئۈچۈن ساتقانتىڭ،
ئۆزەڭ يىمەي ئاق نەننى بالاڭ ئۈچۈن ياقانتىڭ،
بىرنى تاپساڭ بالامغا دەپ ئارقاڭغا ئاتقانتىڭ،
جېنىم دادا بىزلەرنى بەك جاپادا باققانتىڭ.

كەتمەن گۈرجەكلەردە بار سەن دادامنىڭ قول ئىزى،
دالالاردا قالدىغۇ دىخان دادامنىڭ ئىزى،
بالىلارغا كىيىم ئەتتى پەقەت كەيمىدى ئۆزى،
شۇڭا غەمسىز ئوقىدى مەكتەپتە ئوغۇل -قىزى،
قانداقمۇ جېنىم دادا بۇنچە يۈكنى تارقانتىڭ.

قامىتىڭنى ئەگدىغۇ يىلار بويلاپ باسقان ئىز،
چاچ-ساقالغا سانجىدى تارىخىڭمۇ ئاپپاق ئىز،
قەددىڭنى كۆتەر دادا ئەمدى چوڭ بولدۇققۇ بىز،
باشلىرىڭغا سايىۋەن قولىرىڭغە ھاسا بىز،
ئولتۇرۋالغىن جان دادا پۇت-قولۇڭنى سۇنۇپ تۈز.

ئەمدى دادا ئىشلارنى تاپشۇرۇپ بەر بالاڭغا،
بالاڭ چۆپنى سالىدۇ ئەنسىرمىگىن كالاڭغا،
دەرمانىڭ بولاي دادا يۈرەكتىكى ياراڭغا،
ئىشەن دادا غەم يىمە مەندەك ياخشى بالاڭغا،
جېنىم دادا بىزلەرنى سەنمۇ شۇنداق باققانتىڭ.

نادان ئەمەس باللىرىڭ سېنى ئەمدى كۈتىمىز،
تۆردە ئولتۇر جان دادا پاخلان سويۇپ باقىمىز،
ئەجىرىڭدىن مەدەت ئالدۇق ئەلگە نۇرلار چاچىمىز،
ھەرەملەرگە يول ئالغىن ساڭا كارۋان قاتىمىز،
ئاللاھىم ئۆمۈر بەرسە سېنى شۇنداق باقىمىز....

مەنبە ؛قەلىمىم

[ بۇ يازمىنىقارسۇ 2011-07-12 22:19قايتا تەھرىرلىدى ]
ئىسانغا بىلىم كېرەك.ياغاشقا يىلىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7564
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 472
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە472دانە
ئۆسۈش: 1030 %
مۇنبەر پۇلى: 5535 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-24
ئاخىرقى: 2012-03-26
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-13 23:03

قەدىمىزگە مۇبارەك،،،،قىرىندىشىم!