رەسىم:
قاسىمجانمۇ قاسىمجان بەگەن پۇلنى سورايمەن،
بۇگۈن پۇلنى بەمىسەڭ ۋاي..قاسىمجان سىنى فايۇنگە تولايمەن
پۇلنى سوراپ كەلسەم بۈگۈن ھۆججىتىڭىز بامۇ دەيدۇ،
ئەرز قىلىمەن سوتقا دىسەم گۇۋاھچىڭىز بامۇ دەيدۇ.
ئۆزى كەلگەن ئىكەن مەندىن پۇل سوراپ
بېرىپتىمەن ئىچىم ئاغرىپ ئالدىراپ
تولا كەلدىم قەرز سۇيلەپ كاكىراپ
ھۆججەت ئالماي بەگەن گۇناھ ئۆزەمدە
پۇل بە پۇل بە ئالغان پۇلنى بە
باشقا كۈن چۈشتى ئازراق بولسىمۇ بە
قىماردىگەن يامان نەرسە ئەمدى ئۇنى تاشلاپ قوي،
تۇرمۇشۇڭنى يامان ئىشتىن ياخشى ئىشقا باشلاپ قوي.
ئۇتقان پۇلۇڭ جىقمۇ ئەمەس ئانچەمۇنچە تۆلەپ قوي،
پۇل كىرمىدى ياچۇقۇمغا ئانچەمۇنچە توقلاپ قوي.