مەن يەنەبىرسىنى يازدىم.
1947-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى ئىدى.مەن شىخو ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇتتۇم.بىركۈنى سىنىپ مۇدىرىمىز مەكتەپكە يۇقۇرىدىن مېھمان كېلىدىغانلىقىنى،بىزنىڭ رەتلىك،پاكىز كىيىنىپ كېلىشىمىزنى ئېتتى.
ئەتىسى سىنىپتا ئولتۇراتتۇق.بىر چاغدا ئىشىك ئېچىلىپ،ئوتتۇرا بوي،قىزىل گۈللۈك مانچىستىر دوپپا كىيگەن،كاۋكازچە بۇرۇت قويغان،خۇش چىراي،35ياشلار چامىسىدىكى بىركىشى كىردى.بىزئۇنى بىر كۆرۈپلا،ئۈچۋىلايە ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسمى ئىكەنلىكىنى تونۇۋالدۇق.چۈنكى،بىزئۇنىڭ سۈرئىتىنى كۆپ كۆرگەنىدۇق.ئۇ<ئەخمەتجان ئەپەندى>دېگەن ھۆرمەتلىك نام بىلەن ھەممەيلەن تونۇشلۇق ئىدى.
بىز ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ بۇسۆيۈملىك داھىغا سالام بەردۇق.
ئەخمەتجان ئەپەندى ھەممىمىزگە خۇش تەبەسسۇم بىلەن قارىدى،ئاندىن پارتىلارنى ئارىلاپ يۈرۈپ بېشىمىزنى سىلىدى. ئۇ مېنىڭ يېنىمغا كەلگەندە:
سىز ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭا،_دېدى. مەن ئورنۇمدىن تۇردۇم.
_ئىككى كەرە ئۈچ قانچە؟_دوپ سورىدىئەخمەتجان ئەپەندى.مەن دەرھال:
_ئالتە،_دەپ جاۋاپ بەردىم.
_ئۈچ كەرە ئىككىچۇ؟
مەن ھەرقانچە ئويلاپمۇ بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرەلمىدىم .باشقا بالىلارمۇ جىم بولۇپ كېتىشتى.ئەخمەتجان ئەپەندى بۇ ئىككى ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىزگە ئوڭايلا چۈشەندۇرۇپ قويدى.ئارقىدىن،ئۇ:
_ماشىنا ھەيدۈگۈڭلار كېلەمدۇ؟_دەپ سورىدى.
_كېلىدۇ_دەپ تەڭلا ۋارقىرىدۇق
_تانكا ھەيدۈگىڭلار كېلەمدۇ؟
_كېلىدۇ!
_ئايروپىراننىچۇ!
_كېلىدۇ!
ئەخمەتجان ئەپەندى مەمەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈمسىرەپ:
_بۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟_دەپ سورىدى.
بىز بۇسوئالغا نېمىدەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلەلمەي، يەنە جىم بولدۇق.ئۇ ھەممىمىزگە تەكشى قارىۋىتىپ:
_بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى ئوقۇش كېرەك.ياخشى ئوقۇساڭلار،ئاراڭلاردىن ئىنژېنېرلار،ئانا ۋەتىنىمىزنى قوغدايدىغان تانكىچىلار،ئۇچقۇچى ئەزىمەتلەر يېتىشىپ چىقىدۇ،_دېدى.
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ،بىر ھازاغىچە ھېسسىياتىمىزنى باسالماي قالدۇق.
ئەخمەتجان ئەپەندى بىزبىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى.ئۇنىڭ مېھرىبان چىرايى، ئىلھامبەخىش سۆزلىرى قەلبىمىزگە مەڭگۈلۈك ئورناپ قالدى.