باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3611 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ياردەم بېرىڭ ،يول كۆرسىتىڭ : بۇ كېسەلگە داۋا بارمۇ؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2735
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 17
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە17دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 180 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-07
ئاخىرقى: 2011-11-15
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-11 01:05

ياردەم بېرىڭ ،يول كۆرسىتىڭ : بۇ كېسەلگە داۋا بارمۇ؟


 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك كەڭ سايدىكى تورداشلار :
تورىمىزدىكى بىر ماقالە ئاخىرىغا ئىنكاس شەكىلدە يوللانغان بۇ ئىلتىجانامىنى كۆرۈپ ،مەنمۇ خۇددى ئەشۇ ئاتا ئانىغا ئوخشاش بىئارام بولماقتىمەن .چۈنكى ئۆزۈممۇ بىر ئاتا ،بالىنىڭ مۇھەببىتى ۋە پەرزەتنىڭ بىر ئاتا ئانا ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى توي قىلغان ھەممە بىلسە كېرەك !ئاللاھ پەرزەنتلىرىمىزنى ۋە ھەممىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن !
تۆۋەندە ، بىزگە يوللانغان ئىلتىجانامىنى ئۆز پېتىچە بۇ جايغا يوللىدىم .ئاق كۆڭۈل تورداشلارنىڭ بىلگىنىچە تەكلىپ پىكىر بېرىشىنى سەمىمى ئۆتۈنىمەن !
------------------------------------------------------
تورداش مۇزات 2007 نىڭ ئىلتىجاسى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار:
قېرىنداشلار بىزئاللاھنىڭ ۋە سىلەرنىڭ ياردىمڭلارغا مۇھتاج
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟
بىز ئەسلى مۇكەممەل بەختلىك ئائىلە ئىدۇق. ئەمما كېسەللىك بىزنى تۇلمۇ ئېچنشللىق ئەھۋالغا چۇشۇرۇپ قويدى ؟ئايالىم ئىككمىز ئۇقۇتقۇچى بىز بىر مەكتەپتە ئۇقۇپ بىر يېزغا خىزمەتكە  چۇشۇپ شۇ جەرياندا بىر- بىرمزنى ياختۇرۇپ قېلىپ توي قىلغان ئىدۇق ،ھەم شۇنداق ئۇماق بىر ئوغۇلمىز بار ئىدى .ئۇ شۇنچە ساغلام بۇلۇپ بىزنىڭ خوششالقىمىز ھەم بەختىمىز ئىدى، بىز ھەتتا بالىمىز يوق شۇكۇنلەرنى قانداقمۇ ئۆتكۇزگەن بولغۇيتۇق دەپمۇ ئويلاپ قالاتتۇق ،ئۇنى تەربىيىلەش قاتارغا قۇشۇشۇش،نېمىلەرنى ئۇگۇتۇش توغۇرلۇق ناھايتى بۇيۇك پىلانلارنىمۇ ئويلاپ قويغان ئىدۇق ، ئوغۇلمىز تۆت يېرىم ياشتىن ئاشقاندا تۇيۇقسىز بالىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىدا ،مېڭىش يۇگۇرۇش جەھەتتە بەزى نۇرمالسىزلىق كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بىر ئاي ئىچىدە تۇيۇقسىز ئېغىرلىشىپ ،پات پات يىقىلىپ چۇشىدىغا ن ئەھۋاللار كۇرۇلدى . بىز ناھىيلىك ،ۋىلايەتلىك دوختۇرخانلارغا كۆرسەتسەك ،بالا ساق !  دەپ  دىياگنۇز قۇيۇلدى. بىز گۇمان قىلىپ ئاپتۇنۇم رايۇنلاردىكى بارلىق چوڭ دوختۇرخانلادا تەكشۈرۈتتۇق.يىشۆيۈەندە  10 كۈن تەكشۈرۈش  ئارقىلىق بالغا‹‹ مۇسكۇلغا ئۇزۇقلۇق يىتشمەسلىك›› دەپ دىئاگنۇز قۇيۇپ ،غەرب  تىبابىتىدە  داۋاسى يوق، بارغانسرى ئېغرلىشىشى مۇمكىن دىدى .دىمەك شۇكۇندىن باشلاپ بىزنىڭ ئۇمۇدۈمىز، خوشھاللىقمىز ،بارلقىمىز،نۆل ھالەتكە چۇشۇپ قالدى. بۇبىزگە ئۇلۇمدىنمۇ ئېغىر كەلگەن ئىدى،ئەمما بۇ بىر رىئاللق قانچە ئازاپلانساقمۇ بىز ۋاز كىچەلمەيمىز! بىر تىنقمىز قالسمۇ ئۇمۇت ئۈزەلمەيمىز ۋە مەڭگۈ بالمىزنى قۇتقۇزۇشقا تىرشمىز. گەرچە شۇنچە بەدەل تۆلەپ ھېچ نەتىجىگە ئېرىشەلمىسەكمۇ بىز رازى. بىز شۇ نىيەت بىلەن بالنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالىتىپ بېقىشنى ئويلىشىپ ،خوتەندە  داۋاللاتتۇق .داۋالتىش جەرياندا باللام ماشندىن يىقلپ پۇتى يۇتىدىن سۇنۇپ كەتتى 6ئاي گپستا يېتىش نەتىجىسىدە بالام قايتا ماڭالمىدى،ھازىر بىر يىلدىن ئاشتى مېڭىپ باقمدى
قانچە داۋا قىلساقمۇ ئۇنۇمى بولمدى بارلىق ئىشلىرى نۇرماال ئەمما بالنىڭ پۇت قۇلدا كۇچ يوق. ئاخىر ئامال يوق تور بەتتىكى ھەر ساھە ھەر كەسىپتىكى بىزدەك پەرزەنت ئىشقىدا كۆيۈۋاتقان  ئاتا- ئانا ئاچا -سىڭىل ،ئاكا- ئۇكا قېرنداشلىرمىزدىن مۇشۇكېسەلگە قارتا تەجىربە ،پىكىر تەكلىپ ،داۋالاش لاھىيەسى بولسا بىزنى ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئىتىشڭلارنى ،دوختۇر،ھاياتلىقشۇناسلارنىڭ ئىزدىنىپ كۇرۇشنى مۇشۇنداق كىسەللەربولسا بىرلكتەئىزدىنىپ ئورتاقلششمىزنى ئۇمۇت قىلىمىز. بالام ساقيدىغانلا ئىش بولسا ھەر قانداق ئىشقا بىزتەييا رئىدۇق مۇسلمان قېرنداشلار ئاللا يۇلدا قىممەتلىك ۋاختڭلارنى چىقىرىپ بىزگە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بىرشىڭلارنى ئۇمۇت قىلمەن .ياخشلقڭلارغا كۇرۇپ تۇرغۇچى مەدەت قىلار !
--
ئەسكەرتىش : بۇ ئىلتىجانىڭ كەيپىياتىدىن ،ئىملايىدىن بۇ سۆزلەرنىڭ چىنلىقىنى ھېس قىلماق تەس ئەمەس . شۇڭا تورداشلارنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىقلارنى قىلىشىنى ، تېخىمۇ كەسپى تىبابەت بەتلىرىنى بىلىدىغانلارنىڭ بۇ تېمىنى شۇ جايلارغىمۇ يوللاپ قويىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن!
مەسئۇل مەنبە: http://www.hantangri.net/?p=474
http://munbar.hantangri.net
torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6785
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 277
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە277دانە
ئۆسۈش: 830 %
مۇنبەر پۇلى: 3840 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-28
ئاخىرقى: 2012-03-31
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-11 17:54

قېرىندىشىم مېنىڭ بىر دوستۇمنىڭ بالىسىمۇ شۇنداق كېسەل بولغان. خوتەنگە بېرىپ داۋالىنىپ سەل ياخشى. ئۆزىڭىز تەۋھىدگە كەلگەنمىدىڭىز. بۇمۇ مۇھىم. ئاللاھ خالىسا شىپالىق بولىدۇ. بۇ شۇنداق كەم ئۇچرايدىغان كېسەللىك.
http://torsodisi.blogbus.com مەرھابا!