ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇن ۋەسىقىلىرىدىن تۇرپان ۋادىسىدا 200گە يىقىن تىپىلغان بولۇپ ، بۇنىڭدىن پىرافۇسسۇر مالۇفنىڭ << قەدىمى تۈرك يازمۇ يادىكارلىقلىرى >> دىگەن مەشھۇر ئەسىرىدە يەتتە پارچە خىلمۇ خىل ھۆججەت شەكىللىرى مىسال كەلتۈرۈلگەن .ئاخىرقى << يەرنى ئىجارقگە بىرىش >>دىگەن بىر ھۆججەتكە 28- دىگەن نومۇر بىرىلگەن .دىمەك مالۇفنىڭ مۇنداق ھۆججەتتىن 28 گە ئىكىەنلىگى مەلۇم . قالغانلىرى نىمىسلار ،ياپۇنلار ،ئەنگىلىيەلىكلەر ۋە باشقا چەتئەللىكلەر ئىلىپ چىقىپ كەتكەن .
ھازىرقى مەلۇماتقا قارىغاندا تۇركىيەدە رەشىد - رەخمەتنىڭ << ئىسكە تۇرك ھوقۇق ۋەسىقىلىرى >>دىگەن نامدا 8 توملۇق ھۆججەتلىك تۇركچە نۇسخىسى بار .
تۇرپاندا تىپىلغان بۇ ھوقۇق ۋەسىقلىرى : ئۇزۇم ، پاختا ،ياغ ،كۈنجۈت توغرىسىدىكى سودا ۋە قەرىز ئىلىش ،قەرىز بىرىش ھەم يەر سىتىش ھەتتا قۇل سىتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،بۇ ھۆججەتلەرنىڭ تىلى ، شەكلى خىلى پىشقان .مەسىلەن قەرىز ئالغۇچىنىڭ ئىسمى ، قەرىز ئالغۇچى نەرسىنىڭ سانى ، ئۇنى قاچان تۆلەيدىغانلىقى ،ۋاقتىدا تۆلىمىسە ئۇنىڭ جازاسى ، گۇۋاچى ، ئىمزاسى قاتارلىقلار يىزىلغان . دەل مۇشۇ دەۋىردە ياۋرۇپالىقلاردا بۇنچىلىك پىشقان شەكىل بولغان ئەمەس .بۇ خىل شەكىل پەقەت تۇركى خەلىقلەردىلام بولغان .بۇنىڭغا ياۋرۇپالىقلارمۇ قايىل .تۆۋەندە مىسال كەلتۈرۈپ پاقايلى :
(
1) تەكلىكنى ئىجارىگە بىرىش
مەنكى قايتۇ ئىشلەپ پايدىلىنىش ئۈچۈن كۇچارلىق مىسسىرنىڭ تەكلىكىنى ئىجارىگە ئالدىم . مەن ئىشلەپ پايدىلانغان ۋاقىت ئىچىدە مىسىرغا ئەل نەرقى يەر ئىجارە ھەققى تۆلەيمەن .لىكن بۇ تەكلىكنىڭ ئەسلى ئىگدارچىلىقى مىسىردا بولىدۇ . قايتۇدا بولمايدۇ .
شاھىدلار :
بەكبۇقا
بۇ بارماقلار بىزنىڭكى
ئەلچى
بۇ ھۆججەتنى مەنكى قايتۇ مىسىرنىڭ ئىيتىپ بىرىشى بىلەن ئۆزەم يىزىپ چىقتىم .
2) كۈنجىت قەرىز ئىلىش
ئىيىق يىلى ، ئالتىنچى ئاي ، ئاي بىشى 10 -كۈنى مەنكى كاۋسىدۇ ، ياغقا ئىھتىياجىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئىل تومۇردىن بىر كىيرۇ كۈنجۈت ئالدىم . كۈزدە ئۇنى ئىككى كىيرۇ كۈنجۈت قىلىپ قىلىپ قايتۇرمەن .ئەگەر مەزكۇر قاراردا قايتۇرالمىسام خەلىق ئىچىدىكى ئادەت بويىچە ئۆسۈمىنى تۆلەيمەن .ناۋادا مەن مۇشۇ ئارلىقتا تۆلۈيەلمەي ئۆلۈپ كەتسەم مىنىڭ بىر تۇققان ئىنىم كاسۇك مەسئۇل بولۇپ ، قىرىنداشلىرىم بىلەن تولۇق ھالدا تۆلەپ بىرىدۇ .
شاھىدلار بارماقلىرىمىزنى باستۇق :
قابا
بۇنغاق
بۇ ھۆججەتنى مەن كاۋسىدۇ ئۆز قولۇم بىلەن يازدىم .
س.ي .مالۇف بۇ ھۆججەتلەرنىڭ 10- ئەسىردىن 13 - ئەسىرگىچە بولغان ئارلىقتا يىزىلغان لىقىنى پەرەز قىلىدۇ .شۇ مەنىدىن ئىيتقاندا مىڭ يىللار ئالدىدا يىزىلغان بۇ ھۆججەتنىڭ ھازىرقى ھۆججەتلەردىن شەكلى ، تىلى جەھەتتە قانچىلىك پەرىق بار ؟ بىز بۇۋاقىت جەھەتتە ئۇلاردىنمۇ كونىراق بولغان مۇنۇ ھۆججەتلەرنى كۆرەپ پاقايلى .
3) بوزگە خوتۇن سىتىش (سىتىۋىلىش )
مايمۇن يىلى چاشكا پۇت ئىيىنىڭ بىشى 2- كۈنى بىزكى : تىدىملىك قارا بۇقىلار تۇرمۇشتا قىسىلىپ كەتكەنلىكىمىز ئۇچۈن خوتۇنلىرىمىزنى قۇتلۇق ( بەخىتلىك ) نامغا ساتتۇق .خوتۇنلىرىمىزنى قۇتلۇق تومۇر 150 توپ بوزنى نەق تۆلەپ سىتىۋالدى . بىزكى تىدىملىك قارا بۇقىلار مەزكۇر 150 توپ بوزنى ھەغدا تۇرۇپ قولمۇ - قول تاپشۇرۋالدۇق .مەن قۇتلۇق تومۇر تولۇغى بىلەن تاپشۇرۇپ بەردىم .
مەزكۇر خوتۇنلار مىڭ يىللار . ئون مىڭ كۈنلەر قۇتلۇق تومۇرنىڭ ئەمرىدە بولىدۇ .خوتۇنلار ياراپ قالسا ئۇنىڭئىلكىدە قالىدۇ . ئەگەر ياقمىسا باشقا بىرسىگە سىتىۋىتىشكە ھەقلىق .
بىز ئاكا - ئۇكا تىدىملىك قارا بۇقىلار شۇنى ئىسپاتلاپ ئىيتىمىزكى ،بۇ خوتۇنلار بىزنىڭ بولۇپ ، ئۇلار توغرىسىدا ھىچقانداق ئادەمنىڭ دەۋا- دەستۇرى يوق .بۇلارغا ھىچقانداق ھاكىمدار كۇچ ئىشلىتىپ (خوتۇنلار مىنىڭ دەپ قول ئۇزىتىشقا )ھەققى يوق . بۇ ھەققتە خوتۇنلار باشقىچە گەپ قىلسا ئۇ كۈچكە ئىگە ئەمەس . بۇ خوتۇنلار قۇتلۇق تومۇرنىڭ ئەمرىنى ئاڭلىمىسا ئۇلارنى قۇتلۇق تومۇر ھەتتا ئۆلتۈرۋىتىش ھوقۇقىغا ئىگە .خوتۇنلارنى تالاشقان ئادەم ئۆلۈمگە مەھكۇم .ئەمما قۇتلۇق تومۇردە ھىچقانداق گۇنا يوق .
گۇۋاچى : تىيۇرادۇ . گۇۋاچى : تۇرۇر (؟) مۇڭسوز . گۇۋاچى : تۇييىن .بۇ تامغىلار بىزكى تىدىملىك قارا بۇقىلارنىڭ .بۇ ھۆججەتنى مەن تۇڭمۇ باخشى تىدىملىك قارا بۇقىكلارنىڭ ئىغىزچە ئىيتىپ بىرىشىگە ئاساسەن يىزىپ چىقتىم .بۇنىڭغا گۇۋاچى مەن مۇڭسوز تامغامنى باستىم . بۇ تامغا مەنكى گۇۋاچى تۇراجىنىڭ . بۇ تامغا مەنكى نۇنيىنىڭ . بۇ ئاساسى ھۆججەت قۇتلۇقتا تۇرىدۇ .
بۇ ھۆججەت قۇللۇق تۈزۈمدىن ھىچ بولمىغاندا قۇللۇق تۈزۈمنىڭ قالدۇق لىرىدىن گۇۋالىق بىرىدۇ . شۇڭا بۇ ھۆججەتنى ۋاقىت جەھەتتىن 5-6- ئەسىرگە ھىچ بولمىغاندا 7- ئەسىرگە تەئەللۇق دەپ ئىيتىش مۈمكۈن .يۇقۇرقى ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسى كونا ئۇيغۇر يىزىقىدا يىزىلغان بولۇپ ھەممىسى تۇرپاندىن تىپىلغان . دىمەك بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىز بۇنىڭدىن 1300 يىل ئىلگىرى ئەنە شۇنداق ھۆججەتلەرنى يىزىشنى بىلگەن . بۇ پاكىتلار شۇ چاغدىكى ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ ئىجدىمائى خاراكتىرىنىمۇ ،ئىشلەپ چىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ دەرىجىسىنىمۇ ، ئىشلەپ چىقىرىش خىللىرىنىمۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىنكاسىغا بولغان مەدىنىيەت دەرىجىسى ۋە ئۇنىڭ خاراكتىرىنى كۆرسىتىدۇ .