باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1181 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئوسمانلى سۇلتانلىرى
دوستلىشىش
ozturkler
İyi Bir Dostu Olanın Aynaya İhtiyacı Yoktur
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 272
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە272دانە
ئۆسۈش: 5530 %
مۇنبەر پۇلى: 6568 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-04
ئاخىرقى: 2012-03-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-08 09:00

ئوسمانلى سۇلتانلىرى

رەسىم:
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:
«بىرىنچى مۇستاپا (1622-1623)»
بىرىنچى مۇستاپا، ئوسمانلى سۇلتانى ئۈچىنچى مەھمەتنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئاتىسى مانىسادىكى مەزگىلدە ھىجرىيە 1000- يىلى مىلادى 1591- يىلى دۇنيا كېلىدۇ. ئۈچىنچى مەھمەت تويۇقسىزلا ئۆلۈپ كەتكەندە ئارقىسىدا بىرى ئون ئۈچ يېرىم، يەنە بىر ئون ئىككى ياشلاردا ئىككى كىچىك ئوغلى قالىدۇ. چوڭ ئوغۇل ئەھمەت دەرھال ئوسمانلى تەختىگە ئولتۇرغۇزىلىدۇ، مۇستاپا ئۆلتۈرۈلمەستىن توپقاپى سارىيىنىڭ ھارەم قىسمىدىكى ‹قەپەس› دېيىلىدىغان جايغا سۇلاپ قويۇلىدۇ. بىرىنچى ئەھمەدنىڭ نېمىشقا قېرىندىشىنى ئۆلتۈرگۈزىۋەتمەي (ئوسمانلىلاردا مۇشۇنداق بىر ئەنئەنە بار ئىدى- ت) ھايات قويۇپ قويغانلىقى توغرىسىدا ھەر خىل قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىن. بىر قىسىم تارىخچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇلارنىڭ بىر ئانىدىن توغۇلغان قېرىنداشلار بولۇش ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىرىنچى ئەھمەت، بالا دېگۈدەكلا كىچىك ياشتا بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنىسىنى ئۆلتۈرگۈزۈشنى قارار قىلغۇدەك كۈچكە ئىگە ئەمەس ئىدى. ئىككىنچى بىر قاراشقا ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ئەھمەدنىڭ 1603- يىلى تەختكە ئولتۇرغاندا ئوغۇل پەرزەنتىنىڭ بولماسلىقى ۋە ئوسمانلى ۋارىسلىق ئەنئەنىسىگە كىرگۈزۈلگەن ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلى بىرىنچى مۇستاپانىڭ ھاياتىغا مۇداخىلە قىلمىغان. ئەمما، بىرىنچى ئەھمەدنىڭ ئوغۇل پەرزەنتى دۇنياغا كەلگەندىن ئېتىبارەن بىرىنچى مۇستاپا ئىزچىل ھالدا ئۆلتۈرۈلۈش قورقۇنچى ئىچىدە ھايات كەچۈرۈشكە باشلايدۇ. 1617- يىلى بىرىنچى ئەھمەد ۋاپات بولۇپ كەتكەندە، دۆلەت ئەركانى ئۇنىڭ ئون ياشلىق ئوغلى ئىككىنچى (ياش) ئوسماننى ئەمەس، ئىنىسى بىرىنچى مۇستاپانى تەختكە چىقىرىدۇ.
           بىرىنچى مۇستاپا دەۋرى ئوسمانلى تارىخىدا ناھايىتى كۆپ يېڭىلىقلار ۋۇجۇدقا چىققان زامان قاتلىمىغا ئىشارەت قىلىدۇ. ئەڭ باشتا، بىرىنچى مۇستاپا 1302- يىلى باشلانغانلىقى قوبۇل قىلىنغان ئوسمانلى تارىخىدا قېرىندىشىنىڭ ئورنىدا تەختكە ئولتۇرغان تۇنجى سۇلتان بولۇپ، بۇ ئىش ئوسمانلى تارىخىدىكى تەخت ۋارىسلىرى ئەنئەنىلىرىنىڭ بورۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ. بىرىنچى ئەھمەد دەۋرىدە دەسلەپكى قەدىمى بېسىلغان بۇ سىياسەت ئارقىلىق سەلتەنەتنىڭ ئاتىدىن ئوغۇلغا مىراس قىلىش ئادىتىگە خاتىمە بېرىلىپ، ئوسمانلى خانىدانلىقىنىڭ ياشتا ئەڭ چوڭ ئەر مەنسۇبىنىڭ تەختكە ئولتۇرۇشىنى مەزمۇن قىلغان ‹ئەكبەرىييەت› سىستېمىسىنىڭ تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلۇشىمۇ بىرىنچى مۇستاپانىڭ جۇلۇسى ئارقىلىق رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. ئوسمانلى تارىخىدا بىرىنچى مۇستاپا دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن يەنە بىر يېڭىلىق بولسا، 1617- يىلى 22- سېنتەبىردە تەختكە ئولتۇرغان يېڭى سۇلتاننىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلغۇدەك ئىقتىدارىنىڭ بولۇشى ئۇياقتا تۇرسۇن، ئادەتتىكى تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرغىدەكمۇ ئەقلى قابىلىيىتىنىڭ بولماسلىقىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئوسمانلى تارىخىدا بىرىنچى مۇستاپا «ساراڭ مۇستاپا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
          بىرىنچى مۇستاپا 1617- يىلى 22- سېنتەبىردە تەختكە ئولتۇرۇپ، 96 كۈن سەلتەنەت سۈرىدۇ. 1618- يىلى بىرىنچى مۇستاپانى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ تەختنى تارتىۋالغان جىيەنى ئىككىنچى ئوسمان، ئۇنى تۆت يىل بويىچە ناھايىتى ناچار شارائىتلار ئاستىدا نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرىدۇ. ياش ئوسمان (ئىككىنچى ئوسمان) نىڭ بىر قېتىملىق ئىسيان ئەسناسىدا ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن 1622- يىلى 19- مايدا ئىككىنچى قېتىم ئوسمانلى تەختىگە ئولتۇرىدۇ ۋە 1623- يىلى 10- ئىيۇلغىچە سەلتەنەت سۈرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ فاتىھ سۇلتان مەھمەتتىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم تەختكە ئولتۇرغان ئوسمانلى سۇلتانى بولىدۇ. فاتىھنىڭ ئىككىنچى قېتىم تەختكە ئولتۇرۇشى ئاساسلىقى ئاتىسىنىڭ ئىستىكى ۋە كونتروللۇقى ئاستىدا روياپقا چىققان بولسا، بىرىنچى مۇستاپانىڭ ئىككىنچى قېتىم تەختكە ئولتۇرۇشى دۆلەت ئىچىدىكى ئوخشاش بولمىغان گۇرۇپپىلارنىڭ مۇجادىلىسىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە روياپقا چىقىدۇ.
      فاتىھ سۇلتان مەھمەت دەۋرىدىن بۇيان ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن قېرىنداشنى ئۆلتۈرۈش سىياسىتىگە كۆرە، بىرىنچى ئەھمەد قېرىندىشى مۇستاپانى ئۆلتۈرۈشى كېرەك ئىدى. ئىستانبۇلدىكى ۋەنەدىك كونتارىنىنىڭ قارىشىچە، بىرىنچى ئەھمەد ئىنىسى بىرىنچى مۇستاپانى ئۆلتۈرۈشنى ئويلىغان، بىراق بۇ ئوي ئۇنى شۇنچىلىك بىئارام قىلغانكى، نەتىجىدە ئۇنى ئۆلتۈرۈشتىن ۋاز كەچكەن.
       بىرىنچى ئەھمەد ۋاپات بولغاندا ئوغلى ئوسمان ئون ئۈچ ياشتا ئىدى. ئىلگىرىكى مەزگىللەردە بۇ ياشتىكى بىر بالا ئوسمانلى تەختىگە ئولتۇرالايتتى، بىرىنچى ئەھمەد ئۆلگەندە بولسا، ئوغلى ئوسمان ئەمەس، سوفى مەھمەت پاشا ۋە شەيخۇلئىسلام ئەسات ئەپەندى قاتارلىق دۆلەت ئەركانىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، قەپەستە ياشاۋاتقان قېرىندىشى مۇستاپا تەختكە ئولتۇرغۇزىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئوسمانلى خانىدانلىقى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئائىلىدىكى شاھزادىلەرنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ ئوسمانلى سۇلتانى بولۇشى مۇۋاپىق دەپ قارىلىدۇ. لېكىن كاتىپ چەلەبىنىڭ يازغانلىرىغا قارىغاندا، ئارىدىن ئۈچ ئاي 10 كۈن ئۆتكەندە يەنە شۇ دۆلەت ئەركانى تەرىپىدىن بىرىنچى مۇستاپانىڭ سەلتەنەت ئىشلىرىنى ئىدارە قىلالمايدىغانلىقى قوبۇل قىلىنىپ، ئۇنى تەختتىن چۈشۈرۈپ ئورنىغا ئىككىنچى ئوسماننى ئولتۇرغۇزۇش قارار قىلىنىدۇ. لېكىن 1622- يىلى يەنىچەرىلەر ئىككىنچى ئوسمانغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە قايتىدىن بىرىنچى مۇستاپانىڭ تەختكە ئولتۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.
       بىر ئوسمانلى سۇلتانىنىڭ ئاتقا مىنگەن ھالدا خەلقنىڭ ئارىسىغا چىقىشى ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنىڭ ئىشارىتىدۇر. لېكىن بىرىنچى مۇستاپانىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئەسلىدىنلا نورمال بولمىغان ئەقلىي ئىقتىدارى يۈزىسىدىن قەپەستىكى چېغىدا تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتكەنىدى. خەلق ئارىسىدىكى سۆز – چۆچەكلەرگە كۆرە، 1623- يىلىغا كەلگەندە ئاتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرالىغۇدەكمۇ ماجالى قالمىغانىدى. دۆلەت ئەركانى بۇ خىل سۆز – چۆچەكلەرگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، بىرىنچى مۇستاپانى گويا ئاتقا مىنىپ ئايلىنىۋاتقان ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش مەقسىتىدە باشقا بىرىنى ئۇنىڭغا ئوخشاش كىيىندۈرۈپ، خەلقنىڭ ئارىسىغا چىقىرىدۇ. ئوسمانلى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغۇچىلار، بىرىنچى مۇستاپانىڭ ئۇ مەزگىللەردە ناھايىتى ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى يېزىشىدۇ. ئىككىنچى ئوسماننى ئۆلتۈرگەن يەنىچەرىلەر، بىرىنچى مۇستاپانى تەختكە ئولتۇرغۇزۇش ئۈچۈن توپقاپى سارىيى، ھەرەم قاتارلىق جايلاردا ئۇنى ئىزدەشكە كىرىشىدۇ ۋە ئۇنى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۈرىۋەتكۈدەك ھالدا ئۇچرىتىدۇ. يەنىچەرىلەر بىرىنچى مۇستاپانى تاپقاندا، ئۇ، قوللىرىنى قۇۋۇشتۇرۇپ تۇرغان ئىككى خىزمەتچى خوتۇننىڭ ھۇزۇرىدا ناچار بىر كۆرپىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قۇرئان ئوقۇۋاتاتتى. بەلكىدە ساراي ئىچىدىكى قالايمىقانچىلىقلار يۈزىسىدىن باشقىلار ئۇنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى. بىرىنچى مۇستاپانىڭ بىر نەرسە يىمىگىنىگە ئۈچ كۈن بولۇپ قالغانىدى. ئۇ يەنىچەرىلەرنى كۆرگەندە ئىچىش ئۈچۈن سۇ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. يەنىچەرىلەر ئۇنى بىر ئاتقا مىنگۈزۈپ ئورتا جامەگە ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ، بىرىنچى مۇستاپا شۇنچىلىك ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدىكى، ئورتا جامەگىمۇ ساراينىڭ بىر ھارۋىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.
        بىرىنچى مۇستاپانىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سەلتەنىتىمۇ ئۇزۇن داۋام قىلمايدۇ. 1623- يىلى 10 – ئىيۇلدا بىرىنچى مۇستاپا تەختتىن چۈشۈرۈلۈپ، ئورنىغا بىرىنچى ئەھمەدنىڭ ئوغلى ئىككىنچى ئوسماننىڭ بىر تۇغقىنى تۆتىنچى مۇستاپا ئولتۇرغۇزىلىدۇ
       بىرىنچى ئەھمەدنىڭ تەختكە ئولتۇرۇشى بىلەن ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىدا تۇنجى قېتىم «قەپەس تۈزۈمى» ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدۇ. بۇ تۈزۈمنىڭ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىشى بىرىنچى مۇستاپانىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ ۋە يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئۇنىڭ ئىككى قېتىم تەختكە ئولتۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. «قەپەس تۈزۈمى» قانداق بىر تۈزۈم ئىدى؟ تەختكە ئولتۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان بىر تۇغقانلار بىر – بىرلىرىنى ئۆلتۈرمىسىمۇ بۇلاتتى، لېكىن شۇنداق بىر تۈزۈم ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك ئىدىكى، ھېچ بولمىغاندىمۇ سەلتەنەت سۈرىۋاتقان سۇلتاننىڭ ئىشلىرىغا باشقا قېرىنداشلىرىنىڭ توسالغۇلۇق پەيدا قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. مانا بۇ قاراشقا ئاساسەن، ئوسمانلى تەخت ۋارىسى سىستېمىسىدا «قەپەس» تۈزۈمى يولغا قويۇش ۋە بۇ مەقسەتتە ساراينىڭ چەكلەنگەن قىسمىدىكى ئەندەرۇندا باشقا بىر تۇغقانلارغا يەر ئاجرىتىش، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كېسىپ تاشلاش كېرەك ئىدى. ئوسمانلى سارىيىدا ئىلگىرى شاھزادىلەر ياشايتتى. بولۇپمۇ 16- ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا شاھزادىلەرنى سانجاق (ۋىلايەت) لارغا ئەۋەتىش سىياسىتى قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ سارايدا ياشىغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. لېكىن ئۇ مەزگىللەردە سارايدا تۇرغان شاھزادىلەر، ئوسمانلى تەختىدە ئولتۇرغان سۇلتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. بىرىنچى مۇستاپا دەۋرىدىن باشلاپ، سارايدا پەقەت سۇلتاننىڭ ئوغلىلا ئەمەس، بىر تۇغقىنىمۇ تۇرۇشقا باشلايدۇ. ھەتتاكى كېيىنكى مەزگىللەردە سارايدا سۇلتاننىڭ بىر تۇغقانلىرىدىن باشقا جىيەن ۋە نەۋرە تۇغقانلىرىمۇ تۇرالايدىغان بولىدۇ. «قەپەس» شاھزادىلەر قۇرقۇنچلۇق ھاياتقا مەھكۇم قىلىنغان توپقاپى سارىيى ھەرەم قىسمىنىڭ بىر بۆلمىسى ئىدى. شاھزادىلەرنى بۇ يەردىن پەقەت ئۆلۈم ياكى تەختكە چىقىشلا قۇتقۇزۇپ قالالايتتى. ھەرەمنىڭ قورقۇنچلۇق ۋە سىرلار بىلەن تولغان بۇ قىسمى ئون ئىككى بۆلمىدىن تەشكىل تاپاتتى. بۇ بۆلمىلەرنىڭ ھەممىسى ۋالىدە سۇلتان باغچىسىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدا ئىدى. بۇ يەرگە يېقىن يەردە شەمشات باغچىسى بولغانلىقى ئۈچۈن «قەپەس»، «شەمشادلىق» ياكى «شەمشادلىق ئۆيى» دەپ ئاتىلاتتى. لېكىن «قەپەس» دېگەن نام دەسلەپكى مەزگىللەردە خەلق تەرىپىدىن كۆپلەپ ئىستىمال قىلىنغان بولسىمۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن «شەمشادلىق» ياكى «شەمشادلىق ئۆيى» دېگەن ئىسىم ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ۋە بارلىق كىشىلەر تەرىپىدىن ئىستىمال قىلىنىدىغان ھالغا كەلگەن. بۇ يەرگە نەزەربەنت قىلىنغان ئوسمانلى خانىدانىنىڭ ئەر مەنسۇپلىرىنىڭ تەلىم – تەربىيە ئىشلىرى توختىتىپ قويىلاتتى. بالىلىق ۋە ياشلىق يىللىرىنىڭ بىرى قىسمىنى «قەپەس» تە ئۆتكۈزگەن بىرىنچى مۇستاپامۇ يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى ياخشى تەلىم – تەربىيە ئالالمىغان ۋە خەتتى ھۇمايۇن (ئەمىر – پەرمان) لىرىنى باشقىلارغا يازدۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ.  بىرىنچى مۇستاپا 1639- يىلى ۋاپات بولغان دەپ قارىلىدۇ.

            تەييارلىغۇچى:ئىمىنجان تۇرسۇن ئۆزتۈرك
[ بۇ يازمىنىozturkler 2011-07-08 12:38قايتا تەھرىرلى ]
باتۇر بىر قېتىم ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق كۈندە ئۆلىدۇ.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6689
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 731
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە731دانە
ئۆسۈش: 6940 %
مۇنبەر پۇلى: 12387 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-24
ئاخىرقى: 2012-03-31

ھەقىقى دوستۇ سادىق گەر زەھەر سۇنسا شېكەر دەپ بىل،
مەگەر دۈشمەن ساڭا ئەپلەپ شەكەر سۇنسا زەھەر دەپ بىل.
زىيان يەتكۈزسە دوستۇڭ پايدا دەپ بىل كۆڭلى تۈز بولغاچ،
شۇنىڭدەك دۈشمىنىڭ گەر پايدا يەتكۈزسە زەھەر دەپ بىل.
...