باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1231 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئېلانلىرىمىزغا تەبىر....
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 438
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 318
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە318دانە
ئۆسۈش: 5204 %
مۇنبەر پۇلى: 6317 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-27
ئاخىرقى: 2012-03-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-07 10:59

ئېلانلىرىمىزغا تەبىر....

                             

  ئەمدى بۇگۇنكى بىرىنچى بولوپ يوللايدىغان ئەسىرىم....<ئېلانچىلىقتىن قۇسۇر تېپىش....       
 1. رازىمەن توي گىرىم سۈرەتچىلىكى -     ھەقىقەتەن ئېسىل چىققان ئەسەر مەيلى گۈزەللىك جەھەتتىن بولسۇن مەيلى ئىپادىلەش جەھەتتىن بولسۇن باشتىن ئاخىر قاملاشقان .. يەنە كۆرسە يەنە كۆرگىسى كىلىدۇ...                                                                              
 2 . --
 ئابلىز شاكىرنىڭ ئېجاۋگەيگە ئىشىنىشى  :  ئەگەر ئېجاۋگەي بولمىغان بولسا  داڭلىق ناخشىچى  ئابلىز شاكىرمۇ بولماس ئىدى  ئۇنىڭ ناخشىنى شۇنداق ياخشى ئېيتىشى  كىچىكىدىن تارتىپلا ئېجاۋگەينى ئىچىپ بەرگەنلىكىدىن بولغان شۇڭا ئېجاۋگەيگە ئىشىنىدۇ....شۇڭا  ناخشىچى بولوشنى ئارزۇ قىلدىغانلار ر ئېجاۋگەينى ئۈزۈلدۈرمەي ئىچىبپ بىرىڭلار.....     
 3.   ---- ئۇيغۇرلار ئەمدى تالقان دەۋرىگە كىردى شۇ سەۋەبتىن بىز ئاڭلىمىغان ئاجايىپ غارايىپ تالقانلار مەيدانغا كىلىشكە باشلىدى..چۈنكى بىز  بىرسىمىز  نىمە چىقارساق شۇنىڭ كەينىگىلا كىرىۋالىمىز...باشقىچە بىر نەرسە ئويلاپ باققىمىز كەلمەيدۇ...دەۋىر ماركىلىق پايپاق چىقسا ئەتىسىلا  چەبدەس   مۇقەددەس بەرنا سەرنا ..ناملىق ئەسەرلىرىمىز يىغىپ كىتىدۇ.......بەزىدە ھەممىمىز دىگۈدەك دەيچى....كىنوچى....ناخشىچى...بىر چاغدا روس تىلىنى  ئۈگەنگەنلەر جىق پۇل تىپىۋىدى..پۈتۈن ئادەم روس تىلىغا يۇپۇرلۇپ كەلدى..ئەمدى بىر مەزگىل  بوشاپ قىلىۋىدى  نۇرغۇن ئادەم رۇس تىلىنى ئۈگىنىشتىن ۋاز كەچتى ياكى يىرىم يولدىلا توختاپ قىلىپ ئەمدى ئىنگىلىز تىلىغا قەدەم تاشلىدى....بىز خۇددى بىر توپ قارغۇچىغىلا ئوخشاپ قالدۇق  گۈرلا قىلىپ ئۇياققا ئۇچىمىز گۈرلا قىلىپ بۇياققا ئۇچىمىز...شۇنۇڭغا ئوخشاش ئەمدى ئۆز نۇرماللىقىدىكى ئارمان ئىخلاس نامىدىكى تالقانلىرىمىز...ئۆزگىرىپ  كەمپۈت تالقىنى ...تاۋۇز تالقىنى ئاچچىقسۇ تالقىنى  پەمىدۇر تالقىنى دەپ  ھەممە نەرسە تالقانغا ئۆزگۈرۇپ بىراقلا  ھەممىمىز ئۇگۇلۇپلا كەتمىسەك بولاتتى...   
 4.    --------------------بىر دام دام بەرسىڭىز دىگەن ئېلاننى كۆرسەم كۈلگۈملا كىلىدۇ  يائاللا  غالىپكاممۇ  ئۇيدۇرۇپلا قويۇپتۇ ...ئۇ ئېلاننى كۆرۆپ مىنىڭمۇ يىگۈم كىلىپ كەتتى دىسە...... ئېلان دىگەننىڭ مۇشۇنداق مەزمۇنى ھەرخىل بولغىنى ياخشى نەگىلا قارىسىڭىز بىر خىل  ...ھەممە ئېلان ئوخشاشلا...ئادەمنى بىزار قىلىپ ...                                                           
 5.  ------------ بىر كۈنى ئىچكىردىن بىر لوبەن چىقىپتۇ ئۇ بىرمەھسۇلاتىغا ئېلان ۋاكالەتچىسى قۇبۇل قىلماقچى بولوپ  ئۇيغۇرلار ئىچىدىن  ئەڭ تونولغان بىرسىنى تىپىش نىيىتىدە سوراپ يۈرۈپ ھىسامكامىنى  توغرا كۆرۈپتۇ..شۇ لوبەن غولجىغا مىڭىش ئالدىدا  ھىسامكامغا نەچچە بەرسەم قوشۇلا ..دەپ غەم قىلىپ ئاخىر  200000 يۈۋەن بەرسەم ئۇنۇپ قالسا تەلىيىم دەپ ئويلاپ  غولجىغا بىرىپ ھىسامكام بىلەن كۆرۈشۈپتۇ ...ھەم  مۇشۇنداق بىر ئىلان ۋاكالەتچىسى بولوپ بىرىشنى  ئۈزىنىڭ قارارى بويىچە  بولدىغانلىقىن ئىيتىپتۇ ...شۇنىڭ بىلەن ھىسامكام بىرھازا ئويلانغاندىن كىيىن  لوبەنگە دەپتۇ....بوپتۇ  بولسام بولاي  ئەمما  2000 يۈۋەندىن بىر كوي كام بولسا بولمايدۇ دەپتىكەن ..ھىلىقى لوبەن ئارتۇقچە گەپ قىلماي چىقىپ كىتىپتۇ......                                          
 6.    ---------- بىر ئوقوتقۇچى دوسكىغا توختىماي خەت يىزىۋاتىدۇ يۇ  كاللىسى    ئارىسىغا قايماق قىتىلغان پىرەنىكتە.... ئوقوغوچىلارمۇ  ھەممىسى پىرەنىك بىلەنلا بولوپ كەتكەن  .. ئوقوتقوچىسى سەن دەرىس ئاڭلامسە يا پىرەنىك يەمسە دەپ تەنقىتلىمەكتە يوق  خاتىرجە  ھالدا ئوقوغوچىسىغا سەن تېخى بۇنى  يىمىدىڭ دەپ تاشلاپ بىرىۋاتىدۇ....بۇ ئېلان نىمە دىمەكچى  ..ئوقۇش مۇھىم ئەمەس  پىرەنىك مۇھىم دىمەكچىمۇ....بۇنداق دىسەم بۇ دىئگەن ئېلان دەيدۇ....ئېلان بولسىمۇ  ئېلاندەك بولسۇن...دەيمۇ...چاخچاختىن جاخجاق چىقىدۇ...كۆڭلىمىز تۈز  خوشاللىق بولسۇن دەيمىز...ئەمما تەسىرى چوڭ...بولوپمۇ ئوقوغوچىلا ئاسانلا  بۇ ئىش ھەركەتلەرنى  ئۆزىگە دائملىق باغلىۋالىدۇ ..ئېتوتلىرىمىزنى تەرىپلەپ  بىزگە جەمىيەتتىكى ناچار خۇلىقلارنى پاش قىلىپ تەنقىتلەپ بىرىدۇ دەيمىز  .. شۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ...ئاشكارلاپ بەردۇق دەپ  جمىيەتكە  پۈتۈنلەي مودا قىلىپ  بەرگەنلىرى چىقتى،...چوڭلار ھەرھالدا ئۆزىنى تۇتىۋالغان بىلەن  ۋابا كىچىكلەرگە يۇقتى،،..ئۇلار تەتۈرچە ھىسقىلىپ  قەلبىنى زەھەرلىۋالدى..   بولدى ھەممە ئىش يولىدا بولسۇن  ....مەشەدە ئىچمەي نەدە ئىچىمەن ....ھاراق ئىچمىسەڭ سىنىمۇ ئەر كىشى دىگىلى بولامدۇ..... كوچىدىكى ھارۋىكاشلەردىن سېتىۋالغان ئەرزان باھالىق كىيىملەرغۇ شۇ... ...دىگەندەك     نۇرغۇن گەپلەر ھازىر مودا بولوپ كەتتى....بىز تىخى  ھەممىمىز داڭلىق ماركىدىكى كىيىملەرنى سېتىۋالغۇدەك باي ئەمەس....مۇشۇ گەپ بىلەنلا  نۇرغۇن قىزلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە غەم چۈشتى...ئېتوت  كۆلكە دىگەن بىلەن ..ئىغىزدا چاخچاخ  ئەمىليەتتە جاخجاق بولدى...ھارۋىكەشتىن كىيىم ئالماقچى بولغان  قىزلىرىمىز  ئەتىراپىمىزغا بىر قۇر قارىۋىتىپ  ئەندىكىپ قۇيىشىدۇ....   ئەرزان بولغانىلقى ئۈچۈن  يىراقتىن كىلىپ ئوقىۋاتقان  ..تۇرمۇش سەۋيىسى تۈۋەنلىرىمىز شۇ يەردىن ئالىمىز.. چۈنكى بىز ھەمىمىمز باي بولوپ كەتمىدۇق...ئېتوتلا بولسا ئۇ قانداقلا بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئەسكىلىكنى ئاشكارلاپ  ياخشىلىقنى  مەدىھلىگۈچى بولىۋەرمەيدۇ.....    چايغا ناۋاتنى جىق دەملەپ قويسىڭىز  كۆڭلىڭىزگە تىگىپ قالىدۇ    ... تاتلىقنىڭ تاتلىق بولغىنى ياخشى بولمىسا قىرتاق بولوپ  قالىدۇ...  
--------------------
7؛   ئالدىنقى قىتىمدا  ئاجايىپ يۈتەل توختىتۇش كاپسۇلىنى ئاغزى ئاغزىغا  تەگمەي ماختاۋاتقان  ئىسكىلىتشاھ   بۇ قىتىم  يۈسۈپ سالى بىلەن چىققان ئېلاندا   پايدا قىلامدۇ ئۇ  دەپ قويدى ... ئاجايىپ يۈتەل توختىتۇش كاپسۇلى ھەقىقەتەنمۇ خەلىق رازى بولغىدەك  ياخشى دورا... كۆز  يۇمۇشقا بولمايدۇ... ئەمما بو ئىش  خەلىقنىڭ  ئاغزىدا بار...  بىردەم ئۇنى دىسە بىردەم بۇنى دىسە... بىزغۇ بىلىمىز بىلمىگەنلەر قانداق ئىشىنىدۇ...مانى قارا پۇللا بەرسە  تاغدىن باغدىن سۆزلەۋىردىكەن دىمەمدۇ...ئاللا ھەممە ئۇيغۇرلىرىمىزغا يۈكسىلىشنى نىسىپ قىلسۇن.....                                        
 8.  ھازىر بىر شىركەت ئېلانغا ئادەم ئىزلەۋىتىپتۇمىش   ،  لىكىن  ئېلانغا چىققۇدەك بىرەرسى قالماپتۇمىش...بىر ئۆمەرجان ئالىم قاپتۇ دەپ شۇنىڭ قىشىغا بارسا ئۇمۇ  تېلىۋىزۇردا  چىققىلى تۇرۇپتۇدەك...دىلنار ئابدۇللا،  ئىززەت ئىلياس ، مەخمۇد سۇلايمان قاتارلىقلارنىڭ قىشىغا بارسا  بىزنىڭ خىزمىتىمىز ئالدىراش  يىڭى يىڭى مەزمۇنلارنى خەلقىمىزگە  تەغدىم قىلمىساق بولمايدۇ دەپ چىرايلىق يولغا ساپتۇمىش...     ئابدۇللا ئابدۇرىھىم ئۆزىنىڭ شىركىتىنىڭ ئېلانىغا چىقىدىغانلىقى ئۈچۈن...رەت قىپتۇمىش...بۇ قايسى شىركەتتۇ دىسىڭىز ھىلىقى ھىسامكامنىڭ قىشىغا بارغان لوبەننىڭ شىركىتىكەنتۇق.....تىلىفۇن نۇمۇرى،..130130132135136137138139ئىكەن ...               
 9. دوختۇخانىلارنىڭ ئېلانى بىلەن مىنىڭ كارىم يوق....چۈنكى ھەممىسنىڭ كارى يوق....خۇدا ساقلىسۇن ئۇ يەرگە بىرىپ قىلشتىن....    ھازى بىر ئۆيدە تۇرۇپ خاتىجەم بىرنىم كۆرگىلى بولمايدۇ.....ئادەم بەزىدە نۇمۇستىن يىرىلىپ كىتىدۇ....لىكىن بارغانسىرى  كۆنىۋاتىمىز....چۈنكى سىم سىم يامغۇر جاندىن ئۆتىدۇ...ئابدۇلنى مەمەت دەپ زىرىكمەي تىرىكمەي چاقىرىۋەرسەڭ  ئۇمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەمەت بولىدۇ....           قۇمنى بەك سىقسا تۆكۆلۈپ كىتىدۇ سەل بوش قويوپ جىم تۇرسا توختاپ قالىدۇ.....             خەيىر   بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن    داۋامى تىخى نۇرغۇن....ئېغىر  كەتكەن يەرلىرى بولسا رەنجىمەڭلا      دوسىت يىغىلتىپ ئىيتار دۈشمەن.........       
ماقالە ئەسلى مەنبەسى : كەڭ ساي تور بىكىتى 
 
يوللىغۇچى : غەيرەت828    
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5723
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 367
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە367دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 3953 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-03-30

ئەسىرىڭىز  ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ.............رەھمەت ،،،،،،،،،،داۋامىغا تەشنامىز!!!!
...................................................................................................................
...بۇ قايسى شىركەتتۇ دىسىڭىز ھىلىقى ھىسامكامنىڭ قىشىغا بارغان لوبەننىڭ شىركىتىكەنتۇق.....تىلىفۇن نۇمۇرى،..130130132135136137138139ئىكەن
..............................................................
مۇشۇ تىلىفۇن نۇمۇرىنى   ھېلىقى رەديولدا،،،،    دارا ئېلانى سۆزلەيدىغان  مەھەممەتجان دوختۇر دەيدىغان ئادەمگە
ھاۋالە قىلىپ قويىدىغانلار بولغان بولسا،،،،ئاشۇ ئادەم بىر   كەسىپ ئالماشتۇرۇپ،  رەدىيولدا    باشقىلارنىڭ
دارىسىنى دەرىجىدىن تاشقىرى ماختاپ بېرىپ پۇل تاپىدىغان كەسپىنى ئالماشتۇرىۋالغان بولسا!!!
ئويلاپ باقسام 15 يىللار بۇلۇپ كەتتىمىكىن دەي مەن،،، بۇ ئادەم رەدىيولدا  كىچە مۇ    كۈندۈز    دارا ماختايدىغان
كەسىپنى قىلغىلى،،،ھەرقېتىم يىڭى دارىنى ماختىغاندا ، بۇنىڭدەك تەبى مەھسۇلات   تېخى يەرشارىدا
باشقىسى    كەشىپ قىلىنىپ باقمىدى    دەپ چۈشەندۈرۈش    بۇ ئادەمگە ئادەت بۇلۇپ كەتكەن!!!
ناۋادا   كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،  بۇ ئادەمنىڭ   ئاغزى مايماق كىتىپ قالسا      ئاشۇ دارىسى  پايدا قىلامۇ،،،؟
دىگەننى ئويلاپ قالىمەن بەزىدە!!!
ئىشقىلىپ بۇ ئادەمنىڭ ئاۋازىدىن بەك چىقىپ كەتتىم جۇمۇ مەن!!! ماشىنىغا چىقىپ رەدىيولنى
ئاچساملا شۇنىڭ ئاۋازى،،،يېقىننىڭ ياقى سەل ئۆزگەرتىۋالدى تېخى ئاۋازىنى بۇ  جاڭۋا،،،،،@!!~~~!
ئاللاھ دىللارغا غىل-پال كەشكەن خىيالنىمۇ بىلىپ ت ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1760
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1147
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1147دانە
ئۆسۈش: 1340 %
مۇنبەر پۇلى: 13274 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-03-19
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-07 15:52

بۇ قانداق گەپ بۇلۇپ كەتتى؟ يوللۇغۇچى.غەيرەت... لىكىن  ئاۋۇ ئۈستىدە تۇرغىنى  سالام؟   بۇتېمىنىڭ بەزى يەرلىرىنى بۇرۇن كۆرگەندەك......  ئېلان.. كەڭسايدىمۇ  باشقاتوربەتنىڭ ئېلانىنى چىقىرىپ قۇيىدىغان بۇلۇپ كەتتىغۇ؟  قانداق گەپ بۇ.؟
ئەتە ئۈلۈم!
اﷲقا تەقۋادار بول، ھەمىشە ئەسلەپ تۇرغىن!چۇنكى ئ& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7815
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 104
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە104دانە
ئۆسۈش: 80 %
مۇنبەر پۇلى: 1160 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-10
ئاخىرقى: 2012-02-17
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-07 15:54

بەك ياخشې تېما بوپتۇ .دوختۇرخانا ئېلانلېرنې يازمېغېنېڭز ياخشې بوپتۇ  .يازغان بولسېڭېز مۇنبەر بۇلغۇلنۇپلا كېتەتتې.
ئوۋچىنىڭ مىلتىقى بولسا ، تۇلكىنىڭ خۇداسى يوقمىكەن .
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2355
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2355دانە
ئۆسۈش: 5240 %
مۇنبەر پۇلى: 29036 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-30
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-07 16:00

زەم زەم كولانىڭ ئىلانىنىمۇ شۇنداق ياخشى ئىشلەپتىكەن
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
ھايات -كۆرەش،پۇرسەت،نەتىجە دىمەكتۇر.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 191
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 858
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە858دانە
ئۆسۈش: 2702 %
مۇنبەر پۇلى: 8962 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-29
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-08 17:48

تېلېۋزىيە ئېكرانى ئەڭ بىۋاستە شەكىل بولغانلىقتىن، كىشىلەرگە بولغان تەسىرىمۇ بىۋاستە بولىدۇ، شۇڭا ئېلاننى تەھرىرلەشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.
پۇرسەت سىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، لىكىن پۇرسەت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا پەرۋانىدەك چۆرگۈلەپ تۇرىدۇ، گەپ سىزنىڭ بايقشىڭىزدا. تىرىشچانلىق، سەمىمىيلىك، ئىشەنچ سىزگە بايلىق ئاتا قىلىدۇ. كۈنىڭىز مەنىلىك، ئەھمىەتلىك،خوشال ئۆتىدۇ.