باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1548 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كۆرۈشكە ئەرزىپمۇ قالار، كۆرۈپ قۇيۇڭ
دوستلىشىش
dulbarqin310
ئاللاھ خالىسا كۈلۈپ ياشايمەن.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 917
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە917دانە
ئۆسۈش: 530 %
مۇنبەر پۇلى: 9643 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-01-08
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-01 13:47

كۆرۈشكە ئەرزىپمۇ قالار، كۆرۈپ قۇيۇڭ

يەر شارى : مەن خەۋىپتە...
مەن مىلادىيە 2085-يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى كومىپوتېردا مەشغۇلات قىلىپ ئولتۇراتتىم. ئېكراندا توساتتىن ئوماققىنە بىر چاشقان پەيدا بۇلۇپ قالدى. ئۇ توختىماي ۋىچىرلايتتى. مەن كومپىيوتېردىكى ھايۋانلارنىڭ تىلىنى ئىنسان تىلىغا، ئىنسان تىلىنى ھايۋانلارنىڭ تىلىغا ئايلاندۇرۇپ بېرىدىغان تىل سېستىمىسىنىڭ ياردىمىدە ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشتۈم.

_ ياخشىمۇ سەن چاشقان ئەپەندى، دىدار غەنىيمەت.

_ ياخشىمۇ سىز كومپىيوتېر مۇتەخەسىسىسى، مەن بىلەن قىزغىن سالاملاشقىنىڭىزغا قاراپ ئەندىشىدە قالدىم.

_ ئارتۇقچە غەم قىلما، مەن پەقەت سەندىن ئۆزۈم چۈشىنەلمەيۋاتقان بەزى سىرلارنى سوراپ بىلىۋالماقچى.

_ قۇلىقىم سىزدە.

_ سىلەر چاشقانلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىڭلار بەكلا كۈچلۈككەن، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟

_ راست گەپنى قىلسام، بۇنىڭ سەۋەپچىسى سىلەر ئۆزۈڭلار، سىلەر ئىنسانلار بىزنى ئۆزۈڭلارنىڭ تۈرۈلۈك ئەشەددى دۈشمىنى ساناپ، بىزنى يوقىتىدىغان تۈرۈلك-تۈمەن زەھەرلىك يېمەكلىك، دورىلارنى توختىماستىن يادرو سىنىقى ئېلىپ باردىڭلار، شۇنىڭ بىلەن بەدىنىمىزدە تەدىرىجىي ھالدا، سىلەرنىڭ ياسىغان زەھەرلىك دورىلارغا قارىشى تۇرالايدىغان كۈچلۈك ئىممونىتېت ئىقتىدارى شەكىللەندى. يادرو سىنىقىدىن پەيدا بولغان خىمىيىلىك بولغىنىش بىزنىڭ گېنىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپ، گېن تىپىمىزنى ئۆزگەرتىۋەتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بىز بۇرۇنقىغا قارىغاندا ھەم كۈچلۈك، ھەم چوڭ، شۇنداقلا تېخىمۇ چىداملىق بۇلۇپ كەتتۇق.

_ئەسلى مۇنداق ئىكەندە، مېنىڭ يەنە بىر ئىشقا ئەقلىم ھەيران. قېرىندىشىڭلاردىن بىرەرسى ئازغىشىپ زەھەرلىك نەرسىلەرنى يەپ سالسا، باشقىلار بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، ئۇنداق نەرسىگە يېقىن يولىمايدىكەن، بۇ قانداق ئىش؟

_مۇتەخەسىس ئەپەندىم، بۇ بىز چاشقانلارنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقى، بىزدە سىز ئېيتقاندەك ئىشلارغا قارىتا ئالاھىدە بىر خىل تەبىئىي سېزىم بولىدۇ. بۇ خىل ئالاھىدە سېزىمنىڭ ياردىمىدە، كۈتۈلمىگەن بالا-قازا، سۇيقەستلەردىن ساقلىنىپ قالالايمىز.

_ ئۇ زادى قانداق سېزىم، ماڭا تەپسلىي چۈشەندۈرۈپ قۇيالارسەنمۇ؟

_ بولمايدۇ، سىز بەرىبىر ئىنسان، مەن دېگەن بەرىبىر چاشقان. ۋاقتى كەلگەندە مەن دەپ بەرگەن مەخپىيەتلىك بىلەن بىزنى قىرغىن قىلساڭلار، ئۇ چاغدا مەن ئۆز قېرىنداشلىرىمغا ئاسىيلىق قىلغان بولمامدىم.

_ ئېيتقانلىرىڭ يوللۇق، مالال كۆرمىسەڭ، سەندىن يەنە بىر ئىشنى سوراپ باقسام. چاشقانلار يەرنىڭ قاچان تەۋرەيدىغانلىقىنى، يانار تاغنىڭ قاچان پارتىلايدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىۋالىدىكەن، بۇ خىل قابىلىيەت نېمە ئۈچۈن بىز ئىنسانلاردا يوق؟

_ بىچارە ئىنسانلار، بۇ ئەسلىدە پۈتكۈل جانلىقلاردا بار بولغان ئورتاق ئىقتىدار ئىدى. لېكىن سىلەر ئاچكۆزلۈك، شەخسىيەتچىلىك، ھورۇنلۇق قاتارلىق ناچار ئىللەتلىرىڭلار بىلەن ئانا تەبىئەتتىن بارغانسىرى ياتلىشىپ، بەكلا يىراقلاپ كەتتىڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭلاردىكى بۇ خىل بېشارەتمۇ تەبىئەتنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ بىردىنلا غايىب بولدى.

_ ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ يۈزۈم خىجىللىقتىن ۋىللىدە قىزىپ كەتتى. تولىمۇ ئوسال بىر ئەھۋالدا قالدىم، شۇنداقتىمۇ سۆھبەتىنى ئۈزۈپ قويغۇم كەلمىدى. يۈزۈمنى داپتەك قىلىپ ئۇنىڭدىن يەنە سورىدىم:

_ سېنىڭچە ئىنسانلاردىكى بۇ خىل ئىقتىدارىنى يەنە ئەسىلىگە كەلتۈرگىلى بۇلارمۇ؟

چاشقان بىردەملىك سۈكۈتتىن كېيىن «بولىدۇ» دېگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشتىپ قويدى.

ئەمسە، تېزرەك ئېيتمامسەن، _ دېدىم مەن تاقەت قىلالماي. چاشقان ئاچچىقىدىن چىرايى ئۆڭدى-دە، غەزەپ بىلەن:

_ سىلەر ئىنسانلار بەكلا ئاچ كۆز ھەم مەنئەتپەرەس بۇلۇپ كېتىپسىلەر، ھاياتىڭلار خەۋپكە ئۇچراپ، جېنىڭلار ھەلقۇمغا كېلىپ قالغاندا ئاندىن بىز چاشقانلارغا مۇراجىئەت قىلۋاتىسىلەر. ھىم، مېنىڭ بۇنى ئېيتىپ بەرگۈم يوق،_ دېدى-دە، ئېكراندىن غايىب بولدى.

مەن «ياق!» دەپ ۋارقىرىغىنىمچە كونۇپكا تاختىسىنى غەزەپ بىلەن مۇشتىلىدىم، لېكىن ئۇ يەنىلا كۆرۈنمەيتتى. مەن كاللامنى چاقماق تېزلىكىدە ئىشقا سېلىپ بىر چارە ئويلاپ تاپتىم-دە، پروگرامما تۈزۈپ مۈشۈكنى كومىپيوتېرغا كىرگۈزۋەتتىم. بۇ ئامال بىردەمدىلا ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى. ئۆزىنى يوشۇرغىدەك يەر تاپالمىغان بىچارە چاشقان شۇ ھامان ئىكراندا قايتا پەيدا بۇلۇپ، مەندىن ئۆزىنى قۇتقۇزۋىلىشنى ئۆتۈندى.

مەن گويا ۋەھشىي جىنايەتچىنى سوراق قىلۋاتقاندەك ئۇنىڭدىن كەسىكىن سورىدىم:

_ ئېيتە، ئىنسانىيەت قانداق قىلغاندا يەر تەۋرەشنى ئالدىن بىلىش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ؟

_ ھاماقەت دوستۇم، بۇنىڭ چارىسى ئاسان، بىز چاشقانلارنىڭ ئېرسىيەت ھۈجەيرىسىنى ئىنسانلارنىڭ بەدىنىگە كۆچۈرسەڭلارلا ئىش پۈتىدۇ.

_ مەن گويا قانداقتۇر قىممەتلىك ئەنگۈشتەرنى تېپىۋالغاندەك قاقاقلاپ كۈلدۈم. خۇشلۇقتىن ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويغان ئاشۇ دەقىقىدە مۈشۈك چاشقانغا ئېتىلدى،_ مەن ئۇنى قۇتقۇزۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمىدىم.

_ بەختىسىز دوستۇم، قەستەن قىلمىدىم. مېنى كەچۈرگىن،_ دېدىم ئەسۇسلانغان ھالدا.

مۇشۈكنىڭ ئۆتكۈر تىرناقلىرى ئاستىدىكى چاشقاننىڭ ئاغزىدىن چىققان قىپقىزىل قان بىلەن ئېكرانغا مۇنداق خەتلەر يېزىلدى: مۆھتىرەم ئىنسانلار، سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئاقلاشقا بەك ئۇستا، مەيلى قايسى بىر ئىشنى قىلماڭلار، بۇنىڭ ئۈچۈن باھانە سەۋەپ تېپىلىپ تۇرىدۇ.

ئارقىدىنلار ئېكراندا يەنە:«ئەگەر يەر شارىنى قۇتقۇزۋالىمىز دەيدىكەنسىلەر، تويماس نەپسىڭلارنى يىغىشىڭلار، ھايۋانلارنى قىرىشنى توختىتىپ، ئۇلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىشىڭلار،قايمۇققان مەسىللەردە ھايۋانلاردىن جاۋاپ ئىزدىشىڭلار لازىم.

يەر شارى خەۋىپتە قالدى: ئىنسانىيەتنى خەۋىپتىن قۇتقۇزىمىز دەيدىكەنسىلەر، چوقۇم ھايۋانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، گۈزەل، پاكىز، پارلاق بولغان يەر شارىنى قۇرۇپ چىقىشىڭلار كېرەك» دېگەن خەتلەر قان رەڭگىدە لاپپىدە پەيدا بولدى-دە، كومىپيوتېر «گۈم» قىلىپ پارتىلاپ كەتتى. مەن شىددەتلىك پارتىلاش ساداسى ئىچىدە ھۇشۇمدىن كېتىپ، يەرگە «گۈپ» پىدە يىقىلدىم.

 

مەنبە: تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ «تىل-ئەدەبىيات يانداشما مەشىقلىرى»دىن


دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7240
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 124
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە124دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 1290 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-22
ئاخىرقى: 2011-10-14

ئاپتۇر (dulbarqin310) نىڭ يازمىسىغا

ھەقىقەتەنمۇ ياخشى تېمىلارنى يوللاپسىز ،ئەجرىڭىزگە بارىكاللا  !
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 51
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 174
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە174دانە
ئۆسۈش: 309 %
مۇنبەر پۇلى: 1269 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-30
ئاخىرقى: 2012-01-05
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-08 11:33

ياخشى تىيما بوپتۇ
دوستلىشىش
sirajidin114
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8095
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 13
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 130 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-10
ئاخىرقى: 2012-01-08
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-12 14:03

ياىشى  تئرشئڭ.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7172
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 248
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە248دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 2540 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-18
ئاخىرقى: 2011-12-22
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-12 15:46

2085-يىلى دەڭ