باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 795 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تۇنجى قوڭغۇراق ئاۋازى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8070
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 5
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 130 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-30
ئاخىرقى: 2011-11-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-30 16:52

تۇنجى قوڭغۇراق ئاۋازى

مەن 2- سىنىپتا ئوقۇيمەن، مەن تەتىلدە كومپىيۇتۇردا خەت يىزىشنى ئۇگۇنەي دەپ تىل ئەدەبىيات دەرىسلىك كىتاپتىن بىر دەرەسنى يوللاي دىدىم.
ئايخان ئانا<ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى> نىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەندە ئۇيۇشما مەسئۇلى، قاتاڭغۇر ،چىرايىدىن قەيسەرلىك چىقىپ تۇرغان ھۇسەيىن ئەپەندى بىر نەچچە كىشىگە ئىش تاپشۇرۇۋاتاتتى :
_ ئوقۇشقا تىزىملانغان يۇز نەچچە بالىغا تىخى سىنىپ يوق .ئۇلارنى ھەرگىز مەكتەپ سىرتىدا قالدۇرۇشقا بولمايدۇ، بىر ئامال قىلىش كېرەك، ئېغىل- قوتانلارنى  سىنىپ قىلىپ بولسىمۇ دەرىس ئوتۇش كېرەك....
قارىيلىقتا ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىمۇ بىزنى ئىزدەپ ، بالىلىرىمىزنى پەننى مەكتەپتە ئوقۇتساق دەپ كرتىۋاتىدۇ.....
ھىلىقى كىشىلەر ئالدىراش چىقىپ كېتىشتى.
_بۇياققا كەپسىز ،_دېدى ھۈسەيىن ئەپەندى ئايخان ئانىغا ئوچۇق چىراي بىلەن قاراپ.
_مەن12 ئېغىز ئۆيۈمنى ھازىر سىز ئېغىل-قوتانلاردا ئوقۇشقا مەجبۇر بولىۋاتىدۇ دېگەن بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا ئاتاي دەپ كېلىۋېدىم،_دېدى ئايغان ئانا ئاددىلا قىلىپ.
نېمەدېدىڭىز؟!_چىرايى ئېچىلىپ كەتكەن ھۈسەيىن ئەپەندىئورنىدىن دېككىدە تۇرۇپ كەتتى،_ئون ئىككى ئېغىز ئۆينى دەمسىز؟
_ھەئە_دېدى ئايخان ئانا.
_رەھمەت سىزگە،ئايخان،بىزنىڭ ئەڭ مۈشكۈل ئىشىمىزنى ھەل قىلىپ بەرگەن بولدىڭىز.سىزگە ئوخشاش پىداكارلار كۆپەيسە،ئىشىنىمەنكى،ئۇزاققا قالماي ئوقۇش يېشىدىكى ھەممە بالىلىرىمىز مەكتەپتە  ئوقۇيالايدىغان بولىدۇ. بىزنىڭ ئەۋلاتلىرىمىزدىنمۇ ئاسماندا ئۇچىدىغان،دېڭىزدا ئۈزىدىغان،يەرتېگىدىن بايلىق قازىدىغانلار چىقىدۇ.بىزمۇ دۇنيادا مەيدىمىزنى كېرىپ يۈرىدىغان بولىمىز،_دېدى ھۈسەيىن ئەپەندىھاياجان بىلەن.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنلا ئايخان  ئانىنىڭ ھويلىسىدا ئىش باشلىنىپ كەتتى. ئون ئېغىز ئۆيگەپارتا-ئورۇندۇقلارئىككى قۇر قىلىپ تىزىلدى.ئىككى ئېغىزلىق ئۆي ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسى قىلىندى. ئەتىسى ئەتتىگەندە، ئىككى رەت بولۇپ تىزىلغان يۈزنەچچە بالا  ئۈچ سىنىپقا ئورۇنلاشتى. ئايخن ئانا بېقىۋالغىلى بىر قانچە ۋاقىت بولغان ئالتە يېتىم بالىمۇ بۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولدى.
ئەتىسى ئەتتىگەندە،ئايخان ئانىنىڭ ھويلىسىدىن ياڭرىغان تۇنجى قوڭغۇراق ئاۋازى يېڭى مەكتەپتە دەرىس باشلانغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.  قۇڭغىراق ساداسىدىن  ھاياجانلانغان ئايخان  ئانىنىڭ ۋۇجۇدى ئىختىيارسىز  جۇغۇلداپ كەتتى، كۆزلىرىدىن ئىسسىق ياش قۇيۇلدى. بىراق، بۇياشلار ئۇنىڭ خۇشاللىق ياشلىرى ئىدى.

ھېكايەم  تۈگىدى خوش .
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 108
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 134
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە134دانە
ئۆسۈش: 1330 %
مۇنبەر پۇلى: 1935 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-02
ئاخىرقى: 2011-11-29

2- سىنىپ تۇرۇپ خەت ئۇرۇشنى بىلسىڭىز بارىكاللا! مەنمۇ تىخى يىڭىدىن ئاران ئۇگەنگەن. ياخشى يوللاپسىز داۋاملىق ئۇگۇنىڭ.
بۇ  1930- يىلى غۇجىدا مەكتەپ ئاچقان ئايخان ئانىنىڭ دەرىسلىكىكەن رەخمەت. 
ئۆلۈم ھايات جۈملىسىگە ئۇرۇلغان چىكىت!!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2066
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 190
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە190دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 2171 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-18
ئاخىرقى: 2012-01-08
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-30 19:17

ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
ئىككىنجى سىنىپتا ئوقۇسا بەلكىم ئالتە يەتتە ياشلار ئەتراپىدا بولسا كىرەك؟! ھازىرقى بالىلار 21-ئەسىر ئۇچۇر دەۋرىگە تەڭ ماسلىشىپ مېڭىۋاتىدۇ جۇما دىمىگەن بىلەن؟!ھەر قايسى تەرەپتىن داۋاملىق تىرىشىڭ ئۇكام.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8025
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 81
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە81دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 820 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-25
ئاخىرقى: 2011-08-15
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-30 21:26

بۇ ئۇلۇغ مەرىپەتۋەر ئانىمىزنىڭ ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن! بۇ ئانىمىزنىڭ ئەشۇ مەكتىۋى، ھازىرمۇ غۇلجا شەھەر مويكا مەھەلىسىدە <<ئايخانا ئانا مەكتىۋى>>دېگەن نام بىلەن قەد كۆتۈرۈپ، ئەۋلاتلىرىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئېلىم-مەرىپەت نۇرى بىلەن نۇرلاندۇرۇپ كەلمەكتە.